باشلانغۇچ ئەخلاق ۋە جەمئىيەت دەرس تەييارلىقى پ پت سى
بۇ دەرس 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئاپتونوم رايۇنلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئورۇنلاشتۇرغان، تۇرپاندا ئۆتكىزىلگەن باشلانغۇچ «ئىدىيە - ئەخلاق » پېنى بويىچە تەربىيلىنىش پائالىيىتىدە ئۆتۈلگەن دەرس ئىدى . پايدىلىنىشىڭلارغا سۇندۇم .دەرس لايىھىسى ۋە دەرس دېتالى بىللە يوللاندى. ئەخلاق ۋە جەمئىيەت
5- يىللىقلار ئۈچۈن 1- قىسىم
«جەمئىيەت سەمىيمى بولۇشقا چاقىرماقتا »
3- سائەتلىك دەرس لايىھىسى
«سەمىيمىلىكنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەركىتى »
دەرس لايىھىلىگۈچى : سانجى ئوبلاست گۇچۇڭ ناھىيەلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپتىن
ئەزىزە سەيدۇل
سەمىيمىلىكنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەركىتى
(3- سائەتلىك دەرس )
ئوقۇتۇش نىشانى ؛
بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى؛سەمىميەتسىزلىك بىلەن سەمىيمىلىكنى ئايرىيالايدىغان بولۇش.ئەتراپىدىكى سەمىميەتسىزلىك بىلەن باغلانغان مەسىلللەرنى بايقىيالايدىغان بولۇش.
سەمىيمىلىكنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ ھەر بىر جەمئىيەت پۇقراسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئولىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلىش.
ھېسىيات قىممەت نىشانى؛
سەمىميەتسىزلىك مەسىللىرىنى ئۇچۇراتقاندا مەيدانى ئېنىق بولۇش، سەمىيمى ، راسچىل ،ۋەدىسىدە تۇرۇشنىڭ گۈزەل ئەخلاق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش. مۇھىم نۇقتا؛ سەمىيمىلىكنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلىش. قىيىن نۇقتا؛ سەمىميەتسىزلىك مەسىللەرگە ئۇچۇرغاندا ئاددى بولغان ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى ئويلىيالايدىغان ۋە تۈزەلەيدىغان بولۇش. ئوقۇتۇشقا تەييارلىق ؛ ئوقۇتقۇچى تەييارلىقى ؛ ئوقۇغۇچىلار ئەمىليىتىگە ماس كېلىدىغان دەرس لايىھىلەش. ئوقۇغۇچىلار تەييارلىقى ؛ مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى تەييارلاش. دەرس باشلاش سۆزى ؛ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ؛ سۇئال ئارقىلىق يېتەكلەش، گۇرۇپلاش، مۇلاھىزىگە يېتەكلەش. ئۆگىنىش ئۇسۇلى؛ سۇئاللارغا ئاغزاكى جاۋاب بېرىش ، مۇستەقىل ئۆگىنىش، ئالدىن ئۆگىنىش ، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش . ئوقۇتۇش جەريانى؛ دەرس باشلاش: سەمىيمىلىك ھەققىدىكى شېئىر ( ئوقۇغۇچىلار ئوپچە ئوقۇيدۇ ) سەمىيمىلىك گۈزەل ئەخلاق تاجىسى، ئۇ ئىنساننىڭ كاپالىتى ، جارچىسى. سەمىميەتسىز كىشىلەردىن قاچىدۇ، ھەتتا شەيتان، جىننىڭ يامان غوجىسى . سەمىيمىلىك كارخانىنىڭ كارتىسى، داڭلىق ماركا ، ئىشەنچىنىڭ ئۇل تىشى، گەر بولمىسا كۆللېكتىپتا سەمىمىيەت . رىيازەتلەر چىكىدىكەن كۆپ كىشى...شئېردىن نېمىلەرنى بىلىۋالدىڭىز؟ خۇلاسە ؛ سەمىيمى بولۇش بىر خىل گۈزەل ئەخلاق ، ئۇنىڭغا ئەمىلىي ھەركەتتە ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىن ئۆگىنىش يېتەكچىسى تارقىتىلىدۇ. (ئالدىنقى كۈنى ) مەزمونى : 1.«سەمىيمى سىنىپ كۆللېكتىۋى قۇرۇپ چىقايلى ! » تەكشۈرۈش قەغىزى ، ئالدىنقى كۈنى دەرسكە ئالدىن تەييارلىق شەكلىدە بالىلارنىڭ مۇستەقىل ئىشلىشىگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.دەرس ۋاقتىدا گۇرۇپلار بويىچە باھالاش ،خۇلاسىلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ .(مەزمون قىسقارتىلدى ) 2. سەمىيمىلىك كارتسى ياساش؛ (ئالدىنقى كۈنى تاپشۇرۇق شەكلىدە تارقىتىلىپ مۇستەقىل ئىشلەيدۇ .قەلبىمىزدە بىر سەمىيمىلىك كارتىسى بولسۇن ) ( مەزمون قىسقارتىلدى ) تاپشۇرۇق؛(كىيىنكى سائەتلىك دەرسكە ئالدىن تەييارلىق شەككلىدىكى تاپشۇرۇق ) سەمىيمىلىك مەزمون قىلىنغان گېزىت ئىشلەڭ .شەكلى رەسىم، سەمىيمىلىك ھەققىدىكى كىچىك ھېكايە ، ھېكىمەتلىك سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇش. ( سىنىپ ئىچىدە گېزىتىڭىزنى چۈشەندۈرسىز ، باھالاشقا قاتنىشىسىز، سىزگە ئۇتۇق يار بولغاي! ) دەرستىن كېيىنكى خاتىرە ؛ ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلغان ماتىريال مەزمونى ؛
ئۆگىنىش يېتەكچىسى:
تەكشۈرۈش ۋە باھالاش
1.سىنىپ ئىچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ قايسىلىرى بار ؟ 1) خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا باشقىلارغا ئارتىپ قۇيۇش. 2) تاپشۇرۇق كۈچۈرۈش. 3) تاپشۇرۇق ئىشلىمەسلىككە باھانە تىپىش. 4) ئاتا – ئانىلىرىغا يالغان ئېيتىپ پۇل ئېلىش. 5) باھانە تېپىپ ئوقۇشتىن قېچىش. 6) دەرسىكە كېچىكىپ كېلىش. 2.تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن قايسىلىرى بار؟ 1) خاتالىق سادىر قىلسا ئۆز ئۈستىگە ئېلىش. 2) باشقىلارغا ياردەم بېرىش. 3) ۋەدىسىدە تۇرۇش. 4) تاپشۇرغان ۋەزىيپىنى دەل ۋاقتىدا ئورۇنداش. 5) دەرسخانە تەرتىۋىنى ساقلاش . تەلەپ:سىنىپ ئىچىدىكى سەمىميەتسىز ھەركەتلەرنى خۇلاسە قىلىش. بۇ خىل ھەركەتلەر سىنىپ كۆللېكتىۋى ۋە شەخسكە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ ؟ قانداق سەمىيمى ھەركەتلەر بار ؟ مېسال ئېلىپ سۆزلەڭ: سىنىپنى سەمىيمى سىنىپ كۆللېكتىۋى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى بەلگىلىسەك بولىدۇ . ؟ جاۋاب: 3.مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى ، جەمئىيەتتە ياخشى پۇقرا، ئائىيلىدە ياخشى پەرزەنت بولۇش ئۈچۈن سەمىيمىلىك كارتىسىنى ياساڭ؛ مەزمونى؛ سەمىيمىلىك ھەققىدىكى ھېكىمەتلىك سۆزلەرنى يېزىپ مەخسىدىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىزمۇ،سەمىيمى بولۇش ئىرادىڭىزنى يازسىڭىزمۇ،سەمىيمىلىككە چاقىرىق قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ . تۆۋەندىكى ھېكىمەتلەردىن ياخشى كۆرگەنلىرىڭىزدىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ . ساقتا ئېلان – تەشۋىقات ، تەشۋىق قىلىنغان نەرسىنىڭ ھالاكىتىنى تېزلىتىدۇ. --- مۇھەممەت ئابدۇ غېنى يۈزۈڭگە چۈشكەن داغدىن ئەمەس، قەلبىڭگە چۈشكەن داغدىن ئەنسىرە --- ماھىنۇر توختى يالغانچى ھەرگىزمۇ ئامالسىزلىقتىن يالغان سۆزلىمەيدۇ. بەلكى ۋۇجىدىدا راست سۆزگە بولغان مەسئولىيەت ھەم ۋىجداننىڭ بولمىغانلىقىدىن راست سۆزگىمۇ يالغاننى قۇشۇپ قويىدۇ. سەمىمىيەت باغچىدىكى گۈلگە ئوخشايدۇ .ئۇنىڭدىن ھەممە كىشى بەھرىمان بولالايدۇ. --- تۇرسۇن قاسىم (دېھقان ) شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى 2011 – يىلى 5 – ساندىن ئېلىندى http://good.gd/2355013.htm بۇ يەردىن پ پ ت سىنى كۆرۈڭ .
|