查看完整版本: [-- ئاماننىساخان راستىنلا ئوتۇنچىنىڭ قىزىمۇ ( دانىش) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> ئاماننىساخان راستىنلا ئوتۇنچىنىڭ قىزىمۇ ( دانىش) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

danix 2012-12-17 18:58

ئاماننىساخان راستىنلا ئوتۇنچىنىڭ قىزىمۇ ( دانىش)

ئاماننىساخان راستىنلا بىر ئوتۇنچىنىڭ قىزىمۇ ؟ 6'YsSde".  
                                                    مۇھەممەت مەتنىياز دانىش
ئالدى بىلەن بىز ئاماننىساخان ياشىغان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى : e jID5NqG  
XdS&s}J[I  
ھاجى نۇر ھاجى قاتارلىقلار تەرىپىدىن يېزىلغان ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1995- يىلى 11 – ئايدا نەشر قىلغان<< شىنجاڭ ئىسلام تارىخى >>ناملىق كىتاب بىزنى ،  يۇنۇسخاننىڭ 20 يىل ئىلىم تەھسىل قىلىپ << يۇنۇس ئۇستاز >> دېگەن نامغا ئېرىشكەنلىكى ۋە چاغىتاي خانلىق تەختكە چىققانلىقى ، ئۇنىڭ مەھمۇت ، ئەھمەت ، قۇتلۇق نىگار قاتارلىق پەرزەنتلىرىنىڭ بولغانلىقى ، ئۇ ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا ، خانزادە مەھمۇتنىڭ چاغىتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىققانلىقى ، مەھمۇت خاننىڭ بىلىم ئىقتىدار ۋە خانلىقنى باشقۇرۇش جەھەتتە يۇنۇسخان بىلەن ئۆلۈم – كۆرۈمدىمۇ ، بىلىم ئېلىشتىمۇ بىللە بولغان خانزادە ئەھمەتكە يەتمەيدىغانلىق سەۋەپلىك نۇرغۇن ئەمىرلەرنىڭ ۋە ئاۋام – پۇقرانىڭ خانزادە ئەھمەتكە مايىل بولغانلىقى ، خانزادە ئەھمەتنىڭ ئۆزىنى قوللىغۇچى ئەمىر ۋە ئاۋام – پۇقرا بىلەن بىرلىكتە چاغىتاي خانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا قانلىق يۈرۈشلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاقسۇ ، تۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئىگەللەپ ئاقسۇنى ئاستانە قىلىپ ، چاغىتاي خانلىقىنىڭ شەرقىي قىسم  خانلىقىنى قۇرغانلىقى قاتارلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ . ]J|]IP Xy  
hbfN1 "z  
 << پىچان تارىخىي ماتىرىياللىرى (16) >> (<< لۈكچۈننىڭ قىسقىچە      تارىخى >>) ناملىق كىتاب بىزگە ، 1488- يىلى ئەھمەت خاننىڭ چاغىتاي خانلىقى ، ئۇيراتلار ھەم مىڭ سۇلالىسى تالىشىدىغان مۇھىم ستىراتىگىيىلىك جاي  قومۇلنى ئىگەللەپ ، ئۇيرات ۋاڭى خەنشىننى ئۆلتۈرگەنلىكى ، ئەھمەت خاننىڭ قاخشاتقۇچ زەربىسىدىن ئىچىنىشلىق مەغلۇب بولغان ئۇيراتلارنىڭ ئەھمەت خاننى " ئالاچى خان " ( جان ئالغۇچى خان ) دەپ ئاتاپ ، ئۇ ھايات چېغىدا ئۇ ئىگەللىگەن زېمىنلارغا ئالىيىپ قاراشقىمۇ پېتىنالمىغانلىقى ، 1490 - يىلى ئەھمەت خاننىڭ ئاستانىسىنى ئۆزى ئىگەللىگەن يۇرتلارنىڭ ئوتتۇرىسى بولغان تۇرپاننىڭ لەكچىن شەھرىگە يۆتكەپ كەلگەنلىكى ۋە شۇ يىلىدىن باشلاپ لەكچىن شەھىرىنىڭ نامىنى ئىرانچە پايتەخت دېگەن مەنانى بىلدۈرىدىغان " لۈكچۈن " دېگەن نامغا  ئۆزگەرتكەنلىكى ،  شۇنىڭ بىلەن لۈكچۈننىڭ شەرقىي چاغىتاي خانلىقىنىڭ سىياسى ، ئىقتىسات ، ئىلىم – پەن ، ئەدەبىيات – سەنئەت ، مەدىنىيەت مەركىزىگە ئايلانغانلىقى ، ئەھمەت خان ئاكىسى مەھمۇت خاننىڭ ئۆزبېك خانى شايبانىخانغا قارىشى تۇرۇش يۈرۈشىگە ياردەمگە بېرىپ ، مەھمۇت خاننىڭ خاتا پىلانى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئۇ ئۇرۇشتا  مەھمۇت خان ، ئەھمەت خان ۋە بابۇرشاھلارنىڭ زور تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى ، شۇ تالاپەتلىك ئۇرۇغتىن يېنىپ كەلگەن ئەھمەت خاننىڭ 1504 – يىلى قازالىغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ۋە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشىنى بايان قىلىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم بولغان شەخس سەئىد خاننىڭ 1487- يىلى لۈكچۈندە تۇغۇلغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدۇ . شىنجاڭ ئۇنېۋېرستىتى 1992- يىلى 7- ئايدا نەشر قىلغان ، ئالىي مەكتەپلەر دەرسلىكى  << شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى >>نىڭ 318- بېتىدىمۇ ئېنىق قىلىپ " سەئىد خان تۇرپاندا تۇغۇلغان " دېيىلگەن . s}w?Dvo\  
rl/]Ym4j  
ئەمدى بىز سەئىد خاننىڭ ھاياتى – پائاليەتلىرى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى : Xzn}gH]  
5 Z]]xR[  
<< پىچان تارىخىي ماتىرىياللىرى (16) >> ناملىق كىتاب خانزادە سەئىدنىڭ ئۈسۈپ يېتىلگەن مەنىۋىي مۇھىت توغرىسىدا مۇنداق مەلۇماتلارنى بېرىدۇ : 20 يىل ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن پۈتكۈل چاغىتاي خانلىقىدا " ئۇستاز " دېگەن شۆھرەتلىك نام بىلەن ئاتالغان يۇنۇس خاندىن بىر ئازمۇ نېرى بولماي دېگۈدەك بىللە بولۇپ چوڭ بولغان ئەھمەت خان ئىلىم – مەرىپەتكە شۇنداق ئېتىۋار بېرەتتى . ئۇنىڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن ، شەرقىي چاغىتاي خانلىقىنىڭ ئاستانىسى قىلىنغان لۈكچۈن شەرقىي چاغىتاي خانلىقىنىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى  مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلىنىش بىلەن بىرگە ،" لۈكچۈن خانلىق مەدرىسى " شۇ دەۋىردە بۇخارا مەدرىسلىرى بىلەن تەڭ دېگۈدەك دەرىجىدە تۇرغانلىقتىن<< جاھاننامە مەدرىسى>>دەپ ئاتالغان .  ئەنە شۇنداق ئېسىل مەنىۋىي مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن خانزادە سەئىد<< پىچان تارىخىي ماتىرىياللىرى (16) >> ناملىق كىتابتىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ، ئەھمەت خان قازالىغاندىن كېيىن ، بەزى ئەمىرلەر ئاقسۇدا نائىپ خانلىقتا تۇرىۋاتقان ، ئەھمەت خاننىڭ چوڭ ئوغلى مەنسۇر خاننى خان بولسۇن دېسە ، يەنى بەزى ئەمىرلەر ئەھمەت خان بىلەن لۈكچۈندە تۇرغان خانزادە سەئىدنى خانلىققا كۆرسىتىشكەن . كۆپچىلىك ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى ۋە شۇ چاغدىكى  " چوڭ ئوغۇل تەخت ۋارىسى بولۇش " قائىدىسى بويىچە ، مەنسۇرخان لۈكچۈن خانلىق تەختىگە چىققان . بۇنىڭغا نارازى بولغان خانزادە سەئىد  ئۆزىنى قوللىغۇچى ئەمىرلەرنى ئېلىپ ، "ئىنىم خېلىل سۇلتاننى يوقلاپ كېلىمەن" دەپ ، لۈكچۈندىن چىقىپ كەتكەن ۋە خېلىل سۇلتان بىلەن بىرلىكتە مەنسۇر خاندىن خانلىق تالىشىش ئۇرۇشلىرىنى قىلغان . لېكىن ، مەنسۇر خانغا تەڭ كېلەلمەي ، كابولدىكى نەۋرە ئاكىسى بابۇرشاھنىڭ يېنىغا قېچىپ كەتكەن . ;N(9n X}%)  
fk5$z0/  
  ياسىنجان سادىق چوغلان يازغان ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003 – يىلى 5- ئايدا نەشر قىلغان << سەئىدخان >> ناملىق كىتابىدىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ، خانزادە سەئىد كابولغا بارغاندىن كېيىن ، كابول ئىمپىراتۇرى بابۇرشاھقا بۇ ئىش بىر بېسىم ئېلىپ كەلگەن : شۇ چاغنىڭ قائىدىسى بويىچە ئېيتقاندا ، ئوغۇلنىڭ ئوغلى بار تۇرۇپ ، قىزنىڭ ئوغلى تەختتە ئولتۇرسا بولمايدۇ . مانا ئەمدى ئەھمەت خاندىن ئىبارەت ئوغۇلنىڭ ئوغلى خانزادە سەئىد كابۇلغا كەلدى .ئەھمەت خاننىڭ سىڭلىسى قۇتلۇق نىگارخېنىمنىڭ ئوغلى بولغان بابۇر شاھ  يە شاھلىق ھوقۇقىنى خانزادە سەئىدكە ئۆتۈنىپ بېرىشى ياكى ئۇنىڭ خان بولۇشىغا ياردەم بېرىشى لازىم . شۇنىڭ بىلەن بابۇر شاھ لەشكەرلىرى ئىچىدىن داڭلىق 4700 نەپەر ئەزىمەتنى تاللاپ ، ئۇلارغا مىرزا مۇھەممەت كوراگانىنى باش قىلىپ  خانزادە سەئىدكە بېرىپ ، ئۇنىڭ مىرزا ئابابەكرى ئىلكىگە ئېلىۋالغان زېمىنلارنى قولغا ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىپ يولغا سالغان . مىرزا ئابابەكرىنىڭ يېنىدا تۇرىۋاتقان ئەمىر لەشكەر سىيىت مۇھەممەت مىرزىنىڭ ئىچكى ياقتىن ماسلىشىشى بىلەن ، خانزادە سەئىد مىرزا ئابابەكرى ئىگەللەپ تۇرغان خوتەن ، قەشقەر ، يەكەنلەرنى ئىگەللەپ ، 1514 – يىلى 9- ئاينىڭ 30 – كۈنى يەكەننى ئاستانە قىلغان سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرغان . oVAY}q|wU  
<< پىچان تارىخىي ماتىرىياللىرى (16) >> (<< لۈكچۈننىڭ قىسقىچە      تارىخى >>)دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، ,^n5UA`PK  
مەنسۇر خان ۋە سەئىد خاندىن ئىبارەت ئاكا – ئۇكا خانلار ئىككى يىلدەك زېمىن تالىشىش ئۇرۇشلىرىنى قىلىپ ، 1516 – يىلى 2- ئايدا يەنى ئۆز ئارا يارىشىپ قالغان ھەم شۇ چاغدا ئۆتكۈزۈلگەن يارىشىپ قېلىش مۇراسىمىدىكى كېڭەشتە قۇتبىنى مەنسۇرخاننىڭ نامىدا ئوقۇش ، مەنسۇرخاننىڭ نامىدا پۇل قويدۇرۇش بەلگىلەنگەن . ئەينى چاغدا ئەڭ ئالىي ئىمتىياز ھېساپلىنىدىغان بۇ ئىمتىيازلارغا ئىگە بولغان مەنسۇرخان چوڭ خان ، سەئىد خان بولسا كىچىك خان دەپ جاكارلانغان . شۇ چاغدىكى "كىچىك خاننىڭ ئوغلى چوڭ خاننىڭ يېنىدا بارىمتايلىقتا تۇرىدۇ "دېگەن قائىدە بويىچە  ،سەئىد خاننىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇرېشىت مەنسۇرخاننىڭ يېنىدا بارىمتايلىقتا ( گۆرەدە) تۇرغان . خانزادە ئابدۇرېشىت بارىمتايلىقتا تۇرغان  سەككىز يىلدەك ۋاقىتتا مەنسۇر خان ئۇنى گۆرەدە تۇرغاندەك ئەمەس ، باشقا خانزادىلاردىنمۇ ئۆتە ئەتىۋارلىغان. خانزادە ئابدۇرېشىت لۈكچۈن ( پايتەخت ) خانلىق مەدرىسىدە لەشكىرىي ۋە مۇقام ئىلىملىرىنى ئۆگىنىپ خېلى كامالەتكە يېتىپ ، مەنسۇرخان تەرىپىدىن  ئاقسۇغا نائىپخانلىققا قويۇلغان . ;N?raz2mEi  
مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگانى يازغان << تارىخي رەشىدى>> ۋە ۋېي لياڭتاۋ تۈزگەن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999 – يىلى 1- ئايدا نەشر قىلغان ( ئۇيغۇرچە ) << يەكەن خانلىقىنىڭ تارىخىدىن ئومۇمىي بايان >> ناملىق كىتابتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ،سەئىد خان سىيىت مۇھەممەت مىرزىنى باش ئەمىر لەشكەرلىككە ، مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگاننى ئەمىر لەشكەرلىككە تەيىنلەپ ئۆزى باش بولۇپ ، 1533 – يىلى يازدا تىبەتكە لەشكىرىي يۈرۈش قىلغان . شۇ يۈرۈشتە سەئىد خان تۈتەك ئېلىپ قويۇپ قازالىغان . ئاقسۇدىن كېلىپ يەكەن تەختتىدە ئولتۇرغان ئابدۇرېشىت خان ئاتىسىنىڭ سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇشتىكى ئەڭ يېقىن ياردەمچىسى سىيىت مۇھەممەت مىرزىنى " خان ئاتامنى تۈتەك ئەپتۇ –يۇ ، سىلەرنى نېمە ئۈچۈن تۈتەك ئالمىدى "  دەپ ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان .  بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگانى پاناھلىنىش ئۈچۈن غەرپ تامام ئىلگىرلەپ  ئەسلى كەلگەن جايى ھىندىستانغا كەتكەن ۋە كېيىن كەشمىرگە ئورۇنلىشىپ ، شۇ يەردە << تارىخىي رەشىدىيە >> ناملىق ئەسىرىنى يازغان . 1e)5D& njS  
ئەمدى بىز ، ئاماننىساخان راستىنلا ئوتۇنچىنىڭ قىزىمۇ ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە توختىلايلى : 0\KDa$ '1k  
بىر قىسىم ماتىرىياللاردا ،" ئاماننىساخان تىزناپ دەرياسىنىڭ تەكلىماكان چكلىگە تۇتاشقان گىرۋىكىدىكى قومۇش مەھەلىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ، كۈنىنى ئوتۇنچىلىق قىلىپ ئالىدىغان نامرات مەھمۇت ئوتۇنچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ." دېيىلىدۇ . ئۇنداقتا مەھمۇت ئوتۇنچى زادى كىم ؟ CFW#+U#U  
ياسىنجان سادىق چوغلان << كۈيلەر خانىشى ئاماننىساخان >> دېگەن ئەسىرىدە " مىرزا مەھمۇت  سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئوردىسىنىڭ مىرزىخانىسىنىڭ باش مىرزىلىقىنى قىلاتتى . بىر كۈنى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ يەڭگىگەنلىك خەۋىرى كەلدى ... مىرزا مەھمۇت ھەمسۆھبەتلىرىدىن دۇنياغا يېڭى كۆز ئاچقان قىزىغا قانداق ئىسىم قويۇشنى سورىدى . قېدىرخان يەركەندىنىڭ تەكلىبى بىلەن ، ئۇ بوۋاققا ' ئاماننىسا' دېگەن ئات قويۇلدى ." ، " مەھمۇت مىرزا ئايالى گۈلجەمىلە ۋە قىزى ئاماننىسانى ئېلىپ ئوردىدىن شۇ چىققىنىچە ، شەرققە قاراپ مېڭىپ ، يەكەن دەرياسى ۋە تىزناپ دەريالىرىدىنمۇ ئۆتۈپ ، تىزناپ دەرياسىنىڭ تەكلىماكان چۆلىگە تۇتىشىدىغان گىرۋىكىدىكى شاھ بادار دېگەن يېزىسىغا كېلىپ ، نامىنى مەھمۇت ئوتۇنچى دېگەنگە ئۆزگەرتىپ ، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى " دېگەن بايانلار بېرىلگەن . بىز بۇنىڭدىن ئابدۇرېشىت خاننىڭ بىر قىسىم قارا نىيەت ئەمىرلەرنىڭ گېپىگە كىرىپ ، ئاتىسى سەئىد خاننىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنى كۆزدىن يوقۇتۇشقا باشلىغاندا ، مىرزا مەھمۇتنىڭ ئائىلىسىنى ئېلىپ قېچىپ ،تىزناپ دەرياسى بويىغا كېلىپ ، ئىسمىنى " مەھمۇت ئوتۇنچى" دەپ ئۆزگەرتىپ ، ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئالالايمىز . Dd' 4W  
ئۇنداقتا مىرزا مەھمۇت زادى كىم ؟ Vg^,Ky,  
<< شىنجاڭ سەنئىتى >>نىڭ 2010 – يىللىق 6- سان ( 26- بەت ) تې مېينىڭ <<  يەكەن خەلقىنىڭ نەزىرىدىكى ئاماننىساخان >> دېگەن ئەسىرىدە " ئاماننىساخاننىڭ دادىسى خان ئوردىسىدا خىزمەتمۇ قىلغانىكەن . يەكەن خانلىق تەۋەسىدىكى شائىر ئايازبېككە ھەتتا شاھتاتا دېگەن يۇرتتىن يەر – زېمىن ھەدىيە قىلغانىدى ، بۇ شائىر دەل ئاماننىساخاننىڭ دادىسى مەخمۇت بولۇپ ، ئايازبېك دېگەن ئىسىم ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى ئكەن . ئايازبېك بىر مەزگىل تەركى دۇنيا بولۇپ دەرۋىش سۈپەت ياشىدى  ، قىزى تۇغۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۇنى تەربىيلەشكە كىرىشىپ كەتتى . " دېيىلگەن . "?Yf3G:\0  
 ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ << سەئىد خان >> ناملىق كىتابىنى ئوقۇساق ، ئايازبېك قۇشچىنىڭ خانزادە سەئىد  ۋە مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگانى ( << تارىخىي رەشىدى>>نىڭ مۇئەللىپى) قاتارلىقلارنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا ئۇلارغا ئۇستاز بولغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز . fqm-?vy}  
Cm%xI& Y  
 ئابدۇكېرىم راخمان << شىنجاڭ ئۇنېۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى >> ئىجتىمائىي پەن قىسمى 1983- يىلقى 1- سانىدىكى << يەكەن خانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى >> دېگەن ئەسىرىدە ، ئايازبېك قۇشچىنىڭ ئىدىيە ۋە بەدىئىيلىك جەھەتتە 15 – ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يۈكسەك ئورۇن تۇتىدىغان         << جاھاننامە >> داستاننى يېزىپ چىققانلىقى بايان قىلىنغان .    >o4Ih^VB  
ئايازبېك قۇشچىنىڭ << جاھاننامە >> ناملىق داستانىنىڭ << جاھاننامە >> دېگەن نامى لۈكچۈندىكى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ ئېسىل بىلىم يۇرتى << جاھاننامە >> مەدرىسىنىڭ نامىدىن كەلگەنمۇ ياكى << جاھاننامە >> مەدرىسىنىڭ نامى ئاياز بېك قۇشچىنىڭ داستانىنىڭ نامىدىن كەلگەنمۇ ؟ بۇنىسى ھازىرچە ئېنىق بولمىسىمۇ ، بىزگە ئايازبېك قۇشچى دېگەن نامنى تەخەللۇس قىلغان مىرزا مەھمۇتنىڭ ئەينى چاغدا ئىدىيە ۋە بەدىئىيلىك جەھەتتە 15 – ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يۈكسەك ئورۇن تۇتىدىغان  ئەسەرلەرنى يېزىش سەۋيەسىگە يەتكەن كاتتا زات ئىكەنلىكى ئېنىق بولدى . Q7pjF`wu  
ئۇنداقتا  ئايازبېك قۇشچى يەنى مىرزا مەھمۇت زادى قەيەرلىك ؟ 8], tGMu  
<< پىچان تارىخىي ماتىرياللىرى (16) >> ( << لۈكچۈننىڭ قىسقىچە تارىخى>>دىكى " سەئىد خان لۈكچۈندە تۇغۇلغان " دېگەن مەزمۇن بىلەن ياسىنجان چوغلاننىڭ << سەئىدخان>> دېگەن ئەسىرىدىكى " ئايازبېك قۇشچى سەئىد خان ۋە مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگانىلارنىڭ ( بالىلىق چاغلىرىدىكى) ئۇستازى ئىدى " دېگەن مەزمۇنلارنى ۋە ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ<< كۈيلەر خانىشى ئاماننىساخان >> دېگەن كىتابىدىكى مىرزا مەھمۇت پاناھلىنىش ئۈچۈن قىزى ئاماننىسا خان ۋە ئايالى گۈلجەمىلە خېنىمنى ئېلىپ شەرققە تامام يول يۈرۈپ ، يەكەن دەرياسى ۋە تىزناپ دەريالىرىدىن ئۆتۈپ ،  بىر تەرىپى تىزناپ دەريا ساھىلىغا ، يەنى بىر تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋەكلىرىگە تۇتىشىدىغان شاھبادار يېزىسىغا كېلىپ توختاپ ، مىرزا مەھمۇت دېگەن نامىنى "مەھمۇت ئوتۇنچى "دېگەن نامغا ئۆزگەرتىپ پاناھلانغان ۋە قىزى ئاماننىسانى چالغۇلارنى چېلىش ۋە مۇقام ئېيتىش جەھەتلەردە ئەتىراپلىق تەربىيىگە ئىگە قىلغان " دېگەن مەزمۇنلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھەم پاناھلىنىش ئۈچۈن يولغا چىققان مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگانى  غەرب تامام ئىلگىرلەپ  ئەسلى كەلگەن جايى ھىندىستانغا كەتكەن ؛ مىرزا ئەلى تاغايىمۇ بىر كېچىدىلا كەلگەن جايى قارا تېگىن تەرەپكە كەتكەن ؛ غازى ھەبىبۇللا سەردار ، مىرزا مۇھەممەت يار ئاخۇنلار ئەسلى يۇرتى خوتەنگە كەتكەن . بۇنىڭدىن ھەرقايسى ئەمىرلەرنىڭ پاناھلىنىش ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتقانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە ، مىرزا مەھمۇت نېمە ئۈچۈن ئۇلار بىلەن غەربكە ماڭماي ، شەرققە قاراپ يول ئالىدۇ ؟ دېگەن ئوي كاللىمىزغا كېلىدۇ .بۇنى ئىنچىكىلەپ تەپەككۈر قىلساق ، مىرزا مەھمۇتنىڭ ئەسلى لۈكچۈنگە قايتماقچى بولغانلىقىنى ، لېكىن ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ مەنسۇر خاندىن يۈز ئۆرۈپ ، سەئىدخان بىلەن لۈكچۈندىن چىقىپ كەتكەنلىكى ، لۈكچۈنگە بارغان بىلەن مەنسۇرخانغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقى يادىغا كېلىپ ، يەكەن بىلەن لۈكچۈننىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە توختاپ قالغان  ، دېگەن پىكىرگە كېلەلەيمىز . ( لېكىن بۇ مېنىڭ بەزى ماتىرىياللار ئاساسىدا قىلغان پەرىزىم ) # 5b   
يىغىپ ئېيتقاندا ، مەھمۇت ئوتۇنچى مىرزا مەھمۇتتۇر ، مىرزا مەھمۇت ئايازبېك قۇشچىدۇر ، ئايازبېك قۇشچى سەئىد خاننىڭ كىچىك چېغىدىن باشلاپ تۇتقان ئۇستازى ھەم ئىدىيە ۋە بەدىئىيلىك جەھەتتە 15 – ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يۈكسەك ئورۇن تۇتىدىغان << جاھاننامە >> داستاننى يېزىپ چىققان ھەم سەئىدىيە ئوردىسىدا باش كاتىپلىق ئەمىلىنى تۇتقان تالانلىق شائىردۇر . ئاماننىساخان ئەنە شۇ شائىر بىلەن ئۇنىڭ ئايالى گۈلجەمىلە خانىمنىڭ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئوردىسى يەكەندە تۇغۇلغان قىزىدۇر . v O@7o  
<< كۈيلەر خانىشى ئاماننىساخان >> بەرگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا ،  مىرزا مەھمۇت ئاماننىساخان 9 ياشقا كىرگەندە ئوردىدىن ئايرىلىپ شاھبادارغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان . ئاماننىساخان 13 ياشلارغا كىرگەن كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى پۇقراچە كىيىنىپ يۇرت كېزىپ شاھبادارغا بېرىپ قالغان سۇلتان ئابدۇرېشىت خان ئاماننىساخان ياڭراتقان مۇقام ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالغان. مۇقامغا ئىشتىياقى كۈچلۈك بولغان ئابدۇرېشىت خان مۇقام ئاۋازىنى بويلاپ ئاماننىساخانلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ، ئاماننىساخان بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇنىڭغا مۇقام ئېيتقۇزۇپ ئاڭلاپ ، ئۇنىڭ تالانتىغا ھەيران قالغان . كېيىن ، ئاماننىساخان بىلەن نىكاھلىنىشنى تەلەپ قىلىپ ، يەكەن مۇقامچىسى قېدىرخان يەركەندىنى ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن . شۇنىڭ بىلەن  ئاماننىساخان ئابدۇرېشىت خاننىڭ 7- ئاياللىقىغا قوبۇل قىلىنىپ ئوردىغا كەلگەن . كېيىن ، مۇقام ھامىيسى ئابدۇرېشىت خاننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ، قېدىرخان يەركەندىنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى بىلەن 12 مۇقامنى رەتلەپ چىقىشتەك ئۇلۇغ ئىشنى ئىشقا ئاشۇرغان . f <LRM  
&b=OT%D~FU  
 تارىخىي ماتىرىياللاردا ئاماننىساخاننىڭ 34 يېشىدا تۇغۇتتا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغان مەقبەرىنىڭ يېنىدا بىر كىچىككىنە قەبرە بولۇپ ، بەزىلەر بۇ كىچىك قەبرىنى ئاماننىساخان قازالاش ئالدىدىلا تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ قەبرىسى دەيدۇ . ئەمما ، << پىچان تارىخىي ماتىرىياللىرى (16) >> ( << لۈكچۈننىڭ قىسقىچە تارىخى >>)دا  ئاماننىساخاننىڭ 34 يېشىدا ئۆز ھاياتى بەدىلىگە بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغان ئوغلى " ئابدۇرېھىم خان    1594 – يىلى لۈكچۈن خانلىق تەختتىگە چىقىپ ،  1635 – يىلىغىچە  60 يىل خان بولغان " دېيىلگەن . }HxC ~J"  
Xo ,U$zE  
   بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرلىرىنى شەرقىي چاغىتاي خانلىقىنىڭ سىياسىىي ،   ئىقتىساد ، ئىلىم – پەن ، ئەدەبىيات – سەنئەت ، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان لۈكچۈندە ئۆتكۈزگەن سەئىد خان ۋە ئابدۇرېشىت خانلارنىڭ يەكەنگە خان بولۇشى ، مىرزا مەھمۇتنىڭ مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگانىدەك ھىندىستان تەرەپكە قاچماي ، شەرققە قاراپ ماڭغانلىقى ، ئاماننىساخان رەتلەپ چىققان مۇقاملارنىڭ كۆپ ساندىكى ئىسىملىرىنىڭ لۈكچۈن مۇقاملىرىنىڭ ئىسىملىرىغا ئوخشاپ كېتىشى ، ئاماننىساخاننىڭ ئوغلى ئابدۇرېھىمنىڭ لۈكچۈنگە قايتىپ كېلىپ خان بولۇشى تەسەددىپىي ئۇدۇل كېلىپ قالغان ئىشلار ئەمەستۇ . بۇ بەلكىم ، سەئىد خان ، ئابدۇرېشىت خان ۋە مىرزا مەھمۇتلارنىڭ ئانا يۇرتىنى سېغىنىشىنىڭ يارقىن ئىپادىلىنىشى بولۇشى مۈمكىن . g$^I/OK?  
<< شىنجاڭ سەنئىتى >> 2008- يىللىق 4- ساندىكى ( 103- بېتىدە) ئابدۇكېرىم ئوسماننىڭ << مۇزىكا لۇغىتى >> دېگەن ئەسىرىدە " سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سەئىد خان ئاتاقلىق شائىر ، ھەربىي ئالىم ، داڭلىق مۇزىكانت ۋە مۇقامشۇناس ." دېيىلگەندەك ئېسىل زاتقا ئايلانغان . Y%#r&de  
i1DJ0xC]  
d/l>~%bR  

ozqan 2012-12-17 19:53
دانىش مۇئەللىم :  ئىزدىنىش روھىغا تولغان بۇ ئەسىرىڭىزنى بەكمۇ ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم .  بولۇپمۇ : Rd>PE=u  
سەئىدىخاننىڭ لۈكچۈندە  تۇغۇلغانلىقى ;*q  
مەھمۇت ئوتۇنچى ــ ئايازبىك قۇشچى ئىكەنلىكى B'~CFj0W%=  
ئاماننىساخاننىڭ ئوغلى ــ ئابدۇرېھىمنىڭ نۇرغۇن يىل لۈكچۈن خانلىق تەختىدە ئولتۇرشى ... Y(Q!Oe C  
ھەققىدىكى بايانلار مېنى بەكلا قىزىقتۇردى . ھەر بىر نۇقتىنەزەرگە ماس ھالدىكى پاكىتىلار ئۈچۈنمۇ بەكمۇ كۆپ ماتىريال كۆرۈپسىز . مەن سىزنىڭ ئىزدىنشىڭىزغا بەرىكەت تىلەش بىلەن بىللە بېرىدىغان تەكلىپىم  : }e4#Mx  
1) ماقالىڭىزنىڭ باش قىسمىنى ماۋزۇ بىلەن باغلىنىشلىق مەزمۇنلار بىلەن باشلاپ ئاندىن ، پاكىت قويۇش قىسمىدا سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئائىت مەزمۇنلار ھەققىدە توختالسىڭىز بوپتىكەن . M T(G=r8  
,B||8W9  
2) ماقالىنى يېزىشتا پايدىلانغان ماتىرياللار تىزىملىكىنى ئەسەر ئاخىرىدىمۇ ئايرىم ئىزاھلاپ ئۆتسىڭىز بوپتىكەن .

kamalat 2012-12-17 20:41
ئىزدىنىش روھىغا تولغان بۇ ئەسىرىڭىزنى بەكمۇ ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم .  

nadiraay 2012-12-17 22:41
بىز ئويلاپمۇ باقمىغان نۇرغۇن تارىخىي بىلىملەرنى يەتكۈزۈپسىز. رەھمەت.

ئوتقاشئەرقۇتى 2012-12-17 22:52
دانىش ئاغامنىڭ قىممەتلىك تارىخى بىلىملەر بىلەن تەمىن ئەتكىنىگە ،ئويغۇر تارىخىدىكى بەزى تۈگۈنلەرگە ئىنىقلىما بەرگەنلىكىگە تەشەككۈر .

gulhan 2012-12-17 23:43
دانىش مۇئەللىمنىڭ ئۆز تارىخى بىلىمىدىن تامچە تۈكۈپ تەۋپىقداشلارغا سۇنغىنىغا كۆپ تەشەككۈر. 8CN~o|uN  
ھارمىغايسىز،ئۇستاز. قەدەملىرىڭىزگە تەشنا بىز، ئۇنۇتماڭ بىزنى.

ئەكبەرنىياز 2012-12-19 02:03
دانىش ئاغا ، سىزنىڭ ھەر بىر يازمىڭىز ئاجايىپ چوڭقۇر مەنالارغا تولغان ھېكمەت ، ياشاڭ ئۇستاز ، ھارماڭ ئۇستاز !!! سىز بولغاچقىلا بىز ھەر قانداق جايدا خاتىرجەم !!!

مەرىپەت0999 2012-12-19 12:20
ئاماننىساخاننىڭ ئوغلى بولغانلىقىنى ئەمدى ئاڭلاپتىمەن.دەرسلىكتە ۋە قوللانمىدا ئۇنى تۇغۇتىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن باشقا ھىچقانداق خەۋەرگە ئىگە ئەمەسلىكىمدىن بەكمۇ خىجىل بولىۋاتىمەن.دانىش مۇئەللىمگە ئالەمچە تەشەككۈر!!

baburxah 2012-12-26 11:03
دانىش مۇئەللىم، ماقالىڭىزنىڭ تەتقىقات قىممىتى يۇقۇرى ئىكەن، بۇ ھەقتە يەنە داۋاملىق ئىزدىنىشكە، تەتقىق قىلىشىقا توغرا كېلىدۇ.ئەلۋەتتە..... ?)i`)mu'  
مېنىڭچە، ئابدۇرىشىتخان ئۆيلىنىش ئالدىدا «مەھمۇت ئوتۇنچى»نىڭ تېگى -تەكتىنى سۈرۈشتە قىلىشى، «مەھمۇت ئوتۇنچى»نىڭ ئۆزى ھەرزەر ئەيلەۋاتقان، ئۆزىدىن قېچىپ ئىسىمىنى ئۆزگەرتىۋالغان«مەھمۇت مىرزا»ئىكەنلىكىنى بىلىشى مۇمكىن، بۇنى ئابدۇرىشىتخان سۈرۈشتە قىلمىسىمۇ، ھېلىقى« قارا نىيەت ئەمىرلەر» بۇنى چوقۇم ئابدۇرىشىتخانغا مەلۇم قىلىشىدۇ.......تەتقىقاتىمىزدامۇشۇ تەرەپلەر نەزەردىن ساقىت قىلىندىمۇ قانداق؟......مۇشۇ ھەقتە يەنە ئىزدىنىپ باقسىڭىز..........

danix 2012-12-26 14:49
   بابۇرشاھ ، يۇقارقى يازمامدىن سىزگە مەلۇم بولسا كېرەك ، ئابدۇرېشىت خان ئوردىدىكى قەتلىئام ۋەقەسى يۈز بەرگىنىگە 13 يىل بولغاندا ئاندىن ئاماننىساخان بىلەن ئۇچىراشقان . بۇ 13 يىل جەريانىدا قېدىرخان يەركەندى ئوردىدا ئابدۇرېشىت خان بىلەن بىللە بولغان . ئوردىدىكى قارا نىيەت ئەمىرلەرنىڭ سۈيقەستى قېدىرخان يەركەندى قاتارلىق ھەققانىيەتنى ياقلىغۇچى ئەمىرلەرنىڭ تىرىشچانلىقىنى بىلەن ، ۋەقە يۈز بېرىپ 4- 5 يىلدىن كېيىنلا پاش بولغان . نەتىجىدە ئابدۇرېشىت خان قارا نىيەت ئەمىرلەرنىڭ گېپىگە كىرىپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىغا پۇشايمان قىلغان . ھەتتا ئەينى چاغدا مىرزا مۇھەممەت ھەيدەرنى يەكەنگە تەكلىپ قىلىپ ، مەكتۇپمۇ ئەۋەتكەن . << تارىخىي رەشىدىيە>>دە بۇ مەزمۇنلار بار .  
   ئابدۇرېشىت خان ئاماننىساخانغا ئۆيلەنگىچە ئەلىۋەتتە ئاماننىساخاننىڭ تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈرگەن بولۇشى ، ئۇنىڭ ئاتىسى سەئىد خاننىڭ غوللۇق ئەمىرلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭغا نىكاھلانغان بولۇشى تۇرغانلا گەپ . ئاماننىساخان خان جەمەتىدىن بولمىغاچقا ، ئابدۇرېشىت خاننىڭ قالغان ئالتە خانىشى ئۇنى كەمسىتكەن ئەھۋاللار تارىخ كىتابلاردا بار . va`/Dp)M  

لىللا 2012-12-26 16:13
دانىش ئەپەندىنىڭ مۇھىم تارىخىي بىلىملەر بىلەن تەمىنلىگىنىگە تەشەككۈر. نۇرغۇن مۇجىمەل نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالدىم.

baburxah 2012-12-26 16:41
دانىش مۇئەللىم، بۇ ئىنكاستىكى يازمىڭىز بىلەن ماقالىڭىزنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىپتۇ....ئەجرىڭىزگەرەھمەت، ئىجادىيىتىڭىز يەنىمۇ بەرىكەت تاپقاي.......

tursun 2013-02-20 16:02
بارىكاللا دوستۇم دانىش،تەتقىقاتىڭىز كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدىكەن،ئاپىرىن!     

لالىگۈل 2013-02-21 21:52
ھەقىقەتەن قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپسىز، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم... رەھمەت سىزگە، ھارمىغايسىز!

مەھلىيا 2013-03-04 13:13
سىزگە كۆپ رەھمەت.موھىم نەرسىنى بىلىۋالدىم.ئەدەبىيات دەرسلىكتە بار ئىدى.

erpan0909 2013-03-06 17:07
ھەقىقەتەن قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپسىز، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم... رەھمەت سىزگە، ھارمىغايسىز!

مەدىنە 2013-03-18 11:43
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئۇستاز wL}X~Xa3i  
بۇ ماقالىڭىز ئارقىلىق نۇرغۇن بىلمىگەن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم .بۇنۇڭ ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز .سىزگە سىزدەك ئىزدەنگۈچى ئۇستازلارغا كۆپ تەشەككۈر . NHzVA*f  
ئاللا سىزگە رەھمەت قىلسۇن !!!!!!!!!!!!!

latapatlik 2013-03-18 12:58
دانىش مۇئەللىمنىڭ ئىجادىيىتىگە بەركەت تىلەيمەن!

xatgvl 2013-04-23 17:28
دانىش مۇئەللىم ،سىزگە رەھمەت!

تارىم 2014-03-21 16:47
دانىش ئۇستازنىڭ ئېسىل تارىخى يازمىلىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلۈپ قالمىسىكەن،دىگەن ئۈمىدتىمەن.

مىېھرىما 2014-03-22 14:02
دانىش مۇئەللىمنىڭ بۇ تېمىسىدىن كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم.رەھمەت.


查看完整版本: [-- ئاماننىساخان راستىنلا ئوتۇنچىنىڭ قىزىمۇ ( دانىش) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled