查看完整版本: [-- ئەخلاق گۇلىستانىدا ياشىغان ئۇيغۇر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەكتەپ گىزىتى دىن ئۈنچى لەر -> ئەخلاق گۇلىستانىدا ياشىغان ئۇيغۇر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مەھەممەتجان 2012-12-05 13:17

ئەخلاق گۇلىستانىدا ياشىغان ئۇيغۇر

                           ئەخلاق گۇلىستانىدا ياشىغىن ئۇيغۇر

 

زىبەيدە ئەخمەت(غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2-يىللىق 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)

 

                     دەرەخ گۈزەللىكى ياپراق بىلەن،

                     ئىنسان گۈزەللىكى ئەخلاق بىلەن.

   تارىخ بەتلىرى ۋاراقلانماقتا.ھەربىر بەتلەردىن ئۇيغۇرۇمنىڭ سىماسى نامايان بولماقتا. نوزۇگۇمنىڭ شەرمىي-ھاياسى،رىزۋانگۈلنىڭ جاسارىتى،تۇمارىسنىڭ قەيسەرلىكى ئىنسانىيەت ۋىجدانىنىڭ ساداسىنى ياڭراتماقتا.مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئالىيجاناپلىقى،يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەردانىلىقى،نەۋائىينىڭ مۇلايىملىقى ئۇيغۇرۇمنىڭ پاك پەزىلىتىنى دۇنياغا خىتاب قىلماقتا.ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئون ئىككى مۇقامنىڭ جۇلاسى،ساتارنىڭ تارىدىن ياڭرىغان كۈي چەشمىلىرى،ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرىنىڭ ئەخلاق داستانىنى ياڭراتماقتا.ئۆرپ - ئادەت خۇرۇچلىرىدا يۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر ئەخلاقى پارىژ كوچىلىرىدا مودا بولىۋاتقان ئاتالمىش خاھىشلار ئۈستىدىن غالىپ كەلمەكتە.

   ئىنسانىيەت قىممىتىنىڭ ئاساسى ئەخلاق.ئەخلاق ئۇ بىر پارلاپ تۇرغان يولتۇزكى،ئىنسانلار كۆزىگە نۇر ۋە روشەنلىك بېغىشلايدۇ.ئۇ جۇلالىنىپ تۇرغان بىر گۆھەردۇركى،ئادەمىيلىك تاجىغا زىننەت ۋە قىممەت بېرىدۇ.ئۇ تولۇپ چىققان بىر قۇياشتۇركى،مىسكىن دىللار تىكەنزارلىقىنى گۈلشەنگە ئايلاندۇرىدۇ.ئۇ نۇر چېچىپ تۇرغان ئايدۇركى،قاراڭغۇ كۆڭۈللەر زۈلمىتىنى روشەنلەشتۈرىدۇ.ئۇ پايانسىز دېڭىزدۇركى،ئۇنىڭ ھەربىر دولقۇنى يۈزلىگەن ئەقىل-ھوش كىمىسىنى چۆكتۈرىدۇ.ئۇ ئوتلۇق شولىدۇركى،خەستە جان ۋە كۆڭۈللەرنى ئىرىتىپ.سۇغا غەرق قىلىدۇ.بۇۋىمىز ئىمىر ھۆسىيىن سەبۇرى ‹‹دوستلۇق زىننىتى نومۇستىن،مەھبۇبلۇق نازاكىتىنىڭ راۋاج تېپىشى ئەدەبتىن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ››دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان.شۇنداق،‹‹ئەدەب –ئەخلاق بازاردا تېپىلماس،ئەدەبسىزگە ھېچكىم قېتىلماس››.ئەخلاقلىق ئادەم يۈرىكىدە ئىزىتقۇ تۇمان كۆتۈرۈلگەنلىكىنى سەزگەن ھامان ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ.مانا بۇ ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ نامايەندىسى بولغان ئەقىل - ئىدراك ۋە ئەدەپ - ئەخلاقنىڭ ياڭراق كۈيى.

   ئەخلاق ئۇ مەڭگۈلۈك كىتاب.ئۇنىڭدا مەڭگۈلۈك ئازاب،مەڭگۈلۈك يىغا،مەڭگۈلۈك ھەسرەتنىڭ ئاسارىتى يوقالغان.ئۇنىڭدا ھۆكۈم سۆرىۋاتقىنى پەقەت مەڭگۈلۈك كۈلكە،مەڭگۈلۈك بەختنىڭ ساداسى. ئەدەب - ئەخلاق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يېزىقسىز قانۇن.ئۇيغۇرۇم ئارىسىدا كەڭ قورساقلىق،پاكلىق،مۇلايىملىق،كەمتەرلىك،سالماقلىق،تىرىشچانلىق ۋە دوستانىلىق يەتتە خىل جىنايەتكە قارمۇقارشى بولغان يەتتە خىل گۈزەل ئەخلاق ھېساپلىنىدۇ. 21-ئەسىر ھەرنەرسىنىڭ ئەڭ ئىسىلىنى،ئەڭ گۈزىلىنى،ئەڭ مۇكەممىلىنى مانا بىز ياش – ئۈسمۈرلەرگە لايىق كۆرگەن،مۇناسىپ كۆرگەن مىللەتنىڭ ئەسىرى.مانا بۇ پۇرسەتكە تولغان ئەسىردە باشقا مىللەتلەر  تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئۆتمۈشىدىن قول ئۈزسە،ئۇيغۇرلار تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئۆتمۈشىگە قايتىش كېرەك.ئۆتمۈشىگە قايتىش ئۈچۈن چوقۇم ئەدەب – ئەخلاقتىن ئىبارەت بۇ يېزىقسىز قانۇنغا شەرتسىز بوي سۇنۇشى كېرەك.

                  پاك ئىنسانلار،ساپ ۋىجدانلار ھېچ ئۈلمىسۇن،

                  قەدىردانلار،مېھرىبانلار ھېچ ئۈلمىسۇن.

                  چاققان،چاققان،ئالغا ئاققان،ئەلنى باققان،

                  دىلغا ياققان غەيۇرانلار ھېچ ئۈلمىسۇن.

                                                                  (بىلال ئەزىزى)

   ئۇيغۇر ئەخلاق مەدەنىيىتى شىكسىپىرنىڭ فانتازىيىلىرىدىن،كۈي شاھلىرىنىڭ سىمفۈنىيىلىرىدىن،رىم مەدەنىيەت كاتۇگىرىيىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ،بۈگۈنكى تاكاممۇللاشقان دەۋرگە كەلگەندە،بىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقىنىمىز ھەممىمىزگە ناھايىتى ئېنىق،مانا شۇ خىل قىلمىش - ئەتمىشلەر  مېنى ئەجەپلەندۈرمەكتە،مېنى ھەسرەت دېڭىزىغا غەرق قىلماقتا! 

   ئەي ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەخلاقى،سەن ئۆزۈڭنىڭ مۇڭلۇق مۇقامىڭ بىلەن مېنى ئەزدىڭ،تېڭىرقاش تالاپەتلىرىدە ئۆرتەنگەن باغرىم سېنىڭ يۇمشاق لىرىكاڭدا ئېرىمەكتە.پەخرىمسەن ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەخلاقى،ئىپتىخارىمسەن ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەخلاقى!

 


ئەكبەرنىياز 2012-12-05 14:36
ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنىڭ يېزىقچىلىق سەۋىيىسى بوپ قويىدىكەن جۇمۇ مەھەممەتجان مۇئەللىم ، بەك ياخشى يېزىپتۇ ، ئۇلارنى مۇشۇنچىلىك قىلغۇچە كۆپ ئەجىر سىڭدۈردىڭىز ھە قاچان !؟
مۇشۇنداق تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز ، بۇ ئارقىلىق بىزمۇ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى تەربىيلەپ تۇرىمىز -ئەمەسمۇ !!!

مەھەممەتجان 2012-12-05 15:29
        ئەكبەر نىياز مۇئەللىمنىڭ رىغبىتىگە رەھمەت.
        بۇ ئوقۇغۇچى كەسىپدىشىم مېھراي ئۆمەرنىڭ ئوقۇغۇچىسى،مېھراي ئۆمەر مۇئەللىمنىڭ بۇ ماقالىگە بەلگىلىك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكى ھەم ئېنىق. بۇ ماقالە ئالدىنقى ھەپتە مەكتىۋىمىزدە ئانا تىلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەخلاق ۋە بىلىم تېمىسىدىكى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئوقۇلغان بولۇپ،مەزمۇنى ماڭا ناھايىتى ياراپ كەتكەن.شۇ تۆپەيلى مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاق بەھىرلىنىش ۋە مەزكۇر ئوقۇغۇچىغا ئىلھام بولۇشنى ئىستەپ،مەزكۇر ئوقۇغۇچىدىن بۇ ماقالىنىڭ ئورگىنالىنى ئېلىپ،ئۆزۈم كومپىيۇتۇردا ئۇرۇپ،قىسمەن ئابزاسلىرىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ،تورغا يوللاپ قويدۇم.
        پۇرسەت يار بەرسە،بۇندىن كېيىنمۇ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ياخشى چىققان ئەسەرلىرىنى داۋاملىق يوللاپ،<<تەۋپىق>>مۇنبىرىنى تېخىمۇ بېيىتىش ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا تېخىمۇ كۆپلەپ ئىلھام بېرىش ئويۇم بار،ئەلۋەتتە!

ئوتقاشئەرقۇتى 2012-12-05 21:31
ئوقۇغۇچىلانىڭ ئەسەرلىرى بىلەن كۆپرەك تۇنۇشۇش ،ئۇقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشنىڭ بىر تۈرلۇك يۇلى .مەھەممەتجان مۇئەللىم ھارمىغايسىز .

مەرىپەت0999 2012-12-07 10:12
مۇھەممەتجان مۇئەللىم ياخشىمۇسىز؟ نامىڭىزنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىدىم .تەۋپىق مۇنبىرى ئارقىلىق بولسىمۇ كورۈشكەنلىكمىزگە خوشالمەن.تىخىمۇ نادىر ئەسەرلەر بىلەن مۇنبىرىمىزنى زىننەتلەپ تۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!!!

مەھەممەتجان 2012-12-10 17:33
引用第4楼مەرىپەت0999于2012-12-07 10:12发表的 : مۇھەممەتجان مۇئەللىم ياخشىمۇسىز؟ نامىڭىزنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىدىم .تەۋپىق مۇنبىرى ئارقىلىق بولسىمۇ كورۈشكەنلىكمىزگە خوشالمەن.تىخىمۇ نادىر ئەسەرلەر بىلەن مۇنبىرىمىزنى زىننەتلەپ تۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!!!




       ياخشىمۇسىز مەرىپەت0999 ،ئىلھام بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.بۇندىن كېيىن شارائىتىمىز يار بەرسىلا بۇ مۇنبەرنى ئاۋاتلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ باققىمىز بار.ئۆزئارا بىر - بىرىمىزنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش ھەممىمىزگە يار بولسۇن!

danix 2012-12-10 17:45
   ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى مەتبۇئات ياكى تورلاردا ئېلان قىلىپ بېرىش ، ئۇلارغا ئاجايىپ ئېسىل مۇكاپات بەرگەندەك ئىلھام بولىدۇ . بۇ ئەسەرنى يوللاپ شۇنداق ياخشى قىپسىز مۇھەممەتجان مۇئەللىم !

ياسىنجان510 2014-01-11 17:40
ئۇيغاق تەپەككۈرىڭىزگە،ئۆز مىللىتىڭىز بولغان ھۆرمىتىڭىز ۋە ئىپتىخارلىق سۆيۈنىشىڭكزگە ئاپىرىن ئېيتىمەن.


查看完整版本: [-- ئەخلاق گۇلىستانىدا ياشىغان ئۇيغۇر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled