8-يىللىق 1- قىسىم تارىخ 15- دەرس لايىھىسى
15. « جەڭدە ئۆلۈپ ئەرۋاھقا ئايلىنىشقا رازىمىزكى، دۆلىتى مۇنقەرز بولغان قۇلغا ئايلىنىشنى خالىمايمىز»
ئوقۇتۇش نىشانى
بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى:
1. لۇگۇچياۋ كۆۋرىكى ۋەقەسىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىنى ئىگىلەش، ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىگىلەش
2. ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىش قىلمىشىنى ئىگىلەش
3. ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدىن جۇڭگو ۋەزىيىتىگە باھا بېرىش، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن فشىزىمنىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايى قىلمىشىغا باھا بېرەلەيدىغان بولۇش
ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى نىشانى:
4. كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىيات تۇرغۇزۇش
5. تىنچ، خاتىرجەم ۋەزىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىش
جەريان ۋە ئۇسۇل نىشانى:
لۇگۇچياۋ كۆۋرىكى خەرىتىسى ۋە ئالاقىدار رەسىم، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىغا ئائىت رەسىم، ماتېرىياللار ئارقىلىق دەرس مەزمونىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىش
مۇھىم نۇقتا:
لۇگۇچياۋ كۆۋرىكى ۋەقەسىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىنى ئىگىلەش، ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىگىلەش
ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىش قىلمىشىنى ئىگىلەش
قىيىن نۇقتا:
ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدىن جۇڭگو ۋەزىيىتىگە باھا بېرىش، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن فشىزىمنىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايى قىلمىشىغا باھا بېرەلەيدىغان بولۇش
دەرس تەييارلىقلىرى: دەرس كومپيوتىردا لايىھىلىنىدۇ
دەرسخانا پائالىيىتىنى لايىھىلەش
دەرسكە باشلاش:
« دۆلەت شېئىرى» ئېكراندىن قويۇپ بېرىلىدۇ ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە ئاڭلاشقا ھەم ئېيتىشقا يېتەكلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
سوئال: سىز دۆلەت شېئرىنىڭ قاچان يېزىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟ شېئىرنىڭ تېكىستى كىمنىڭ؟ مۇزىكىسىنى كىم ئىشلىگەن؟ شېئردا نېمە ئۈچۈن « جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەڭ خەتەرلىك ھالدا ! » دەيدۇ؟ سىز ئالدىنقى سائەتلىك دەرسكە بىرلەشتۈرۈپ جۇڭخۇا مىللەتلىرى دۈچ كەلگەن ئەڭ خەتەرلىك پەيتنى دەپ بېرەلەمسىز؟
ئوقۇتۇش جەريانى
يېتەكلەش: ( ئوقۇتقۇچىنىڭ بايانى) ياپون جاھانگىرلىكى 1931- يىلى جۇڭگونى بېسىۋېلىش قەدىمىنى بىر قەدەم ئىلگىرلىتىپ 18- سىنتەبىر ۋەقەسىنى قوزغىدى. 1932- يىلى فۇيىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ جۇڭگو خەلقىنى ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىگە ئىتىردى. بېيپىڭ،تيەنجىن خەتەر ئىچىدە! شىمالىي جۇڭگو خەتەر ئىچىدە قالدى. 1937-يىلى 7-ئايدا جۇڭگوغا ئومومىيۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىدى. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالدى. جۇڭگو خەلقى پۈتكۈل مىللەتنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئۇنداقتا مەملىكەت خاراكتېرلىك ياپونغا قارشى ئۇرۇش قانداق پارتىلىدى؟ جۇڭگو خەلقى بۇ ئۇرۇشقا قانداق يۇزلەندى؟ بۈگۈن بىز بىرلىكتە ئاشۇ جاپا-مۇشاقەتلىك، ئازاب-ئوقۇبەتلىك تارىخنى ئەسلەپ ئۆتىمىز.
قانغا بويالغان لۇگۇچىياۋ كۆۋرىكى
1.بىر نەپەر ئوقۇغۇچى دەرسلىك كىتاپنىڭ 94- بېتىدىكى لۇگۇچياۋ كۆۋرىكى تونۇشتۇرۇلغان ماتېرىيالنى ئوقۇپ چىقىدۇ.
يېتەكلەش: ئېكراندىن لۇگۇچياۋ كۆۋرىكىنىڭ رەسىمى كۆرسىتىلىدۇ. ئارقىدىنلا كۆۋرۈكنىڭ سېخىمىلىق خەرىتىسى كۆرستىىلىدۇ.
سوئال: لۇگۇچياۋ كۆۋرىكىنى ئىستىراتېگىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى ئيېتىپ بېرەلەمسىز؟ نېمە ئۈچۈن ياپون ئارمىيىسى لۇگۇچياۋ كۆۋرىكىگە ھۇجۇم قىلىدۇ؟
ئوقۇغۇچىلار مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. لۇگۇچياۋ كۆۋرىكىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقى خۇلاسە قىلىنىدۇ.
2. سوئال: سىز دەرسنى ئالدىن ئوقۇش ئارقىلىق لۇگۇچياۋ كۆۋرىكى ۋەقەسىدىكى قەھرىمانلىق ھېكايىلىرىنى ئىگىلەپ كەلدىڭلارمۇ؟ كىم بايان قىلىپ باقىدۇ؟
لۇگۇچياۋ كۆۋرىكىنى قوغداۋاتقان گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ 29-جۈنىدىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنىڭ قەھرىمانلىق ئىش –ئىزلىرىنى ئوقۇغۇچىلار بايان قىلىپ چىقىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايانىغا ماس كېلىدىغان لۇگۇچياۋ كۆۋرىكىنى قوغداۋاتقان كۆرىنىشتىن ئۈچ پارچە ئېكراندا كۆرستىلىدۇ.
