يۇرتلار ۋە كىشىلەرنىڭ مىجەزى ( دانىش)
يۇرتلار ۋە كىشىلەرنىڭ مىجەزى مەنبە : << تارىخىي ھەمىدىي>> كاشغەر مەزكۇر يەتتە شەھەرنىڭ ئەلاسى ۋە بىرىنچىسى كاشغەردۇر ، كاشغەر قەدىمىي ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەشھۇر ۋە داڭلىق شەھەر . ئادەملىرىنىڭ مىجەز - خاراكتېرى ئالىملارغا ۋە سالىھ( پاك - دىيانەكلىك)لارغا تولىمۇ ئامراق ، سەپەر قىلىپ ، مۇساپىرچىلىق ۋە غۇربەتچىلىكتە ياشاشقا ھېرىسمەن ، ئۆلپەتچىلىك قىلىشقا چىۋەر ، مۇھەببەتلىشىش ، دىلكەشلىك قىلىشقا ماھىر ۋە ئۇستا . لېكىن ، دوستانىلىق ۋە بۇرادەرچىلىكنى ۋايىغا يەتكۈزەلمەيدۇ . كاشغەر ئالىملار ۋە ئىلىم تەلەپكارلىرى بويىچە راۋاجلانغان ، ساھىب دۇئا پازىللىرى بويىچە روناق تاپقان بولۇش جەھەتتە ، شۇنداقلا تىجارەتچىلەر ۋە شەرەپشان دېھقانلىرىنىڭ ئۆشرە - زاكاتلىق ، خەير - سەدىقىلىق بولۇشى ، كاسىپ - ھۆنەرۋەنلەرنىڭ ئىشچان ، تىرىشچان بولۇشى جەھەتلەردە باشقا شەھەرلەرنى بۆسۈپ چۈشىدۇ . بولۇپمۇ ئىلىم - ئىرپاندىكى راۋاجلىنىش ۋە سودا - تىجارەتتىكى گۈللىنىش ۋە روناقلىق بابىدا ئۇنى "ئىككىنچى بۇخارا" دېسىمۇ ، ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ . كاشغەرنىڭ نوپۇسىغا قارىغاندا ، زېمىنى ئاز ، يېمەكلىك ئاشلىقى ئۆزىگە يېتىشمەيدۇ . شۇڭا ، ھەر ھەپتىدە ، ئىككى مىڭ ئېشەك ئاشلىق يەكەندىن كاشغەرگە ئۈزۈلمەي كىرىپ تۇرىدۇ . يايلاق - ئوتلاقلىرى ئاز ، ئۇلاغ - چارۋىلىرى كەمچىل . يەكەن يەكەن ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر . ئادەملىرىنىڭ خۇي - مىجەزى بىچارە سۈپەت ، ئۆز ئىشىغا پۇختا ۋە پىششىق . " ئىشان " ، " ھەزرەت " ، " ئەفەندى" ۋە " ساھىب" ئېتى بارلارغا چوڭقۇر ئەقىدە - ئىخلاس بىلەن قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ . يەكەندە ھىندىستانلىق ، كەشمىرلىك ، ئافغانىستانلىق ، ۋە بەدەخشانلىق مۇساپىرلار تولا . ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى شەرەپشان دېھقان . يەر - زېمىنلىرى كەڭرى ۋە ئۈنۈملۈك . ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۆز شەھرىگە يېتىدۇ ، ھەتتا ئېشىپ قالىدۇ . يايلاق ۋە قىشلاقلىرى بىپايان ، تۈرلۈك ھارۋا ۋە قوتازلىرى بىھېساب ، يەل - يىمىشلىرى مول ، يىمەك - ئىچمەكلىرى كەڭرى ھەم ئەرزانچىلىق ، يۇرت دائىرىسى پايانسىزدۇر . خوتەن خوتەن ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، قەدىمىي ۋە مەشھۇر شەھەر . ئادەملىرىنىڭ خۇي - مىجەزى بىر تىل ، بىر دىل ، مىسلىسىز ئۆم - ئىتتىپاق ؛ پىششىقلىقتا تەڭداشسىز ، مومسىقلىقتا تەمسىلسىز ؛ تەقۋا پەرھىزكارلىرى تولا ، بەڭۋاش ، يامانلىرى ئاندىن تولا ؛ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى كاسىپ - ھۆنەرۋەن ؛ ئۇلار ئەقىل - ئىدراكلىق ۋە ئۆتكۈر زېھىنلىق بولۇش جەھەتتە تەڭداشسىز ؛ ھەرقانداق ھۆنەرنى ئۆز كامالىتىگە يەتكۈزۈپ قىلىپ ، خېرىدارغا يارىتىپ قولدىن ئۆتكۈزۈپ ، پۇلىنى ئېلىشقا قادىر ھەم ماھىر . خوتەندە مول مەشۇت - يىپەك ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ . ئالتۇن كانى بار ، قاشتېشىمۇ ھەم تەييار ؛ تۆت ئەتراپتىن كېلىدىغان شەرەپشان سودىگەرلەر ھەرقانچە كۆپ پۇل ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، پۇللىرى تۈگەپ كەتسە كېتىدۇكى ، قىلىدىغان سودىسى ( ئالىدىغىنى) تۈگىمەيدۇ . باشقا يۇرتلارغا خوتەندىن مال - تاۋار چىقىپ كەتسە كېتىدۇكى ، ئالتۇننى ھېساپقا ئالمىغاندا ، نەق پۇل ھەرگىز چىقىپ كەتمەيدۇ . خوتەننىڭ ئادەملىرىگە قارىغاندا ، يەر - زېمىنى ئاجىز ، تولىسى قۇملۇق ، ئاشلىق مەھسۇلاتى تۆۋەن ، ئەمما مېۋە -چېۋىلىرى ئېشىپ - تېشىپ تۇرىدۇ . يايلاق ، باياۋانلىرى كۆز يەتكۈسىز ، ئۇلاق - چارۋىلىرىمۇ تولا ۋە جىقتۇر . ئاقسۇ ئاقسۇ خەلقى توغرا - دۇرۇس ، ياۋاش ، ساددا ، مۇلايىم ۋە كەمتەر خۇسۇسىيەتلىك ، غەم - ئەندىشىلىك ؛ ئۈلپەت - ئىتتىپاقى يوق پاراكەندە ، مۇھەببەت ۋە مەسلىھىتى يوق چېچىلاڭغۇ - تەپرىقە ؛ ئۆيىدە ئاشلىق ساقلىمايدۇ ، تەۋەككۈلچىلىقى زىيادە ؛ شەھەر ئادەملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى كۈنلۈك نانلىرىنى شەھەر بازىرىدىن سېتىۋالىدۇ . مۇشۇ سەۋەپتىن ئاشپەز ، ناۋايلىرى كۆپ ، ئاشپەزلىك ۋە ناۋايلىق ھۆنەر - سەنئىتى راۋاجلانغان . بىراق ، ئومۇمىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ھۆنەرۋەنلىرى ئاز ، دېھقانلىرى كۆپ . يەل - يىمىشلىرى ۋە ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۆز شەھرىگە يېتىدۇ . گۈرۈچى ئېسىل بولۇپ ، شەھەر - شەھەرلەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ . يايلاق - قىشلاقلىرى كەڭرى ، ئۇلاغ - چارۋىلىرى مول ، ئۆزىگە يېتىدۇ ، بەلكى ئېشىپمۇ قالىدۇ . ئۇچتۇرفان ئۇچتۇرفان قەدىمىي ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە شەھەر . بۇرۇنقى نامى " ئۇچ" ئىكەن . بەلكى " شەھرى بەربەر" دەپمۇ ئاتالغان ئىكەن . ئۇچ خەلقى خاقانىي چىننىڭ ئەمرى ئىتائىتىدىن چىقىپ ئىسيان كۆتەرگەندە ، سان - ساناقسىز چېرىكلەر شەھەرنى ئىشغال قىلىپ ، ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنى قېلىچتىن ئۆتكۈزۈپ قەتلىئام قىلغاندىن كېيىن ، تۇرفاندىن ۋە ئالتە شەھەردىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ ، بۇ يەرنى ئاۋات قىلغانىكەن ، شۇ سەۋەپلىك " ئۇچتۇرفان " دەپ ئاتالغانىكەن . ئۇچتۇرفانلىقلارنىڭ ھازىرقى ئېتى " كۆچمەن"دۇر . شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى ئۇچتۇرفانلىقلار گۇرۇھ- گۇرۇھقا بۆلۈنىپ كەتكەن ، چۇۋالچاق ، ئۆم - ئىناق ئەمەس . ئۇلارنىڭ ھۆنەرۋەنلىرى ئاز ، ئادەملىرى دېھقان ، يەر - زېمىنى ئوبدان ، ئاشلىق ۋە يىمەك - ئىچمەكلىرى كەڭرى ۋە ئەرزانچىلىق . كۇچا كۇچانىڭ قەدىمىي ئىسمى " كۆسەن" ئىكەن . كۇچالىقلار مىجەز - خاراكتىر جەھەتتە ئۆم - ئىتتىپاق ، دوست - ئۈلپەتچىلىكتە پەيزى بار كېلىدۇ . ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى ئەدەپ - قائىدىلىك ، يېقىشلىق ، گۈزەل سۆزلۈك ، ئاياللىرىنىڭ ھىممەت - جۈرئىتى ئەرلىرىدىن ئۈستۈن ، ئىلىم - ئەمەل ، ھۆنەر - كەسىپتىمۇ قېلىشمايدۇ . ئەمما مۇساپىر بىلەن خۇشى يوق . بۇ كۈنلەردە كۇچاغا تەرەپ - تەرەپتىن مۇساپىرلار كېلىپ جەم بولۇپ ، جەمئىيەت پەيدا قىلىپ ، ئۇنى كۈنسايىن راۋاجلىنىۋاتقان تىجارەتگاھقا ئايلاندۇرماقتا . كۇچانىڭ نوپۇسىغا قارىغاندا ، زېمىنى كۆپ ۋە مۇنبەت . ھەر ھەپتىدە ، باي - سايرامدىن ئەقەللىسى بەز يۈز ئېشەك - ئۇلاغدا ئاشلىق ۋە ياغ كېلىپ تۇرىدۇ . ھەر تۈرلۈك يەل - يىمىش ۋە يىمەك - ئىچمەكلىرى باشقا شەھەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا مول ۋە مەمۇرچىلىق ، ھۆل ۋە قۇرۇق مېۋىلىرىنى سودىگەرلەر شەھەر - شەھەرلەرگە ئېلىپ كېتىدۇ . كۇچانىڭ ئۇلاغ - چارۋىلىرى تولا ، گۆش تەمىناتى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە يېتىدۇ ، ھەتتا ئېشىپمۇ قالىدۇ . تۇرفان تۇرفان قەدىمىي ۋە ئۇزاق تارىخقا ئىگە شەھەر . ئادەملىرىنىڭ مىجەز - خاراكتېرى سەمىيمى ، راست سۆزلۈك ، ئۆز ئىشىغا پۇختا ۋە پىششىق ؛ ھىيلە - مىكىر ۋە خائىنلىق - يۈزسىزلىكتىن خالىي ، ئەقىدە - ئىخلاسلىرى تازا كېلىدۇ . ھاۋاسى ئىسسىق ، ئېقىن سۈيى ئاز . مۇتلەق كۆپچىلىك ئەھۋالدا كارىز سۈيىگە تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلىدۇ . زېمىنى ئوبدان ، ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۆزىنى تەمىنلىيەلەيدۇ . غوزا - كېۋەزلىرى ئوخشايدۇ . تەرەنجىبىن ( يانتاق شېكىرى)مۇ تۇرفاننىڭ خاس مەھسۇلاتىدۇر . كىشمىش ئۈزۈملىرى ئاجايىپ تولا ، سودىگەرلەر تەرەپ - تەرەپكە ئېلىپ كېتىدۇ . تۇرفاننىڭ زېمىن دائىرىسى ناھايىتى كەڭرى . Z|7Y1W[ #ucOjdquq
<< شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى>>نىڭ 2010- يىللىق 6- سانىدىكى << < تارىخىي ھەمىدىي>دە ئۇيغۇر يۇرتلىرى ۋە كىشىلىرى>> ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى . يوللىغۇچىدىن : بىزدە " قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ " دېگەن گەپ بار . ھازىرقى ھەر قايسى يۇرت كىشىلىرىدە شۇ يۇرتتا ياشىغان ئەجدادلىرىدىن كىرگەن ( قالغان ) خۇي - مىجەزلەر ساقلانغان بولىدۇ . ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ئۇ تەرەپلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن . |