、ئۇنتۇلماس مىنۇتلار
(گۇما ناھىيە موكويلا ئوتتۇرا مەكتەپ 1-يىللىلق 6-سىنىپتىن: ھەسەنجان ئەخمەت)
مەكتەپ ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس مىنۇتلار ھىلىمۇ ئىسىمدە. مەن تۇنجى قىتىم باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە ئاران ئالتە ياشتا ئىدىم. ئۇ چاغلاردا بەكلا گۈدەك بولسام كىرەك مەكتەپ تۇرمۇشىغا پەقەتلا كۆنەلمىدىم، ھە دىسىلا مەكتەپتىن قېچىپ ساۋاقداشلىرىم بىلەن قەستەن جىدەللىشىپ تۇراتتىم، مۇئەللەىم تەربىيە قىلسا ئاڭلىماي ھەتتا مۇئەللىمگە گەپ ياندۇرۇپ بۇيۇن تاۋلىق قىلاتتىم. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ ئاستا – ئاستا مەكتەپ تۇرمۇشىغا كۆنۈپ كەتتىم. مەيلى تەنەپپۇس ۋاقتىدا بولسۇن مەيلى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا بولسۇن ساۋاقداشلىرىم بىلەن پاراڭلىشىپ، ھەرخىل ئويۇنلارنى بىرلىكتە ئويناپ كۈنلىرىمىزنى خۇشال ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق.
ھەش- پەش دىگۈچە مەنمۇ چوڭ بولدۇم. ئادەم چوڭ بولغانسىرى ئەقلىمۇ چوڭىيىدىكەن.
مانا بۇ يىل تۇلۇقسىز ئوتتۇرىغا قەدەم قويدۇم. مەن بۇمەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن يىڭى ئۇقۇش موھىتىدا يىڭى ئۇقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن تۇنۇشتۇم. ئوتتۇرا مەكتەپكە قەدەم باسقىلى ھازىر ئۈچ ئاي بولۇپ قالدى. ئەمدىلىكتە ئويلىسام باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئالتە يىللىق ۋاقتىمنى بىھۇدە ئۆتكۈزۋەتكەنلىكىمنى ھىس قىلىپ يەتتىم ھەمدە كىچىك چىغىمدا قىلغان ئاشۇ بەڭباشلىقىمغا بەكمۇ پۇشايمان قىلىمەن.
ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمدىكى بالىلارغا خاس ھەۋەسلىرىم، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلىرىم مەنىۋى تۇرمۇشۇمنى بىيىتىپ مىنى خۇشال قىلسا، ئۇقۇتقۇچى- ئۇستازلىرىمنىڭ مىھرىبانلىقى ماڭا مەكتەپ ھاياتىنىڭ نەقەدەر گۈزەل ۋە كۆڭۈللۈك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇردى، ھەمدە بۇ مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلماس مىنۇتلار بولۇپ قالدى. |