يېتەكلەش:
جۇڭگو ئارمىيىسى قەسەم بېرىپ قەتئىي قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، قان كېچىپ لۇگۇچياۋ كۆۋرىكىنى قوغدىغان بولسىمۇ ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ ئاللىقاچان پۇختا تەييارلىقى بولغانلىقى ، شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە لۇگۇچياۋ كۆۋرىكى قولدىن كەتتى. 7- ئاينىڭ ئاخىرلىدا بېيپىڭ ۋە تيەنجىلەرمۇ قولدىن كەتتى.
3. سوئال: لۇگۇچياۋ كۆۋرىكىنىڭ قولدىن كېتىشى بىلەن پۈتكۈل جۇڭگو ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى. ئۇنداقتا بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا ج ك پ ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى قانداق پوزىتىسىيە تۇتتى؟
ئوقۇغۇچىلار مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. ئېكراندىن گومىنداڭ بىلەن كومىنىشىك پارتىيىنىڭ ھەمكارلاشقاندىن كېيىنكى قىسىمنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش خەرىتىسى كۆرسىتىلىدۇ. جياڭ جېشىنىڭ گومىنداڭ ئارمىيىسىنى ئۇرۇشقا چاقىرىش خىتابنامىسى ئوقۇپ ئۆتلىدۇ.
يېتەكلەش: 4. سوئال لۇگۇچياۋ كۆۋرىكى ۋەقەسىدىن كېيىن ياپون ئارمىيىسى 13- ئاۋغۇست ۋەقەسىنى قوزغاپ شاڭخەيگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى. شاڭخەي قولدىن كەتتى. ساۋاقداشلار، ئويلاپ بېقىڭلار؟ ياپون جاھانگىرلىكى شاڭخەينى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىبلىس قولىنى قايسى شەھەرگە تىقتى؟
ئوقۇغۇچىلار جاۋابى
2. نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى
5.سوئال: ئۇنداقتا ئۇلار نېمە ئۈچۈن نەنجىڭنى ئشغال قىلىشنى ئويلايدۇ؟
ئوقۇغۇچىلار جاۋابى
6. ياپون ئارمىيىسى نەنجىڭدا قانداق چېكىدىن ئاشقان جىنايى قىلمىشلارنى ئېلىپ باردى؟
ئوقۇغۇچىلار بايان قىلىدۇ. ئېكراندىن ياپون ئارمىيىسىنىڭ چېكىدىن ئاشقان قىرغىنچىلىق قىلمىشى ئىپادىلەنگەن رەسىمدىن 11 پارچە كۆرسىتىلىدۇ. نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىغا ئائىت سېتاتىستىكا كۆرسىتىلىدۇ .
يېتەكلەش: يوقۇرقى رەسىملەر ياپون ئارمىيسىنىڭ نەنجىڭدا چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن چاغدىكى تارىخي رەسىملەر بولۇپ، ياپون ئارمىيىسىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايى ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىي خاتىرىسى .
7. سوئال: نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن نېمىلەرنى ئويلاۋاتىسىز؟ شۇ تاپتا نىمېلەرنى دېگۈڭىز كېلىۋاتىدۇ؟
ئوقۇغۇچىلار بايانى ۋە تەسىراتى سۆزلىنىدۇ.
يېتەكلىمە: نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر سېلىش مەشقى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ماتېرىيالنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن مۇھاكىمىگە يېتەكلىنىدۇ.
سوئال: ياپونىيە تارىختىن بۇيان ئىزچىل تۈردە جۇڭگوغا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغاپ كەلدى. ھالبۇكى ئۇلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىدىن يانمايۋاتىدۇ. سىز ياپونىيىنىڭ قانداق خاراكتېرگە ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدىڭىز؟
يېتەكلىمە: بۈگۈنكى دەۋردە ياپونىيە ھۆكۈمىتى تارىختا ئۆتكۈزگەن جىنايى قىلمىشىغا قارىتا كەچۈرۈم سوراش پوزىتسىيىدە بولماي تارىخنى بۇرمىلاش مەقسىىتىدە دەرسلىكلىرىگە ئۆزگەرتىشى كىرگۈزدى.
( ئېكراندىن دەرسلىك كىتابىدىكى جۇڭگوغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق قىلمىىشىغا قارىتا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىككە ئائىت رەسىملەر كۆرسىتىلىدۇ)
ياپونىيە ئوڭ قانات پارتىيىسىنىڭ رەھبىرىىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى دەپنە قىلىنغان قەبرىستانلىقنى تاۋاپ قىلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ئوقۇغۇچىلار ماھاكىمە قىلىدۇ.
گۇرۇپپىلار ئارا مۇھاكىمە مەشقى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ماتېرىيال ئوقۇپ بېرىلىدۇ. سوئال: 1. دۇنيا تىنچلىق تەرەقىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا ياپونىيىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى توغرىمۇ؟ ياپونىيە تارىختا ئوتكۈزگەن خاتالىقىغا قانداق تۈزىتىش قىلىشى كېرەك؟ 2. سىزنىڭچە قانداق قىلغاندا 21- ئەسىردىكى جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ساغلام راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ 3. ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
( بۇ سوئال ئارقىلىق تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشقا باھا بېرىش بىلەن بىللە بۈگۈنكى دەۋردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە تىنچلىق ۋە تەرەققىيات مەسىلىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە چۈشەنچىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا يېتەكلىنىدۇ)
تاپشۇرۇق:
دىياۋيۈ ئارىلىغا ئائىت ماتېرىيال كۆرسىتىلىدۇ ۋە دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقىغا ئائىت ماتېرىيال توپلاپ كېلىش تاپشۇرۇلىدۇ.
|