查看完整版本: [--
ئاتا ئانىلارعا سۆز
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
مائارىپ ۋە جەمىيەت
->
ئاتا ئانىلارعا سۆز
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
yaxar
2012-12-11 18:40
ئاتا ئانىلارعا سۆز
ئاتا ئانىلارعا سۆز
v[~ U*#i
(تولۇق 3-يىللىق سىنىپتىكى ئوقۇعۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى بىلەن سۆھبەت)
MenI>gd?
(2012- يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۉنى)
1 iE
H,?AaM[V
ھۆرمەتلىك ئاتا ئانىلار، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار، سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار!
Vg2s~ce{
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا 177 كۈن قالغان مانا مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيىتتە، مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان تولۇق 3-يىللىقتىكى ساۋاقداشلار، جاپاكەش سىنىپ مۇدىرلار، كۆيۈمچان ئاتا-ئانىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە ئورتاق باش قاتۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمىز. مۇشۇ پەيتتە مەن ئالدى بىلەن مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى ۋە مەمۇرىتى، شۇنداقلا كەڭ ئوقۇتقۇچىلار نامىدىن ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، بۈگۈنكى ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئاتا-ئانىلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقمنى بىلدۈرىمەن، شۇنداقلا تىنىڭلەرگە سالامەتلىك تىلەيمەن! رەھمەت سىلەرگە!
=:#$_qR
بىزنىڭ بۇ يەرگە جەم بولىشىمىزدىكى ئاساسىي مەقسەت ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئاتا ئانىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە چۈشۈنۈپ، بۇندىن كىيىنكى تولىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىزمەتلىرىمىزدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى تەڭشەپ ۋە تۈزىتىپ، بىزنىڭ ئوقوغۇچىلىرىمىز ۋە سىلەرنىڭ پەرزەنىتىڭلارنىڭ يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدىكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن ئاتا-ئانىلار، ئوقوتقۇچى-ئوقوغۇچىلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت؛ يىغىپ ئىيىتقاندا «بارلىقىمىز ئوقوغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن» دېگەننى ھەقىقى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۈگۈنكى ئاتا-ئانىلار چوڭ يىغىنىدا ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلار ئالدىن مۆلچەرلىگەن ئۈنۈمگە چوقۇم ئىرىشەلەيمىز!
:egSW2"5S
بۈگۈنكى يىغىندىن پايدىلىنىپ مەن ئاتا ئانىلارغا چوڭ ئىككى جەھەتتىكى مەسىلە ئۈستىدە توختالماقچى، بىرى، مەكتىپىمىزنىڭ تولۇق 3-يىللىق ئوقوغۇچىلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويماقچى؛ يەنە بىرى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئازلا ۋاقىت قالغان پەيىتتە كەڭ ئاتا ئانىلارغا بىر نەچچە تۈرلۈك تەكلىپىم ۋە ئۆمىدىمنى يەتكۈزمەكچى.
`<[Zs]Fe4
كۆپچىلىككە مەلۇملۇق، مەكتىپىمىزنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى شەھەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى، بىراق بىز بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماي، كەڭ ئاتا-ئانىلار ۋە جەمىيەتنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۆمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن ئۆقوتۇش-تەلىم تەربىيە خىزمىتىدە ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ كەلدۇق، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقوغۇچىلارغا نىسبەتە تولۇق 1-يىللىقتىن باشلاپ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى باشقۇرۇش جەھەتتە تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىدۇق ۋە تىحىمۇ ياحشى ئىشلەيمىز .
C[wnor!
