查看完整版本: [-- تۆتتاش:غېنى باتۇر ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ھەركەتلىك قويولمىلار -> تۆتتاش:غېنى باتۇر ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۆتتاش 2012-11-29 14:35

تۆتتاش:غېنى باتۇر ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم

غېنى باتۇر ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم @_N -> l  
چۈشەندۈرۈلۈشى غېنى باتۇر >[ lj8n  
غېنى باتۇرنى كۈرۈپ باققانمۇ؟ئاۋازىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ ئەمىسە تۆۋەندىكىنى كۈرۈڭ. E<-}Jc1  
رەسىم: Q`r1pO  
[img]http://bbs.bagdax.cn/attachment/Mon_1211/14_9173_0a08921d07dbce6.png 6K?+adKlc  
[/img] 8'`&f &  
فىلىم: FCqs'   
-cY /M~  
http://player.youku.com/player.php/sid/XNDQ3OTUwNTY4/v.swf ^Ud`2 OW;2  
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىنو ستۇدىيىسى «قازاق فىلىم» 1980 - يىلى؛ 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قەھرىمانى «غەنى باتۇر» نى باش تېما قىلغان بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىدى. رۇس تىلىدا ئىشلەنگەن « غېنى باتۇر» دەپ ئاتالغان مەزكۇر فىلىمدە خەلق قەھرىمانى غېنى باتۇرنىڭ ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى ھاياتى، كۈرەشلىرى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىنكى ھايات مۇساپىلىرى باش تېما قىلىنغان. oY+RG|j@  
e|+uLbN&;c  
          فىلىمدە غېنى باتۇرنىڭ سىماسى كۆرۈلگەندىن تاشقىرى يەنە ئۇنىڭ ئۆز ئاۋازىمۇ بېرىلگەن بولۇپ، 79 ياشقا كىرىپ قالغان غېنى باتۇر ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ ئىنقىلابقا قاتناشقانلىقى ۋە ئىلىنى ئازاد قىلىش ھەمدە ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىدۇ؛ {n j\dU  
L d#  
          بۇ غەنى باتۇرنىڭ ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان نەق مەيداندىن ئېلىنغان بىردىن بىر جانلىق سىماسى ھەمدە ئۆز ئاۋازى بولۇپ، مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم ئارقىلىق بىز 20 - ئەسىرنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئۇيغۇر قەھرىمانى غېنى باتۇرنىڭ سىماسىنى كۆرۈش ۋە ئاۋازىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيمىز. F!zZIaB]  
J0o U5d=3  
          فىلىمدە غېنى باتۇرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىنقىلاب جەريانىدىكى قەھرىمانلىقلىرى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلىدۇ. غېنى مەمەتباقى ئوغلى 1902 - يىلى، غۇلجا شەھىرىنىڭ يېنىدىكى قاش يېزىسىدىكى تۇردىيۈزى كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا ئىشچان، قورقماس، باتۇر يۈرەك بالا بولۇپ چوڭ بولغان. ئۇ 16 يېشىدا كۈچلۈكلىكتە داڭ چىقىرىدۇ، كەمبەغەل - پۇقرالارنىڭ مەيدانىدا تۇرىدۇ. پۇقرانى بوزەك قىلغانلاردىن، ئەمەلدار زالىملاردىن قورقمايدىغان غېنى باتۇر ئىلى ۋادىسىدا داڭ چىقىرىدۇ ھەمدە ئىككى يىل ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىگە تاشلىنىپ، 1944 - يىلى، 4 - ئايدا تۈرمىدىن قاچىدۇ. ئۇ فىلىمدە ئۆز كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە سۆزلەيدۇ. :,GsbNKW  
3 5|5|m a  
         غېنى باتۇر 1944 - يىلى 9 - ئايدا نىلقا پارتىزانلىرى قاتارىغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق باتۇرلىرىدىن بىرگە ئايلىنىدۇ ھەمدە پارتىزان ئەترىتىنىڭ كوماندىرلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ نىلقىنى ئازاد قىلىشتا باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ، ئارقىدىن 1944 - يىلى، 7 - نويابىردا بىرىنچى بولۇپ، غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، ئالدى بىلەن غۇلجا شەھىرىدىكى رايونلۇق ساقچىخانا ئىشغال قىلىپ، كۆپلىگەن ئادەملىرىنى قۇتۇلدۇرىدۇ. ئارقىدىن ئۇ ئىلى ۋالىي مەھكىمىسى، ئىلى ۋىلايەتلىك باش ساقچى قاتارلىق ئورۇنلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. غېنى باتۇر 1944 - يىلى، 12 - نويابىر كۈنى ئىلىدىكى گومىنداڭنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورغىنى ئىلى باش ساقچى ئىدارىسىنى ئىشغال قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەت ھۈكۈمىتىنى قۇرۇشقا زېمىن ھازىرلايدۇ. w :^b3@gd  
J fsCkS  
       غېنى باتۇر شۇنىڭدىن كېيىن غۇلجا شەھىرى، سۈيدۈڭ ۋە كەڭسايدىكى جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ ۋە ئارشاڭنى ئازاد قىلىشقا ئەۋەتىلىپ، ئارشاڭنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن شارائىتى ھازىرلايدۇ. ئۇ ئارشاڭدىكى جەڭدە يارىلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى غېنى باتۇر، فاتىخ باتۇر ۋە ئەكبەر باتۇرغا خەلق قەھرىمانى دېگەن ئەڭ ئالىي نامنى بېرىدۇ. ئارقىدىن پولكوۋنىك ئۇنۋانى بىلەن مىللىي ئارمىيە ھەربىي سوتىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. $R7d*\(G  
7p u*/W~  
        غېنى باتۇرنىڭ 1950 - يىلىنىڭ بېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ جەرياندا ستالىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ئاغزاكى ئۇچۇرلار مەۋجۇت. غەنى باتۇر يەنە 1950 - يىلى، 10 - ئايدا بېيجىڭدا زىيارەت بولىدۇ. تاكى 1953 - يىلىغىچە لەنجۇدا قاتارلىق جايلاردا تۇرغۇزىلىدۇ ۋە 1953 - يىلى ئۈرۈمچىگە، 1954 - يىلى ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇ مەزگىللەردە غېنى باتۇرنى تەنقىد قىلىش ۋە ئەيىبلەشلەر باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. .. غېنى باتۇر 1955 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا باشتا تاشكەنتتكە، كېيىن ئالمۇتا ئەتراپىغا ئورۇنلىشىپ، شۇ يەردە ياشايدۇ ۋە 1970 - يىللاردا ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى شەرەپ رەشىدوف، قازاقىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى دىن مۇھەممەد قۇنايېف قاتارلىقلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ھەم ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولىدۇ. شەرەپ رەشىدوف ئۇنىڭغا كىچىك ماشىنا تەقدىم قىلىدۇ. 3y 0`G8P'h  
d/R:-{J)c  
        بۇ فىلىمدە يەنە غەنى باتۇرنىڭ سەپداشلىرى، يەنى 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي - سىياسىي كادىرلىرىدىن، مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانى ۋە مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى ھەمدە 1955 - يىلى جوڭگۇ ئازادلىق ئارمىيىسى تەرىپىدىن گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن زۇنۇن تېيىپوف، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى، 1949 - يىلىدىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن يازغۇچى زىيا سەمەدى، مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى ھەم 1950 - يىللاردا ياشلار خىزمىتى ساھەسىدە رەھبەرلىك ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان ھاشىر ۋاھىدى، مۇزىكانت غوپۇر قادىرخوجايېف قاتارلىق ئەربابلارنىڭ سىمالىرى كۆرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ غېنى باتۇر ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى  ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۆز ئاۋازلىرى بىلەن بېرىلگەن.... mE^6Zu  
WdIr 3  
         فىلىمدە سابىق مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانى زۇنۇن تېيىپوف غېنى باتۇر ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھەققىدە بايان قىلىپ، غەنى باتۇرنىڭ قوشقان تۆھپىسى، باتۇرلۇقى ۋە قەيسەرلىكىگە يۇقىرى باھا بېرىدۇ. ... M=0I 3o}J  
         غېنى باتۇر ئۆزى ھەققىدىكى بۇ فىلىم ئىشلىنىپ بىر يىلدىن كېيىن، يەنى 1981 - يىلى ۋاپات بولۇپ، ئۆزى ياشىغان مەھەللىگە دەپنە قىلىنىپ، ھەيكەل ئورنىتىلدى. Q@]#fW\Y  
:2?i9F0_  
مەنبە:باغداش

تۆتتاش 2012-11-29 23:26
بىرسىڭلار بۇنى  ئوڭشاپ  قويمامسىلەر  دوستلار.

koksangun 2012-12-01 12:30
بۇ تولىمۇ ياخشى فىلىمكەن ، چۈشۈرۈۋالىمەن دەپ زادىلا چۈشۈرەلمىدىم . r7w&p.?  
روس تىلىنى بىلىدىغانلار چۈشەندۈرگۈچىنىڭ سۆزىنى ئۇيغۇرچە ئۆرۈپ قويغان بولسا بەك ياخشى بولاتتىكەن ...

زىيا 2012-12-03 23:13
رۇس تىلىدا غ تاۋۇشى بولمىغاچقا ، فىلىم نامىنى گېنى باتۇر دەپ ئاپتۇ...

يۈسۈپجان 2012-12-27 22:57
مەن پەقەت كۆرەلمىدىمغۇ؟؟؟قانداق قىلسام كۆرەلەيمەن؟؟؟

baburxah 2012-12-28 10:39
فىلىم ئېچىلمىدىغۇ؟

tawpek 2013-06-19 14:14

بابۇر0725 2014-02-21 11:52
فىلىم ئېچىلمىدىغۇ؟


查看完整版本: [-- تۆتتاش:غېنى باتۇر ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled