查看完整版本: [-- مېنىڭ تاغام ژىيول دەرس لايىھىسى(رىسالەت مەردان) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> مېنىڭ تاغام ژىيول دەرس لايىھىسى(رىسالەت مەردان) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2012-12-04 17:55

مېنىڭ تاغام ژىيول دەرس لايىھىسى(رىسالەت مەردان)

پ پ ت چۈشۈرۈش

يېڭى دەرس تېمىسى
11. مېنىڭ تاغام ژىيول
(ئىككىنچى سائەتلىك دەرس تەييارلىقى)
ئوقۇتۇش نىشانى
1.    بىلىم-ئىقتىدار نىشانى:  
› تېكىستنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مەزمۇنىنى ئىچكىرىلەپ چۈشىنىش
•    2› پىرسۇناژلار ئوبرازىنى چۈشىنىش
•    3› ئەينى دەۋىردىكى فىرانسىيە جەمىيئىتىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىنى چۈشىنىش
•    4› مېھىر-مۇھەببەتنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى رولىنى ھېس قىلىش
ھېسسىيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشى نىشانى
فىرانسىيە جەمىيئىتى بىلەن ئۇيغۇر جەمىيئىتىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداشلىق مېھىر مۇھەببىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى ھېس قىلىش.
2.    ئۇسۇل-جەريان نىشانى:
ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، مۇنازىرە قىلىش، ئۆز-ئارا تولۇقلاش
مۇھىم نۇقتا:
ئەسەردىكى دەۋىر ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن پىرسۇناژلارنىڭ ھېسسىيات ئۆزگىرىشىنى، قىممەت قارىشىنى ھېس قىلىش
قىيىن نۇقتا:
پىرسۇناژلار تەسۋىرى، ھەركەت، تىل، پىسخىك تەسۋىرلەرنىڭ ئاپتورنىڭ پىرسۇناژلار ئوبرازىنى يورۇتۇشىغا قانداق ياردەم قىلغانلىقىنى چۈشىنىۋىلىش
كىرەكلىك سايمانلار: كىتاب، پايدىلىنىش قوللانمىسى، PPT دەرس تەييارلىقى
ئەسەر تەھلىلى:
فىرانسىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى مۇپاسساننىڭ بۇ ئەسىرى ئۇنىڭ ‹‹دونداق›› ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىن ئېلىنغان. ئاپتور ئوخشاش ئادەملەرگە ژىيۇلنىڭ ئوخشىمىغان قىياپىتىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مۇئامىلە قىلىۋاتقىنى ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ژىيول ئەمەس بەلكى ئۇلار ئېرىشمەكچى بولغان پۇل-مال ۋە مەرتىۋە ئىكەنلىكىنى ئېنىق يورۇتۇپ بەرگەن.
ئاپتور بىر كىچىك ئۆسمۈرنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدىن چىقىپ، پىرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى، ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىنى ئېنىق ھېس قىلدۇرغان.
ئوقۇتۇش جەريانى:
ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
ئالدىنقى سائەتتە ئەينى يىللاردىكى فىرانسىيەنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق، ئەمدى بولسا داڭلىق يازغۇچى مۇپاسساننىڭ قەلىمىدىكى فىرانسىيە جەمىيتىدىكى تۈۋەن تەبىقە كىشىلىرىنىڭ پۇل ۋە مېھىر مۇھەببەت ئوتتۇرىسىدىكى قىينىلىش ۋە قىممەت قارىشىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى ئېنىق ھېس قىلالايمىز. قېنى تۈۋەندە PPT دەرس تەييارلىقىدىن فىرانسىيەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە بۇرۇنقى ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەرنى كۆرۈپ باقايلى.
1.    ئوقۇغۇچىلار ئاۋال PPT دەرس تەييارلىقىغا قاراپ دەرس مەزمۇنىنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتىدۇ.
ئەسەر تۆت باسقۇچقا بۆلۈنۈپ بايان قىلىنغان.
1.    ژيولنى كۈتۈش
2.    ژيولنى ماختاش
3.    ژيول بىلەن ئۇچرىشىش
4.    ژىيولدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش
2.    تۈۋەندىكى قۇرلار ئارقىلىق بىز يۇسىفلارنىڭ ئائىلىسىنى چۈشىنىپ باقايلى:
بىز كۈندىلىك بويۇملارغا ئەرزان، براك ماللارنى ئالاتتۇق، ھەدىلىرىم ئۆزى تىككەن كۆڭلەككە بىرەر مىتىر چىلتەك سېتىۋالغاندىمۇ قاتتىق سودىلىشاتتى.
خەت ھەمىمىزنى روھلاندۇرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدىغان ژيول بىردىنلا ۋىجدانلىق، پاك ئادەم بولۇپ قالدى
