ئەگەر مەن ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ قالسام
ئاغزاكى ئالاقە
ئەگەر مەن ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ قالسام
(2سائەت)
مۇھىم ۋە قىيىن نوقتىلارنى چۈشىنىش
1.تىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش.
2.ئوخشىتىش، سۈپەتلەش، جانلاندۇرۇش ۋە مۇبالىغە قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنالايدىغان، ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلەيدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش
ھېسيات تەربىيىسى
بۇ سائەتلىك «ئاغزاكى ئالاقە»سەئىپىسىدە بېرىلگەن «ئەگەر مەن ساياھەت يىتەكچىسى بولۇپ قالسام» ناملىق مەزمۇننى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا مەيلى يىتەكچى بولغاندا بولسۇن ياكى ئادەتتە بىرەر جاينى ۋە تەپسىلاتنى ئاغىزاكىي ھالدا بىرەرسىگە تونۇشتۇرغاندا بولسۇن، نۇتۇقىمىزدا ئوخشىتىش، سۈپەتلەش، جانلاندۇرۇش ۋە مۇبالىغە قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن مۇۋاپىق پايدىلانغاندىلا ئاندىن قارشى تەرەپنى بەلگىلىك ھاياجانغا ۋە تەسەراتقا ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىمەن.
ئوقۇتۇش شەكلى
يىتەكلەش، ئىلھاملاندۇرۇش، قوزغىتىش، مىسال، ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە رېپىتىس قىلدۇرۇش.
ئوقۇتۇش جەريانى ۋە ئۇسۇلى
بۇ سائەتلىك «ئاغزاكى ئالاقە» سەھىپىسىدە بېرىلگەن «ئەگەر مەن ساياھەت يىتەكچىسى بولۇپ قالسام» ناملىق مەزمۇنىنى ئوقۇتۇشتا ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا مەيلى يىتەكچى بولغاندا بولسۇن ياكى ئادەتتە بىرەر جاينى ۋە تەپسىلاتنى ئاغىزاكىي ھالدا بىرەرسىگە تونۇشتۇرغاندا بولسۇن، نۇتۇقىمىزدا ئوخشىتىش، سۈپەتلەش، جانلاندۇرۇش ۋە مۇبالىغە قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن مۇۋاپىق پايدىلانغاندىلا ئاندىن قارشى تەرەپنى بەلگىلىك ھاياجانغا ۋە تەسەراتقا ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مىسال ئارقىلىق بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە قىلىمەن. يەنى:
Ø «دوستلار، بىز ئەڭ مەنزىرىلىك جايغا كېلىپ قالدۇق. قاراڭلار ئەنە، كەينىمىزدىكىسى ئەگرى-توقاي، ياپيېشىل ئورمانلىق، ئالدىمىزدىكىسى زۇمرەتتەك بوغدا كۆلى. ياپيېشىل تاغلار كۆلنى ئوراپ تۇرىدۇ، تاغۇ تاشلار كۆلگە سايە تاشلاپ تۇرىدۇ. ئۈستىمىزدە تاغ، ئالدىمىزدا سذ... ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مەنزىرىدە-بذ.»
Ø «مېھمانلار، بىز كۆرۈپ تۇرغان بۇ جامە ئوتتۇرا ئاسىياغا مەشھۇر قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى. بۇ جامەنىڭ ئورنى ئەسلىدە بىر قەبرىستانلىق بولۇپ، شەھەر سىرتى ھېسابلىناتتى. قەبرىستانلىقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان دىننىي پائالىيەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، 1442-يىلى بۇيەرگە بىر كىچىك مەسچىت سېلىنغان. مەشھۇر شائىر، قەشقەر ھاكىمى زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ 1839-يىلى قەشقەر شەھىرىنى كېڭەيتىپ ياساتقاندىن كېيىن، ھېيتگاھ مەسچىتى شەھەر ئىچىدىكى مەركىزىي مەسچىتكە ئايلانغان ۋە يەنە بىرقېتىم چوڭ رېمونت قىلىنىپ، ‹ھېتگاھ جامەسى› دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھېيتگاھ جامەسى كۆپ قېتىم كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان ۋە بارغانسىرى كېڭەيتىلگەن.
جامەنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 16مىڭ 800كۋادرات مېتىر، مەسچىت قىسمىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى ئىككى مىڭ 600كۋادرات مېتىر، ئۇنىڭ ئىچىدە 140تال تۆۋرۈك بار. ھەر يىلى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتا جامە ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەيدان ئاجايىپ قىزىپ كېتىدۇ.» ...
ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىنقى سائەتتە تەييارلىغان گۇجانباغ ئوتتۇرا مەكتەپنى ساياھەت قىلغاندا يازغان ساياھەت خاتىرىسىگە ئاساسەن بىر پارچە سۆز تەييارلاشقا يىتەكلىنىدۇ.
كېيىنكى سائەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇجانباغ ئوتتۇرا مەكتەپنى ساياھەت قىلغاندا يازغان ساياھەت خاتىرىسىگە ئاساسەن تەييارلىغان سۆز تىزىسى بۇيىچە ئوقۇغۇچىلارنى «ساياھەتچى» قىلىپ نۆۋەت بۇيىچە ساياھەت يىتەكچىسى قىلىپ رەپىتىس ئېلىپ بېرىشقا يىتەكلەيمەن.
تاپشۇرۇق:
ئوقۇتقۇچى مۇۋاپىق تاپشۇرۇق بەرسە بولىدۇ.
|