تىل-ئەدەبىيات ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا يېتەكچىلىك قىلىش
تىل-ئەدەبىيات ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەققىدە 3ta$L"a تۇرسۇنگۈل ئەبەيدۇللا \OC6M` / تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەننىي بىلىملەرنى ئۈگىنىشىگە ئاساس سېلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئوقۇغۇچىلاردا ئىسىل ئەخلاق ساپاسىنى يېتىلدۈرۈپ،ئۇلارنىڭ دۇنياغا،تەبىئەتكە ،جەمىئىيەتكە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرىدۇ.ئۇلارنىڭ كىملىك تۇيغۇسىنى ئويغىتىپ ،ئۆز خاسلىقىنى نامايەن قىلىشقا ئۈندەيدۇ.ئادىمىيلىك سۈپىتىدىكى تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىپ، جەمىئيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداق بولغاچقا تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى ياخشى ئۆگىنىشتە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ئېنىق مەقسەتچانلىققا ۋە قاراتمىلىىققا ئىگە بولغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم . F?u^"}%Fc ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلار تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى ياخشى ئۆگىنەلەيدۇ؟ بۇ ھەقتە مەن مۇنداق ئويلايمەن . }wwe}E-e 1. تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك مەزمۇنلىرى ئۈچ يىللىق تىل- ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ،بۇ دەرسلىكلەر نادىر شېئىر، نەسىر ،ماقالە،ھېكايە،دراما قاتارلىق ھەر ساھەدىن بېرىلگەن ئېسىل ئۈلگىلىك ئەسەرلەر ئوقۇتۇشنى مەزمۇن قىلغان. ئوقۇغۇچىلار بۇ مەزمۇنلارنى ئۆگەنگەندە ئالدى بىلەن ئەسەرلەرنىڭ تىلىدىن قانغۇدەك ھوزۇرلىنىشى، ئەسەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رېئاللىقنى چۈشىنىپ،ئەسەرگە سىڭگەن چوڭقۇر مەنە قاتلىمىنى قېزىپ چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىشى،ئەسەردىكى ئىنسان، تەبىئەت،مۇھەببەت،گۈزەللىكتىن ئىستىتىك زوق ئالالىشى ،ئەسەر تېمىسى بىلەن رىئالنى دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقنى باغلىيالايدىغان بولۇشى، شۇنداقلا بۇ ئەسەرلەرگە سىڭگەن مىللىي روھ ،مەدەنىيەت،ئەنئەنە تەربىيىسىنى قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. (QB+%2v 2.دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈلگەن بۇ ئاساسىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا كونا بىلىملەرنى تەكرارلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى،يادقا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان مەزمۇنلارنى چوقۇم ئەسكە ئېلىۋېلىشى ،خاتىرە قالدۇرۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنلارنى چوقۇم خاتىرە قالدۇرىشى كېرەك. تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل ئىشلەش بىلەن بىرگە، كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى ۋاقتىدا تۈزىتىىشكە ماھىر بولۇشى ۋە تاپشۇرۇقتا كۆرۈلگەن بىر قىسىم مۇھىم ،قىيىن نۇقتىلارنى خاتىرىلەپ ،ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشكە ئاساس سېلىش لازىم . m"-[".-l- 3.ئۆگىنىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل ئۆگىنىش خاسلىقىنى يېتىدۈرۈپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۆزى توپلىغان ،ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن باشقىلارنىمۇ ئۇچۇر- مەلۇماتلارغا ئىگە قىلىشى ھەم باشقىلارنىڭكىنىمۇ ماھىرلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆگىنىش ئۇسۇلىدىكى ئاتا قىلىش ۋە بەھىرلىنىشتىن ئىبارەت ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋىلىش كېرەك. wP"q |