查看完整版本: [-- «يۇمشاقباشلىق» مائارىپى ۋە نانكورلۇق (تەۋسىيە) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> «يۇمشاقباشلىق» مائارىپى ۋە نانكورلۇق (تەۋسىيە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

natiwan 2012-11-23 20:00

«يۇمشاقباشلىق» مائارىپى ۋە نانكورلۇق (تەۋسىيە)

«يۇمشاقباشلىق» مائارىپى ۋە نانكورلۇق n)N!6u  
+:Xg7H*  
بەگزاد
}S"gZ6   
ناتىۋان ئەسكەرتىشى :  تەۋپىق تورىمىزدىكى تورداشلارغا تەۋسىيە   |Ja 5O  
Cw^iA U  
ئويلاپ باقسام، مائارىپ ھەققىدە كۆپ بىر نەرسىلەرنى يېزىپتىمەن. ئەمما ئىچىمدىكى نەرسىلەرنى تېخى ھەقىقىي ھالدا دەپ بولمىغاندەك قىلىمەن. توردىكى ماقالىلارنى ئوقۇۋېتىپ، تۇرۇپلا بۇ تېما پىكىر ئالىمىمنى چۇلغىۋالدى. بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ «جوڭگۇ مائارىپى ئەمەلدارلىق مائارىپى» دېگىنى ئېسىمگە كەلدى. دەرۋەقە كۇڭزى ئىدىيەسىنى ئۆزىگە يىلتىز قىلغان بۇ مائارىپ ئىدىيەسى جۇڭگۇدىكى ھەر قايسى سۇلالىلەردە ئوخشىمىغان ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىكەن. كۇڭزى ئىدىيەسىنى ھەممىمىز بىلىمىز: ئائىلىدە بالا ئاتىسىغا، دۆلەتتە پۇخرا پادىشاھقا... بويسۇنۇش دېگەندەك. "[/W+&z[~  
9~^k3!>0  
كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى بۆگۈنكى سوتسىيالىستىك دەرسخانىلاردا ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەربىيەلەرمۇ دەل مۇشۇنداق بىر تۈركۈم «يۇمشاقباش»لارنى تەربىيەلەشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلغان مائارىپتۇر. 7 ياشلىق سەبىي بالا مەكتەپ دەرۋازىسىغا قەدەم قويۇشى بىلەنلا، ئوقۇتقۇچىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ. ھەر قانداق ئىش قىلىشى چەكلىنىدۇ. «ئۇنى قىلمايسەن، بۇنى قىلمايسەن»... بۇ خىل تەرىزدىكى ساۋاقلار ئوقۇغۇچىلارغا ئانچە يېڭىلىق ئەمەس. مېنىڭ ئىككى ئىنىم ئاتالمىش «مىنكاۋخەن» (خەنزۇۋان) بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىسى دەرس بىلمىدىڭ دەپ، دوسكا ئالدىغا چەمبەر سىزىپ، چەمبەرنىڭ ئىچىگە ئىنىمنى كىرگۈزۈپ، قولىغا 4 دانە پىششىق خىشنى ئېلىپ قويۇپ، 3 سائەت تۇرغۇزغانلىقى ھېلىمۇ پات- پات مېنى بىئارام قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىمىزدە بۇ دەرىجىدىكى زالىملىق ئانچە بولمىسىمۇ، لېكىن، بالىلارنىڭ ئەركىنلىكى ئوخشاشلا بۇغۇلغان. }2Ge??!  
Ag3+z+uS  
ئەمدىلا مىۋىلەر پىشىشىغا «ئۈرۈككە چىقما، ئۈجمىگە چىقما، يىقىلىپ چۈشىسەن»، ياز كېلە- كەلمەيلا «سۇغا چۈشمە، ئۆلۈپ قالىسەن»، دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلار ئازراق پاراڭ سېلىپ بولغىچە «پاراڭ سالما، شاپىلاق يەيسەن»، ئوقۇتقۇچىغا پىكىر قايتۇرۇپ بولغىچە «يېنىۋاتامسەن»... دېگەندەك تەربىيە، ھەيۋىلىرىمىز ىبلەن ئوقۇغۇچىلارنى مېخانىك قۇرۇلمىلاردەك باشقۇرۇشقا ناھايىتى ئامراق كېلىمىز. بۇ خىل مائارىپ ئاستىدا تەربىيەلەنگەنلەر ئاخىرىدا قانداق بولماقچى؟ بۇنىسى ئېنىق، ھەق گەپنىمۇ دېيەلمەيدىغان، باشقىلارنىڭ سايىسى بولۇپلا ياشايدىغان بىر تۈركۈم «يۇمشاقباش»لار بولىدۇ خالاس. Rxw+`ru  
EWl9rF@I  
جەنۇبىي شىنجاڭدا بىزدىكى رايىشلىق، زىيادە «يۇمشاقباش»لىق بىلەن ئاجايىپ ئىپلاسلىقلار شەكىللەنگەن. ئەترەت باشلىقلىرى بىچارە دېھقانلارنى ھاشارغا ماڭدۇرىۋىتىپ، ھالال ھەمراھىغا ئەسكىلىك قىلىدىغان، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىشقا ماددىي ئەشيالار كەلسە، باشقۇرغۇچىلار بىر ئاماللار قىلىپ، تۇققانلىرىغا يانتاياق بولىدىغان، نامراتلار يەنىلا تالادا قالىدىغان، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغانلارغا سېلىنغان ئۆيلەرنى ئىگىلىۋېلىپ، ئىجارىگە بېرىپ پۇلىنى خەجلەيدىغان، ھېيت- بايراملاردا نامراتلارنى خۇددى جىنايەتچىلەردەك قاتار تىزىپ ئوڭلاپ 200 يۈەندىن ئاشمايدىغان گۈرۈچ- ماي  بىلەن گوللاپ، ئۆزلىرى «بۇ يىل چاغاندا سوۋغا ئېلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ» دەپ شۇئار توۋلاپ قويۇپ، ئاستىرىتتىن نەچچە ئونمىڭنى، ھەتتا يۈزمىڭنى يەۋىتىدىغان... كومپارتىيە ئىچىدىكى مىتىلەرنى تالاي كۆردۈم. UQI!/6F  
@Nm{H  
مەن بۇلارغا بىزنىڭ مائارىپىمىز سەۋەب بولغانمىكىن دەيمەن. چۈنكى، كۆپىنچىلىرىمىزدە بالىلارنى ئادىمىلىك نوقتىسىدىن يېتىلدۈرۈش، غورۇر ۋە ئېتىقاد يېتىلدۈرۈشتىن كۈرە، كىتابىي ئۆلۈك بىلىملەرنى ئىگىلىتىش، مىللىي كىملىك نوقتىسىدىن ئەمەس،  كىملەردۇ سىزىپ بەرگەن تەربىيەلەش پىرىنسىپى بويىچە ۋەزخانلىق قىلىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا نانكورلۇقىمىزدىن شۇنداق بولدى دەپ ئېيتىمەن. پۇل قىممەت قارىشى كۆزىمىزنى، يۈرىكىمىزنى غەلەت قىلىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە مائاشنىڭ قاچان ئۆسكەنلىكى، ئوقۇتۇش ئىشلەكلىرىنى قانداق قىلىپ پۈتكۈزىۋاتقانلىقى، تاپشۇرۇقنى قانداق ياساۋاتقانلىقى، قايسىدۇر كېيىم، گىرىم بويۇملىرى ياكى قانداق ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئەڭ مودا بولىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى گەپ- سۆزلەر ئەتراپىمدىكى مۇھىتتا ئەڭ كۆپ بولىدىغان سۆزلەردۇر. p]e.E`'S  
?mi}S${g  
بىر پارچە نان يېيىش ئۈچۈنلا ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار قانچە كۆپەيگەنسىرى، مائارىپىمىزدىكى ماڭقۇرتلۇق، يىلىكىمىزدىكى يىگىلەش شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. EE9eG31|r  
*yg`V,C  
بەزىدە تۇمارىس، ئۇغۇزخان، نۇزۇكۇم، سادىر پالۋان ھەققىدىكى ھىكايەتلەرنى ئوقۇپ، تەسەۋۋۇر بوشلۇقىدا تۇرۇپ كېتىمەن. ئۇلاردىكى جەسۇرلۇق، قاراملىق، باھادىرلىق بىزدە كەلمەسكە كەتتىمۇ؟ قارىماققا، پات يېقىندا بۇ خىل ئەزىمەتلەر بىزگە نېسىب بولمايدۇ. ھازىرقى بالىلىرىمىز ئوڭلاپ بىر دەرەخكە چىقىپ، قۇشقاچ چاڭگىسىنى ئالالمىسا، 4 مېتىرلىق ئۆستەڭدىن ئۈزۈپ ئۆتەلمىسە، بىر كەپتەرنى مۇستەقىل بۇغۇزلىيالمىسا، 15 كىلو نەرسىنى ئالدىراپ مۆرىسىگە ئالالمىسا، ھاقارەتلەنگەندە دادىللىق ۋە قەھرىلىك بىلەن ئۆز ئىززىتىنى ئاقلىيالمىسا... بۇلاردىن كىملەرنى ئۈمىت قىلىش مۇمكىن؟... :p1_ij]ND  
!}d_$U$  
مانا بۇ بىزنىڭ ئەبجەش مائارىپىمىزدىكى «يۇۋاش بولۇڭ، يۇۋاش بولۇڭ» تەربىيەسىنىڭ پاجىئەسى. U d+6=Us{  
8P%Jky&(  
ئىسلاھات، ئېچىۋىتىشنىڭ 30 يىللىق غەلبىسى تېلىۋىزوردا تەنتەنە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتلەردە، ئالىي مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچۇم بىزگە «بۇ 30 يىلدا جۇڭگۇ كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى ئىككى، بىرسى مائارىپ، يەنە بىرى داۋالاش» دېگەنىدى ۋە ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەنىدى. دېگەندەك، نۆۋەتتىكى جۇڭگۇ مائارىپىدىكى ناكەسلىك ۋە يارىماسلىقلار بۇ ئەمەلىيەتنى رۇشەن كۆرسىتىپ قويدى. جۇڭگۇ مائارىپىدىكى بۇ ھال ماس ھالدا ئۇيغۇر مائارىپىدىمۇ ئۆزىنىڭ سەلبىي ئىپادىسىنى تاپقان ئەلۋەتتە. 0b=00./o  
8[)"+IFN  
بىز ئوقۇتقۇچىلار ئويغىنايلى. چوشقا پەقەت قوتان ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، باشقىنى ئويلىمايدۇ. بىراق بىز ئۇنداق ئەمەس. نانكورلۇقتىن كۈرە، ئەۋلاد ۋە مىللەت ئالدىدىكى جاۋاپكارلىق، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى قەلبىمىزدە ئورنىسۇن. ھەر بىر ھاكىمىيەت ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئۈستىقۇرۇلمىنى ياساپ چىقىدۇ. شۇنداقتىمۇ بىزدە بىر خىل جاھىللارچە ساقلاپ قېلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش روھى بولسا، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ۋە ئەنئەنىمىز دونيا مىللەتلىرى قاتارىدا يەنە ئاللاھ خالىغان مەنزىللەرگىچە جۇلالانغۇسى! gp\o|igT  
ur+\!y7^R  
(2012-يىل 11-ئاينىڭ 19-كۈنى) !imjfkG  
مەنبە : باغداش تورىدىكى بەگزادىنىڭ ماقالىسىنى تەۋپىق تورىمىزدىكى تورداشلارغا تەۋسىيە قىلدىم.

ئوتقاشئەرقۇتى 2012-11-24 01:13
بۇلىدىغان يوللانما ئىكەن ،

koksangun 2012-11-24 11:58
مۇئەللىپى ئابدۇللا ئېلى شۇمىكىن  ؟

akkax 2012-11-24 12:21
«  گەپ ئاڭلايدىغان بالا ياخشى بالا » ، < گەپ ئاڭلىمايدىغان« قۇلاق كەستى » > ، « ئەلاچى ئوقۇغۇچى » ....... qe 'RvBz  
%<!YjJ  
  ئوقۇغۇچىلارغىغۇ قالپاق تەييار. ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ شۇ . tF`L]1r>  
zr.\7\v  
   جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىكى باشلىقلارنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ « كالا » بولۇشىنى ( بولسا ماشىنا ئادەم ) ئۈمىد قىلىشى يۇقىرىقى يازمىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. f*o  
   Z3S+")^  
  ئوقۇتقۇچىلار ماڭقۇرت بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈگەشكىنى شۇ. بىر تۈركۈم ماڭقۇرتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. جەمئىيەتنىڭ باشقا ساھەسىدە تېخى بۇنداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغىنى يوق،  دەپ قارايمەن.

ئەكبەرنىياز 2012-11-24 14:52
ئاجايىپ ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز قېرىندىشىم ، بىز ھەقىقەتەن ئويغىنىشىمىز كېرەك . ھارمىغايسىز !!!

تۆتتاش 2012-12-03 01:16
ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز.  
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ئەكبەرنىياز 2012-12-03 01:52
بۇ تېمىنى ئوقۇپ بولۇپ  ھەممىمىز ئۆز بالىلىرىمىزغا ، كەلگۈسىمىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىمىز ھەققىدە ئەتراپلىق ئويلىنىپ باقساق بولغۇدەك؟ دەپ ئويلاپ قالدىم . _**Nlp*%  
تەبەسسۇمغا كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

rixta 2012-12-03 12:10
چوڭقۇر ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە ئىكەن...تېما ئىگىسىگە رەخمەت

danix 2012-12-03 18:21
تەبەسسۈم بۇ تېمىدا ھەممىمىز ئوبدان ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز . ئەمما ماۋزۇسىغا ئىشلەتكەن سۆزلىرىڭىز تازا ماس كەلمەپتىمۇ - نېمە ؟ Rt,po   
  « يۇمشاقباش » دېگەن سۆز ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ھېلىقى مۇناسىۋەتكە ئىشلىتىلىدىغان سۆزغۇ دەيمەن . يەنى ئايالى تالاغا قاراپ ، نام كۆتۈرۈپ قالسا ، شۇ  ئايالنى قاندۇرالمىغان ئەرنى « يۇمشاقباش » دەيمىز . ماۋزۇيىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشقا چولىڭىز تېگەرمۇ ؟ OW6dK #CFt  

مەرىپەت0999 2012-12-04 10:05
<تەبەسسۈم>نىڭ ئىيتقانلىرى دەر ھەقىقەت.ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!!   

توغراق 2012-12-26 13:58
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر !ھارمىغايسىز!

tawpek 2013-03-13 23:46
مەزكۇر تىما مۇنبىرىمىز ئەزاسى تەبەسسۇم تەرپىدىن تەكرار يوللانغاچ ئۆچۆرۆلدى. " r o'?  
 R#^ku)0  
تەۋپىقداشلارنىڭ تېما تەكرارلىقىدىن ساقلىنىشىنى تەۋسىىيە قىلىمىز.

نەفىسە 2013-05-20 14:05
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر !ھارمىغايسىز!   

tawpek 2013-08-30 11:30
چوشقا پەقەت قوتان ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، باشقىنى ئويلىمايدۇ. بىراق بىز ئۇنداق ئەمەس. [mUC7Kpi  
0}_ 1 ZU  
بارغانسىرى چوچقا بىلەن بىزنىڭ ئورنىمىز ئالمىشىۋاتىدۇ. p)7U%NMc(*  
0a$hK9BH  
چوچقىلار قوتان ئەتراپىدا ئەمەس پۈتۈن دۇنيادا ئايلىنىۋاتىدۇ ھازىر.


查看完整版本: [-- «يۇمشاقباشلىق» مائارىپى ۋە نانكورلۇق (تەۋسىيە) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled