查看完整版本: [-- « كەنجى» چاسا پىرسۇناژمۇ ياكى يۇمىلاق پىرسۇناژمۇ؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سۇئال-جاۋاپلار -> « كەنجى» چاسا پىرسۇناژمۇ ياكى يۇمىلاق پىرسۇناژمۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

qirak 2012-12-10 22:07

« كەنجى» چاسا پىرسۇناژمۇ ياكى يۇمىلاق پىرسۇناژمۇ؟

« كەنجى» چاسا پىرسۇناژمۇ ياكى يۇمىلاق پىرسۇناژمۇ؟ ?geEq'  
  ^f,('0p- >  
مەن ئەدەبىيات دەرس مەزمۇنلىرىنى تەكرارلاش جەريانىدا« دولان ياشلىرى» ھىكايىسىدىكى كەنجىنى يۇمىلاق پىرسۇناژ دەپ چۈشەندۈرگەنىدىم. چۈنكى ئۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىكى سولچىل ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرى بىلەن دولان مىللى موقام سەنئىتىنى چەتكە قاقىدۇ، مۇقامچىلارنى ئۆچ كۆرىدۇ. ئۇنى« كونىلىق» دەپ قارايدۇ. چىش -تىرنىقىغىچە قارشى تۇرىدۇ. ئەمما ۋەقەلىك تەرەققىياتى بويىچە كېيىنچە دولان مىللى موقام سەنئىتىنى چۈشىنىدۇ،ئۇنى ياقتۇرىدۇ. موقامنىڭ قىمممىتىنى بالدۇرراق بىلمىگىنىگە پۇشايمانمۇ قىلىدۇ. دېمەك ، ۋەقەلىك تەرەققىياتى دەل ئۇنىڭ مۇشۇ ئىدىيە ئۆزگىرىشىنى گەۋدىلەندۇرۇپ،داۋاملىشىپ بارىدۇ. ئىدىيە جەھەتتىن شۇ ۋەقەلىك ئىچىدە ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە بولدى. شۇڭا يۇمىلاق پىرسۇناژ دەيمىز دېگەنىدىم. بىراق، مېنىڭ بىرقىسىم خىزمەتداشلىرىم ئۇنى چاسا پىرسۇناژ بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئەسلىدە ھەممە ئىش قولىدىن كېلىدىغان،ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار،مەيدانى ئۇچۇق ،ياخشى بالا ئىدى. ئۇ پەقەت كىچىككىنە كەمچىللىكىنى تولۇقلاپ، مۇكەممەل بولدى. ئىدىيسىنى تۇراقسىزلىققا ئىگە دېگىلى بولمايدۇ،شۇڭا چاسا پىرسۇناژ دەيمىز دەپ تۇرۇۋالدى. E@_M|=p&  
    «كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ» دېگەندەك، كەڭ كەسىپداش ئۇستازلارنىڭ قارىشىنى بىلىپ بېقىش مەقسىدىدە بۇ سۇئالنى سۇندىم. پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر!  vx\h Njb  

ئەكبەرنىياز 2012-12-10 22:49
سىزنىڭ چۈشەندۈرگىنىڭىز دەل توغرا بوپتۇ . ئەگەر كەنجى چاسا پىرسوناژ بولغان بولسا ئەسەردە قەتئىي ئۆزگەرمەي تۇراقلىق خاراكتىرىنى ساقلىسا بولاتتى ، ئەمما ئۇ، ئەسەر ئاخىرىدا روشەن ھالدا ئىدىيە ئۆزگىرىشى قىلىدۇ ، بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇنى چاسا پىرسوناژ دېيىشكە ھېچقانداق ھەققىمىز يوق . باشقا كەسىپداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى قانداقكىن ؟

arkzat 2012-12-10 23:19
    مېنىڭچە،  ئەگەر رەھمەتلىك زوردۇنكام ھايات بولغان بولسا، «كەنچى چاسا پېرسوناژمۇ ياكى يۇمىلاق پېرسۇناژمۇ؟ » دەپ سورىساق، تولىمۇ قىزىقارلىق بىرەر جاۋاب بىلەن خۇلاسىلاپ بەرگەن بولاتتى-يۇ، ئەمما ئۇنىڭ «چاسا» ياكى «يۇمۇلاق»لىقىنى  مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ناتايىن ئىدى! دەرۋەقە، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىدە مانا مۇشۇنداق بىمەنە بىر قائىدە بار. نەدىمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلارنى ئۇنداق چاسا، دۆگىلەك، يەنە بىر نېمە...دەپ ئايرىۋالغىلى بولسۇن؟! مۇبادا، چوقۇم ئىككىسىنىڭ بىرىگە ئايرىش تەلەپ قىلىنسا، سىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى قايىل بولىدىغان ئىلمىي قاراش بىلەن چۈشەندۈرسىڭىز،كەنچى دەل شۇنداق پېرسوناج بولىدۇ!!!

رەيھانگۇل 2012-12-11 00:45
« چاسا پىرسۇناج»، «يومىلاق پىرسۇناج» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە بەرسەڭلار بوپتىكەن.

saman22 2012-12-11 19:13
«دولان ياشلىرى »ھېكايىسدىكى كەنجى چاسا پېرسۇناژ . چۈنكى كەنجىنىڭ خاراكتىردىكى ئۆزگىرىش ئۇنىڭ خاراكتىرىنى تولوقلاش شەكىلدىكى ئۆزگىرىش . يۇمىلاق پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكىدە ئىزچىللىق بولمايدۇ .ئۇلارنىڭ خراكتىردىكى ياخشى ۋە يامان سۈپەتلەر  دەۋرىيلىنىپ،  بىرسىنىڭ ئورنىنى يەنە بىرسى ئىگەللەپ ئالمىشىپ تۇرىدۇ .كەنجىنىڭ خاراكتىردە بولسا بىر خىل سەلبى ھالەت ئىجابىي ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ.دەۋرىيلىنىش بولمايدۇ .شۇڭا كەنجىنى چاسا پېرسۇناژ دېسەك مۇۋاپىق .

ئۇيغۇرجان 2012-12-11 21:53
بىز ئوقۇۋاتقان چاغلاردا بۇنداق«يۇمىلاق،چاسا»پ پىرسۇناژ دەيدىغان ئاتالغۇ يوق بولغىمىتتى.........مەن ئۇچۇن يىڭى بىلىم بوپتۇ .

ئەكبەرنىياز 2012-12-11 22:15
引用第4楼saman22于2012-12-11 19:13发表的  :«دولان ياشلىرى »ھېكايىسدىكى كەنجى چاسا پېرسۇناژ . چۈنكى كەنجىنىڭ خاراكتىردىكى ئۆزگىرىش ئۇنىڭ خاراكتىرىنى تولوقلاش شەكىلدىكى ئۆزگىرىش . يۇمىلاق پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكىدە ئىزچىللىق بولمايدۇ .ئۇلارنىڭ خراكتىردىكى ياخشى ۋە يامان سۈپەتلەر  دەۋرىيلىنىپ،  بىرسىنىڭ ئورنىنى يەنە بىرسى ئىگەللەپ ئالمىشىپ تۇرىدۇ .كەنجىنىڭ خاراكتىردە بولسا بىر خىل سەلبى ھالەت ئىجابىي ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ.دەۋرىيلىنىش بولمايدۇ .شۇڭا كەنجىنى چاسا پېرسۇناژ دېسەك مۇۋاپىق .
h*h+VM  
بۇ نېمە دېگىنىڭىز ؟ نىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۆز گېپىڭىزنى ئۆزىڭىز ئىنكار قىپسىزغۇ ؟ o @~XX@5l  
چاسا پىرسۇناژنىڭ خاراكتىرى دەۋرىلىك ئۆزگىرىپ تۇرمايدۇ ، دەپسىزۇ ، كەنجىنىڭ خاراكتىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئېتىراپ قىلماپسىز ، سىز ئەسەرگە قارشى چىقماقچىمۇ ،-قانداق ؟  ئەسەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ بېقىڭ ، ئەسەرنىڭ بېشىدا كەنجى دادىسى بىلەن ئېيتىشىپ قالىدۇ ، پالتاخۇن ئوغلىغا ئاچچىقلاپ ناخشا ئېتمىغانغا خوش بولىدىغان ئىش بولسا مەن ئۆلگەندە خوش بولۇۋالسۇن ، دەيدۇ . دەل شۇ چاغدا كەنجىنىڭ ئاپىسى ، « بۇنداقمۇ بالا ئەمەستى ، بېلىكىگە قىزىل بەلگە تاقىغانلار كېلىپ ئۇنىمۇ كونا ، بۇنىمۇ كونا دەپ يۈرۈپ مۇشۇنداق ناخشا -سازغا ئۆچ قىلىپ قويدى بالىنى » دەيدۇ . ئەجىبا بۇ بايانلاردىن سىز كەنجىنىڭ ئەسلى كىچىك چاغلىرىدا ناخشا -سازغا ئامراق خاراكتىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىڭىزمۇ ؟ ئەسەر ئاخىرىدا كەنجى مۇھەببەتنىڭ سېھرىي كۈچىدە ئۆزگىرىپ يەنە مىللىي سەنئەتكە ۋە ئۇنىڭ راھىتىگە ھەقىقىي يوسۇندا قايىل بولىدۇ ، بۇ ئەسەردىكى باش پىرسوناژ كەنجىنىڭ خاراكتىرىنىڭ دەۋرىلىك ئايلىنىشى بولماي نىمە ؟ئەگەر زوردۇنكام بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى يەنە بىر «مەدەنىيەت زورئىنقىلابى »بىلەن ئاياغلاشتۇرغان بولسا ئەھۋال قانداق بولار بولغىيدى ؟  قاراپ تۇرۇپ ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇپ قارىغۇلارچە ئەگەشسەك ئانچە ياخشى بولماس . ئۆزىمىز بالىلارغا لوگىكا بىلىملىرىدىن ساۋات بېرىپ تۇرۇپ ، لوگىكىغا زىت سۆزلىسەك تېخىمۇ ياخشى بولماس . قېنى ئويلاپ باقايلى ، بىزنىڭ دەرسلىكلىرىمىزدىكى تېكىستلەر ۋە ئۇلاردا ھەركەت قىلىۋاتقان پېرسوناژلار بازاردىكى مۇشتۇمزورلار «ئا»دەپ ۋارقىرىسا «ئا» بوپقالىدىغان «ب» دەپ ۋارقىرىسا «ب» بوپقالىدىغان قۇرۇق سەپسەتىمۇ ؟ R%8nR6iG"  
      ئەسەر 1979-يىلى يېزىلغان . بۇ دەۋىردە يېزىلغان ئەسەرلەردىن ئىزدەپ باقساق سىنپىيلىققا، مىللىيلىككە ئىگە ئەمەس ئەسەرلەردىن بىز قانچىلىكىنى تاپالارمىز ؟ بۇ ئەسەرنى قېنى كىم مىللىيلىككە ، سىنپىيلىققا ئىگە ئەمەس دېيەلەيدۇ ؟ پېرسوناژلارنىچۇ ؟ b ]1SuL  
   زور ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئەگەر دانكۇ ھىكايىسىنى ھىكايە ئەمەس بەلكى چۆچەك دېسە ، بىزمۇ ئۇ ئەسەرنى چۆچەك دېيىشىمىز كېرەكمۇ ؟  بۇ قانداق تەپەككۇر ؟ بۇ قانداق پوزىتسىيە ؟ v3Te+oLg  
    گېپىم بەك قىرلىق چىقىپ كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭلار مۇنبەرداشلار ، سەل ھاياجانلىنىپ قالغان ئوخشايمەن . ئەمما مەن دەيمەن . بىز ھەر قانداق جايدا گەپ قىلغاندا گېپىمىزگە ئىگە بولۇشىمىز ھەم قىلغان گېپىمىزنىڭ ئاساسى بولۇشى كېرەك . ئۇنداق زىددىيەتلىك پاراڭ سالىدىغان ۋاقتىمىز ئاللىبۇرۇن ئۆتتى . كۆپچىلىكتىن يەنە بىر قېتىم ئەپۇ سوراي . يۇقارقىلار پەقەت مېنىڭ بۇ دەرسنى ئىككى قېتىم ئۆتۈش جەريانىدا يەكۈنلىگەن ئازراق خۇلاسەم . كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

yaxar 2012-12-12 01:16
引用第4楼saman22于2012-12-11 19:13发表的  :«دولان ياشلىرى »ھېكايىسدىكى كەنجى چاسا پېرسۇناژ . چۈنكى كەنجىنىڭ خاراكتىردىكى ئۆزگىرىش ئۇنىڭ خاراكتىرىنى تولوقلاش شەكىلدىكى ئۆزگىرىش . يۇمىلاق پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكىدە ئىزچىللىق بولمايدۇ .ئۇلارنىڭ خراكتىردىكى ياخشى ۋە يامان سۈپەتلەر  دەۋرىيلىنىپ،  بىرسىنىڭ ئورنىنى يەنە بىرسى ئىگەللەپ ئالمىشىپ تۇرىدۇ .كەنجىنىڭ خاراكتىردە بولسا بىر خىل سەلبى ھالەت ئىجابىي ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ.دەۋرىيلىنىش بولمايدۇ .شۇڭا كەنجىنى چاسا پېرسۇناژ دېسەك مۇۋاپىق .
,\+tvrR4X  
@!0j)5%  
دوستۇم saman22 : يۇقارقى بايانلىرىڭىزنى ئەستايىدىللىق بىلەن قايتا- قايتا ئوقۇپ چىقتىم، بۇ ھەقتە مەنمۇ قارىشىمنى ئوتتۇرىعا قويۇپ باقاي، سىز يۇقارقى بايانىڭىزدا  «كەنجىنىڭ خاراكتىردىكى ئۆزگىرىش ئۇنىڭ خاراكتىرىنى تولوقلاش شەكىلدىكى ئۆزگىرىش » دەپسىز، ئەجەبا كەنجىگە ئوحشاش يەرلىك ناحشا- مۇزىكىلارنى، يەرلىك ئۆرپ- ئادەتلەرنى، جۉملىدىن دۇنيا مەدەنىيەت حەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر ھىسابلانعان مۇقاملارنى ياقتۇرمايدىعان، ئۇنىڭدىن بىزار بولىدىعان، يىعىنچاقلىعاندا مىللى مەدەنىيەتكە ئاسىيلىق قىلعان كىشىنىڭ، كىشىلىك تۇرمۇش ئىھتىياجى (مۇھەببەت) سەۋەبىدىن ھەقىقەتكە قايتىشىنى ئاددىلا «خاراكتىرىنى تولوقلاش شەكىلدىكى ئۆزگىرىش» دىسەك بەك يەڭگىلتەكلىك بوپ قالماسمۇ؟ مىنىڭچە «كەنجىنىڭ خاراكتىردىكى ئۆزگىرىش» ئۇنىڭ حاراكتىر جەھەتتە بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا ئۆتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. Q, #M 0  
مىنىڭچە كەنجى ئەينى تارىحى دەۋىردىكى شۇ زامان ئىلعار مەدىنىيىتىنى قانچىلىك ئىگەللىگەن بولىشىدىن، يىزا بويىچە داڭلىق رەسسام، ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ئەترەت باشلىقى، ئىتتىپاق شۇجىسى بولۇپ كىتىشىدىن، تۉرلۉك شەرەپ، مۇكاپاتلارعا نائىل بولۇپ كىتىشىدىن قەتئى نەزەر مىنىڭ نەزىرىمدە ئۇ بەرىبىر مىللى مەدەنىيەتنىڭ حائىنى، ئاسى گۇناھكارى، ئۇ بىر مەيدان ئۇسۇل بىلەنلا بۇ گۇناھلىرىنى يۇيۇپ كىتەلمەيدۇ، كىشىلىك تۇرمۇش ئىھتىياجى (مۇھەببەت) سەۋەداسى ئەمەلگە ئاشقاندىن كىيىن كەنجىنىڭ يەنە ئۇسۇل سورۇنىدا ئۆزىنى بىلمەي قىزىپ كىتىشىگە بىرنىمە دىگىلى بولمايدۇ. مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىعا تۆھپە قوشۇشىعا تىحىمۇ بىرنىمە دىگىلى بولمايدۇ. (ئەستايىدىل پىكىر يۉرگۉزىدىعان بولساق بۇ نۇقتىنى پەرەز قىلماق تەس ئەمەس)، دىمەك   كەنجىنىڭ حاراكتىرىدە ئىجابى، سەلبىي تەرەپلەر تەڭ ماۋجۇت، ھەم بۇ ھالەت حىلى ئۇزۇنعىچە داۋاملىشىدۇ، شۇڭا كەنجىنى يۇمۇلاق پىرسۇنەژ دىيىش ئەقىلگە مۇۋاپىق.

زىيا 2012-12-12 01:30
باش پىرسۇناژ، يانداشما پىرسۇناژ دەپقۇ ئاڭلىغان... `Jm{K*&8Q  
ئەگەر خارەكتىر جەھەتتىن ئايرىماقچى بولساق، مەن ئەركزاتنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن... نەردىمۇ بىر قۇتۇپقا ئۆتكەن مۇتلەق ئادەم بولسۇن، ئۇ بىزنىڭ زەھەرلەنگەن كاللىمىزنىڭ يالدامىسى.... خۇددى دۆلىتىمىز بۇرۇن ئىشلىگەن كىنولاردىكى ياخشى ئادەم يامان ئادەملەرنىڭ چەك-چىگرىسىنى ئېنىق ئايرىۋالغاندەك،ھەتتا ئۇلارنىڭ چىرايىدىنمۇ ئۇنىڭغا باھا بەرگىلى بولىدۇ... Qbl6~>T  
بۇ ئىنتايىن خاتا كۆز قاراش، ئادەم ئىجدىمائىيلاشقان بولغانلىقتىن،ئۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ، ھەرگىز بىر خىللا ياكى بىر قۇتۇپتىلا بولمايدۇ...ئەدەبى ئەسەرلەردىكى پىرسۇناژلارمۇ ھەم شۇنداق، ئۇنىڭ ئىدىيە ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۇنى چاسا يۇمىلاق دىسەك ،خۇددى ئۇنىڭ ئىدىيسىنى مەلۇم شەكىلگە كىرگۈزۋالغان بولىمىز... بۇ لوگىكىغا خىلاپ. 7w>"M  
ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى تىپ بۇنىڭ سىرتىدا ،چۈنكى تىپ بىرئاز مۇتلەقلەشتۈرۈلگەن بولىدۇ، چۈنكى ئۇ شۇ بىر ئادەمگە ئەمەس...نۇرغۇن ئادەمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئەكبەرنىياز 2012-12-12 01:52
زىياغا : مېنىڭچە سىز ئەدەبىيات نەزىريەسىنى يەنە بىر كۆرۈپ بېقىڭ !!! B1nb23SY T  
بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز ئەسەر باش قەھرىمانىنىڭ خاراكتىرىدىكى سەلبىيلىك خاراكتىرىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىمۇ ياكى ئىجابىيلىق خاراكتىرىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىمۇ دېگەننى ئېنىقلاش ، ھەر قانداق بىر مەسئولىيەتچان ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىر سۇئالىغا سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ . مۇشۇ نۇقتىدىن بولسىمۇ ئازراق ئىزدىنەيلى !!! بىز ئوقۇغۇچىلارغا ئىجابىي سەلبىي ، مۇرەككەپ پىرسوناژغا بۆلىنىدۇ ، دەپ چۈشەندۈرگەن . ئوقۇغۇچىلار ئەسەر باش قەھرىمانىنىڭ زادى قايسى خىلغا كىرىدىغانلىقىنى سورىسا ، ئەجىبا بىز مۈجىمەل جاۋاپ بېرىشىمىز كېرەكمۇ ؟ بىز بىلمىگەنلىكىمىز ، ئاڭلاپ باەقمىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا بۇنداق قاراشنىڭ بولماسلىقى ھەقىقەت بولۇشى كېرەكمۇ ؟ بۇنداق دېسەك ئانچە قاملاشماس ، ئەڭ ياخشىسى تېمىنىلا ئوقۇماي ، ئىنكاسلارنىمۇ ئەستايىدىل ئوقۇپ باقساق ، ئەمەلىيەت ھامان مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ .  مەن بۇ تېمىغا ئىنكاس يازىدىغانلاردىن ئەڭ ئاۋۋال ئەسەرنى قايتا - قايتا ئوقۇپ بېقىشىنى ھەم ئىنكاسلارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ ، مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . a.%]5%O;t  
يەنە ئىنكاسلارنىڭ كۆپرەك يېزىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، كۆپچىلىككە رەھمەت !!!

yaxar 2012-12-12 01:55
زىبا: بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان يۇمىلاق پىرسۇناژ دەل سىز دەۋاتقان حاراكتىرى مۇرەككەپ، نوقۇل ئىجابى، ياكى سەلبىي دەپ بىر قۇتۇپقا ئىتتىرىۋەتكىلى بولمايدىعان پىرسۇناژلارنى كۆرسىتىدۇ، چاسا پىرسۇناژلار بولسا نوقۇل ئىجابى، ياكى سەلبىي دەپ بىر قۇتۇپقا ئىعىپ كەتكەن پىرسۇناژلارنى كۆرسىتىدۇ.

زىيا 2012-12-12 02:21
ئۇ ئەسەرنى يادقا ئېىيتىپ بىرەلەيمەن... بەلكىم سىلەرنىڭ دەۋاتقان پىرسۇناژ تەھلىللىرىڭلار توغرىدۇ، مەن ئۆز كۆز قارىشىمنى كۆزدە تۇتتۇم. @C z1rKU^l  
ئەدەبىيات نەزەرىيسى؟ مېنىڭچە ئۇيغۇر ئەدەبىيات نەزەرىيەسى تىخى تىكلەنمىدى. l_,8_u7G  
سەۋەبى: ھازىرمۇ ئالي مەكتەپ ئەدەبىيات كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا بىر زامانلاردا ئابلەت ئۆمەر (ئۇ كىشنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قۇشقان تۆھپىسىگە كۆز يۈمغىلى بولمايدۇ) تۈزگەن ئەدەبىيات نەزەرىيىسىنى سۆزلەيدۇ... بۇ كىتابنى تەپسلىي كۆرگەن كىشى ئۇنىڭ بەزى خاتالىقلىرىنى بىلىۋالالايدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ قۇيۇق رۇس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان نەزەرىيە بولۇپ ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەزەرىيەسىگە بەزى جايلىرى دىگەندەك چۈشمەيدۇ... +S/8{2%?DG  
L"}@>&6  
ئۇندىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئەدەبىيات نەزەرىيىلىرى كىتابلىرى چىقتى،مەسلەن ئۆزلىگىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن دىگەندەك. jU4Ir {f  
ھەممىسى كۆچۈرۈلمە،چالا نەزەرىيەلەر...ھەم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ماس كەلمىگەن،شوئار تۈسىنى ئالغان ساختا نەزەرىيەلەر. (بىكاردىن بىكار بۇنداق دىمىدىم مەن بۇ تۇغۇرلۇق كۆپ ئىزدەنگەن،  نۆۋىتى كەلسە پاكىتلىرىممۇ ئوتتۇرىغا قويىمەن.) HnY: gu  
ئەلۋەتتە نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن كىلىدۇ، ئۇنى سىېستىمىلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش،ماسلاشتۇرۇش ئۇ باشقا مەسىلە.

koksangun 2012-12-12 10:03
مېنىڭچىمۇ ، كەنجى چاسا پېرسۇناژ .

istami 2012-12-12 11:33
‹‹دولان ياشلىرى››بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى مۇنەۋۋەر ھېكايىلەرنىڭ بىرى، بۇ ھېكايىدىكى كەنجى تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن پېرسوناژ.ھېكايىنىڭ دەسلەپكى بۆلەكلىرىدە كەنجىنىڭ خاراكتېرىدە ئىجابىي ھەم سەلبىي تەرەپلەر تەڭ مەۋجۇت ئىدى،لېكىن ھېكايە ۋەقەلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا كەنجىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىدە رۇشەن ئۆزگىرىش بولۇپ،ئۇنىڭ خاراكتېرىدىكى سەلبىي تەرەپ ئىجابىي تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىدۇ.بۇ خىل ئۆزگىرىش كەنجىنى كەم كۈتىسىز دولان يىگىتىگە ئايلاندۇرىدۇ.يېڭىچە ئەدەبىيات نەزىريىسىدىكى ‹‹يۈملاق پېرسوناژ››،‹‹چاسا پېرسوناژ›› دېگەن نەزىرىۋىي ئاتالغۇلارغا نىسبىتەن ئېيىتقاندا كەنجىنىڭ خاراكتېرىدە بىر خىل ئۆزگىرىش بار،ئۆزگىرىش جەھەتتىكى تەكرارلىق يوق.شۇڭا مېنىڭچە كەنجىنى چاسا پېرسوناژ دېسەك مۇۋاپىق بولىدۇ.زوردۇنكامنىڭ ‹‹ئانا يۈرت››تىرلوگيىسىدىكى مۇختەر باي دەل يوملاق پېرسوناژدۇر.مۇختەر باينىڭ خاراكتېرىدىكى ئۆزگىرىش بىلەن كەنجىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىدىكى ئۆزگىرىشنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساقمۇ كەنجى چاسا پېرسوناژ بولىدۇ.

koksangun 2012-12-12 11:52
مېنىڭچە ، يۇمىلاق پېرسۇناژلار تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپلىكى ئىچىدە ئۆز مۇرەككەپلىكى بىلەن يېزىلغان ، يازغۇچىنىڭ ئۇچۇق ئاشكارا  ھېسسىيات ، پوزىتىسىيىسى ، باھاسىدىن خالىي ھالدا يارىتىلغان پېرسۇناژلارنى كۆرسەتسە كېرەك . HuK'tU#  
چاسا پېرسۇناژ يازغۇچىنىڭ قىممەت قارىشى ئەلگىكىدىن ئۆتكەن ، ئۇنىڭغا مۇھەببەت نەپرەت تامغىسى ئۇيۇلغان ، باھا ۋەقەلىك تەپسىلاتى جەريانىدىلا بېرىلىپ بولىدىغان ، سەلبىي ، ئىجابىيلىقى ئېنىق بولغان پېرسۇناژلارنى كۆرسەتسە كېرەك . IF1?/D"<  
ئەگەر شۇنداق باھالاش توغرا كەلسە ، يۇمىلاق پېرسۇناژنى يارىتىش جەريانى بىر زور قۇرۇلۇش جەريانىدۇر ، ئۇنىڭغا كېتىدىغان ئەمگەك تولىمۇ زور بولىدۇ .

koksangun 2012-12-12 11:54
« يۇمىلاق پېرسۇناژ ، چاسا پېرسۇناژ » قەيەردىن كىرگەن ئاتالغۇ بولۇپ كەتتى ؟ تەرجىمە قىلىنغان نەزەرىيەمۇ ؟

arkzat 2012-12-12 13:45
  ئىسسىت!!!!! بىچارىلارچە بىلجىرلاشلارغا!!! ئۇنى ياپسالاپ، چاسىلاشتۇرۇپ، رەندىلەپ، قىرقىپ نېمە قىلاتتىڭلار!؟ دېدىمغۇ: مەرھۇم زوردۇن ئاكا ھايات بولسا، بۇ سوئاللارغا لەنەتلىك بىر كۈلۈپ قويار ئىدى!!!! c^=,@#  
  كەنچىكا، سەن ئەجەپ سۈپەتلىنىپ كېتىپ بارىسەن-ھە؟! ئۆزۈڭ بىر ئوتتۇرىغا چىقساڭچۇ؟! مەن دەل ئەشۇ ھايات كەنچى بىلەن ھەپتىدە بىرنەچچە قېتىم دۇرۇقۇشۇپ قالىمەن. ئۇ ھېلىھەم زوردۇنكام تەسۋىرلىگەن پەدىدە يورغىلاپ يۈرمەكتە.....

danix 2012-12-12 15:06
   زىيا ئەپەندى ، ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى قىلىپ ئۆتۈلىۋاتقان  ئەدەبىيات نەزىريىسى سىزنىڭچە ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇم مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈشتە ئاساس قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان نەرسىلەركەن- دە !؟ 5fA 
  گېپىڭىزدىن قارىغاندا ، سىز ئادەتتىكى ئادەم ئەمەستەك قىلىسىز ؟ % sbDH  
بەزى قاتتىق گەپلىرىمىزنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن نام - شەرىپىڭىزنى ، تۈزگەن ئەدەبىيات نەزىريىسى كىتابلىرىڭىز چىنخۇا داشۈ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقۇرى ئالىي مەكتەپلەردە دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىۋاتامدۇ ؟ بۇلاردىن بىزنى بىر خەۋەرلەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن . -]\UFR  
   قارىمامسىز بىزنى « ئات تاپقىچە ، ئىشەك مىن» دېگەن سۆزىمىز بويىچە ، #jv~FR`4v^  
سىز ئاتا قىلغان «ئات»نى تاپالماي ، ئابلەت ئۆمەر ئاتا قىلغان «ئىشەك»نى مىنىپ يۈرگىنىمىزنى. ئات ئىشەكتىن تېز چاپىدۇ ھەم كۈچلۈك . بىز ئىشەكنى مىنىپ خەقنىڭ ئارقىدا قېلىۋەرمەيلى. قېنى سىز ئاتا قىلغان ئاتنى بىزگە بىر كۆرسىتىپ قويمامسىز ؟ 5O%Q*\(  
{+F/lN@  
  

danix 2012-12-12 17:13
بۇرادەر istami ، بۇ تېمىغا قارىتىلغان مۇنازىرىلەرگە قاتناشقىنىڭىزغا  قارىغاندا ، سىزمۇ ئوقۇتقۇچىدەك قىلىسىز . ئوقۇتقۇچى بولغۇچى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسلارغا ئۆزى قارىمۇ - قارىشى يەكۈن چىقارسا ، ئوقۇغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ . FD>j\  
   سىز «ھېكايىنىڭ دەسلەپكى بۆلەكلىرىدە كەنجىنىڭ خاراكتېرىدە ئىجابىي ھەم سەلبىي تەرەپلەر تەڭ مەۋجۇت ئىدى،لېكىن ھېكايە ۋەقەلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا كەنجىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىدە رۇشەن ئۆزگىرىش بولۇپ،ئۇنىڭ خاراكتېرىدىكى سەلبىي تەرەپ ئىجابىي تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىدۇ.» دېگەن ئاساسنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز . بۇ ئاساسىڭىزدىن كەنجىنىڭ خاراكتىرىدە ئۆزگۈرۈش بولۇپلا تۇرغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ .پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىدە ئۆزگىرىش بولغان ياكى ئۆزگۈرۈش بولمىغانلىقىغا قاراپ ، ئۇلارنى چاسا پىرسۇناژ ۋە يۇمىلاق پىرسۇناژ دېگەن تۈرلەرگە ئايرىشقا توغرا كەلسە ، سىز ئوتتۇرىغا قويغان يۇقارقى ئاساس كەنجىنى يۇمىلاق پىرسۇناژ دەپ ئايرىشقا تازا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئاساس تۇرۇپ ، سىز كەنجى چاسا پىرسۇناژ دېگەن خۇلاسىنى چىقاردىڭىز .ئاساسىڭىزغا خۇلاسىڭىز قارىمۇ - قارىشى بولۇپ قالدى . 2uTa}{/%  
     دەرس ئۆتكەندە بۇنداق سۆزلىمەيدىغان بولغىيتىڭىز - ھە ؟ #Q"vwek  
dNobvK  

danix 2012-12-12 17:24
   بىزدە سىزگىمۇ ، سىزنىڭ دۈشمىنىڭىزگىمۇ ياخشى كۆرۈنىش ئۈچۈن ، يە سىز تەرەپتىلا تۇرماي ، يە دۈشمىنىڭىز تەرەپتىلا تۇرماي ، ئىككى ئوتتۇرىدا دومىلاپلا يۈرىدىغان، بىر قارىسىڭىز دوست ، بىر قارىسىڭىز دۈشمەن كۆرىنىدىغان ، دوست ياكى دۈشمەنلىكىنى ئايرىغىلى بولمايدىغان كىشىلەرنى «يۇمىلاق تاۋۇز »        ( سېلىق تاۋۇز) دەيدىغان بىر ئىدىئوم بار . 07LL)v~  

danix 2012-12-12 17:37
   بۇرادەر چىراق ، سىز ئوتتۇرىغا قويغان << دولان ياشلىرى>> ناملىق دەرسنىڭ تەلىۋىدە پىرسۇناژلارنى «يۇمىلاق پىرسۇناژ »، «چاسا پىرسۇناژ »دېگەن تۈرلەرگە ئايرىپ بېرىش تەلىۋى قويۇلغانمۇ ؟ &49u5&TiP  
  ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ، ئەركزات ئەپەندى ئېيتقاندەك «كەنجىنى ياپسالاپ، چاسىلاشتۇرۇپ، رەندىلەپ، قىرقىپ»ئولتۇرمايلى . c_ La^HS  
  ئەگەر شۇ دەرسنىڭ تەلىۋىدە پىرسۇناژلارنى «يۇمىلاق پىرسۇناژ »، «چاسا پىرسۇناژ »دېگەن تۈرلەرگە ئايرىپ بېرىش تەلىۋى قويۇلغان بولسا ، بەزىلەر بىزنىڭ مۇھاكىمىلىرىمىزنى ھېلىغۇ «بىچارىلارچە بىلجىرلاشلار »دەپتۇ ، نېمىلا دېسە دەۋەرسۇن ، ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلغۇدەك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققۇچە مۇنازىرە قىلىۋېرەيلى . Og,Y)a;=  

ئەكبەرنىياز 2012-12-12 18:03
ھەقىقىي بىچارىلىك دېگەن نېمە ؟ ?v:Z U~i  
   ئۇ- بىلمەي تۇرۇپ قارىغۇلارچە ئەگىشىش ، yub{8f;v  
   ئۇ -  بىلمەيدىغانلىقىنى يوشۇرۇش . #E DEYEW7  
   ئۇ - مەسئولىيەتتىن قېچىش . D8%AV; -Y  
   ئۇ- ئۆزى دېگەن گەپنى ئۆزى ئىنكار قىلىش . 7G<t"'  
   ئۇ - پولاتتەك پاكىت ئالدىدا كۆزىنى يۇمۇۋىلىش . a^t?vv  
   ئۇ - ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى  پېرسوناژلار بىلەن رېئاللىقتىكى ئادەملەرنى ئوخشاش دەپ قاراش . (گەرچە نەچچە يىللاردىن بۇيان  ئەدەبىياتنىڭ نېنىنى يەۋاتقان بولسىمۇ ) } fZ`IOf  
   ئۇ - ئۆزى ھېچ ئىش قىلالماي تۇرۇپ ، باشقىلارنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇش . "5Uh< X  
  ...... ka"337H  
ئەڭ مۇھىمى باشقىلارنى مەقسەتلىك قايمۇقتۇرۇش ۋە ئەدىپىنى بېرىشكە ھەرۋاقىت پۇرسەت ئىزدەپ ، چايان تەبىيىتىنى ئاشكارلاش .

ئىلتىماس 2012-12-12 18:18
مۇئەللىم سىز بۇرۇن ئوقۇغۇچىلارغا كەنجى يۇملاق پېرسۇناژ دەپ سۇزلىگىنىڭېز توغرا.بۇنى تەھلىل قېلىش كەتمەيدۇ.تېكىستنى تەپسىلىي ئوقساق ئېنىق جاۋاپ چىقىدۇ.

qirak 2012-12-12 20:37
引用第20楼danix于2012-12-12 17:37发表的 :    بۇرادەر چىراق ، سىز ئوتتۇرىغا قويغان << دولان ياشلىرى>> ناملىق دەرسنىڭ تەلىۋىدە پىرسۇناژلارنى «يۇمىلاق پىرسۇناژ »، «چاسا پىرسۇناژ »دېگەن تۈرلەرگە ئايرىپ بېرىش تەلىۋى قويۇلغانمۇ ؟   ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ، ئەركزات ئەپەندى ئېيتقاندەك «كەنجىنى ياپسالاپ، چاسىلاشتۇرۇپ، رەندىلەپ، قىرقىپ»ئولتۇرمايلى .   ئەگەر شۇ دەرسنىڭ تەلىۋىدە پىرسۇناژلارنى «يۇمىلاق پىرسۇناژ »، «چاسا پىرسۇناژ »دېگەن تۈرلەرگە ئايرىپ بېرىش تەلىۋى قويۇلغان بولسا ، بەزىلەر بىزنىڭ مۇھاكىمىلىرىمىزنى ھېلىغۇ «بىچارىلارچە بىلجىرلاشلار »دەپتۇ ، نېمىلا دېسە دەۋەرسۇن ، ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلغۇدەك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققۇچە مۇنازىرە قىلىۋېرەيلى . [ئىپادە]
vR0 ];{  
         «دولان ياشلىرى» نامىلىق دەرسنىڭ تەلىپىدە بۇنداق ئايرىش تەلىپى يوق. بىراق «يۇمىلاق پىرسۇناژ»،«چاسا پىرسۇناژ» دېگەن ئۇقۇملارنى ئىزاھلاپ چۈشەندۇرۇش جەريانىدا ۋە 2013-يىللىق «سەر خىل» تەكرارلاش ماتېرىيالىنى ئىشلەش جەريانىدا موشۇنداق ھۆكۈم قىلىپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كەلدى. نەتىجىدە ئەھۋال يوقىرىقىدەك بولۇپ،تالاش-تارتىشتا قىلىپ،تەۋپىقداشلارنىڭ ئىنكاسىنى بىلىش ئۈچۈن يوللانغان. چۈنكى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ نەتىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قېلىش ئېھتمالى يوق دېگىلى بولمايدۇ-دە.سىلەرنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ سەمىمىي،قىزغىن مۇنازىرە قىلغىنىڭلارغا تەشەككۈرلار بولسۇن!

زىيا 2012-12-12 22:33
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دانىش، ئەكبەر مۇئەللىملەر: _gKe%J&  
ھەركىمنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، بۇ يەردە ھىچكىم ھىچنىمىنى ئىنكار قىلمىدى...كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى... مېنىڭ كۆز قارىشىم پەقەتلا مىنىڭ، ھىچكىمگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. -v6M<  
دانىش: بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ نەزەرىيە سىسىتىمىسىنى بىر ئادەم تۈزەلمەيدۇ...مېنى ئۇنچىلا زاڭلىق قىلماڭ، سالاھىيىتىڭىزگە ماس كەلمەيدىكەن. :eo  
شۇنداق بىر ئويغا كەپ قالدىم،سىز مەكتەپتە دەرسىڭىزنىلا ئوقۇتسىڭىز بولغۇدەك. [r/k% <  
مەن ھىچيەردە چوڭ سۆزلىمىدىم، ياكى بىراۋغا تىغ  ئۈچى گەپ قىلمىدىم... K't]n{$  
باشتىن -ئاياغ ياخشى ھەزىم قىلىپ ئاندىن كۇنۇپكا تاختىسىغا قولىمىزنى ئۇزاتساقمۇ كىچىكمەيمىز... k%^lF?_0I  
-\#0]F:-  
ئەكبەر: مەن ھىچ ئىش قىلدىممۇ قىلمىدىم ئۆزۈمنىڭ ئىشى، يەنە كىلىپ شەخسىيىتم، ئەمما مەن ھىچكىمنى ئىنكار قىلمىدىم...ئابلەت مۇئەللىمنىڭ ئىلمي ئەمگەكلىرىنى خىلى ئوبدان بىلىمەن، ھەم ھۆرمەتلەيمەن... مەن دىمەكچى بولغان گەپ ئادەم ئۈستىدە ئەمەس، مەسىلە ئۈستىدە... چۈشەنمىسىڭىز قالايمىقان كىشىنى چىشلەپ تارتىدىغان ئىنكاسلارنى يازمىسىڭىز، ھەممىمىز بىلىپ بىلمەي گۇناھلارغا شىرىك بولغۇچىمىز... ئۆزىڭىز تونىمىغان بىرىگە قارا چاپلىماڭ...

ماھى 2012-12-12 23:33
بولسا مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر-بىرىمىزنى يېغىرىغا تېگىشمەي ئىلمىي مۇنازىرە قىلىشساق دېگەن ئۈمىدتىمەن.ئارتۇقچە بولسىمۇ كەچۈرۈڭلار

gulhan 2012-12-12 23:43
ھەممىزنىڭ مەقسىتى بىلمىگەننى سوراپ بىلۋىلىشتۇر.ھۈرمەتلىك ئەپەندىلەر، ئىزدىنۋاتقان ئۇستازلار ، ئىنكاستا ھەممىز ئۆز كۆز قارىشىمىزنى سۆزلەيمىز. « پاكىت مۇنازىردىن ئۈستۈن كىلىدۇ » دىگەندەك «چاسا پىرسۇناژ»«يومۇلاق پىرسۇناژ» دىگەننىڭ ئاتالغۇسىنى تىپىپ شۇ قىلىپقا بىر سىلىپ باقايلى! B2ec@]uD`  
تەكلىپ: dXnl'pFS  
ھەممىز گەرچە كۆرىشمىسەكمۇ مۇنبەردىكى قەدىناسلاردىن بولۇپ قالدۇق. « ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ  ،ئويلاپ سۆزلە» دىگەندەك بىر-بىرىمىزنىڭ كۈڭلىگە كىلىدىغان سۆزلەرنى قاراپ دىيىشەيلى! /q5:p`4{J  
ھەممىڭلارنىڭ ئىزدىنىشىگە ئۇتۇق يار بولسۇن!!!

arzu 2012-12-12 23:51
مەنغۇ كەنجىنى « يۇمۇلاق » دەپ چۈشەندۈردۈم. پاكىتلىرىم ياشار مۇئەللىم، ئەكبەر نىياز مۇئەللىملەرنىڭ « يۇمۇلاق » دېيىشىگە ئوخشايدۇ.

