يىڭى يىل سۆيگۈسى
(گۇما ناھىيە موكويلا ئوتتۇرا مەكتەپ 2-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى: بۇخەلچەم ئابلىكىم)
يىڭى يىل ۋاقت بوۋايغا ئەگىشىپ يىنك قەدەملىرى بىلەن تىز-تىز يىتىپ كەلمەكتە ئىدى، بىزمۇ ئۇنىڭ ئەتراپىغا گويا ھەسەلگە ئولاشقان چۈمۈلە توپىدەك غۇچچىدە ئولىشىۋالدۇق ۋە
يىڭى يىلدابالىلار،
يىڭى ياشقا ئۇلاشتۇق.
قار ئېتىشىپ دالىدا،
خۇشال- خۇرام ئويناشتۇق.
دىيشىپ يىڭى يىلىمىزنى بالىلارچە تاتلىق قىلىقلىرىمىز بىلەن تەبرىكلەشتۇق. ۋاقىت بوۋاي بولسا بىزگە قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرىگىنىچە تولىمۇ ئەستايىدىللق بىلەن:« بالىلىرىم، يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، يىڭى يىلدا نىمە ئىش قىلماقچى بولدۇڭلار؟» دەپ سورىدى. بىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ ھاڭۋىقىپ قىلشتۇق.
يىڭى يىل ئىشنىڭ بىشى دىمەكتۇر. ئۇنىڭغا قانچىلىك مىھنەت قىلساڭ شۇنچىلىك مىۋە بىرىدىغان بىر دەرەخ، باللىرىم. مەن سىلەرگە شۇنداق نەسھەت قىلايكى قۇلىقىڭلارغا ياقسا ئاڭلاڭلار، بولمىسا ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشى.
«بالىلىرىم، ۋاقت دىگەن ئالتۇندىنمۇ قىممەتلك. شۇڭا ۋاقىتنىڭ قەدرىگە يىتىڭلار، باشقا نەرسنى ئىزدەپ تاپقىلى بولغان بىلەن ۋاقىتنى تاپقىلى بولمايدۇ. يەنە بىر سى بالىلىرىم، ئاتا-ئاناڭلارنىڭ دۇئاسىنى كۆپ ئېلڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا كۆپ ياردەملىشىڭلار. بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق -ئىجىل ئۆتۈڭلار شۇندىلا باسقان يولۇڭلاردىن گۈل ئۈنىدۇ» دىدى. بالىلارنىڭ قەلبى چەكسىز ھاياجانغا تولغان بولۇپ، يۈرەكلىرى شادلىق ناخشىسى ئىيتىشاتتى. بەزىلەرنىڭ بولسا ياشلىق گۈللىرىنى ۋاقىتسىز توزۇتۇپ،مۇشۇنداق ياخشى شارائىتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇپ زارلانغانلىرىغا قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى. بالىلار بۇ ھىكمەتلەردىن خۇددى بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدى-ۋە:
ياخشى ئوقۇپ مەكتەپتە،
ئىلىم-بىلىم ئالىمىز.
يىڭى يىلنى تەبرىكلەپ،
بىزمۇ گۈللەر تىزىمىز.
دىيىشىپ ئىرادىمىزنى مەھكەم باغلىدۇق. يىڭى يىل سۆيگۈسىگە قانغۇچە چۆمۈلۈپ يىڭى يىلنىڭ شادلىق مۇڭلىرىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، شادىيانە كۈلكىلىرىمىز بىلەن بۇ خاسىيەتلىك يىڭى يىلنىڭ بوسۇغىسىغا دادىل قەدەم تاشلىدۇق. |