چورۇق ھېكىم ھەققىدە ماتېرياللار
MJ\^i4
ykS-5E`
ئالمالىقتىكى تارىخى شەخىس _ چورۇق ھېكىم (rieg F
ⅩⅨ ئەسرنىڭ باشلىرىدا ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى تېرىلغۇ يەرلەرنى كۆپلەپ ئېچىش مەقسىتىدە، تاش ئۆستەڭنى ئاساس قىلغان ئاساستا، ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىنى باشلاشنى ئىلىنىڭ شۇ چاغدىكى ھاكىمبېگى خالزاتخان بەگكە تاپشۇرىدۇ. سۇچىلىق ئىشلىرىدا ئانچە تەجرىبىسى بولمىغان خالزاتخان بەگ ئۆستەڭ قۇرۇلۇشنى راۋانلاشتۇرىدىغان چارە–تەدبىرلەر ئۈستىدە باش قاتۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، خەلققە چۈشىدىغان ئېغىرچىلىقنى كۆپەيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دېھقانلارنىڭ ۋە يۇرت مۆتىۋەرلىرىنىڭ نەزىرىدىن قالىدۇ. ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى مۇشۇنداق ئەھۋالدا خالزاتخان بەگنى شاغبەگ(مۇئاۋىن ھاكىمبەگ) لىككە چۈشۈرۈپ، باقى ئاخۇننى ئىلىنىڭ ئورلاڭ (ۋاقىتلىق) ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەيدۇ. باقى ھېكىم يۇرتنى سوراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىنى يۈرگۈزىدۇ. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھاكىمبەگلىككە دۆلەت دېگەن كىشى تەيىنلىنىدۇ. باقى ھېكىم ۋە دۆلەت ھېكىم زامانىسىدا ئىلىنىڭ ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى تازا راۋاج تاپالمايدۇ، دۆلەت ھېكىمنىڭ كۆزى تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن، ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى چورۇق ھېكىمنى ئىلىغا ھاكىمبەگە قىلىپ تەيىنلەيدۇ. TpGnSD چورۇق ھېكىمنىڭ ئىسمى مەھەممەت ئىمىن بولۇپ، ھېيت مەھەممەت دېگەن كىشنىڭ ئوغلى ئىدى. ئاتا مىراس ھاكىم بولمىغان، تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان بۇ ئادەم ئىش ئۈستىدە دائىم چورۇق تارتىپ ۋە تاقىر تېرە شالۋۇر كىيىپ يۈرىدىكەن. شۇڭا ئۇ ئىلىغا ھاكىمبەگ بولغاندىن كېيىن، خەلق ئارىسىدا «چورۇق ھېكىم» دەپ ئاتالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چورۇق ھېكىم ئېگىز بوي، غوللۇق ئادەم ئىمىش، ئاق ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغان مەزگىلدە ئۇنىڭ چاچ– ساقاللىرى بوزىرىشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇنى تەخمىنەن ⅩⅧ ئەسرنىڭ 70–يىللىرىدا دۇنياغا كەلگەن دېيشكە بولىدۇ. ئۇ خەلقپەرۋەر، ئادىل ھەم سۇچىلىق ئىشلىرىنى پۇختا بىلىدىغان ئادەم بولغاچقا، يۇرت مۆتىۋەرلىرى ۋە خەلق ئارىسىدا يۇقىرى ئىناۋەتكە ئېرىشپتۇ، شۇ سەۋەبتىن ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى ئۇنى ئىلىغا ھاكىمبەگ قىلىپ تەيىنلەپتۇ. )p`zN=t 5. سەككىز يىللىق سۈرگۈن ھايات LOEiV چورۇق ھېكىمنىڭ ئاق ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىدا كۆرسەتكەن خىزمىتى ۋە خەلىقپەرۋەرلىكى خەلقنىڭ ھەم بىرقىسىم يۇرت مۆتىۋەرلىرىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە ھۆرمەت – مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ئابرويىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشنى كۆرەلمەيدىغان بەزى ھەسەتخورلار ئۇنىڭ پېيىنى قىرقىش كويىغا چۈشىدۇ. مۇشۇ مەزگىلدە بولغان ئىككى ئىش چورۇق ھېكىمگە گۇمان ۋە تەقىبنى ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭ بىرى، ئاق ئۆستەڭ پۈتكەندىن كېيىن، جاڭجۈن مەھكىمىسى ئىلگىرىدىن ئېلىپ كېلىۋاتقان تۆت خو ھوسۇلنى سەككىز خوغا ئۆستۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. جاڭجۈن مەھكىمىسى ئىلگىرى ئۆستەڭ چېپشقا قانچە يىل كەتسە، ئۆستەڭ پۈتۈپ سۇ باغلانغاندىن كېيىن، شۇنچە يىل ئۆستۈرمە سېلىق سالماسلىقنى ۋەدە قىلغان بولغاچقا، چورۇق ھېكىم ھوسۇلنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى بۇيرۇقنى ئانچە قوبۇل قىلمايدۇ ۋە بۇ خەۋەرنى يۇرتقا يەتكۈزىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ خەلقنىڭ دادى– پەريادى كۆتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش ھەققىدە جاڭجۈن مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇلىدۇ. بۇ ئىش جاڭجۈن مەھكىمىسىدىكىلەردە چورۇق ھېكىمگە نىسبەتەن گۇمان پەيدا قىلىدۇ. يەنە بىرى، مۇشۇ مەزگىلدە ھازىرقى جەنۇبى شىنجاڭدا ھۆكۈمەتنىڭ چىرىك سىياسىتى ۋە ئېغىر ئالۋاڭ–سېلىقلىرىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ تەسىرى بىلەن ئىلىدىمۇ ئەھۋال جىددىيلىشىشكە باشلايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى چورۇق ھېكىمدىن تېخىمۇ گۇمانلىنىدۇ–دە، ئۇنى ئىلىنىڭ ھاكىمبەگلىكىدىن قالدۇرۇپ، خانلىققا سادىق دەپ قارالغان خالزاتخان شاغىبەگنىڭ ئۇنۋانىنى بىر دەرىجە تۆۋەنلىتىپ، «تەيجى» ئۇنۋانى بىلەن ھاكىمبەگلىككە تەيىنلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئىلى جاڭجۈنى دې يىڭئا 1828–يىلى چورۇق ھېكىمنى ئاقسۇغا ئون يىللىق سۈرگۈن قىلىدۇ. خەلق بۇ ئىشنى خالزاتخان ھېكىمنىڭ تەكلىپى بىلەن قىلىنغان دەپ قارايدۇ. چورۇق ھېكىم ئاقسۇدىكى ئون يىللىق سۈرگۈن مۇددىتىنى سەككىز يىلدا تاماملاپ، 1836–يىلى ئوتتورىسىدا ئىلىغا قايتىپ كېلىدۇ، 1837–يىلى ئىلىدا ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ نامىزىغا غۇلجا شەھىرى خەلقى ۋە يىراق–يېقىندىكى يېزىلارنىڭ دېھقانلىرى كېلىپ قاتنىشدۇ. چورۇق ھېكىمنىڭ جەسىتى ئىلىدىكى مەشھۇر ئىشان گارا مۇھەممەت خەلپەم دەپنە قىلىنغان قەبرىستانلىق «خەلپەم بۇزرۇكۋار»(قەبرىستانلىق ئورنى شەرقتە غۇلجا شەھىرىدىكى ھازىرقى «بوستان مېھمانخانىسى» نىڭ غەربىدىن غەربتە غەربى تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ شەرقىگىچە بولغان ئارىلققا توغرا كېلىدۇ) غا دەپنە قىلىنىدۇ. قازى كالان موللا قەمبەر ئاخۇن ناماز ۋاقتىدا چورۇق ھېكىمنىڭ خەلق قەلبىدىن مەھكەم ئورۇن ئالغان ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى بايان قىلىدۇ ۋە ھەسەتخورلار قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى قاتتىق سۆكىدۇ. =/+f3 چورۇق مەھەممەت ئىمىننىڭ ئىلىغا ھاكىمبەگ بولغان ۋاقتى قىسقىغىنا بەش–ئالتە يىل بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلى خەلقىگە ۋە كىينكى ئەۋلادلارغا بەخت ئاتا قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن تىللاردا داستان بولغۇدەك تۆھپىسى خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن مەھكەم ئورۇن ئېلىپ، بۈگۈنكى ئاق ئۆستەڭ سۈيىدەك ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ، ئەبەدىلئەبەد ئۆچمەيدۇ. Y#zHw< پۈتۈك مەنبىئى: «گۈلشەن ۋادىدىكى ئىزلار» غوجائەخمەت يۇنۇس شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996–يىل 8–ئاي 1–نەشرى aeE~[m
bR<XQHl
ئاق ئۆستەڭ رىۋايىتى
ئىلگىرى غولجىدىكى دېھقانلار تاغ سۈيى بىلەن تېرىقچىلىق قىلىدىكەن. شۇ يېتىشمىگەنلىكتىن پايانسىز يەر بوزىرىپ تۇرىدىكەن. بۇنى كۆرگەن دېھقانلارنىڭ ئىچى پۇشىدىكەن. شۇ يوشۇندا خېلى كۆپ يىللار ئۆتۈپتۇ. بىراى، ئۇلار ئارمىنغا يېتەلمەي يۈرۈپتۇ. كېيىن ئۇلار قارىقاش دەرياسىدىن توپتوغرا كۈنپېتىشقا قارىتىپ، بوزىرىپ تۇرغان يەرنىڭ قاق ئوتتۇرىسىنى بويلىتىپ بىر ئۆستەڭ ئالماقچى بوپتۇ. چورۇق ھېكىم دېگەن كىشى بۇ ئۆستەڭنى قەيەردىن باشلاپ، قەيەرگە ئاپىرىشىنى، قانداق چېپىشنى سىزىپ بېرىپتۇ. دېھقانلار چورۇق ھېكىمنىڭ سىزىقىدىن قىل نېرى - بېرى كەتمەي ئۆستەڭنى چېپىۋېرىپتۇ. ئۆستەڭ 1825 - يىلى چېپىلىپ بوپتۇ. ئۆستەڭ پۈتۈپ، تومىنى ئېچىپ سۇ باشلاش ۋاقتى كەلگەندە، دەريا بويىغا كېلىپ، پەستە كۆۋرەپ ئېقىۋاتقان قاش سۈيىنى كۆرگەن بىرى: _ بۇ بىر ئەخمەقلىق ، ئويماندىن دۆڭگە سۇباشلىغان نەدە بار؟ نەچچە يىلدىن بېرى قىلغان ئەجىر بىكار كېتىدىغان بوپتۇ -دە، ئەستاغپۇرۇللا، - دەپ ساقىلىنى سىيپاپتۇ. گەپنىڭ ئاچچىقلىقىدىن زەردىسى قاينىغان چورۇق ھېكىم: _ تەقسىر، سۇ قانچىلىك ئېگىزدىن دومىلاپ چۈشسە، شۇنچىلىك ئېگىزگە دومىلاپ چىقالايدۇ. بۇنى ئۆز ئۆمرىدە بىرەر قېتىم غول ئېرىقنى ياقىلاپ باقمىغان ئادەم نەدىن بىلىدۇ، - دەپتۇ -دە، ھېلىقى كىشىگە كۆرسەتمەكچى بولۇپ، ئۆستەڭ چاپقانلارنى باشلاپ ئۆستەڭنىڭ ئېغىزىغا بېرىپ، تومىنى ئاچتۇرۇپتۇ. سۇ ئۆستەڭگە چۈشۈپ، شارقىراپ ئېقىپتۇ. ئۆستەڭنىڭ قىرىدا تۇرغان كىشىلەر قىقاس - چوقان كۆتۈرۈپتۇ. كىشىلەر : «ئاق - ئۆستىڭىم، ئاق»، «ئاق - ئۆستىڭىم، ئاق » دە ئۆستەڭنىڭ ئىككى قىرىنى بويلاپ سۇ بىلەن تەڭ توختىماي يۈگۈرۈپتۇ. سۇ قەرەلىگە يەتكۈچە «ئاق - ئۆستىڭىم، ئاق»، «ئاق ئۆستىڭىم - ئاق»دېگەن سادا زادىلا توختىماپتۇ. ئۆستەڭگە باشلانغان ئۇلۇغ سۇ قاش دەرياسىدىن چىقىپ تاكى سۈيدۈڭ - كۈرەگىچە راۋان ئېقىپتۇ. بۇنىڭدىن ئۆستەڭ چاپقانلار خۇشال بوپتۇ، «ئۆستەڭدىن سۇ چىقمايدۇ» دېگۈچە يەرگە قاراپتۇ. شۇندىن كېيىن كۆپچىلىك «ئەجرىمىز زايەت كەتمەي ئۆستەڭدە ئاقتى»، «تىلىكىمىز ئەمەلگە ئاشتى»دەپ ئۆستەڭگە «ئاقئۆستەڭ» دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. |