ئەكبەرنىياز 2012-12-13 02:44
زىياغا : ] KmO$4  
مېنىڭ ھېچقاچان سىزنىڭ شەخسىيىتىڭىزگە ھوجۇم قىلىش خىيالىم يوق . ئەكسىچە سىز ئويغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاپ ، زور كۈچ سەرپ قىلغان ئۇلۇغ ئەدەبىيات نەزىرىيىچىمىز ئابلەت ئۆمەر ئەپەندىنىڭ پەزىلىتىگەۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىزدىنىش روھىغا تەلۋىلەرچە ھۇجۇم قىلدىڭىز ، بۇ سەل كۆڭلۈمگە كەلدى . شۇنداق ئويلاپ قالدىم ، ئەگەر بىز ھازىرقى ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى بولغان ئەدەبىيات نەزىرىيىسى بىلىملىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئەدەبىيات ھادىسىلىرىگە ھۆكۈم قىلالمىساق ، ئۇنداقتا بىز نېمىگە تايىنىمىز ، ئېيتىپ بېقىڭچۇ ؟ &%-73nYw  
   مىللىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات نەزىرىيىسى بولمىسا ئەجىبا بۇ مىللەت ئەدەبىياتتا نەزىرىيىسىز مىللەتمۇ ؟ سىز شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلامسىز ؟ !50[z:  
  ئۇنداقتا ئەجدادلىرىمىز ياراتقان دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ئەسەرلىرىمىز تاسادىپىيلا مەيدانغا كېلىپ قالغانمۇ ؟ ياكى ئۇلار كۆچۈرمىچىلىك قىلىپ باشقىلارنىڭ نەزىرىيىلىرىنى دورىۋالغانمۇ ؟ ئۇنداقتا ھازىرغىچە نېمىشقا بىرەر مىللەت پەيلاسوپى چىقىپ ئويغۇرلاردىن چىققان پالانى ئالىم بىزنىڭ نەزىرىيىمىزنى دوراپ ئىجادىيەت قىلغان شۇڭا ئۇنىڭ ئىجادىيىتى بىزگە تەۋە دېمەيدۇ ؟ qT^I?g"!  
ئەڭ مۇھىمى ، سىز بىزگە ئالىي مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدىنمۇ ئىلغار بولغان بىر كۈچلۈك ئويغۇر ئەدەبىياتى نەزىريىسىنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بولاتتى ، بۇنداق خاتا يولدا مىڭلىغان كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار مېڭىۋەرمىسە خوش بولاتتىم . ھەم شۇ بانادا مەنمۇ ئىدىيەمنى يېڭىلىۋالغان بولاتتىم . ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز !!! MNV % =G  
سىز دەۋاتقان گەپ ئادەم ئۈستىدە ئەمەس بەلكى مەسىلە ئۈستىدە ئىكەن . ئەمما شۇ مەسىلە ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئەسەر باش قەھرىمانىنىڭ خاراكتىرى ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ھەتتا مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىممۇ بىلىدۇ ، سىزدەك بىر ئىستىدات ئىگىسىنىڭ بۇنى چۈشەنمىگەنلىكىگە تولىمۇ ھەيرانمەن . ئەسەردىكى كەنجى ئەسەر بېشىدىكى دېئالوگلاردا(ئاپىسىنىڭ گەپلىرىدە ) كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپ مىللى سەنئەتنى سۆيىدىغان ، ئېسىل بالا ئىدى ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلىنىپ ئۇنىڭ ئىدىيىسى ئۆزگىرىپ كەتتى ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاسىدەمگە بولغان مۇھەببەت ئۇنى يەنە مىللىي مەدەنىيەتنى سۆيىدىغان ئەسلى خاراكتىرگە قايتۇرۇپ كەلدى . بۇ ئەسەر باش قەھرىمانىنىڭ خاراكتىرىدىكى دەۋرىلىك ئۆزگىرىش بولماي نېمە ؟ ئەجىبا بىز ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان پولاتتەك پاكىت ئالدىدىمۇ يەنە دوست تارتىپ ھەقىقەتكە كۆز يۇمىمىزمۇ ؟ ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلار رېئاللىقتىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ھەتتا تولۇقسىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بىلىدىغان تۇرسا ئاشۇ بىر قىسىم قەدىناسلىرىڭىزنىڭ تۇتامى يوق گەپلىرىگە ئىشىنىپ ھەقىقىي بىچارە ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىپ ئۇر-ئۇر ئىچىدە قالغىنىڭىز نېمىسى ؟ دوستىڭىز شۇ تاپتا سىزنىڭ تاماشىڭىزنى كۆرۈپ خوش بولىۋاتقاندۇ ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلمىغان ھەر قانداق ھۆكۈم پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان ھازىرقى دەۋرىمىزدە ئەڭ ياخشىسى پونى ئازراق ئېتىپ كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلايلى . بىر مىللەتنى ئەدەبىياتتا نەزىرىيەسىز دېيىشكە ھېچقايسىمىزنىڭ ھەققى يوق ، ئۆز مىللىتىمىزنى ئەدەبىياتتا نەزىرىيەسىز دېيىشكە تېخىمۇ ھەققىمىز يوق ، ئۇنداق دېسەك مۇناپىق بولۇپ قالمايلى يەنە !!! #{\%rWnCm  
     «-ئەدەبىيات نەزەرىيسى؟ مېنىڭچە ئۇيغۇر ئەدەبىيات نەزەرىيەسى تىخى تىكلەنمىدى. ?F3 h)(}  
سەۋەبى: ھازىرمۇ ئالي مەكتەپ ئەدەبىيات كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا بىر زامانلاردا ئابلەت ئۆمەر (ئۇ كىشنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قۇشقان تۆھپىسىگە كۆز يۈمغىلى بولمايدۇ) تۈزگەن ئەدەبىيات نەزەرىيىسىنى سۆزلەيدۇ... بۇ كىتابنى تەپسلىي كۆرگەن كىشى ئۇنىڭ بەزى خاتالىقلىرىنى بىلىۋالالايدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ قۇيۇق رۇس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان نەزەرىيە بولۇپ ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەزەرىيەسىگە بەزى جايلىرى دىگەندەك چۈشمەيدۇ...» -(=eM3o-9m  
      بۇگەپلىرىڭىز ئېسىڭىزدە باردۇ ،-ھە ! ,l)^Ft`5  
ruy}/7uf  
    ئويغۇر مىللىتى قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى دېيىلىپ دۇنيا ئىتىراپ قىلىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە سىز ئۆزىڭىز دەۋاتقان مۇشۇ سۆزلەرگە ئىگەبولالىسىڭىز [)TRTxFb  
بولىدۇ . چايان ھەر قانچە ۋەھشىي بولسىمۇ ئۆز قەۋمىنى چاقمايدۇ ، سىز ئويغۇر تۇرۇپ ئۆز مىللىتىڭزنىڭ ئەدەبىيات نەزىرىيىلىرىگە كۆز يۇمۇپ ، بۇ مىللەتنى ئەدەبىياتتا نەزىرىيىسىز مىللەت دەپ ھۆكۈم قىلىۋاتىسىز ، ۋەھشىيلىكتە چاياندىنمۇ ئېشىپ كەتتىڭىزمۇ ،-قانداق ؟ J7g8D{4  
كۆرگەن بىلگەنلىرىم سىزنىڭ بىلىدىغانلىرىڭىزنىڭ يېرىمىغىمۇ تەڭ بولالمايدىغانلىقى ئېنىق . ئەمما مەن مۇشۇ نادانلىقىمدا مەڭگۈ قېلىشنى خالايمەن .چۈنكى مەن ئۆز مىللىتىمنى چۆكۈرىدىغان ھەر قانداق سەپسەتىنى ئاڭلاشنى ( ھەرقانچە ئۇلۇغ بولسىمۇ ) خالىمايمەن . ئەگەر خاتا گەپ قىلىپ قويغان بولسام  تەنقىدىي تەلىم بېرىشىڭىزگە تەشنامەن . خاتالىقىنى تونۇشنىڭ ئۆزىمۇ چىن ئىنسانىي پەزىلەت ئەمەسمۇ !؟

koksangun 2012-12-13 10:43
دوستلار ، تالاش - تارتىش ئىلمىي بولسۇن ، ھېسسىياتقا بېرىلىپ خاپا بولۇشنىڭ ، بىراۋغا ئاچچىق گەپ بىلەن يېغىرىغا تېگىشنىڭ ئازراقمۇ زۆرۈرىيىتى يوق ، بۇ تېما ئەگەر مۇشۇ تەرىزدە داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا ئۇنى ئىنكاسلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز . VB*oGG  
تەۋپىق مۇنبىرى ئاچچىق چىقىرىشنىڭ مەيدانى ئەمەس ، ئىلىم - مەرىپەت تارقىتىشنىڭ سالۇنى . ھەممەيلەن پاكىت بىلەن نۇقتىينەزەرىمىزنى ئىسپاتلىساق بولدى ، سەن بىلىملىك ، مەن مەن بىلىمسىز دەپ ئۆزىمىزنى بازارغا سالمايلى .

danix 2012-12-13 10:47
پاھ زىيا ! سىز  بىردەم نەچچە يۈز ئالىم ۋە مۇتەخەسىس مۇھاكىمە ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق ھەم يۇقۇرىسى مەركەزگىچە بولغان ئورگانلارنىڭ تەستىقى بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئۆتۈلىۋاتقان دەرسلىكلەرنى بىر تىيىنغا  چىقاردىڭىز ، بىردەم   << سىز مەكتەپتە دەرسىڭىزنىلا ئوقۇتسىڭىز بولغۇدەك .>>دەپ ، بىزگە بۇيرۇق چۈشەردىڭىز . پاھ ، سىز بىلىم جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن ئالاھىدە زات بولۇپلا قالماي ، ھوقۇقىڭىزمۇ قالتىسكەن - جۇمۇ !  cHk)i  
  شۇنداق بولغاندىكىن ئەكپەر مۇئەللىم ئېيتقاندەك ، بىزگە ئالىي مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدىنمۇ ئىلغار بولغان بىر كۈچلۈك ئويغۇر ئەدەبىياتى نەزىريىسى قامۇسىڭىزنى بىر كۆرسىتىپ باقمامسىز ؟ ,1+y/{S  
ia+oX~W!VR  
ئاق گۈل ، گۈلخان قاتارلىق مۇنبەرداشلار كەچۈرۈڭلار ، سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارغا خىلاپ ھالدا يەنى گەپ قىلىپ قويدۇم . سۆزۈمدىن زىيادىن ئىبارەت كاتتا زاتنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان ، خاتالىقسىز نەزىريىۋى كىتابىنى كۆرۈش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىمنى بىلگەنسىلەر . بۇنداق كىتابنى ھەركىمنىڭ كۆرگۈسى كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن !

koksangun 2012-12-13 11:05
ئاچچىق گەپ دانىش مۇئەللىمنىڭ ئاغزىدىن چىقسا كىشى ئىختىيارسىز ھەيران قالىدىكەن ، بىزنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرۇۋاتىسىز دانىش ئەپەندى ... ئاچچىق گەپنىڭ ئورنىغا ئىككى ئېغىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى سۆزلەپ بېرىڭ .

danix 2012-12-13 12:13
    يىراقتىكى قەدىناسىم ، تەۋپىقتىكى بىلىمدارىم كۆكسانغۇن بۇ تېمىنى نادىرلاپ ناھايىتى توغرا قىلدىڭىز . }o?APvd  
  سىزگە نېمە دېسەم بولار ؟ مەن خۇددى ئەھمەت شاھ قارىقاشى نەزەر مۇفتىنى ئالدامچىلىقتا ئەيىپلەپ تۇرۇپ ، ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا ناچار ئاتنى ماختاپ ئالدامچىلىق قىلىپ قويغىنىغا ئوخشاش ئىش قىپتىمەن . سۆزىڭىزدىن بەك خىجىل بولدۇم . لېكىن ، ئادەم ئاچچىقنىمۇ ، تاتلىقنىمۇ يىگەچكە ئاغزىدىن تاتلىق گەپلا ئەمەس ، ئاچچىق گەپمۇ چىقىپ كېتىدىكەن . ئاچچىق گەپنىڭ قانداق ئەھۋاللاردا چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى سىزمۇ بىلىسىز ھەقەچان . BMG3|N^  
   چىراقنىڭ << تېكستنىڭ تەلىۋىدە پىرسۇناژلارنى ئۇنداق تۈرلەرگە ئايرىش تەلىۋى يوق >> دېگەن سۆزىگە قاراپ ، بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بەرمەي دەپ ئويلىغان . لېكىن ، سىز بىر نەچچە ئېغىز لىللا سۆز قىلىپ بېقىشىمنى تەلەپ قىپسىز . %u5L!W&  
مۇشۇ تەلەپ بويىچە ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي : sHt].gZ  
  ئەسەردىكى پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرى شۇ ئەسەرنىڭ تارىخىي دەۋر ئارقا كۆرۈنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . ئۇنداق بولمىسا ، ئاپتورنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلىشى تەسكە چۈشىدۇ . مەسىلەن ، غازى ئەھمەت مەھمۇت قەشقىرىنىڭ پورتىرىتىنى ئاۋۋال بىر تالىپ ياكى موللا كىشى ھالىتىدە سىزىپ چىقتى . كېيىن ، مەھمۇت قەشقىرى ياشىغان تارىخىي دەۋرنى ئوبدان تەھلىل قىلىپ ، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ پورتىرىتىغا  ( خاننىڭ ئوغلى بولغاچقا ) بىر خىل سۇرلۇقلۇق،( مەھمۇت قەشقىرىنىڭ خان ئاتىسى سۈيقەستە قازالاپ ، مەھمۇت قەشقىرى قېچىپ يۈرۈشلەردە بولغانلىقى ئۈچۈن ) كۆپ جاپالارنى تارتقان ھالەتلەرنى ئەكس ئەتتۈردى . 2db3I:;E  
  دېمەك ، ئەسەرلەردىكى پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىغا ئۇلار ياشىغان دەۋر تەسىر قىلماي قالمايدۇ . << دولان ياشلىرى >> ناملىق ئەسەر << مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>>نىڭ تەسىرى تېخى تۈگىمىگەن دەۋردە يېزىلغان ئەسەر . ئۇنداقتا بىز ئويلاپ باقايلى ، << مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى >> دەۋرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاراكتىرى زادى قانداق ئىدى ؟ ئۇ چاغلاردا 2 ، 4 ( ئېرسى) ، 1،3 ( يىسەن) دەيدىغان ئىككى قۇتۇبقا بۆلۈنىش ھالىتى مەۋجۇت بولۇپ، ئاۋام - پۇقرا بۇ ئىككى گۇرۇھتىن قايسىسى تەرەپتە تۇرۇشتا شۇنداق تېڭىرقاپ يۈرىشەتتى . بىر تەرەپكە تەۋە بولسا يەنى بىر تەرەپنىڭ زەربىسىگە ئۇچىرايتتى. شۇنداق بولغاچقا ، نۇرغۇن كىشىدە ھەر ئىككى تەرەپكە يامان بولۇپ قالماسلىققا تىرىشىدىغان ، سېلىق تاۋۇزلۇق ھالەت بار ئىدى . << دولان ياشلىرى>> بۇ خىل ئەھۋال ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولسىمۇ ، كەنجى روھىدا شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان روھىي ھالەت ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . تېكىستتىن كەنجىنىڭ روھىي ھالىتىدە ( يەنى خاراكتىرىدە ) كۆپ قېتىم ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ . كەنجى بىر تىپ بولۇپ ، ئۇنىڭ خاراكتىرى شۇ دەۋرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەردە مەۋجۇت بولغان خاراكتىرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . يەنى << مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>>دىن ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەردە بىر خىل تەۋرەنمەس روھ بار ئىدى ، << مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>> كىشىلەرنىڭ روھى ھالىتىنى تەۋرىتىپ قويدى . << مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>>دىن كېيىن كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتى يەنى بىر ئىزغا چۈشتى . دېمەك ، بولار كەنجىنىڭ تېكستىن بىزگە يەتكۈزگەن خاراكتىرىغا شۇنداق ماس كېلىدۇ . x7!L{(E3  
   دېمەك ، كەنجىنىڭ خاراكتىرى مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن كۆپ قېتىم ئۆزگەرگەن خاراكتىر . شۇڭا ، كەنجىنى خاراكتىر جەھەتتىن << يۇمىلاق پىرسۇناژ >> ، چاسا پىرسۇناژ >> دېگەن تۈرلەردىن بىرىگە تەۋە قىلىشقا توغرا كەلسە ، چوقۇمكى << يۇمىلاق پىرسۇناژ>>غا تەۋە بولىدۇ . |@ s,XS  
   بۇنداق <<يۇمىلاقلىق>> مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى يىللارغىچە ئومۇمىيۈزلۈك دېگىدەك كىشلەردە مەۋجۇت بولغان .

istami 2012-12-13 16:21
‹‹يۇمىلاق پېرسوناژ››ۋە ‹‹چاسا پېرسوناژ››توغرىسىدا "/3'XOK|  
  پروزىدىكى پېرسوناژلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ھەر خىل بولۇپ،بەزىلىرىنىڭ مۇرەككەپ،بەزىلىرىنىڭ ئاددىي بولىدۇ.ئەنگلىيىلىك يازغۇچى فوستېر‹‹پروزا ھەققىدىكى قاراشلىرىم››نامىلىق كىتابىدا پىروزىدىكى پىرسۇناژلارنى «چاسا پىرسۇناژ »ۋە «يۇمىلاق پىرسۇناژ»دەپ ئىككىگە ئايرىغان .«چاسا پىرسۇناژ»دېگىنى تىپىك ياكى ھەجۋىي شەخىسلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئاددىي ئىددىيە ياكى ئۆزگىچە خاراكتىرگە ئاساسەن يارتىلىدۇ .«يومىلاق پىرسۇناژ »لارنىڭ خاراكتىرى مۇرەككەپ بولوپ كۆپىنچە ئىككى بىسلىق ئۆزگىرىشچان شەخىسلەرنى كۆرسىىتىدۇ. 8*#R]9  
تۇرمۇشتىكى ئادەملەرنىڭ خىلمۇخىللىقى پىرۇزىدىكى«يومىلاق پىرسۇناژ »لارنىڭ ئاساسىنى تىكلەپ بەرگەن. دىدىرو:«ئىنسان كۈچلۈكلۈك بىلەن ئاجىزلىقنىڭ ،يوروقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنىڭ ،پەسكەشلىك بىلەن بۈيۈكلۈكنىڭ بىرلەشمىسدۇر.بۇ ئىنساننى ئەيىبلىگەنلىك ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغا بىرلگەن تەبىردۇر»دېگەندى [q) 8N  
.دېمىسىمۇ ئادەم رېئال تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن مۇرەككەپ ۋە زىددىيەتلىكتۇر .نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەردە بىزنى قاتتىق ئويلاندۇرىدىغىنى ئەنە شۇ روھىيەت ئالىمى مۇرەككەپ پىرسۇناژلار ھىسابلىنىدۇ . [!HEQ8 2g  
فوستىرنىڭ قارشىچە ،«يومىلاق پىرسۇناژ»لارنىڭ بەدئىي خاراكتىرى «چاسا پىرسۇناژ»لارنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ چۈنكى«يومىلاق پىرسۇناژ »لارنىڭ ئىچكى قاتلىمى تېخمىمۇ مول بولغاچقا خاراكتىردىكى زىدىىيەتلەر ئۇلارنى دولقۇنلىتىپ تۇرىدۇ .ئامېرىكىلىق يازغۇچى مارگېرىت مېچىلنىڭ«ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن»نامىلىق رومانىدكى باش پىرسۇناژ سېكارى خانقىز مۇشۇ تىپقا كىردۇ . |:q=T ~x  
ئۇھەم ئەقىللىق (تىجارەتتە )،ھەم ئەخمەق (مۇھەببەتتە)،ھەم شۆھرەتپەرەس ،ھەم شەخسىيەتچى ھەم بەڭۋاش ھەم باتۇر بولوپ ،ئۇنىڭ خاراكتىردىكى سۈيۈملۈك ،سۈيۈمسىز تەرەپلەر  ئۇقۇرمەنلەرنىمۇ بىردە نەپرەتلەندۇرۇپ بىردە ھىسداشلىق قىلدۇرۇپ چالغىتىپ قۇيىدۇ، «چاسا  پىرسۇناژ»لانىڭمۇ قىممىتى يوق ئەمەس.ئەلۋەتتە، ئۇلار ساترىك ئەسەرلەردە كومىدىيلىك ئۈنۈم يارىتىدۇ .«خامېلېئون»دېكى ئۇچۇملۇف«خامېلېئون»غا ئوخشاش ئىككى يۈزلىمە ئادەملەرنىڭ «ئورتاق خاراكتىرى» نى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولوپ ،ئۇ بىردە نەپرىتىمىزنى قوزغىسا، بىردە كۈلكىمىزنى قۇزغايدۇ. n'wU;!W9  
بىر پارچە ئەسەردە يالغۇز «يۇمىلاق پىرسۇناژ»لا بولوپلا قالماستىن باش تېمىنىڭ ۋەزىپىسىنى يەنە ئىككى خىل پىرسۇناژ تەڭ ئورۇنداپ ماڭىدۇ .پىرسۇناژ بىر قەدەر كۆپ بولغان رومانلاردا ئاساسلىق پىرسۇناژ «يومىلاق»،قالغان پىرسۇناژلار« چاسا»شەكىلدە تەسۋىرلىنىدۇ. -3t7*  
«ئادەتتىكى تولوق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئۆلچىمى تەجىربە دەرسلىكى‹تىل-ئەدەبىيات › 8uc1 iB  
تاللىما دەرسلىك (3)»99-بەت ،100-بەت [842&5Pd?  
تەۋپىقداشلارنىڭ بۇ مەسلە ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشى ناھايىتى ياخشى ئەھۋال .مۇنازىردە ئىلمىيلىكنى ئاساس قىلىش ئۈچۈن يوقارقى نەزىرىيۋىي بىلىمنى دەرسلىك كىتابتىن يوللاپ قويدۇم .