يوقىرىدىكى قۇرلاردىن نىمىنى ھېس قىلدىڭىز؟
•    دادام بىردىنلا ئەندىكىپ كەتكەندەك، بىر نەچچە قەدەم يانغا داجىدى-دە، قۇلۇلە ساتقۇچىنىڭ قېشىدا قىستىلىشىپ تۇرغان قىزلىرى بىلەن كۈيئوغلىغا ئالىيىپ قاراپ قويدى. ئاندىن بىزنىڭ قېشىمىزغا قايتىپ كەلدى، ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن، كۆزلىرى ئۆمسىلا ئىدى.
•    مەن بۇرۇنلا بۇ ئوغرىنىڭ ئادەم بولمايدىغانلىقىنى، ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلىپ بىزگە ئۆلۈكىنى ئارتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم-دېدى ئاپام تېرىكىپ.
يوقىرىدىكى قۇرلاردىن ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا قانداق ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى    
بىلدىڭىز؟
ژىيول قانداق ئادەم ئىدى؟ تېكىستە ژيولنىڭ يۇسىفلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۈچ قېتىم ئۆزگەرگەنلىكى يېزىلغان، بۇ ئۈچ قېتىملىق ئۆزگىرىش قايسىلار؟
ئەسەردە يۇسىفنىڭلا ئىچكى دۇنياسى بىۋاستە ئېچىپ بىرىلگەن، ئۇتاغىسىنى تونۇغاندىن كېيىن نىمىلەرنى ئويلىدى؟ بۇنىڭدىن نىمىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ؟
ئەسەردىكى باش پىرسۇناژ زادى كىم؟ نىمە ئۈچۈن؟
فىلىپ ئائىلىسىدىكىلەر، بولۇپمۇ فىلىپ ئەر-ئاياللار زادى قانداق ئادەملەر؟
تۈۋەندىكى پارچىنى ئوقۇڭ:
مەن ئۇنىڭ قولىغا قارىدىم، ئۇنىڭ قوللىرى ماتروسلارنىڭكىدەك قورۇق بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئاندىن ئۇنىڭ يۈزىگە قارىدىم، ئۇنىڭ قېرى نامرات چىرايدىن غېرىبلىق، مىسكىنلىك چىقىپ تۇراتتى.
•    ئۇ نىمىگە بەكرەك تەشنا بولۇشى مۇمكىن؟  
•    ئەگەر فىلىپنىڭ ئورنىدا سىز بولغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟
ئەسەردە تەسۋىرلەش ئۇسۇلىدىن قايسىلار قوللىنىلغان؟
ئوقۇغۇچىلار يوقىرىقى سۇئاللار ئاساسىدا تېكسىت مەزمۇنى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى       جەھەتتە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ.
مەزمۇن خۇلاسىسى :
ئاپتور ئون نەچچە ياشلىق بىر بالىنىڭ كۆزى ئارقىلىق ئىنچىكە تاشقى تەسۋىر ۋە پىسخىك تەسۋىرنى بىرىپ، ئەينى دەۋىردىكى فىرانسىيىدىكى قىسمەن نامراتلارنىڭ باي-نامراتلىق پەرقى تۈپەيلى، پۇلنى چوڭ بىلىپ، مېھىر-مۇھەببەتتىن، كۆيۈمدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىدەك ۋەقە تەسۋىرلەنگەن، ھەمدە بىزنى تاۋارلىشىش دولقۇنى كۆتىرىلگەن پەيىتلەردە قېرىنداشلار ئارا، ئادەملەر ئارا مېھىر-مۇھەببەتنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ئۈندىگەن.
مۇستەھكەملەش سىنىقى :
•    ئەسەردە بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ پۇلغا ئامراقلىقىدىن باشقا يەنە قانداق ئىللىتى ئېچىپ تاشلانغان؟
•    ئا: شۆھرەتپەرەسلىك
•    ب: ھاكاۋۇرلۇق
•    س: ھاماقەتلىك
دەرس ئۆتكۈچىنىڭ خۇلاسىسى :
‹‹تاغام ژىيول ›› كەلدى ئالدىمغا
مۇپاسساننى يىتىلەپ بىللە.
مەن بېشىمنى قاشىلاپ قويدۇم،
دەرس ئۆتىمەن ئوچۇق مەن ئەتە.
تەييارلايمەن يۈرىگىمدىن جاي
سەبىي، قىزغىن بىر توپ باچكىغا
لۈشۈن، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، دۇفۇ
ئېسىلىدۇ قاناتلىرىغا
سىلەرنى ياخشى ئادەم بولۇڭلار دەيمەن
ئەدەبىيات دىگەن تېكىسىت ئەمەس
مەن ئەمەس، ھەم سەنمۇ ئەمەس
ئادەم بولغىن بىر ياخشى ئادەم بول
دۇنيا سەنسىز، ئادەمسىز كۈلمەس.
تاپشۇرۇق: تۈۋەندىكى تەسەۋۋۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىڭ:
ئەگەر يۇسىف ئون يىلدىن كىيىن يەنە موشۇ پاراخۇتتا تاغىسىنى ئۇچىرىتىپ قالىدۇ، ئۇ چاغدا ژىيول باي مۆتىۋەرگە ئايلانغان ئىدى......
داۋامىنى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىڭ...
دوسكا لايھىسى:
11.دەرس : تاغام ژيۇل
ژىيول : ئازغان، مېھىر مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولغان بىچارە ئادەم.
فىلىپ ئەر-ئاياللار: تاۋارلىشىش دولقۇنىدا قىممەت قارىشى ئۆزگەرگەن ئادەملەر

ئەكبەرنىياز 2012-12-04 18:59
بەك ياخشى لايىھەلەپسىز ، بولۇپمۇ خۇلاسە شىئېرى شەكىلدە بولغانلىقى ، ۋە تاپشۇرۇقنىڭ ئۆزگىچە لاھىيەلىنىشى مېنى بەكمۇ قايىل قىلدى . ھارمىغايسىز !!!

سەرۋاز 2012-12-04 22:52
بۇ دەرسنىڭ لاھىيسى ئوبدان تۈزۈلۈپتۇ ،  ھارمىغايسىز

ozqan 2012-12-04 23:12
رىسالەت مەردان ئۆزى كىرسە بولاتتى تەۋپىققە ...
تەييالىقنى ياخشى تۈزۈپتۇ ... رەخمەت ئەجرىڭلارغا ..

koksangun 2012-12-05 09:50
ياش شائىر ،تەرجىمان رىسالەت مەردان پات ئارىدا مۇنبەرداشلار بىلەن تەۋپىق مۇنبىرىدە يۈز كۆرۈشىدۇ .ئۇنىڭ تەۋپىقتىكى پائالىيەتلىرىگىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن .

ماھى 2012-12-05 13:11
رىسالەت مەردان دېگەن ئىسىمنى كۆرۈپ، شۇ شائىر،تەرجىمانمىكىن دېگەن ئېدىم.راستىنلا شۇكەن-دە؟
ئۇ مۇنبىرىمىزگە قوشۇلسا يەنە بىر كۈچ قوشۇلىدۇ مۇنبىرىمىزگە!

risaletmerdan 2012-12-05 19:28
مەن ئاران كىردىم بۇ مۇنبەرگە.بۇ دەرس تەييارلىقىغا قوشۇپ پ پ ت ئىشلىگەن، ئۇنىمۇ چىقىرىپ قويسا بولاتتى @koksangun

ماھى 2012-12-05 23:07
مۇنبىرىمىزگە كىرگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا رىسالەت.
تېخىمۇ ياخشى دەرس لايىھىلىرىڭىز ۋە دېتاللىرىڭىزنى مۇنبەر ئەھلى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەيسىز.

koksangun 2012-12-06 12:46
رىسالەت مەرداننىڭ دەرس دىتاللىرى بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا يېزىلغان شېئىرلىرىنى كۆرۈشنىمۇ خالايمىز .
رىسالەت ، دەرس لايىھىڭىزنىڭ دىتالىنىمۇ يوللىغان ، مەزكۇر تېمىنىڭ ماۋزۇسى ئۈستىدىلا ، ئۇنى پەقەت ئولىنىش قىلىپ قويدۇم . مۇنبىرىمىزنىڭ بوشلۇقى تولىمۇ تۇراقسىز بولغاچقا ، ئۇنى ھەقسىز بوشلۇققا يوللاپ ئۇلىنىش قىلدىم ، باشقىلار بىۋاستە چۈشۈرۈپ پايدىلىنالايدۇ .

risaletmerdan 2012-12-06 13:32
كىرىپ تۇرىمەن

ئايگۈزەل 2012-12-23 12:48
بەك ياخشى بوپتۇ!

ozqan 2012-12-23 13:02
رىسالەت مەرداننىڭ تەۋپىققە باسقان قەدىمىگە مەرھابا !
مۇنبەر يۈزىدە تېمىلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشقا تەشنابىز .
ئىزچىللىق سىزگە ھەمراھ بولغاي ...

nadiraay 2012-12-23 18:11
مەن كۆرگەن دەرس لايىھەلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئۆزگىچە دەرس لايىھەسى ئىكەن . ھارمىغايسىز.

ئوتلۇق 2012-12-26 00:13
ياخشىكەن تىرىشىڭ . تىرىشىڭ .

tawpek 2013-10-12 15:04
ئاتتىلا ئاكىمىز بۇ تېكىسىتنى كىتاپتىن چىقىرىۋىتىشنى تەلەپ  قىلىپتىكەن.

شەرق 2013-10-24 12:10
شائىرە رىسالەت مەردان يازغان شېئىرلىرىمغا باھا بېرپ ، مېنى ئىجادىيەت دالاسىدا ئات چپىشمغا يۇل كۆرسەتسىڭىز. ئىنىڭىز شەرق

ئەشمە 2014-03-12 13:58
نىمىدىگەن ئەستايىدىل.


查看完整版本: [-- مېنىڭ تاغام ژىيول دەرس لايىھىسى(رىسالەت مەردان) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled