查看完整版本: [-- توردىن مال سېتىۋالىدىغانلار دىققەت --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش -> توردىن مال سېتىۋالىدىغانلار دىققەت [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ستۇدېنت 2012-12-12 10:53

توردىن مال سېتىۋالىدىغانلار دىققەت

لىيەباۋ يەنى قاپلان نامىدىكى بۇ تور كۆرگۈچ 金山 ئالتۇن تاغ تورشىركىتى تەرىپىدىن يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ چىققان تورغا چىقىش قورالى بولۇپ، بۇ تور كۆرگۈچ ئاساسلىقى توردىن مال سېتىۋالىدىغان كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. بۇ توركۆرگۈچنى ئىشلىتىپ تورغا چىقسىڭىز، ئاپتوماتىك ھالدا ئالدامچى ۋە ساختا توربېكەتلەرنى توسۇپ بىرەلەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، يىقىندا شىركەت يەنە مەخسۇس قاپلان توركۆرگۈچىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان 2000 يۈەنلىك توردىن مال سېتىۋىلىش سۇغۇرتىسىنى ھەقسىز يولغا قويغان، يۇقىرى سوممىسى 8000 يۈەنگە يىتىدىكەن. يەنى، ئەگەر سىز مەزكۇر توركۆرگۈچىسىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ توردىن مال سېتىۋالسىڭىز ياكى توردا سېتىش-سېتىۋىلىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىقتىسادى جەھەتتە زىيانغا ئۇچرىسىڭىز، جىنشەن شىركىتى سىزگە تۆلەم بىرىدىكەن.
تەپسىلاتىنى شىركەتنىڭ توربېكىتىدىن كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئادرىسى:
مەزكۇر توركۆرگۈچنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئۇ ھالدا تۆۋەندىكى ئادرسىنى بىسىڭ:
تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى. سىزگە ئامەت تىلەيمەن!

ئەكبەرنىياز 2012-12-12 18:35
بۇ ناھايىتى ياخشى ئۇچۇركەن ، قايسى كۈنى ئىشخانىدىكىلەر توردىن مال سېتىۋالسا بەك ئەرزانكەن ، دېيىشىۋاتتى . ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

natiwan 2012-12-12 19:49
تورىمىزنىڭ خاسلىقى يوقىلىۋاتامدۇ قانداق؟ `d#_66TLr  
مەن راستىنلا بىلەلمىدىم .

gulhan 2012-12-12 22:52
مىنىڭچە ئۇچۇر كەڭ دائىرلىك بولسا ياخشى دەپ ئويلايمەن. ئەجرىڭىزگە كوپ رەھمەت.

ئۇيغۇرجان 2012-12-13 00:33
توۋا شۇندامىكەن  مەن بىلەمەي يوپتىمەن...................ھۇراررا...................!

نىلۇفەر 2012-12-13 12:19
   بىزنى ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار ۋە ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلدىڭىز، ئەجرىڭىز ۋە كۆڭلىڭىزگە رەھمەت !

ئۇيغۇرجان 2012-12-13 23:46
بىلشكە تىگىشلىك ئىكەن ...............رەھمەت سىزگە!

arzu 2012-12-14 23:44
بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇ توردىن مال ئېلىپ، پۇشايمان قىپلا يۈرۋاتىدۇ. ئەمما  « ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگىچە قالمايدۇ » غان ئوخشايدۇ

akida228 2012-12-15 08:19
مەن بۇ  قېتىم تۇنجى قېتىم توردىن مال سېتىۋالغان ئىدىم ، بەك خوش بولدۇم ، كۆڭلۈمدىكىدەك كەپتۇ

ئەنۋەرچەرچەن 2013-09-10 21:40
ئادەتتە مەن تاۋباۋدىن مال سېتىلىۋالىمەن،شۇنداق ياخشى چىقىۋاتىدۇ.

مىېھرىما 2013-09-20 20:19
paydilnix kimmiti yahxi uqurkan sizga rahmat K%Rx5 S  
=n;ileGm+^  
  


查看完整版本: [-- توردىن مال سېتىۋالىدىغانلار دىققەت --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled