查看完整版本: [-- 12 مۆچەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> 12 مۆچەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

arkzat 2012-11-24 00:38

12 مۆچەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى

تەرجىمە ئەسەرلەر-2
x#N_h0[i  
12 مۆچەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى
  'P" i9j  
B6k<#-HAT  
بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا تەڭرى پۈتۈن ئالەمدىكى ھايۋاناتلارغا: -مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن 12 ھايۋاننى تاللاپ، ھەر يىلى نۆۋەت بىلەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنى قوغداشقا قويماقچى، سىلەر يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى بۇ يەرگە يىغىلىڭلار، مەن سىلەرنىڭ يېتىپ كېلىش تەرتىپىڭلارغا ئاساسەن، رەتكە تىزىمەن،- دەپ ئۇقتۇرۇپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھايۋانلار بەس بەستە بۇ كۈننىڭ تېزراق يېتىپ كېلىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى بولۇپ يېتىپ بېرىپ، بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلىشىنى ئۈمىد قىلىپتۇ. oIj=ba(n1  
^F+7<$ 2  
بىراق مۈشۈك ئۇنۇتقاق بولغاچقا، يىغىلىدىغان كۈننى ئۇنتۇپ قېلىپ، قانداق قىلىشىنى بىلمەي غەم قىلىپ تۇرسا، يولدا چاشقان ئۇچراپ قاپتۇ. مۈشۈك ئالدىراپ چاشقاندىن: XAU%B-l:  
]$[sfPKA  
-چاشقان، چاشقان، بىزگە ئۇقتۇرغان يىغىلىدىغان كۈن زادى قايسى كۈنى ئىدى؟،- دەپ سوراپتۇ. چاشقاننىڭ بەكمۇ بىرىنچى بولغۇسى بولغاچقا، قەستەن ۋاقىتىنى كەينىگە بىر كۈن سۈرۈپ: @owneSD qN  
y>P+"Z.K%}  
 1- ئاينىڭ 2- كۈنى، دەپتۇ. چاشقان « ھېچ بولمىغاندا مۈشۈكنىڭ ئالدىدا بارىمەن» دەپ ئويلاپ، خوشال ھالدا ئۆيىگە قايتىپتۇ. }X&rJV  
z%82Vt!a5  
چاشقاننىڭ ئۆيى كالا قوتىنىنىڭ تورۇسى ئىكەن. چاشقان ئۆيگە بېرىپ قارىسا، كالا يولغا چىقىشقا تەييارلىنىپ بولغان ئىكەن. cMw<3u\  
w&p+mJL.  
 -كالا، كالا، ھازىرلا يولغا چىقامسەن؟،- دەپ سوراپتۇ چاشقان. كالا: u,sR2&Fe  
;%e&6  
-ھەئە، مەن ئاستا ماڭىمەن، شۇڭا بۈگۈن كېچىدە يولغا چىقمىسام ئۈلگۈرەلمەسلىكىم مۇمكىن،- دەپتۇ. كالىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، چاشقان نىيىتىنى بۇزۇپ، ئاستا كالىنىڭ يۈك تاقىسىنىڭ ئارىسىغا كىرىۋاپتۇ. كالا بۇنى ئازراقمۇ سەزمەي، كېچىچە توختىماي مېڭىپ ئاخىرى تەڭرى ئوردىسىغا كەپتۇ. قارىسا بىرمۇ ئادەم يوق. «بەك ياخشى بولدى، مەن بىرىنچى بولدۇم» دەپ خاتىرجەم ھالدا چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋېتىپ، تەڭرىنىڭ ئالدىغا باراي دەپ تۇرسا، تۇيۇقسىز چاشقان يۈك تاقىلارنىڭ ئارىسىدىن سەكرەپ چىقىپ، تەڭرىگە «مەن ئالدىدا كەلدىم» دەپتۇ. كالىنىڭ بەك ئاچچىقى كېلىپ تىتىلداپ كېتىپتۇ. `TrWtSwv  
?cU,% 
بىراق ھەممدىن بەك ئاچچىقى كەلگىنى مۈشۈك بوپتۇ. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە مۈشۈك ھاسىراپ ھۆمۈدىگىنىچە تەڭرى ئوردىسىغا بېرىپ ھېچكىم يوقلۇقىنى كۆرۈپ: Knwy%5.Z  
\!u<)kkyT  
- بەك ياخشى بولدى، مەن بىرىنچى بولدۇم،- دەپ ئىچىگە كىرمەكچى بولغاندا، تەڭرىنىڭ ئىشىك باققۇچىسى ئۇنى توسۇۋېلىپ: -تەرتىپ تۈنۈگۈن بېكىتىلىپ بولدى، چاشقان بىرىنچى بولدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى كالا، يولۋاس، توشقان، ئەجدىرھا، ئىلان، ئات، قوي، مايمۇن، توخۇ، ئىت، توڭگوز بولدى. سەن تولا ئۇخلاپ يۈرمەي، يۈزۈڭنى ياخشىراق يۇيۋەتكىن،- دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان مۈشۈك چاشقاننىڭ ئۆزىنى ئالدىغانلىقىنى بىلىپ، شۇ زامان ھىڭگاڭ چىشلىرى ۋە تىرنىقىنى غۇچۇرلىتىپ: «قاراپ تۇر، ئۆلمىگۈر چاشقان» دەپ تىللاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مۈشۈك چاشقاننى كۆرسىلا ئۇنىڭغا ئېتىلىدىغان بوپتۇ. ئۇندىن باشقا، ھەمىشە شۆلگىيى بىلەن يۈزىنى يۇيۇشى - تەڭرى ئىشىك باققۇچىسىنىڭ «ئۇخلاپ يۈرمەي، يۈزۈڭنى پاكىزە يۇيىۋەت» دېگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىش. dCC*|b8h  
%:3XYO.w-  
  pMfb(D"  
d NACE*g;q  
  xyL"U*  
0 R6:3fV6R  
 (《日本传说故事阅读》«ياپون رىۋايەتلىرى  ئوقۇشلۇقى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى) z.Cj%N  
h"FI]jK|}  
  mixsJ}e  
qb>ULP0  
(تەرجىمە قىلغۇچى: ياسىنجان ئوسمان ئەركزات ) ]?^V xB7L  

ئەكبەرنىياز 2012-11-25 12:55
ياخشى بىلىمكەن ، ھارمىغايسىز ئۇستاز !!!


查看完整版本: [-- 12 مۆچەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled