بالىلىرىمىز قورقۇنچاق بولۇپ قالمىسۇن
بالىلىرىمىز قورقۇنچاق بولۇپ قالمىسۇن ھەرقانداق بىر ئاتا- ئانا ئۆز بالىسىنىڭ يۈرەكلىك، باتۇر چوڭ بولۇشىنى خالايدۇ، ئەمما ھازىرقى بىر قىسىم بالىلارنىڭ كىچىككىنە بىنا ئۆيدە قورقماي ھاجەتخانىغىمۇ كىرەلمەسلىكى، ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىدە يالغۇز ياتالماسلىقى، بىرەر ئىشقا دۈچ كەلسە ئىككى ئېغىز گەپنى جايلاپ قىلالماسلىقى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى يەنىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيلەش ئۇسۇلىدىكى سەۋەنلىكلەر بولۇپ، تۆۋەندە مەن بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن: 1. بالىنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرماسلىق. بالا كىچىك ۋاقتىدا ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆز يېنىدا بولۇشىنى خالايدۇ، ئاتا- ئانىسى قېشىدا بولسا ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىدۇ. ئەمما بەزى ئاتا- ئانىلار خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ، ھە دېسىلا بالىلىرىنى باشقىلارغا قارىتىدۇ، ياكى چوڭلارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ، كۈن بويى كارى بولمايدۇ، ھەتتا، كەچتە بولسىمۇ ئەكېلىپ باغرىغا بېسىپ ياتمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم قاندۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان بىخەتەرلىك ئېھتىياجى قانمايدۇ-دە، بالا ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، يۈرەكئالدى چوڭ بولىدۇ. 2. بالىغا جىن- ئالۋاستىلار تەسۋىرلەنگەن ھېكايىلەرنى ئوقۇپ ، كارتون فىلىملەرنى قويۇپ بېرىش. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى كىچىكىدىن ئەقىللىق قىلىپ تەربىيلەشنى ئويلاپ، ئۇلارغا ھەرخىل ھېكايە- چۆچەكلەرنى، بولۇپمۇ جىن- ئالۋاسىتلار تەسۋىرلەنگەن ھېكايە- چۆچەكلەرنى ئوقۇپ بېرىشكە، كارتون فىلىملەرنى قويۇپ بېرىشكە ئامراق، دەرۋەقە، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشتىكى رولى چوڭ بولسىمۇ، ئۇلارغا جىن- ئالۋاستىلار ھەققىدە مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەندە، تېخى ئەقلى پىشىپ يېتىلمىگەن بالا رېئاللىق بىلەن خىيالىي دۇنيا ئارىسىدا تەمتىرەپ قېلىپ، چۆچەكتە ئاڭلىغانلىرى، فىلىمدە كۆرگەنلىرىنى ئەتراپىدىن ئىزدەشكە باشلايدۇ، يالغۇز قالغان چاغلىرىدا چۆچەك ۋە فىلىمدىكى يالماۋۇز ۋە جىن-ئالۋاستىلار ئەتراپىدا پەيدا بولۇپ، ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغاندەك دەككە- دۈككە ئىچىدە ياشايدىغان بولۇپ قالىدۇ. 3. بالىنى قانداقتۇر مەۋھۇم نەرسىلەردىن قورقۇتۇش. بىر قىسىم ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى ئۇخلىتىش، تاماق يېگۈزۈشتە گەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ھە دېسىلا :«ئەنە، بۆ كەلدى»، «گەپ ئاڭلىمىسىڭىز سىزنى بۆرە ھاپ ئېتىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن بالىلارنى قورقۇتۇشقا ئامراق، بۇ چارە ئانىلارنى ئازراق ئارام تاپقۇزۇپ بالىنى ئاسان گەپ ئاڭلايدىغان قىلغان بىلەن، بالا ھەرقانداق بىر ئىشنى ياخشى قىلمىغان ھامان ئەشۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى قورقۇنچلۇق نەرسىلەر كېلىپ، ئۆزىنى ئىسكەنجىگە ئالىدىغاندەك خۈدۈكسىرەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭغا ئۆز بېشمىدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى مېسال قىلىپ ئۆتەي: قىزىم كىچىك چېغىدا 14 ياشقا كىرگەن نەۋرە سېڭلىمىنى قاراشقا ئەكەلگەنىدىم، نەۋرە سېڭلىم ئۆزىمۇ كىچىك بولغاچقا، قىزىمنىڭ قەغىشلىرىدىن زېرىكتىمۇ، مەھەللىمىزگە پات- پات كېلىدىغان «ھېيتاخۇن» ئىسىملىك ئاجىز، قېرى ئادەمنىڭ گېپىنى قىلىپ، ئۇنى قورقۇتىدىغان بولىۋالدى، قىزىم قەغىشلىك قىلىپ خاپا قىلسا، «ھېلى ھېيتاخۇننى توۋلايمەن»دېسىلا قورقۇپ، ئاچىسى نېمە دېسە شۇنى قىلىدىغان بوپكەتتى، ھەتتا بەزى كېچىلىرى ھېيتاخۇندىن قورقۇپ ئويغىنىپ كېتەتتى. بۇنىڭدىن ھەيران بولۇپ، نەۋرە سىڭلىمىدىن سەۋەبىنى سورىغانىدىم، ئۇ قىزىمغا ھېيتاخۇننى بەكمۇ قورقۇنچلۇق قىلىپ تەسۋىرلەپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى، بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئۇققاندىن كېيىن، بىر كۈنى دادىسى بىلەن بالىغا ھېيتاخۇننىڭ بىزگە ئوخشاش نورمال ئادەم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۇق، قىزىم ئانچە ئىشەنگەندەك ئەمەس، دادىسى چىقىپ ھېيتاخۇننى ئۆيگە باشلاپ كىردى ۋە قىزىمنى ئۇنىڭ قېشىغا ئەكېلىپ قۇچىقىغا چىقاردى، ئاندىن ئۇنىڭدىن قورقمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇمۇ قىزىمغا گەپ قىلىپ، ئەركىلەتتى.قىزىم شۇندىلا ئۇنىڭ قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىگە ئىشەندى بولغاي، كېيىن ئۇنىڭدىن قورقمايدىغان بولدى. 4. ئاتا- ئانىلارنىڭ قاتتىق جىدەللىشىشى. بەزى ئائىلىلەردە ئائىلە زوراۋانلىقى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ئازراق تالاش- تارتىش بولسىلا، ئەرلەر ئاياللىرىنى ئۇرۇپ، ئۆيدىكى نەرسە-كېرەكلەرنى چېقىپ، ئائىلىنى جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا بالا ئانىسىنىڭ بىھۇدە ئازار يېگىنىدىن قاتتىق ئازابلانسىمۇ، دادىسىنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ ئارىغا چۈشەلمەيدۇ.بۇنداق ئەھۋال تەكرارلانغانسىرى ئۆزى بىرەرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسىمۇ، باشقىلارنىڭ ئۇرۇشقىنىنى كۆرسىمۇ، تىلى كالۋالىشىپ ھىچقانداق گەپ قىلالماي، قورقۇپ تىتىرەپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. يېقىندا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەيدىغان بىر دوستۇم مۇنداق بىر ئىشنى ئېيتىپ بەردى:سىنىپىدا ئادەتتە جىمغۇر يۈرىدىغان بىر قىز تۇيۇقسىزلا قوڭغۇراق چېلىنغان ھامان قورققىنىدىن كۆزلىرى چەكچىيىپ ، ئىككى قولى بىلەن قۇلىقىنى ئېتىۋېلىپ جالاقلاپ تىترەپ كېتىدىغان بولۇپ قاپتۇ، بۇنىڭدىن ھەيران بولغان دوستۇم قىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئەھۋالنى ئۇقماقچى بوپتىكەن، قىز مىڭ تەسلىكتە ئاتا-ئانىسىنىڭ دائىم ئۇرۇشۇپ، ئۆيدە چىنە-قاچىلارنى چاقىدىغانلىقى، قىزنىڭ قورقۇپ قۇلىقىنى تۇتىۋالىدىغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە قوڭغۇراق ئاۋازىنىڭمۇ قىزغا شۇ چىنە-قاچىلار چېقىلغاندىكى ئاۋازدەك ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ، بۇنى ئاڭلاپ جىدەلخور ئاتا- ئانىلارنىڭ مەسۈم قىزنىڭ قەلبىگە سالغان چوڭقۇر جاراھىتىدىن ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولدى. 5. ھە دېسىلا بالىنى ئۇرۇپ- تىللاش. بەزى ئاتا- ئانىلار ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈنمۇ بالىنى ئۇرۇپ- تىللايدۇ. بالىلارنىڭ قەلبى ئەسلىدىنلا نازۇك، يۇمران بۇلغاچقا، تىل- دەشنام، تاياقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، نەتىجىدە بىرەر ئېغىز سۆزى، بىرەر ھەرىكىتى ئۈچۈنمۇ ھازىرلا تاياق يەيدىغاندەك تۇيغۇ شەكىللىنىپ، جۈرئەتسىز بولۇپ قالىدۇ.تېخىمۇ يامان يېرى شۇكى، بۇنداق بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنمۇ ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن يېقىنلىشىشىقىمۇ، ئەركىن پىكىر قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ. 6. ھەممە ئىشتا بالىغا يول كۆرسىتىپ بېرىش. بەزى ئاتا- ئانىلار بالىنىڭ ئۇششاق ئىشلىرىغىچە يول كۆرسىتىپ، ئۆزى سىزىپ بەرگەن سىزىق بويىچە مېڭىشقا ئۆگىتىدۇ. نەتىجىدە بۇنداق بالىلار ھېچقانداق بىر ئىشنى مۇستەقىل قىلالمايدىغان، قىلغان تەقدىردىمۇ ھەر ۋاقىت تەۋرىنىپ توغرا- خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلالمايدىغان، مۇستەقىللىق ئىددىيىسى كەم، ئىرادىسىز بولۇپ قالىدۇ. 7. ئەرلەرنىڭ ئۆيگە مەست قايتىپ بالىلارغا ھەيۋە كۆرسىتىشى. بىر قىسىم ئەرلەر باركى، ئاغزى كىچىككىنە ھاراققا تەگكەن ھامان ئالىجوقا سۆزلەپ، ئالەمنى مالەم قىلىۋېتىدۇ. ھەتتا، ئۆيگە كىرگەندىن كېيىنمۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ، خوتۇن-بالىلىرىنى ئويغىتىپ، بىر-بىرلەپ تاناۋىنى تارتىشقا باشلايدۇ.بۇنىڭ بىلەن بالىلار دادىسى ئۆيگە كەچ قالسىلا قورقۇپ ئۆرە ئولتۇرىدىغان، ئارامىدا ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. قىسقىسى، يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان قىلمىشلار ياكى باشقا خىلدىكى ناتوغرا قىلمىشلار بولسۇن، بالىنىڭ قەلبىدە ئېغىر جاراھەت پەيدا قىلىپ، بالىنى قورقۇنچاق، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ، تېخىمۇ ئەجەللىك يېرى شۇكى، بالىنىڭ قەلبىدىكى مىھىر-مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى بېخىدىلا ئۆلتۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەممە نەرسىگە نەپرەت كۆزى بىلەن قارايدىغان قىلىپ قويىدۇ. مىھرىبان ئاتا- ئانىلار، ۋۇجۇدىمىزدىن تۆرەلگەن مۇھەببەت مايسىلىرىنى ئەتراپلىق پەرۋىش قىلايلى، ئۇلارنىڭ دىللىرى بىز ئاتا قىلغان مىھىر- مۇھەببەتتىن سۆيۈنسۇن، كۆز ياشلىرى بىزنىڭ تاياقلىرىمىز ئاستىدا ئەمەس، قەبرىمىز ئۈستىدە تۆكۈلسۇن! *ytd.^@r مەنبە: قەلىمىم |