زىيا 2012-12-13 17:04
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم... 3 }TaF~  
مەن ئۆزۈمنى چوڭ كۆرسەتمىدىم،ھەم قامۇس تۈزمىىدىم.ھەم تۈزدىممۇ دىمىدىم.يەنە بىر قىتىم ئىيتاي، مەن ئۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. rq8 K_zp  
ئەكبەر مۇئەللىم: ھىچكىم ئۆزۈمچىلىك قىلغان يىرى يوق، ئۇيغۇر تارىخىنى ،ئۇيغۇر ئېتنۇگرافىيىسىنى تەتقىق قىلىپ ئولتۇرمىدىم، مېنىڭ دەۋەتقىنىم پەقەت بىر ساھەدىكى مەسىلە، ئومومىيلىق بىلەن ئايرىمىلىقنى توغرا ئايرىماسلىق لوگىكىلىق خاتالىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۆز قەۋمىنى سۆيمەيدىغان ئادەم بولمىسا كىرەك، ] bM)t<  
ئابلەت ئۇستازنى ئىنكار قىلمىدىم دەپ ئالدىنقى ئىنكاسىمدا ئوچۇق ئىيتتىم. wa<MRt W=  
سىزنىڭچە ئاز دىگەندىمۇ2000 يىلغا ئىگە بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ نەزەرىيىۋى سىسىتىسمىسى شۇنچە غۇۋا،پۈچەك، قويۇق ماركىسىزم ئىدىيىسى بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇشى كىرەكمۇ؟  ئىتراپ قىلماي بولمايدۇكى بىزدە ئەدەبىيات ساھەسىدە نەزەرىيىۋى سىسىتىمىسى ئاجىز... مەن كۆرسىتىپ بەردىم. مەن قىلىمەن ،ئابلەت ئۆمەردىنمۇ ئاشۇرۇپ قىلالايمەن دىمىدىم. ئاللا نىسىپ قىلسا بەلكىم بۇ ساھەگىمۇ قول ئۇزىتالىشىم مۇمكىن،لىكىن ھازىرقى شارائىتىمدا ئەمەس. مەن تىخى بوسۇغىدا كىتىۋاتقان ئادەم. @K\~O__  
ئويلاپ بىقىڭ 80-يىللار ئاخىرىدىكى گۇڭگا شېئىرىيەت ھادىسىسى نىمە ئۈچۈن ھادىسە سۈپىتىدىلا مەيدانغا كىلىپ ئېقىم بولۇپ شەكىللىنەلمىدى؟ نىمە ئۈچۈن يىقىندا ياشلار ئوتتۇرىغا قويغان «ھېچنىمىزم»دىن ئىبارەت ھادىسە ،ھەتتا خىتابنامە ئىلان قىلىپمۇ پەسكۇيغا چۈشۈپ قالدى...سەۋەبى نەزەرىيىۋى سىسىتىمىسى ئاجىز،ياكى يوق... ئالدىنقىسى ناھايىتى ياخشى باشلانغان ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك ھادىسە ئىدى، ئۇمۇ تېڭىرقاپ يۈرمەكتە،كىيىنكىسى بولسا مۇدىرنىزم ئەدەبىياتىغا تەۋە دادائىزم ،يەنى ھەممىنى ئىنكار قىلىش،ھەتتا ئۆزىنىمۇ ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت بىر ئېقىمنىڭ پەردازلاپ كۆچۈرۈلۈشى خالاس، بۇ ئىقىم دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئاللىبۇرۇن كىشلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشىدىن قىلىپ قالدى... نەق گەپكە كەلسەك، نەزەرىيە بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . ^1S!F-H4\  
مەسلەن: ھەجۋى شېئىر دىگەنگە:«رېئال تۇرمۇشتىكى ناچارئادەم ۋە ناچار ئىشلارنى پاش قىلىش ئاساسىدا يىزىلغان شېئىرلار-ئۇھەم ساتىرا دەپ ئاتىلىدۇ.» دەپ كۆرسىتىدۇ ئابلەت ئۇستاز.-ئەدەبىيات نەزەرىيلىرى 2-قىسىم 557 -بەت. |'.*K]Yp  
ئۇنداقتا قارا يۇمۇرچۇ؟ ئۇنىڭدا ھەجۋىلىك بار، رېئال تۇرمۇشتىكى ناچار ئادەم ناچار ئىشلارلا يېزىلامدۇ؟ بىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئېڭىمىز بىلەن يۇغۇرۇلغان كاللىمىزدا ناچار ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھەممە ئىشى ناچار، ياخشى ئادەم كەمكۈتسىز... iqC|G/  
نەردىمۇ بۇنداق ئىنسان بولسۇن، بولسا ئۇ ئادەم ئەمەس ماشىنا. ;;_,~pI?k  
رۇس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى بولۇپمۇ رۇس تەنقىدى رېئالىزىمچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرى بىزنى مۇشۇنداق قىلىپقا چۈشۈرۈپ قويدى،رۇسلار ئاللىبۇرۇن ئۇ نەزەرىيەلىرىنى چۆرۈپ تاشلىدى، يېپيىڭى ھالەتتە دۇنيا ئەدەبىياتىدا تىك تۇرماقتا. ئەگەر چار پادىشاھ دەۋرىدىكى شۇ ئېقىم بىلەن تۇرىۋەرگەن -قىسقىسى ئەدەبىياتنى داۋاملىق سىياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان بولسىدى، بۈگۈنكى رۇس ئەدەبىياتى شەكىللىنەلمەيتتى. 8;d:-Cp  
«ئەدەبىيات -ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ پائالىيەتچان ئىنكاسى-- 1-قىسىم 81-بەت» NTdixfR  
بۈگۈنكى كۈندە بۇ گەپنىڭ كۈچى قالمىدى...چۈنكى ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ئىبارەت بۇ نەرسە ئاللىبۇرۇن ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ھالقىپ كەتتى. ئۇنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان ئىنكاسى بىلەن مۇناسىۋىتىمۇ يوق... كارتۇن فىلىملەر ،فانتازىيىلىك فىلىملەر،ھەرخىل ئىنسان يوشۇرۇن ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك فېلىملەر، ئەسەرلەر بۇنىڭ دەلىلى. ~qcNEl\-y  
ئەمدى كەنجى ئوبرازىغا كەلسەك، مېنىڭ ئۇنى يۇمىلاق ياكى چاسا دىمەسلىكىمىز كىرەك دىگىنىمنىڭ سەۋەبى: ئەگەر پېرسۇناژلارغا شۇنداق باھا بەرسەك،قايمۇقۇپ قالىمىز..مەسلەن:مۇدىرنىزم ئەدەبىياتىدا ئۇچرايدىغان بەزى ئوبرازلار،ئىنتايىن مۇرەككەپ پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئوبرازلار.بىزدىمۇ مۇدىرنىزىم ئۇسلۇبى بىلەن ئەسەر يېزىۋاتقانلار چىقىۋاتىدۇ...ھەم كىيىنمۇ چوقۇم چىقىدۇ.شۇڭابۇنىمۇ ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. o>).Cj  
كافكانىڭ «شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى» ناملىق پوۋىستتىدىكى باش پېرسۇناژ گېرىكول سامسا يۇمىلاق ئوبرازمۇ؟ چاسىمۇ؟ ئۇ بىر ئۇخلاپ تۇرۇپلا قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قالغان ئادەم .ئۇنىڭ باشقىلارغا يا زېيىنى يوق يا پايدىسى، ياكى ئادەم ئەمەس ياكى قوڭغۇز... قوڭغۇزمىكى دىسە ئادەمدەك تەپەككۇر قىلىدۇ، ئادەم ئەمەسمىكى دىسە ئۆزى بىر قوڭغۇز... ئۇنىڭدا نە بىر ئىدىيە مەۋجۇد ئەمەس، ئۇ ھېچقانداق سېنىپقا ياكى بىرەر توپقا ، بىرەر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.  ~3Lg"I  
ئۇ ئۆزى پەقەت بىر ئادەم... ئادەم تۇرۇپ قوڭغۇز سۈپىتىدۇ بۇ دۇنيادىن خوشلىشىدۇ، بۇ ئوبراز چاسىمۇ؟ يۇمىلاقمۇ؟ Of- Rx/  
دانىش مۇئەللىم: سىزگە ئوشۇق گىپىم يوق، چۈنكى سالاھىيتىڭىزگە پەقەت ماس كەلمىدىڭىز؟ شۇڭا سىزنى دەرسىڭىزنىلا ئۆتسىڭىز بولغۇدەك دىدىم،چۈنكى سىزدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقى تولىمۇ كەمچىل ئىكەن. بىلەرمەنلىك شەيتاننىڭ ئىشى، بىلگىنىنى دىيىش گۇناھ ئەمەس...مەن بىلگىنىمنى دىدىم، ئاچچىق گەپ،ياكى قاراتمىقىلىقى كۈچلۈك سۆزلىرىڭىزنى باشقىلار سىزگە قايتۇرۇپ بىرىشىدىن ئاللا ساقلىسۇن!...

qirak 2012-12-13 20:27
ھۆرمەتلىك تەۋپىقداشلار: b1^vd@(lx  
  مەن بۇ تېمىنى كەڭ مۇنبەر ئەھلىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بېقىش،تەلىم ئېلىش ،شۇ ئاساستا مەسلىنى ھەل قىلىپ،ئوقۇغۇچىلىرىمغا توغرا جاۋابنى ئىشەنچىلىك قىلىپ بېرىش نىيتىدە يوللىغان ئىدىم. بىراق، مۇنبەر ئەھلىنىڭ ھەر بىرىنىڭ بۇ ئۇقۇمغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىق تۈپەيلىدىن ،بىر قىسىم ئۇستازلارنىڭ ئۆز ئارا ئىشەنچ،دوستلۇق،ھۆرمەت ۋە  ئىناق-ئىتىتىپاقلىقىغا تەسىر يېتىدىغان تەرەپكە يۈزلىنشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندەك تۇرىدۇ. مەن بۇنىڭدىن بەك خىجىل. sc|_Q/`\.  
   مۇمكىن بولسا بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىتلىق قاراشلارنىڭ رايىمىزغا ماس كېلىدىغانلىرىنى پايدىلانساق، رايىمىزغا ماس كەلمەيدىغان، باشقىچە تۇيۇلدىغانلىرىنى بولسا ئۆزىمىزنىڭكىنى ساقلاپ قېلىش پىرىنسىپى بويىچە مۇئامىلە قىلسا، ئۆزئارا ئاغرىق -ئاداۋەت شەكىللەنمىسە، ئىناق بىرلىكىمىز تېخىمۇ كۈچەيسە دېگەن ئۈمىددىمەن. باشقىلاردا  بىزنىڭ مۇنازىرىلىرىمىزگە قارىتا بىر تەرەپلىمە گۇمانلارنى شەكىللەندۇرۇشتىن ساقلانساق.ساغلام،ئىلمىي،پاكىتلىق،ئىللىق، قىزغىن ئىناق تور مۇنازىرە مۇھىتىنى ھازىرلاش ئۈچۈن بىرلىكتە پىداكارلىق كۆرسەتسەك!سىللەرنىڭ سەمىمىي،قىزغىن پىكىر قاتناشتۇرۇشىڭلار مېنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۇرۇدى. ئاخىرسى غەشلىك بىلەن ئاخىرلاشمىسا؟! u\E?Y[1  
ھەممىڭلارغا ساقلىق،خاتىرجەملىك،قۇت-ئامەت تىلەپ: C+?Hm1  
  مۇنبەردىشىڭلاردىن.

danix 2012-12-14 10:50
   زىيا ، سىزنىڭ «دانىش مۇئەللىم: سىز سالاھىيتىڭىزگە پەقەت ماس كەلمىدىڭىز . سىزدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقى تولىمۇ كەمچىل ئىكەن. بىلەرمەنلىك شەيتاننىڭ ئىشى . » دېگەن سۆزلىرىڭىزگە قاراپ، سىزگە يەنى بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىش ئويىغا كەلگەنىدىم . لېكىن ، كۆك سانغۇن ، ئاق گۈل، گۈلخان ، چىراقلار ھەممىمىزگە بىر - بىرىمىزگە قاراتقان گەپلەرنى توختىتىپ ، چىراق ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. بەلكىم بۇلارلا ئەمەس ، باشقا مۇنبەرداشلارمۇ بىر - بىرىمىزگە قاراتقان گەپلىرىمىزدىن زېرىككەندۇ . ئۇنىڭدىن باشقا بۇرادىرىمىز istami مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ تەلىۋى بويىچە بىر - بىرىمىزگە قاراتقان سۆزلەرنى دەرھال توختىتىپ ، بىزگە ئۈلگە بولۇپ ، مېنى بەك خىجىل قىلدى . Gn)y> AN  
)2DQ>cm  
   شۇڭا مەن يۇقارقى سۆزلىرىڭىزگە زىيادە گەپ قىلمايمەن . سىز ئىنكاسلارغا بىر قۇر قاراپ ، كىمنىڭ بىلەرمەنلىك قىلغانلىقىنى بىلىۋالسىڭىزلا بولدى . بۇغۇ مۇنبەرداشلارغا ئوپمۇ - ئوچۇق بولۇپ بولدى -ھەقاچان . `.#@@5e  
بۇرادىرىمىز istami نىڭ بىزنى << چاسا پىرسۇناژ >> ۋە يۇمىلاق پىرسۇناژ >> توغرىسىدا نەزىريىۋى ئاساس بولىدىغان قىممەتلىك بىلىم بىلەن تەمىنلىگىنىگە كۆپتىن -كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن . ئۇنىڭغا قارىتىپ ئېيتقان قاتتىق سۆزلىرىم ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايمەن . $6F)R|  
     istami ، سىزنىڭ ماڭا ، << قان بىلەن قاننى يۇيۇپ ، پاكىزلىغىلى بولمايدىغان>>لىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ! x90jw$\%7  
m-T~fJ  
    

abdirim113 2012-12-15 23:30
كەنجى ئەسلىدە ناخشا -مۇزىكىنى ئۆچ كۆرىدىغان بالا ئەمەس بۇنى بىز ئانىسىنىڭ سۆزىدىن بىلىۋالالايمىز .ئۇندىن باشقا پالتاخۇنغا ئوخشاش مىللى سەنئەتنى سۆيىدىغان،ناخشا-مۇزىكا ساداسى ئۈزۈلمەيدىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان كەنجىنىڭ بالىلىق مەزگىلىدىن باشلاپلا مىللى سەنئەتنى ئۆچ كۆرىدىغان  خارەكتىرگە ئىگە بولىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ،پەقەت ئۆسمۈرلىك دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۋاتقان كەنجىگە نىسبەتەن مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدا تاملاردىكى مىللى سەنئەتنى <<سىرىق>>دەپ چاپلانغان شۇئارلار ، بەزى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىكى بىمەنە جۆيلۈشلەرنى ئاڭلاپ 10يىلنى بېشىدىن كەچۈرگەن كەنجىنىڭ دۇنيا قارشىدا سەل ئۆزگۈرۈش بولغان ئەمما ئەسلى خارەكتىرىدە تۈپتىن ئۆزگۈرۈش بولمىغان دەپ قارايمەن.نىمىشقا دىگەندە ،ئەگەر كەنجىنىڭ خارەكتىرىدە ئەسلىدىلا مىللى سەنئەتنى ئۆچ كۆرىدىغان تەرەپ بولسا ئۇ رەسىم سىزمىغان ،ناخشا-ئۇسۇلغا ئامراق ئاسىدەنى ياخشى كۆرمىگەن بۇلاتتى . :f'&z47  
يەنەبىر مەسىلە :كۆپچىلىك بىللە ئويلىشىپ بەرسەڭلار ،كەنجىنىڭ خارەكتىر ئۆزگىرىشىدە ،ئاتا-ئانىسىغا بولغان مىھرى-مۇھاببەتتىن،ئاسىدەگە بولغان  مىھرى -مۇھاببەت  مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ  بۇخىل ئەھۋال كەنجىنىڭ خارەكتىرىنى تەھلىل قىلىشىمىزغا سەل تەسىر يەتكۈزەمدۇ قانداق؟

sannada 2013-02-25 22:21
ياخشى مۇنازىرە بولۇپتۇ . مېنىڭچە كەنجى چاسا پېرسۇناژ . سەۋەبى ئۇنىڭ خاراكتېرىدا( خاراكتېرنىڭ ئىپادىلىنىشىدە )  يۇملاق پېرسۇناژدەك ئۇنچىلىك مۇرەككەپلىك يوق .

tilsin 2013-02-27 02:07
بىزگە داڭلىق ناخشىچىدىن تۈمەنى بولغاندىن ئېينىشتېيىن، بىلگايتىس،ئىدىسونلاردەك ئالىملاردىن بىرقانچىسى،ھەتتا بىرسى بولسىمۇ كۇپايە ئىدى .مىڭ ئەپسۇس ئۇنداقلار بىزدىن بەكلا يېراقتىمۇ نېمە؟مەن كەنجىنىمۇ ،پالتاخۇننىمۇ ،مەتيانىمۇ ياقتۇرمايمەن.بەلكى «بۇزغۇنچى»دىكى ئەسئەت خېلى ياقىدۇ.بالىلارۈا ساپ غايىنى ئۆگىتىدۇ.ھېس قىلدۇرىدۇ.مۇقامدىن 12ئەمەس 12مىڭى بولسىمۇ ئۇ ئۇ پەقەت دەرتمەنلىكنى ،بەڭگىنىڭ خىيالىنى ھېس قىيلدۇرۇشتىن باشقا ھىچ نېمىنى چۈشەندۈرەلمەيدۇ.يەھۇدىلارنەڭ 12 مۇقامى بارمۇ؟ .يوق ئەمىسە ئۇلار دۆتمۇ ؟ياق!ئۇلار ئۇسسۇلنى سىگانلارغا تاشلاپ بېرىپ پەن تېخنىكىغا ،پەلسەپە لەرگە يۈرۈش قىلغان.ناخشا ئۇسسۇل بىلەن لامپۇچكا ياكى تۈگمىگە چاغلىق نەرسىنىمۇ ياسىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن يەكۈنلىگەن.

atilla5112 2013-02-27 16:59
    كەنجى چاسىا پېرسۇناژمۇ ئەمەس ھەم يۇمىلاقمۇ ئەمەس . يۇمىلاق پېرسۇناژ  دېگەن سىز بىلەن مەن شۇ .  ۋۇجۇدىدا ياخشىلىقمۇ  يامانلىقمۇ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، رېئاللىقتىكى ھەقىقىي ئادەمگە يېقىنلاشقان پېرسۇناژنى يۇمۇلاق دەيمىز. چاسا پېرسۇناژ ھەجۋى پېرسۇناژ شۇ . 96|[}:+$&:  
    پۈتۈنلەي سەلبىي ياكى ئىجابىي پېرسۇناژ سوتسىيالىستىك رېئالىزىمنىڭ مەھسۇلاتى. >kYp%r 6  
   بىز مۇدىرنىزىمنىڭ تارازىسىغا كەنجىنى  سالساق بولمايدۇ. eS!C3xC;J]  
   كەنجىنى يۇمىلاق دىگۈچىلەر  ئۇ «ئۆزگەرگەن»دىن كېيىنىكى «يۇمۇلاق» لىق قېنى؟ «چاسا» دېگۈچىلەر  كەنجى ھەجۋى قىلىنغانما؟  

atilla5112 2013-02-27 17:14
بىزگە داڭلىق ناخشىچىدىن تۈمەنى بولغاندىن ئېينىشتېيىن، بىلگايتىس،ئىدىسونلاردەك ئالىملاردىن بىرقانچىسى،ھەتتا بىرسى بولسىمۇ كۇپايە ئىدى .مىڭ ئەپسۇس ئۇنداقلار بىزدىن بەكلا يېراقتىمۇ نېمە؟مەن كەنجىنىمۇ ،پالتاخۇننىمۇ ،مەتيانىمۇ ياقتۇرمايمەن.بەلكى «بۇزغۇنچى»دىكى ئەسئەت خېلى ياقىدۇ.بالىلارۈا ساپ غايىنى ئۆگىتىدۇ.ھېس قىلدۇرىدۇ.مۇقامدىن 12ئەمەس 12مىڭى بولسىمۇ ئۇ ئۇ پەقەت دەرتمەنلىكنى ،بەڭگىنىڭ خىيالىنى ھېس قىيلدۇرۇشتىن باشقا ھىچ نېمىنى چۈشەندۈرەلمەيدۇ.يەھۇدىلارنەڭ 12 مۇقامى بارمۇ؟ .يوق ئەمىسە ئۇلار دۆتمۇ ؟ياق!ئۇلار ئۇسسۇلنى سىگانلارغا تاشلاپ بېرىپ پەن تېخنىكىغا ،پەلسەپە لەرگە يۈرۈش قىلغان.ناخشا ئۇسسۇل بىلەن لامپۇچكا ياكى تۈگمىگە چاغلىق نەرسىنىمۇ ياسىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن يەكۈنلىگەن. SX+RBVZU  
V 7 

  بۇنداق ئېنكارچىلىق  ياخشى ئەمەس. سەنئەتنىڭ رولىنى ئۇنداق ئىنكار قىلساق كۇپۇرلۇق قىلغان بولىمىز. بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزمۇ ئۇچقۇلارنى ياساپتىكەن..... مەسىلە «مۇقام»دا ئەمەس!؟

tunyukuk 2013-03-06 23:48
كىتابىمىزدىكى چۈشەنچىلەردىن قارىغاندا، «يۇمۇلاق پېرسوناژ» «چاسا پېرسوناژ» دېگەن بۇ ئۇقۇم دۇنيا ئەدەبىياتىدىن بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا يېڭىدىن ئېلىپ كىرىلگەن ئاتالغۇ. يەنە تېخى «چەكلىك كۆرۈش بولۇڭى» بويىچە بايان قىلىش، «بىلەرمەنلەرچە كۆرۈش بولۇڭى»  ئاساسىدا بايان قىلىش ... دېگەندەك چۈشەنچىلىرىمىزمۇ بار. BJIQ zn3  
يەنە  ئەنئەنىۋى پىروزىچىلىقتا «بىلەرمەنلەرچە كۆرۈش بولۇڭى»  ئاساسىدا بايان قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. يېڭىچە پىروزىچىلىقتا «چەكلىك كۆرۈش بولۇڭى» بويىچە بايان قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ... دېيىلگەن.  يەنە قارايدىغان بولساق كىتابىمىزدىكى بۇ نەزەرىيەلەردىن «يۇمۇلاق پېرسوناژ» «چاسا پېرسوناژ» نىڭ دائىرىسىدىن قارىغاندىمۇ، خاراكتېرىنى مەلۇم تەرەپكە (ئىجابىي ياكى سەلبىي تەرەپكە ) تەۋە قىلغىلى بولسا، ئۇ چاسا پېرسۇناژ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، (يۇقىرىدا كەسىپداشلار ئېيتقاندەك ئىنتايىن يۇقىرى ماھارەت بىلەن يارىتىلىپ ناھايىتى مۇرەككەپ خاراكتېرنى، ئىككى بىسلىقنى ئىپادىلەپ چىققان بولسا)  ئۇ يۇمۇلاق پېرسۇناژ لىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ.   JD&U}dJ  
بىز يۇقىرىقى  چۈشەنچىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ پىكىر قىلساق، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەسەرلەر ئەنئەنىۋىي ئۇسلۇپتا يېزىلغان، يەنى «بىلەرمەنلەرچە كۆرۈش بولۇڭى»  ئاساسىدا بايان قىلىنغان ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى يازغۇچىنىڭ كاللىسىدا ئالدىن بەلگىلىنىپ بولىدۇ ۋە شۇ بويىچە ئىپادىلىنىدۇ. بىز يەنە دەرسلىكىمىزگە قارىساق، «دولان ياشلىرى» ھېكايىسىمۇ تىپىك ئەنئەنىۋى ئۇسلۇپتا يېزىلغان ھېكايە دەپ ئېيتىلغان. بىز بۇ ئەسەرنىڭ ئومۇمىي خائىشىدىن كەنجىنى   ئېنىق  ئىجابىي پېرسوناژ دەپ ئېيتالايمىز.    ...  شۇنداق ئىكەن  مەن كەنجىنى چاسا پېرسوناژ  بولىدۇ دەپ قارايمەن.    /co%:}ln  
  

سەن 2013-03-14 17:13
مەنمۇ مۇشۇنى ئايرىيالماي تۇراتتىم.

tuygun 2013-03-22 23:55
sezga kop ten kop rahmat eyty man

tuygun 2013-03-22 23:59
siz neg man dak ber uku guqyni muxun dak yahxi uqur belan tamen atke ne giz ga rah mat eyty man hamda uda yar dam kel xe giz ni umud kel man

tuygun 2013-03-23 00:00
                              [s:12]  [s:12]  [s:12]  [s:12]  [s:12]  [s:12]  [s:12]  [s:12]  [s:16]

ئەكبەرنىياز 2013-03-23 00:35
مەن يەنىلا ئۆز پىكرىمدە قالاي ، بۇ مەسىلىدە مېنىڭچە دېيىلىدىغان گەپلەر ئېنىق دېيىلىپ بولدى ، ئەسەرنى قايتا-قايتا ئوقۇش مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىمىكىن دەيمەن !؟

نازۇك701 2013-05-17 22:08
مەنمۇ تەتقىق قىلىپ باقسام بولغىدەك

مىېھرىما 2013-09-12 23:23
مەن ئۇچۇن يىڭى بىلىم بوپتۇ .


查看完整版本: [-- « كەنجى» چاسا پىرسۇناژمۇ ياكى يۇمىلاق پىرسۇناژمۇ؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled