تۆتتاش |
2012-12-17 20:45 |
تۆتتاش:تارىخىي ھېكايە فىلىم-جىگدە يېغىلىقى
تارىخىي ھېكايە فىلىم-جىگدە يېغىلىقى m+c-"arIpA مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن. 5%,3)H{;t سېنارىست: قىسمەت /H'- }C رېژىسسور: جاڭ يىمۇ، تۇيغۇن ئەھمىدى U5"u
h} 3 ئوپېراتور: شىرزات ياقۇپ قاتارلىقلار }h
y4EJ ئاساسىي روللاردا: {5VJprTbv ئامانبەگ رولىدا: ۋارىس ئىسلام pk u\) خې فېي رولىدا: چېڭ لوڭ '=G6$O2 ئابدۇللا بەگ رولىدا: مەھەممەت شېرىپ rR
^o سۇچىڭ رولىدا: ۋېي زوڭۋەن («ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» فىلىمىدە سىمايىنىڭ رولىدا چىققان ئارتىس) -|u
yJh فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى 7/KK}\NE چيەنلۇڭ زامانىسىدا چىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن خوجىلار ئارىسىدىكى بىر قېتىملىق توقۇنۇشتا، خوجىلار تەرەپتىن ئىپارخان چيەنلۇڭ خانغا ئەسىر چۈشىدۇ. ئىپارخان چيەنلۇڭ خاننىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئانا يۇرتى ئىشقىدا كېچە – كۈندۈز يىغلاپ ئۆتىدۇ. ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن، چيەنلۇڭ خان ئىپارخانغا مەخسۇس ئۇيغۇر پاسونىدىكى بىر يۈرۈش ھويلا-ئارام تەييارلايدۇ، بۇنىڭغا دىيارىمىزغا خاس بولغان ھەرخىل دەل- دەرەخ تىكىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. ?MfwRWY يۇقىرىقى سەۋەبلەرگە كۆرە، مىلادىيە 1765-يىلى ئۇچتۇرپان شەھىرىگە جىگدە ئالۋىنى چۈشىدۇ. ئۇچتۇرپاننىڭ شۇ چاغدىكى ئامبالبېگى ئابدۇللا بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇچتۇرپاندا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرگۈچىسى سۇچىڭ ئۆزىنىڭ بىر قاتار سىياسىي قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇچتۇرپان دىيارىدا نامى چىققان رەھمىتۇللا بەگنى كۆزدىن يوقىتىشنى نىيەت قىلىپ، ئۇنى بۇ ئىشقا باش قىلىش باھانىسى بىلەن، نەچچە مالتاققا جىگدە كۆچىتىنى تىكتۈرۈپ، بېيجىڭغا يولغا سالىدۇ. رەھمىتۇللا بەگ باشچىلىقىدىكى بۇ كارۋان ياڭخې (ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر يېزا، «ئاچاتاغ» دەپ ئاتىلىدۇ) غا كەلگەندە، كارۋان ئىچىدىكى چىڭ چېرىكلىرىنىڭ كاتتىسى (سۇچىڭنىڭ ئوغلى) ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى ئۇرۇپ-سوقۇپ، بىر نەپىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. بۇنىڭغا چىدىمىغان ئىشلەمچىلەر سۇچىڭنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جاھان تارىخىدا مەشھۇر بولغان «جىگدە يېغىلىقى» قوزغىلىدۇ. ~$//4kES بۇ ئىنقىلاب داۋاملىشىپ ئالتىنچى ئېيىغا قەدەم قويغاندا، ئىنقىلاب بېشى رەھمىتۇللا بەگ، ئىزباسارى (ئوغلى، بەزى ماتېرىياللاردا ئىنىسى دەپمۇ قارىلىدۇ) ئەسمىتۇللا بەگلەر خائىنلارنىڭ كاساپىتى بىلەن ۋاپات بولىدۇ. ئىگىسىز قالغان خەلقنىڭ تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كېتىشى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان پەيتتە، رەھمىتۇللا بەگنىڭ قىزى مايسىخان ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن بېسىپ (ئۆزى بىلەن قۇرداش ئالتە قىزنىڭ ھەمكارلىقىدا) خەلقنى تەشكىللەپ تاغ، جىلغا، ئورمانلىقلاردا يوشۇرۇنۇپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا داۋاملىق زەربە بىرىدۇ. hpbi!g مۇشۇ تارىخىي ۋەقەلەر يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى كەينىدە، ئەل ئىچىدە نامى چىقىشقا باشلىغان ئامانبەگ ياشىنىپ قالغان ئاتىسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان توسقىنىغا قارىماي، سەپكە قوشۇلۇپ كېتىدۇ. *)?'! ئامانبەگ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پەخرى ھېسابلىنىدىغان يەتتە قىزنىڭ ئاقتوقاي تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئۆزلىرىنى تاشلىۋالغىنىغىمۇ شاھىت بولىدۇ. I\M
}Dxpp ئاقىۋەت، ئامانبەگ قالغان قوزغىلاڭ قاتناشچىلىرىنى باشلاپ، چىڭ چېرىكلىرى بىلەن يەنە پىداكارلىق بىلەن ئېلىشىدۇ، ئەپسۇس، غايەت زور ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن چىڭ چېرىكلىرى ئۇلارنى تىرىك تۇتۇۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. 8}AWU قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چىڭ چېرىكلىرى ئۇچتۇرپاندا قەتلىئام يۈرگۈزىدۇ، بۇ ۋەقەلەرنى قەلەمگە ئالغان موللا شاكىر ئېيتقاندەك: «ئۇچتۇرپان شەھىرىدە ئاتا ئۈچۈن يىغلايدىغان بالا، ئەر ئۈچۈن يىغلايدىغان ئايال قالمايدۇ، (قان ئېقىپ تۇرغانلىقتىن) توشقان دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۈچ يىلغىچە ئىچكىلى بولمايدۇ». P0sAq7" چىڭ ئىمپېراتورى چيەنلۇڭ ئەسىرگە چۈشكەن ئۇچتۇرپان باھادىرلىرىنى ئاستانە بېيجىڭغا يوللاپ بېرىش خۇسۇسىدا پەرمان چۈشۈرىدۇ. يېرىم يولغا كەلگەندە، ئامانبەگ چىڭ چېرىكلىرى ئارىسىدىكى ۋىجدانلىق ئەرلەردىن ھېسابلىنىدىغان خې فېينىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن قېچىپ كېتىدۇ، ئامانبەگ شۇ قاچقانچە قۇمۇل دىيارىغا بېرىپ يوشۇرۇپ، ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. /2*BdE[yG ئۇچتۇرپان دىيارىدا ئادەم زاتى قالمىغانلىقى سەۋەبىدىن چىڭ دائىرىلىرى كۆپ قېتىم شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىن ئۇچتۇرپان شەھىرىگە ئادەم كۆچۈرىدۇ. QUZ+#*:s ئارىدىن 15 يىلچە ۋاقىت ئۆتىدۇ، ئۆز يۇرتى ئوتىدا يۈرىكى كۆيۈپ كېلىۋاتقان ئامانبەگ جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، ئۇچتۇرپان شەھىرىگە بارىدۇ. gLFTnMO بىرەر ئايلارچە ۋاقىت ئۆتكەندە، ئامانبەگ بازار ئارىلاپ يۈرۈپ، كەينىگە بىرەر يۈزچە چېرىكنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەن بىر مانجۇ كاتتىباشنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالىدۇ… ئۇ دەل ئامانبەگنى قاچۇرۇۋەتكەن خې فېي ئىدى. yc`3) ئامانبەگ ئۆزىنىڭ ساددا ھېسسىياتى بويىچە، خې فېيغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن تونۇشلۇق بېرىدۇ. ئەپسۇس، نەچچە قېتىملىق قانلىق جەڭلەردىن ئامان قالغان بۇ باھادىر بۇ قېتىم ئۆز ئايىغى بىلەن ئۆلۈم ئالدىغا بارىدۇ… 'n\P S,[1R ئەسلىدە ئەينى يىللاردا خې فېينىڭ ئامانبەگنى قويۇۋېتىشى بىر قېتىملىق ۋىجدان غەلىبىسى ئىدى، خالاس. 2 J3/Eu شۇنداق قىلىپ، ئامانبەگ قولغا چۈشكەندىن كېيىن، خې فېي بىلەن بىرلىكتە باغلىنىپ، مۆلجەر تاغ راۋىقىدىن ساڭگىلىتىلغان ئارقانغا ئېسىلدۇرۇلۇپ تاغدىن تاشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ جەسىتى تاغدىن قاپ بېلىدە بىر مەزگىل ئېسىقلىق تۇرغاندىن كېيىن، چىرىپ بىر نەچچە پارچە ئۇستىخانغا ئايلىنىپ قالىدۇ… B&1E&Cv_8 ئىزاھات: zuFPG{^\# 1. بۇ بلوگگىر قىسمەتنىڭ تۇنجى سېنارىيىسى ، كىنو قىلىپ ئىشلەش ھەققىدە بىرەر ئورۇنغا سۇنۇلغىنى يوق. AGO"), 2. بۇ كىنو پەقەت بىر ئارزۇ، خالاس. بۇ خىل كىنو روياپقا چىقامدۇ-چىقمامدۇ، بىر نېمە دېمەك تەس. 7&%HE\ gS
j0+| J~oxqw}
|
|