ساراڭ يوق شەھەر تەلەپ قىلىش(ئاق گۈل تەرجىمىسى)
ساراڭ يوق شەھەر تەلەپ قىلىش Kps
GQM
ئىزگۈ (تۈركىيە) _TeRsA
يۈزىنى ساقال-بۇرۇت قاپلاپ كەتكەن، چاچلىرى پاخپايغان،يېشى مەن تەڭ كەپ كېتىدىغان بۇ ئادەم ئۈستەل ئۈستىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ،سۈپۈرگىنى بىردەم گىتارقىلىپ، بىردەم مىكرافۇن قىلىپ، ناخشا ئېيتىپ،ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. قەھۋەخانىدىكى كىشىلەر توپلىشىپ پاس چىقىرىشىپ، ئارىلاپ-ئارىلاپ: 2nz'/
G
-ساراڭ يىلمى ياشىسۇن!-دەپ توۋلىشىپ قويىشاتتى.يىلمى دېگەن بۇ ئىسىم كاللامدا بىر دەم ياڭرىدى ۋە سىڭلىمنىڭ ئېرىگە: d}G."wnG9,
-بۇ ساراڭنى مەن تونۇشۇم مۇمكىن،-دېدىم.ئۇ: (E]K)d
-سىز ئەمدى كەلگەن تۇرسىڭىز ئۇنى قەيەردە كۆرگەن؟-دېدى. ~5?n&pF
بۇ ۋاقىتتا ساراڭ ئاللىبۇرۇن ئويۇنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغان ئېدى. مەن ئۇنىڭدىن ئېنىقىنى سوراپ بىلىپ باقماقچى بولدۇم.مەن بۇ ئادەمنى تونۇپلا قالماستىن ،بەلكى بەش قولدەك پىششىق بىلەتتىم.يەتتە يىل ئىلگىرى مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلەيتتىم،ئىستىپا بېرىپ ئۇ يەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن يىلمىنىڭ خەۋىرىنى قايتا ئالالمىغان ئىدىم.شۇڭا ئۇ قەھۋەخانىدىن ئايرىلغاندا،ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، بىر مىلىچ ماللار دۇكىنىدىن بىر كاشتاننى ئېلىۋالغان ۋاقىتتا،يىتىشىۋېلىپ: CX2q7azG
-يىلمىي!-دەپ توۋلىدىم.ئۇ خىجىل بولغان ھالدا ماڭا بىر قاراپ قويدى ھەمدە ئالدىراپ- تىنەپ ئۇ دۇكاندىن ئايرىلىپ، باغچا تەرەپكە قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كەتتى.ئۇنىڭ كەينىدىن توختىماي يۈگۈرگەن بولساممۇ، ئەمما بىر ئورمانلىققا كەلگەندە، ئۇنى كۆزدىن يىتتۈرۈپ قويدۇم. مەن يۇقىرى ئاۋازدا: aNEy1-/(\
-يىلمى!يىلمى!-دەپ توۋلىدىم. aD`e]K ^L
ھېچقانداق سادا چىقمىدى، بىردەمدىن كېيىن ئۇ كۈلگىنىچە بىر چاتقالنىڭ كەينىدىن چىقىپ كەلدى. G
U/k^Qy
-يىلمى، سەن راستىنلا ساراڭ بولۇپ قالدىڭما؟ X-^Oz@.>
ئۇ ئاۋازىنى قويىۋېتىپ كۈلۈپ كېتىپ: B_G7F[/K
-كۈلكەمنى ئاڭلاپ مېنى راستىنلا ساراڭ بوپقاپتۇ دەپ قاراۋاتامسەن؟مېنىڭ كاللامدا ئازراقمۇ چاتاق يوق-دېدى. P+l^Ep8P
-سەن راستىنلا نورمالما؟ ^IZ0M1&W;
-ئەلۋەتتە. سەن خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىن ئىستىپا بەرگەندە، مېنىڭ ھېچنەرسەم قالمىغان، ھەتتا ئۆي ئىجارىسىنىمۇ تۆلىيەلمىدىم، شۇنىڭ بىلەن مەن بىر ئايلىق رۇخسەت سوراپ، ساراڭ يوق شەھەر ئىزدەشكە باشلىدىم.25كۈن ئىچىدە مەن 100 شەھەرنى ئايلىنىپ چىقتىم، ئەمما ھەممىلا شەھەردە ساراڭ بار ئىكەن. بۇ شەھەرگە كەلگەندە، يېنىمدا ناھايىتى ئاز پۇلۇم قالدى.بىر قەھۋەخانىدا ئولتۇرۇپ، كۈتكۈچىدىن،قېرىندىشىم،مەن بۇ شەھەردە ساراڭ بار-يوقلىقىنى بىلەي دېگەنىدىم، دېدىم. ئۇ سەككىز يىلنىڭ ئالدىدا بىرسى بار ئېدى،ئەمما ئۇ ئۆلۈپ كەتتى،دېدى.شۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن كېيىن مەن بۇ شەھەردە قېپقالدىم.توق قىزىل پەلتو تىكىپ،لاي-پاتقاقنى سۈركەپ مەينەت قىلدىم،يەنە بىر نەچچە يېرىنى يىرتىۋەتتىم.ئاندىن بازاردىن بىر مۇنچە ھېچقانداق قىممىتى يوق قەدىمكى پۇل ۋە ئوردىنلارنى سېتىۋېلىپ، پەلتوغا ئېسىۋالدىم.بىلىمگە قېلىن تاسمىدىن بىرنى باغلىدىم. تاسمىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا بىر تاۋا قازاننى ساڭگىلىتىۋالدىم.يەنە تاسمىغا چۈمۈچ، كونا سائەت، ئايالچە كۈنلۈك ۋە تۆمۈر قاپقاق دېگەندەك نەرسىلەرنىمۇ ئېسىۋالدىم ھەمدە تاراقلاتقىنىمچە كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقتىم، ئاپتۇبۇستىكى كىشىلەر قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، تاۋا قازاننى گىتار قىلىپ، ئۆزۈم بىلىدىغان بىر نەچچە ناخشىنى ئېيتىپ بەردىم،كىشىلەر بىر تەرەپتىن كۈلۈشكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئالقىشلىدى. بەزىلەر ئاپېلىسىن، يەنە بەزىلەر پۇل ۋە قەنت-گېزەكلەرنى بېرىشتى.ئاپتوبۇستىن چۈشسەم بىر مۇنچە بالىلار كەينىمگە كىرىۋالدى. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن چاي،قەھۋە ئىچسەم،تاماق يېسەم ھېچكىم مەندىن پۇل ئالمايدىغان بولدى، ھەتتا چاي پۇلى بېرىدىغان بولدى.مۇشۇنداق بولىدىغىنىنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام، ئىدارىنىڭ ھېلىقى كاتىكىدە ساراڭ بولمىغان ۋاقىتتىكى جاپالىق كۈنلەرنى بېشىمدىن كەچۈرمىگەن بولاتتىم.شەھەردىكىلەر تۇيۇقسىز بۇنداق بىر ساراڭنى بايقاپ،خۇشاللىقتىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قېلىشتى.ھازىر مەن شەھەر باشلىقىنىڭ ئىشخانىسغا بارسام ئىشىك چېكىپ، سوراپ يۈرمەيلا كىرىپ،شەھەر باشلىقىغا يېقىن ئولتۇرالايمەن.ئۇ ئۆزى ماڭا تاماكا تۇتاشتۇرۇپ بېرىدۇ، قايتىدىغان ۋاقتىمدا يەنە تېخى بەش فوند سېتىرلىڭ بېرىدۇ. 30-wTcG
-ئۇنداقتا سەن بۇ ساراڭ بولۇۋېلىش ھەرىكىتڭنى قاچان ئاخىرلاشتۇرماقچى بولىۋاتىسەن؟ 89dC
bF3b
ئۇ چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈپ: 0]W/88ut*u
-سەن ساراڭمۇ؟بۇ دۆلەتتە نۇرغۇنلىغان كەسپىي ساراڭ بار.ئۇلار ھەر دائىم ئورنۇمنى ئىگىلىۋېلىشنى ئويلاپلا يۈرىشىدۇ.شۇڭلاشقا مېنىڭ بۇ شەھەردىن ئايرىلغۇم يوق، يەنە كېلىپ مەن ئاللىبۇرۇن بۇ ئىشقا كۈنۈپ قالدىم. t;6/bT-
ئۇ ماڭىدىغان ۋاقىتتا يەنە: 8=Ht+Br
ھېچكىمگە ئېيىتما، ئېيىتقان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ساڭا ئىشەنمەيدۇ،-دېدى. 3xY]Lqwv
سەي ساڭزى "چەتئەلنىڭ يۈز يىلدىن بۇيانقى ئوقۇمىسا بولمايدىغان نادىر مىكرو ھېكايىلىرى"دىن تەۋسىيە قىلغان. 6<6_W#
"مەنىزار+12"ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 7-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. upKrr
|