查看完整版本: [-- تۆتتاش:رۇخسەت سوراش خېتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبەر ئۇقتۇرۇشلىرى -> تۆتتاش:رۇخسەت سوراش خېتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۆتتاش 2012-12-09 20:35

تۆتتاش:رۇخسەت سوراش خېتى

رۇخسەت سوراش خېتى:

  مۇنبەر قۇرغۇچى بولغان ھۆرمەتلىك تەۋپېق ئەپەندىگە:

يېقىندىن بۇيانقى خىزمەت جىددىلىقى ئارىسىدىكى بوش ۋاقىتلىرىمدىن پايدىلنىپ شوپۇرلۇق پىراۋا ئېلىش ئۈچۈن جىددى تەييارلىنۋاتقانلىقىم ئۈچۈن مۇنبەرگە ۋاقتىدا چىقالماسلىقىم مۇمكىن.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماڭا 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە 10 كۈن رۇخسەت بىرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.بۇ جەرياندا ھەر خىل تېمىلارغا لايىقىدا ئىنكاس يازالماسلىقىم،تېما يوللىيالماسلىقىم مۇمكىن.رۇخسەت ۋاقتىم تۇشۇپ سالامەت بولسام يەنە مۇنبەرنىڭ  تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قۇشۇش ئىرادەم بار.

شۇڭا قىممەتلىك ۋاقتىڭىزدىن كىچىككىنە سەرىپ قىلىپ ئەرزىمەس رۇخسەت سوراش ئىلتىماسىمنى تەستىقلاپ بىرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.

 

مىلادى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى

جانابى تۆتتاشتىن


tawpek 2012-12-09 21:13
ئۇياندىن خىزمەتكە چۈشۈپ بولغۇچە بۇياندىن رۇخسەت سورايدىغان ئاداشمۇ نىمە بۇ؟

ماقۇلە، مەن مەكتەپ مۇدىرلىرىدەك رۇخسەتنى يانجۇقتىن بەرمىگەندىكىن .

شوپورلۇقتىن كەچتە تەربىيلەمدىكەن؟

مەكتەپتىمۇ رۇخسەتنى شوجاڭدىن ئالماي جۈجاڭدىن ئالىدىغان ئوخشىمامدۇق؟   

چاخچاق جۇمۇ.
بۇمۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ.

tursungul 2012-12-09 21:34
    چوڭ يوقىتىشكەنغۇ بۇ؟

ئەكبەرنىياز 2012-12-09 21:36
تۆتتاشقا :
سەن رۇخسەت سورىساڭ ماڭا كىملەر بار ؟!
مەن شىئېر يازسام گەر كىمدە ئىنكاس بار ؟!
مۇشائىر قىلىمەن ئېيتە كىم بىلەن ؟!
يوقالساڭ مۇنبەردىن بۇندا تىمتاس بار ...

ئەكبەرنىياز 2012-12-09 21:41
تەۋپىققا :
رۇخسەت بەرمەڭ تۆتتاشقا باشلىق ئەگەر بىلسىڭىز ،
قىزىمايدۇ شىئېرىيەت ئۇندىن ئايرىلىپ قالسىڭىز .
ھە-ھۇ دەيدۇ ھېلىمۇ  سىزگەبولۇپ يۆلەكداش ،
زېرىكمەمدۇ سۈيى يوق ئۆستەڭگە مىراپ قىلسىڭىز !!!

تۆتتاش 2012-12-09 21:46
كەتسەم يەنە كىلۇرمەن دوستۇم،
تەندە بولسا ساڭا ھەمدەم جان.
شېئىرسىراپ قالمىسۇن مۇنبەر،
شائىرلارغا بولغىن يانمۇ-يان.

ماھى 2012-12-09 22:08
ئاجايىپ رۇخسەت سوراش خېتى بوپتىغۇ بۇ.
ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

gulhan 2012-12-11 03:47
ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق  بولسۇن!ماڭغان يوللىرىڭىز ئاق!!!

ئۇيغۇرجان 2012-12-11 22:45
ئەكبەر نىياز ئەپەنندىنىڭ ئىنكاسلىرىدىن كۆزلىرىمگە ياش كىلىۋاتىدۇ جۇمۇ..............لىكىن قول ياغلىق يوق..............توختاپ قالدىم.

arzu 2012-12-11 22:49
ئەكبەر نىياز مۇئەللىمنىڭ ئىنكاسىدا دەرد تامچىپ تۇرغان چوڭقۇر ھەقىقەت باركەن.

جانۇم 2013-09-22 23:57
ئاجايىپ ئىشلار  بولۇپ تۇرىدۇ دېسە جاھان دېگەندە . شۇنداق ھەر ئىشنىڭ ئۆز يولى بار .


查看完整版本: [-- تۆتتاش:رۇخسەت سوراش خېتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled