查看完整版本: [-- ئە.نىياز : خوشلىشىش دەقىقىلىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> ئە.نىياز : خوشلىشىش دەقىقىلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەكبەرنىياز 2012-12-06 05:30

ئە.نىياز : خوشلىشىش دەقىقىلىرى

خوشلىشىش دەقىقىلىرى ONUa7  
/=QsZ,~xo  
نەسىرلەر e~nh95  
"$q"Kilj%  
1 BWr!K5w>i  
7 ,Q7`}gBf  
        قاچانلاردا قۇياش كۆزۈڭگە كۆچىۋالغىنىنى بىلمەيمەن . نېمىشقىدۇر ساڭا ھەر بىر باققىنىمدا  ھەتتا ئۆزۈمنىڭ كىملىگىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىمەن ، پۈتۈن دۇنيا قاراڭغۇلىشىپ ھېچ نەرسىنى ئىلغا قىلالمايمەن . خوش دېيىشىۋاتقان ئاشۇ دەقىقىلەردە كۆزۈڭدىكى قۇياشنى كۆزۈمگە كۆچۈرۈۋالغۇم كەلدى ، ئەمما ..... Djf~8q V!  
X.rbJyKe  
2 ]ed7Q3lq  
:4pO/I ~  
      ئايرىلىدىغان چاغدا مەن ساڭا ھېچنىمە دېيەلمىدىم ، پەقەتلا قولۇڭنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ << يەنە بىر كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ >> لا دېيەلىدىم . مانا بۇ مېنىڭ سەندىن كۈتكەن بىردىنبىر ئۈمىدىم ھەم ئەڭ ئاخىرقى تىلىكىم ئىدى . Z#K0a'  
z] |Y   
3 ])WIw'L!  
HGW;]8xl  
      ئايرىلار چاغدا كۆزلىرىڭدىن تۆكۈلىۋاتقان ئەلەم ياشلىرىنى كۆرۈپ مەنمۇ ئىختىيارسىز ھالدا كۆز ياشلىرىم بىلەن تەسەللىي بەردىم . ساڭا نىمىلەرنىدۇر سۆزلەپ تەسەللىي بەرگۈم ، قەلبىمنى ئۆرتەۋاتقان بۇ ئايرىلىش ئالدىدىكى ئازابىمنى ئازراق بولسىمۇ پەسەيتكۈم بار ئىدى . ئەمما ئاشۇ مىسكىن كۆزلىرىڭگە تىكىلگىنىمدە بۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى ھەتتا ئۆزۈمنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىمنىمۇ ئۇنتۇپ سېنى باغرىمغا تېخىمۇ چىڭ باستىم ھەم لەۋلىرىڭگە لېۋىمنى يېقىپ تۇرۇپ << بىز چوقۇم يەنە كۆز ياشلار ئىچىدە كۆرىشىمىز ، ئۇ چاغدىكى يېشىمىز ھەرگىزمۇ ئەلەم يېشى بولماستىن بەلكى شادلىق ، ۋىسال ياشلىرى بولىدۇ >> دەپ پىچىرلىدىم قەلبىمدە . سەنمۇ مېنىڭ نىمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى بىلگەندەك ياشقا تولغان كۆزلىرىڭنى يۇمغانچە مېنى تېخىمۇ مەھكەم باغرىڭغا باستىڭ . مەن شۇ چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مۇھەببەتنىڭ رومانتىك قايناملىرىغا شۇڭغۇپ كىرىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم . G U)NZ[e  
Uq2Qh@B  
4 McU]U 9:z  
1;+(HB  
     ئاپتۇبۇسنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى بىلەن تەڭ ئىككىمىز ئوخشاشمايدىغان ئىككى مەنزىلگە قاراپ يول ئالدۇق . بۇ قېتىملىق خوشلىشىشنىڭ ماڭا مەڭگۈلۈك جۇدالىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىمدا يۈرىكىمنى ئالىقانداق بىر نەرسە تېنىمسىز تاتىلاپ ، كۆزلىرىم ئىختىيارسىز نەملىشىشكە باشلىدى . بەلكىم بۇ مېنىڭ سەن ئۈچۈن ھەم ئىككىمىزنىڭ بۇ گۈزەل زېمىندا كۆرگەن شېرىن چۈشلىرىمىزگە قىيالماي تۆككەن ئەڭ ئاخىرقى يېشىمىز بولۇشى مۇمكىن . , p r ",=  
eadY(-4|I-  
Ea3 4x  
5 26c1Yl,DMn  
5nG$6Hw  
     قارىغاندا سەن بىلەن خوشلاشقان ئاشۇ دەقىقىلەردە بەك كۆپ يىغلاپ ياشلىرىمنى ساڭا سوۋغا قىلىۋەتكەن ئوخشايمەن . مانا ھازىر ئۆزۈمنى ياش تۆكۈشكە شۇنچە زورلاپ باقساممۇ يەنىلا كىرپىكلىرىم قۇرۇق . ئەمما ھەر قېتىملىق تىلىفۇندا سېنىڭ ئاۋازلىرىڭ بوغۇق . ياشلىرىمنى قايتۇرۇپ بەر جېنىم !!! `]g}M,  
9Z_98 Rh  
_ ;_NM5  
مەنبە :   ئۆز ئىجادىيىتىم .

سەرۋاز 2012-12-06 10:46
بۇنداق ئېسىل ئەسەرلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز.

danix 2012-12-06 16:14
   بۇ نەسىرلەر ئۆز جانانىدىن ئايرىلغان ئاشىقلارنىڭ يارە كۆڭۈللىرىگە ئىنتايىن شىپالىق مەلھەم بولىدىغان ئېسىل نەسىرلەركەن ! aG8}R~wH&  

ماھى 2012-12-06 20:31
سەن بىلەن خوشلاشقان شۇ دەقىقىدە،بۇ ئايرىلىشىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئايرىلىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدىم.تا ھازىرغىچە سۆيگۈ كەپتىرىمىز سەن توغرۇلۇق ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەچ،ئىچىمگە تىنىشقا مەجبۇر بولدۇم.ھەي...سۆيگۈ قەسىرىمىز غۇلاپ چۈشكەن، ھېسلىرىمىز خىرەلەشكەن ئىكەن ئەسلى. pMYEL  
muo(bR8  
ئەكبەر مۇئەللىم، ياخشى نەسىرىڭىزنىڭ تەسىرىدە ئازراق بىلجىرلاپ قويدۇم.ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز.

ئابلەت 2012-12-10 22:31
نەسىرنى ئوقۇغان ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىدىن ئايرىلغان ئازاپلىق ئەسلىمىلەرنى يادىغا كەلتۈرىدۇ . خىيال قۇشلىرى يىراقلارغا قانات قېقىپ ئۆتمۈشنىڭ ئاچچىق ھەم تاتلىق بولغان ياشلىق ئەسلىمىلىرى ئاسمىنىدا پەر قاقىدۇ.بۇ نەسىر ئادەمگە ئازاپ ئېلىپ كېلىدۇ .ئەمما ئازاپ قوينىدىمۇ بەزىدە خۇشاللىقلار بولغان بولىدۇ.

مەرىپەت0999 2012-12-17 17:50
ھە ،ئەكبەر مۇئەللىم تۈرلۈك شەكىللەردىكى ھىسىياتلىق شېئىرلىرىڭىزنى ئوقۇپ بولىشىمغىلا ئېسىل نەسىردىن بىرنى يوللاپسىز.ئىستىداتىڭىزغا قايىلمەن!! قەلىمىڭىزگە بەرىكەت،تىنىڭىزگە سالامەتلىك ،ئائىلىڭىزگە بەختيار بولغاي!!   

nazperwer 2012-12-26 23:33
خۇش دېدىڭ كېتەر چاغدا ، \c}_!.xj"  
ياش ئەگىپ كۆزلەرىڭدىن. jq%%|J.x  
لەۋ يېقىپ تۆككەن  ياشىم ، \4Uhc3  
سىرغىپ چۈشتى مەڭزىمدىن . 94^)Ar~O  
6_|iXs(&  
خوش دېدىڭ قولياغلىقىم ، z]_2lx2e  
يەلپۈنەر قولۇمدا . VyX5MVh  
بىز ئىككىمىز سۆيگۈسىگە، ]1hyvm3  
ئاق كېچە بولسۇن گۇۋاھ. OQW%nF9~  
F>Pr`T?>  
ئىككىمىز خوشلاشقاندا ، "s-3226kj  
چىقاتتى مەيىن شامال. #[ f]-c(!  
ھېچكىشىدىن ئاغرىنمايمەن ، |RjAp.pm  
تەقدىرگە يوقتۇر ئامال. {wy{L-X  
Y5c,O>T5Y  
نەسىرىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ ئىختىيارسىز يۇقۇرىدىكى  ناخشا تېكىستى ئېسىمگە كېلىپ قالدى .قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن ،ساپ  ھېسسىياتنى پەردازسىز ئىپادىلەيدىغان بۇنداق يازمىلىرىڭىزنى كۆپرەك ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىمەن !

nadiraay 2013-03-24 17:45
    قارىغاندا سەن بىلەن خوشلاشقان ئاشۇ دەقىقىلەردە بەك كۆپ يىغلاپ ياشلىرىمنى ساڭا سوۋغا قىلىۋەتكەن ئوخشايمەن . مانا ھازىر ئۆزۈمنى ياش تۆكۈشكە شۇنچە زورلاپ باقساممۇ يەنىلا كىرپىكلىرىم قۇرۇق . ئەمما ھەر قېتىملىق تىلىفۇندا سېنىڭ ئاۋازلىرىڭ بوغۇق . ياشلىرىمنى قايتۇرۇپ بەر جېنىم !!! ,f{w@Er  
OLPY 
ئەگەر ئۇ قىزنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام چوقۇم قايتۇرىۋېتەتتىم.چۈنكى مەن تاپشۇرۇپ ئالغان سوۋغات  ئازاپ تۇرسا.  ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇشايمانغا سەۋەب بولغان سوۋغات تۇرسا...     

tawpek 2013-03-24 23:56
شىئىرلىرىڭىزنى تولا كۆرۆپ نەسىر ئىجادىيتىڭىز خايالىمىزدىن ئۆچۆپ قالاي دىدى جۇمۇ.  od{\z  
{g#4E0.A!  
نەسىرلىرىڭىزدىنمۇ سىغىندۇق.

ئەكبەرنىياز 2013-03-25 00:03
ئۇمۇ بار دوستلار ، سىلەر ياقتۇرساڭلارلا !؟

نەسىمى0998 2013-12-08 22:03
ئاپتۇبۇسنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى بىلەن تەڭ ئىككىمىز ئوخشاشمايدىغان ئىككى مەنزىلگە قاراپ يول ئالدۇق . بۇ قېتىملىق خوشلىشىشنىڭ ماڭا مەڭگۈلۈك جۇدالىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىمدا يۈرىكىمنى ئالىقانداق بىر نەرسە تېنىمسىز تاتىلاپ ، كۆزلىرىم ئىختىيارسىز نەملىشىشكە باشلىدى .    بۇ  قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىمدا يۈرگۈم ئېغىزىمغا تىقىلغاندەك بولدى...قەلەم تۇلپارىگىز ھارمىغاي...

مىېھرىما 2014-01-03 22:42
ئكبەر ئۇستاز قولىڭىز دەرت كۆرمىسۇن، بىزنى ھىلى ئېسىل شېرلار بىلەن ھىلى ئوقۇپ قانمايدىغان ياخشى نەسىرلەر بىلەن بىزنى ھوزۇرلاندۇرۇپ ،بىزدەك يىڭى ئەزالارنى ئەتراپلىق تەربىيەلەپ كېلىۋتسىز . ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

مىېھرىما 2014-01-09 23:04
nazperwer:خۇش دېدىڭ كېتەر چاغدا ،ياش ئەگىپ كۆزلەرىڭدىن.لەۋ يېقىپ تۆككەن  ياشىم ،سىرغىپ چۈشتى مەڭزىمدىن ........ (2012-12-26 23:33) 
Pd91< L  
بۇ ناخشىنى مەن ئىنتايىن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇيتىم، تەپىقداشلاغا ئوقۇپ بەرگىم كەپ كالدى.بىراق مۈمكىن بولمايدىكەن. بەك ئەپسۇس.

danix 2014-01-12 11:01
   ئەكبەر مۇئەللىم ، ئەمدى ۋىسال دەقىقىلىرى توغرىسىدا يېزىدىغان چاغلار كېلىپ قالدىغۇ - دەيمەن . i}T* | P  

akqolpan 2014-01-20 10:46
نىمە دېگەن گۈزەل لىرىكا بۇ. راسلا چىن مۇھەببەت ناخشىسى بوپتۇ بۇ.

گۈلنىھال 2014-01-20 11:26
,I iKe_B  
‏ئايرىلىپ ياشاشقا قىيمىدى يۈرەك ، eGMw:H  
‏تۆكۈلدى  يۈرەكتىن  ئازاپلىق قان - ياش . P#pb48^-  
‏ھەمرا قىپ سۆيگۈمگە  بىر ئېزگۈ تىلەك ، ejg!1*H@n  
‏ئېيىت كىمگە بولدۇڭسەن مېھىرلىك قۇياش.

مىېھرىما 2014-01-20 17:53
گۈلنىھال بۇ شىئېرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ. ھارمىغايسىز . u9_? c G-  


查看完整版本: [-- ئە.نىياز : خوشلىشىش دەقىقىلىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled