تۇز چىقىرالايدىغان يارغۇنچاق
تەرجىمە ئەسەرلەر-1 W3]?>sLE*
VdF<#(X+
تۇز چىقىرالايدىغان يارغۇنچاق 2i~zAD'
Fg^Z g\X3 .aD=d\ بۇرۇن بىر كەنتتە نامرات بىر ئەر بولغان ئىكەن. بىر كۈنى كەچتە بۇ ئەرنىڭ ئۆيىگە ساقاللىرى ئاپئاق ئاقارغان بىر بوۋاي كېلىپ: -مەن يولدىن ئېزىپ قالدىم، ئۆيىڭىزدە بىر ئاخشام قوندۇرۋالسىڭىز،- دەپتۇ. %%^by \>)#cEX5 -شۇنداقمۇ، سىزنى بەكلا نەس بېسىپتۇ، چاتاق يوق، قېنى، ئۆيگە كىرىڭ. ھېلىقى ئەر شۇنداق دېگىنىچە بوۋاينى قىزغىنلىق بىلەن ئۆيىگە باشلاپتۇ. *7^w}v+. i~uoK7o|G ئەتىسى بوۋاي بۇ ئەرگە كىچىك بىر يارغۇنچاقنى بېرىپ شۇنداق دەپتۇ: dobqYd4` Nj$h/P -كېچىدىن مېنى قوندۇرۋالغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن بۇنى سىزگە بېرەي، بۇ بىر سېھىرلىك يارغۇنچاق، ئۇنى ئوڭ تەرەپكە چۆرىسىڭىز سىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسە چىقىدۇ. سول تەرەپكە چۆرىسىڭىز توختايدۇ. بىراق سىز ئۇنى توختاتمىسىڭىز نەرسە توختىماي چىقىۋېرىدۇ،- دەپتۇ-دە، سۆزىنى تۈگىتىپلا كېتىپ قاپتۇ. ئەر يارغۇنچاقنى سىناپ چۆرۈپ بېقىپ: H@V
+Q} 7N}==T89[ - چىق، چىق! دەپتىكەن، ئاپئاق گۈرۈچلەر شىرىلداپ چىقىپتۇ. ئەر قورقۇپ كېتىپ، يارغۇنچاقنى سول تەرەپكە چۆرۈپتىكەن، گۈرۈچ توختاپتۇ. b";D*\=x Ob
m%\h -پاھ، بۇ نەرسە بولىدىكەن جۇمۇ! ئەر شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىن نۇرغۇن گۈرۈچ ۋە بېلىق قاتارلىقلارنى چىقىرىپ، قوشنىلىرىغا تارقىتىپ بېرىپتۇ. =` KV),\ 'X/(M<c بۇ ئەرنىڭ يېنىدىكى ئۆيدە ئۇنىڭ ئاچكۆز ئاكىسى تۇرىدىكەن. ئاكسى ئىنىسىنىڭ تۇيۇقسىزلا بېيىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ھەيران قاپتۇ-دە، ئىنىسىنىڭ ئۆيىنى ماراپتۇ. «ئەسلىدە، مۇنداق ئىش ئىكەن-دە، ھەممە نەرسە مۇشۇ يارغۇنچاقتىن چىقىپتىكەن، بەك ياخشى بولدى». ئاكىسى كېچىدە ئىنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يارغۇنچاقنى ئوغۇرلاپ چىقىپتۇ. ئاندىن كېمىگە ئولتۇرۇپ دېڭىزغا بېرىپتۇ. «بەك ياخشى بولدى، بۇ يەردە ھېچكىم يوق». ئاكىسى كۈچەپ كېمە ھەيدىگەچكە، قورسىقى ئېچىپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيدىن ئېلىۋالغان ئاش كومۇلىچىنى يېمەكچى بوپتۇ. «ھەي، ئازراق تۇز بولسا تېخىمۇ يېيىشلىك بولاتتى، ھە، راست، تۇز چىق!». ئاكىسى شۇنداق دېگىنىچە يارغۇنچاقنى ئوڭغا چۆرۈپتىكەن، يارغۇنچاقتىن توختىماي تۇز چىقىپ، بىردەمدىلا كېمە تۇز بىلەن لىق تولۇپ كېتىپتۇ. «ۋاي بولدى، توختا، توختا، تېز توختا!» ئاچكۆز ئاكىسى يارغۇنچاقتىن نەرسە چىقىرىش ئۇسۇلىنىلا كۆرۈپ، توختىتىش ئۇسۇلىنى كۆرمىگەن ئىكەن. نەتىجىدە، كېمە تۇزنىڭ ئېغىرلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي چۆكۈپ كېتىپتۇ. ;SVAar4r 0)
nY- f0 ھېلقى يارغۇنچاق ھازىرمۇ توختىماي چۆگىلەپ تۇز چىقىرۋاتقانمىش، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇڭا دېڭىز سۈيى ھازىرمۇ تۇزلۇق ئىكەن. ,'^^OLez #Oq~ZV|<l 5`Oaf\S aW@J]slg (-《日本传说故事阅读》«ياپون رىۋايەتلىرى ئوقۇشلۇقى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى) qTi%].F"G ~$:=hT1 /IyCvo +VdC g_
(تەرجىمە قىلغۇچى: ياسىنجان ئوسمان ئەركزات ) 2nA/{W\ hC
qGH\3g-
|