+-xA/nU.c
1. 3-يىللىقلارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدۇق.
hcM 0?=
يىقىنقى 3 يىلدىن بۇيان مەكتىپىمىزدىكى ھەر قايسى بۆلۈم ئىشخانىلار ۋە كەڭ ئوقۇتقۇچىلار يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن، تولۇق 3-يىللىقلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ھەر قانداق خىزمەتىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، مەكتىپىمىزدىكى ئەڭ ئىقتىدارلىق، ئەڭ تەلەپچان، خالىسانە تۆھپە قوشۇش روھىغا ئىگە ئوقوتقۇچىلىرىمىزنى تاللاپ چىقىپ، دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇردۇق. ئۇلار ئەتىگەن-كەچ، چۈشلۈك دەم ئىشلىش ۋاقتى ۋە شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى، ھىيىت-بايرام كۈنلىرىنىمۇ قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش-تۇمۇشىغا يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئاز قالغاندا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بىر ئاي ئەتىراپىدا ھەر كۈنى ئەتىگىنى سائەت 6:00 – 7:00 گىچە تىل-ئەدەبىيات ۋە ئۇنىۋېرسال پەنلەردىن سوئال ئىشلەش، چۈشلىكى سائەت 1:00 دىن 2:00 گىچە ماتىماتىكا ۋە خەنزۇ تىلى پەنلىرىدىن تەقلىدى سوئال ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى كىلىپ يىتەكچىلىك قىلىدىغان ھالەت شەكىللەندۈرۈلىدۇ، چۈنكى يۇقارقى پەنلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى دەل شۇ ۋاقىتتا ئىلىىدىغان بولغاچقا، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا ماسلىشىش قابىلىتىيىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان، شۇڭا ئاتا ئانىلارنىڭ بۇ خىزمەتكە يىقىندىن ماسلىشىشىنى ئۆمىد قىلىمىز.
"i9$w\lm
2. تۈرلۈك تەقلىدى ئىمتىھان ۋە ئوقۇتۇش مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئىچىش ئارقىلىق ئوقۇتۇشتا ساقلانغان مەسىلىلەر ۋاقتىدا ھەل قىلىنىدۇ.
y 8 `H*s@
بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ئىسلاھات ۋە ئۆزگىرىش بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، ئالدى بىلەن كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئىسلاھاتىدىكى ئۆزگىرىش جەھەتتە تەربىيلەش ئىلىپ بىرىلغاندىن باشقا، ئوقوغۇچىلارغا لىكسىيە سۆزلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئىمتىھان ئىسلاھاتىدىكى بىر قىسىم يېڭى ئۆزگىرىشلەر دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈلىدۇ، يەنە 3-يىللىقنىڭ 2-مەۋسۇمىدىن باشلاپ ھەر ئايدا بىر قېتىم ئالىي مەكتەپ مانىۋېر ئىمتىھانى ئىلىش تۈزۈملىرى ئورنۇتۇلۇپ، نەتىجە ئەستايىدىل خۇلاسە قىلىنىدۇ. نەتىجە چىققاندىن كىيىن 3-يىللىق ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدە مۇھاكىمە يىغىنى تەشكىللەش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەكرار نىشانى ۋە پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوقوغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئايمۇ ئاي يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
3. ئەھۋالغا قاراپ ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش كۈچەيتىلىدۇ.
H.Pts>3r(
ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيە، تەپەككۇر جەھەتتىكى ئىقتىدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقۇرى نومۇر ئالايدىغان، ئايرىم يىتەكچىلىك قىلىنسا يۇقۇرى نومۇر ئىلىش ئېھتىمالى بولغان، كەسپى جەھەتتە ئالاھىدىكى بار بولغان ئوقوغۇچىلارغا قارىتا ئايرىم يىتەكچىلىك قىلىش، نوقتىلىق تەربىيلەش، بىر قىسىم پەنلەردە سەل ئاجىز ئوقوغۇچىلارنى دەم ئىلىش كۈنلىرىدە ئايرىم يىتەكلەش ئارقىلىق، ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئوقوغۇچىلار بىلەن ئارقىدا قالغان ئوقوغۇچىلارغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش ئارقىلىق، ئومومى ئوقوغۇچىلارغا يۈزلىنىش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
2 }+V3/
4. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىنىدۇ.
4z?6[Cg<
بىر ئوقوغۇچىنىڭ ئەخلاقىنىڭ قانداق بولۇشى ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بىز 3-يىللىق ئوقوغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ ئىچى سىرتىدىكى كۈندىلىك پائالىيەتلىرىگە نىسبەتەن نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ جەمىيەتتىكى ناچار ئىدىيە، ناچار قىلمىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئەخلاق جەھەتتە ئاينىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىشلىش جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز.
d\xh>o
5. ئارقا سەپ كاپالەت خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىنىدۇ.
F5{~2~Cw(
مەكتىپىمىز پۈتۈن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ 3-يىللىقلارنىڭ ئارقا سەپ كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سىنپ مۇدىرلار ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا ھەقىقى كۆڭۈل بۆلۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئاۋالقى روھى ھالىتى جەھەتتە كەڭ ئاتا ئانىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى كەيپىيات بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا مەركەزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت بىر ئوبلاستقا بەرگەن ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئوقوغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىپ، 1500 يۇەن، 1000 يۇەن، 500 يۇەندىن تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
W<v?D6dFq
بىز بۇ نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىلگىركى ھەر قانداق يىلدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدەندۇق، 3-يىللقلارغا دەرس ئۆتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ نۇرغۇن بەدەل تۆلىدى ۋە تۆلەشكە ھەر قاچان تەييار تۇرىۋاتىدۇ. شۇنداق بولغاچقا بىز ھازىرغىچە تەشكىللىگەن تۇنجى قېتىملىق مانىۋېر ئىمتىھان نەتىجىسىمۇ حىلى ياحشى بولدى. بىراق بىزنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىمىزنى ھەقىقى ئۆلچەيدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تېخى ئالدىمىزدا، بىزنىڭ بۇ قېتىمقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقۇرى نەتىجىگە ئىرىشىشتە ئىشەنچىمىز زور، تەييارلىقىمىزمۇ پۇختا. بۈگۈن بىزنىڭ كەڭ ئاتا ئانىلارنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىشىمىزمۇ بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
8_m dh +
ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار، مەكتىپىمىزنىڭ بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقۇرى نەتىجىگە ئىرىشىشىدە يۇقۇرقى خىزمەتلەردىن باشقا يەنە جەمىيەت ۋە ئائىلىنىڭ رولىمۇ ئىنتايىن زور. مانا مۇشۇنداق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا 177 كۈن قالغان ئاچقۇچلۇق پەيىتتە ئائىلە مۇھىتىنىڭ ئوقوغۇچىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ.
A0o6-M]'0
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئازلا قالغان مۇشۇنداق پەيىتتە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنىتلىرىدىنمۇ بەكراق جىددىلىشىش كەيپىيايى ئىچىدە تۇرىۋاتقان بولۇشى مومكىن. شۇڭلاشقا بۇ قېتىمقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانى بولۇپلا قالماستىن ئاتا ئانىلار ئۈچۈنمۇ بىر قېتىملىق ئىمتىھاندىن ئىبارەت. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنىتلىرى ئىمتىھان بىرىۋاتقان مەزگىلدىكى روھى جەھەتتىن جىددىلىشىش ھالىتى ئىنتايىن ئىغىر بولىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇشۇ پەيىتتىكى پوزىتسىيىسى ۋە ئۇسۇلىنىڭ نامۇۋاپىق بولۇش سەۋەبىدىن پەرزەنىتلىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە تەسىرى بولۇشى مومكىن. ئەمەلىيەتتە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمۇ ئانچە سىرلىق نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭمۇ ئەمەل قىلىدىغان قانۇنىيىتى بولىدۇ، پەقەت مۇشۇ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىنسىلا ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا مەغلۇپ بولىدىغان گەپ. شۇڭا مەن بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەرنىڭ پىكىرى ۋە ئۆز قارىشىمغا ئاساسەن، كەڭ ئاتا ئانىلارغا بىر قانچە تۈرلۈك تەكلىپ ۋە ئۆمىدىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.
K|E}Ni
e 2k!5OS
ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى «6 خاتالىق» تىن ساقلىنىش كېرەك:
:n{rVn}G
1. زىيادە كۆڭۈل بۆلۈش.
+#,t
ئاتا-ئانىلار ھەمىشە 1-،2-يىللىقلاردا ئەتىراپىلىق كۆڭۈل بۆلمەي، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئاز قالغاندا پەرزەنىتلىرىگە زىيادە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ، پۈتۈن ئائىلە بويىچە شۇ بالىنىڭ يىنىدىن چۆرگىلەپ كىتەلمەيدۇ، ھەتتا بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بارلىق ئىشىنى تاشلاپ بالىسىدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇلار پەرزەنىتىنىڭ خاتىرجەم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا پايدىسىز بولۇپ، ئەكسىچە پەرزەنىتلەرگە ئىنتايىن چوڭ روھى بىسىم ئىلىپ كىلىپ، ئىمتىھان مايدانىدا ئۆزىنىڭ نورمال رولىنى جارى قىلدۇرىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ.
qIuY2b`6
2. زىيادە ئارلىشىۋىلىش.
jaFBz&P/#
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار مۇشۇ مەزگىلنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارايدىغان بولغاچقا، پەرزەنىتلىرىنىڭ پەقەت ئۆگىنىش قىلىش، تەكرارلاش ئىلىپ بىرىشىنى، باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، ھەمىشە «ئۇنى قىلما»، «بۇنى قىلما»، «ئۆگىنىش قىلمامسەن»، «بۇنى قىلىشقا روخسەت يوق» دەپ كۆزىگە كىرىشىۋالىدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمىدىن زىيىنى كۆپ بولىدۇ.
118A6qyi
3. زىيادە ئىنتىزار بولۇش.
l)4KX{Rz{A
بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنىتلىرىنىڭ ئارزۇسىنى زىيادە يۇقۇرى مۆلچەرلەپ، پەرزەنىتلىرنىڭ ئەمەلىي سەۋيىسىنى بىلەن كارى بولمايدۇ، ئارزۇ تولدۇغاندا چوڭ مەكتەپلەرنى يىزىشقا قىستاپ، پەرزەنىتلىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى زىيانغا ئۇچىرىتىدۇ.
i%:oO KI
4. پەرزەنىتلىرىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويماسلىق.
J XPE9uH
بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئاز قالدى، تىلىۋىزۇر كۆرمەيسەن» دەيدىيۇ، لىكىن ئۆزلىرى تىلىۋىزۇر كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ؛ يەنە تېخى «دىققىتىڭنى چاچماي ئەستايىدىل تەكرار قىل» دەيدىيۇ، ئۆزى بولسا قەرت قاتارلىق باشقا ئويۇنلارنى ئويناپ ئولتۇرىدۇ. بۇنداق بولىۋەرسە پەرزەنىتلىرىگە ئەكىس تەسىر بىرىپ، ئۇنىڭ ئۆگىنىشىگە تەسىر يىتىدۇ.
[K9l>O
5. پەرزەنىتلىرىدىكى پىسخىك مەسىلىلەرگە سەل قاراش.
p? >(y
6. پەرزەنىتلىرىنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقلىنىشىغا سەل قاراش.
Uz} #.
بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ئىلگىرى پەرزەنىتلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كىتەلمىگەن بولسا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەزگىلىدە ئالاھىدە كۈتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن باللاردا ئوزۇقلۇق يەكلەش، ئىغىر كىلىش، ھەتتا بىر قىسىم ئەگەشمە كىسەللەكلەر كىلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تولۇق قاتنىشىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
RpOGY{[)[
ئۇندىن باشقا ئاتا-ئانىلار يەنە تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن ساقلىنىش كېرەك:
w/IYQC\v
1. كوتۇلداۋەرمەسلىك:
ZUyG }6)J
كۈن بويى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان بىرىدىغانلىقىنى ئىغىزدىن چۈشۈرمەي، ھەر ۋاقىت پەرزەنىتلىرىگە «ۋاقىت ئاز قالدى، ئۆگىنىش قىلمامسەن، سەن چوقۇم پالانى ئالىي مەكتەپكە ئۆتمىسەڭ بولمايدۇ، بولمىسا..» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇلارنى جىددىيلەشتۈرىدۇ، ياكى ئۇلارنى بىئارام قىلىۋىتىدۇ.
07P/A^Mkx
2. ۋەدە بەرمەسلىك:
O3/][\
بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار مۇكاپاتلاش باللارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ دەپ قارىغاچقا، ھەمىشە ئۇلارغا: «ياخشى مەكتەپكە ئۆتەلىسەڭ مەن ساڭا خاتىرە كومپىيۇتېر ئىلىپ بىرىمەن»، «ناۋادا ئىچكىردىكى مەكتەپلەرگە ئۆتەلىسەڭ، نىمە دىسەڭ شۇنى قىلىپ بىرىمەن» دەپ ۋەدىلەرنى بىرىدۇ، لىكىن بۇلارنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئانچە يۇقۇرى بولۇپ كەتمەيدۇ.
?x1sm"]p'
3. تەھدىد سالماسلىق:
z6)b XL[f
بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنىتلىرىگە بىسىم قىلىپ: «ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگىنە قىنى، بىزنىڭ سەن بىلەن كارىمىز يوق» دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق باللىرىغا تەھدىد سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باللاردا بىر خىل قورقۇش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
m#1>y}
تۆۋەندىكى نوقتىلارغا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك:
XuS3#L/3p
1. ياخشى بولغان ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بىرىش كېرەك:
yC \dM1X
نورمال دەم ئىلىش كۈنلىرىدە نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىدىكى ۋە پەرزەنىتلەر ئوتتۇرىىسىدكى ئىناقلىقىنى قەتئى ساقلاش كېرەك.
[x{z}rYH
2. پەرزەنىتلىرىنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
I;1 W6uD=
3. پەرزەنىتلىرنىڭ ئوزۇقلىنىش ۋە ئۇيقۇسىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
GdN9bA&,
4. پەرزەنىتلىرىنىڭ ئارزۇ تولدۇرىشىغا دائىر بىلىملەرنى ۋە ئۇچۇرلارنى ئىگەللەشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
M>qqe! c*
بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كىيىنكى ئارزۇ تولدۇرۇش ئىلگىركى يىللارغا قارىغاندا ئوخشىمىغاچقا، ھەر خىل يوللار ئارقىلىق، بولۇپمۇ مەكتەپ ۋە سىنىپ مۇدىرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىلىپ تۇرۇش، ئارزۇ ھەققىدە پەرزەنىتلىرى بىلەن پىكىرلىشىپ تۇرۇش لازىم.
nA*Udrcn
مەن ئىشىنىمەنكى، مەكتەپ، ئائىلە، ئوقوغۇچى ئۈچ تەرەپ ئورتاق تىرىشىدىغانلا بولساق، بىزنىڭ بۇ يىلقى نىشانىمىز ئەمەلگە ئاشقۇسى!
gn//]|#H+
ئاخىرىدا مەن مەكتىپىمىز خىزمەتلىرىنى يىقىندىن قوللىغان ئاتا-ئانىلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئىيىتىمەن ۋە كۆپچىلكنىڭ ئائىلىسىگە بەخىت، تىنىگە سالامەتلىك، خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن!
,V^2 Oa
سۆزۈم تۈگىدى، كۆپچىلىككە رەھمەت!
jOUM+QO
A"tE~m;"7
2012- يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۉنى
~P7zg!p/q
9dVHh?E
ئەكبەرنىياز
2012-12-11 19:24
ئەمەلىيەتچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى چىقىپتۇ ، بەك ياخشى ماتىريالدىن بىرنى يوللاپسىز ياشار مۇئەللىم ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!! ئەمدى ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئاچساممۇ قىينالمايدىغان بولدۇم .
arzu
2012-12-11 21:41
ياشار مۇئەللىم:
j[Jwa*GQP
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز. مەن بىر ئانا ھەم بىر مۇئەللىمە بولۇش سۈپىتىم بىلەن تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم، نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلىرىمغا ھەم ئاتا - ئانىلارغا شەنبە كۈنى ئائىلە باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەيدىغان سۆز ھەققىدە ئىدىيىۋى تەييارلىققىمۇ ئىگە بولدۇم.
i#NtiZ.t=
]u^ybW"
رەھمەت سىزگە!
gulhan
2012-12-11 22:00
ياشار مۇئەللىم:
Es- =0gpK
پايدىلىنىش قىممىتى زور بولغان ياخشى ماتىريال يوللاپسىز. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
رەيھانگۇل
2012-12-11 22:13
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى، تولىمۇ ئەھىمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز.
&1Y7Ne
توغرا مۇشۇنداق مەزگىلىدە ئاتا-ئانىلار بىلەن سۆھبەتلىشش، ئولارنى تەربىيلەش بەكمۇ مۇھىم. بۇ نۇتۇقتىن ئوقۇغۇچىلارمۇ، ئاتا-ئانىلارمۇ ياخشى نەپ ئالغۇدەك. ئوشۇق گەپ يوق، ھەممىسى قولاققا خوش ياققۇدەك پايدىلىق مەسلىھەتلەر ئىكەن.
^?_MIS`4N
كىلەر يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەھەر بويىچە ئەڭ ياخشى نۇمۇر ئېلىپ، كۆڭۈلكىدەك ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
]yQqx*
جاپاكەش، ھارماس ئۇستازلارغا چىدام ۋە غەيرەت تىلەيمەن!
ئەرك
2012-12-11 23:06
ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي.
tursungul
2012-12-12 00:56
<<پەرزەنىتلىرىدىكى پىسخىك مەسىلىلەرگە سەل قاراش.>>.....بۇ مەسىلىگە ئاتا-ئانىلار ھەقىقەتەن كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك.پەقەت 3- يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىلا ئەمەس بەلكى بارلىق ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ مۇھىم ھالقىسى قىلىش كېرەك
ADM!4L(s4}
تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.بولسا ئەسەرلىرىڭىز بىلەن داۋاملىق يۈز كۆرۈشۈپ تۇرايلى!
yar130
2012-12-12 01:07
دەل ۋاقتىدا يوللاپسىز،ئىككى كۈندىن كېيىن ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئاچماقچى ئىدىم.
fGW~xul_
بۇ بەك ياخشى بولدى،ئەجرىڭىزگە رەھمەت!
مەرىپەت0999
2012-12-12 11:03
ياشار مۇئەللىم،ئەجرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنگەي!!
ماھى
2012-12-12 13:40
پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ياخشى ماتېرىيال ئىكەن.ئەجرىڭىزگە رەھمەت!
koksangun
2012-12-13 10:54
مۇشۇنداق ماتېرىياللاردىن بىر ئامبار قۇرىۋالساق ، پايدىلىنىشقا قۇلايلىق بولىدىكەن ، ياشار مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر . مەن ساقلىۋالاي .
ئىلتىماس
2012-12-17 13:48
مۇئەللىم ئەجرىڭىزگە رەھمەت.باللارنى ياخشى نەتىجىگە ئېرشسۇن دەيدىكەنمىز ،ئاتا-ئانا ،مەكتەپ،ئوقۇغۇچى ئۈچ تەرەپ بىرلىشىشى كىرەك.
نۇرلالە
2013-04-14 17:32
q! ?*M?Oz
#j=yQrJ
بەك ياخشى تېما يوللاپسىز ئەجىرىڭىزگە رەھمەت .
tawpek
2013-04-15 01:16
بۇ تېمىنىڭ قايتا پايدىلىنىدىغان ۋاختى بوپتۇ مانا.
شۈكۈر
2014-02-28 00:09
پايدىلىنىش قىممىتىياخشى ماتىريال يوللاپسىز. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت
بابۇر0725
2014-02-28 01:30
ئەتراپىق ياخشى يېزىلىپتۇ
查看完整版本: [--
ئاتا ئانىلارعا سۆز
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled