查看完整版本: [-- مۇنۇ  سۆزلەردە ئاجىزلىشىش ھادىسىسى بارمۇ؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سۇئال-جاۋاپلار -> مۇنۇ  سۆزلەردە ئاجىزلىشىش ھادىسىسى بارمۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

danko 2012-11-14 21:41

مۇنۇ  سۆزلەردە ئاجىزلىشىش ھادىسىسى بارمۇ؟

مۇنۇ  سۆزلەردە ئاجىزلىشىش ھادىسىسى بارمۇ؟ sA}Xha  
بارىمەن، بارىسەن،  ئالىمەن، ئالىسەن، يازىمەن، يازىسەن،  ...   *a2 y  
كۆرىمەن، كۆرىسەن، قويىمەن، قويىسەن، تۇرىمەن، تۇرىسەن ... u>cU*E4/  
POouO/r$  
cHG>iW9C  

ئەكبەرنىياز 2012-11-14 22:01
ئەلۋەتتە ئاجىزلىشىش بار . << بار >> دېگەن سۆز تومۇرىغا<< ئە >> قوشۇمچىسى ئۇلىنىپ << بارە >>دەيدىغان بۇيرۇق شەكلى ياسالغان . ئاندىن << مەن >> دەيدىغان شەخىس ئالمىشى قوشۇلۇپ <<بارە >> دىكى << ئە >> تاۋۇشى تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش قائىدىسىگە ئاساسەن << ى >> تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىپ ( ئىككىنچى بوغۇمىدا ئاجىزلاشقانلىقى ئۈچۈن )  بارىمەن بولغان . قالغان سۆزلەرمۇ مۇشۇ خىل قائىدە بۇيىچە ياسالغان .

arkzat 2012-11-14 22:29
引用第1楼ئەكبەرنىياز于2012-11-14 22:01发表的 : ئەلۋەتتە ئاجىزلىشىش بار . << بار >> دېگەن سۆز تومۇرىغا<< ئە >> قوشۇمچىسى ئۇلىنىپ << بارە >>دەيدىغان بۇيرۇق شەكلى ياسالغان . ئاندىن << مەن >> دەيدىغان شەخىس ئالمىشى قوشۇلۇپ <<بارە >> دىكى << ئە >> تاۋۇشى تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش قائىدىسىگە ئاساسەن << ى >> تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىپ ( ئىككىنچى بوغۇمىدا ئاجىزلاشقانلىقى ئۈچۈن )  بارىمەن بولغان . قالغان سۆزلەرمۇ مۇشۇ خىل قائىدە بۇيىچە ياسالغان .
"q(#,,_  
wt4uzg8  
i $H aE)qZ  
 مېنىڭ پەقەت بۇ ئىنكاسقىلا قارىشىم باشقىچە: sw{,l"]<  
 يەنى مېنىڭچە، ئەھۋال ئەكبەرجان دېگەندىكىدەك ئەمەس. چۈنكى بۇ سۆزلەرنىڭ تومۇرى بىر بوغۇملۇق تۈپ سۆز. شۇنداق بولغاچقا، " ئا،ئە "تاۋۇشلىرى بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە " ئى "تاۋۇشى بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، " ئا،ئە "تاۋۇشلىرى " ئى "غا ئەمەس، بەلكى " ئې "تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىدۇ ھەم شۇنداق يېزىلىدۇ. /T`L;YE  
   مەسىلەن: باش+ى=بېشى 8Czy<}S 
                 قاش+ى=قېشى jZu">Eh,  
                 ئەل+ى=ئېلى ( ئېلىمىز ) j?D=Ij"o  
                 بەل+ى=بېلى elCDPZTf  
  باشقا جەھەتتىكى مۇكەممەل قاراشلىرى بار كەسىپ ئەھلىلىرى قارشلىرىنى قويۇپ باقسا، يەنە ئورتاقلاشساق بولىدۇ!

رەيھانگۇل 2012-11-15 21:30
مەن ئەركزات ئەپەندىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن . O\;Z4qn2=  
يۇقىرىقىدا تىلغا ئېلىنغان سۆزلەردە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشش ئەھۋالى كۆرۈلىمگەن.  بەلكى تۈپ پېئىللارغا پېئىللارنىڭ شەخس قۇشۇمچىسى قوشۇلۇپ، تۈرلەنگەن سۆزلەر ھاسىل بولغان. ھەرگىزمۇ « بارىسەن، كېلىمەن» دېگەن سۆزلەرگە «مەن، سەن» دەيدىغان شەخس ئالماش قوشۇلىمغان. بەلكى پېئىللارنىڭ شەخس قوشۇمچىسى قوشۇلغان. d:* ,HzG  
پېئىللارنىڭ شەخس قۇشۇمچىسى بىلەن ئىسملارنىڭ شەخس قۇشۇمچسى ئوخشىمايدۇ. OW1i{  
پېئىللارنىڭ شەخس قۇشۇمچسى ھەققىدە تەۋپىق مۇنبىرىمىزدىكى كەسىپتە پىشقان «چىراق» ئەپەندى مەخسۇس بىر تىما يوللىغان. بۇ تىمىنى كۆرۈپ باقساڭلار يوقارىقى مەسىلە ئاسانلا ھەل بولىدۇ. 8P5yaS_  
b,"gBg  
http://tawpek.cn/bbs/read.php?tid=7197 >+y[HTf-  
Ik2y If5d  
باشقا يولداشلارنىڭ پىكىر بېرىپ بېقىشىنى سورايمەن.

arkzat 2012-11-16 00:30
  پاكىت ھامان مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئىلمىي مەسىلىلەردە شەخسىي ھېسسىياتنى  قايىل قىلارلىق ئىلمىي قاراش ۋە چۈشەنچىلەرگە بوي سۇندۇرماي بولمايدۇ. 3V ~871:-~  
   تەۋپىق مۇنبىرى مۇنازىرە مۇنبىرى تۇرۇقلۇقمۇ نەدىكى بىر بېشى بار، ئاخىرى يوق دە-تالاشلىق مەسىلىلەرگە قارىتا قايناپ-قىززىپ كېتىدىغان مۇنبەر بولغان بىلەن، مانا مۇشۇنداق ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتى بار مەسىلىلەرگە كەلگەندە، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەر يانداپ ئۆتۈپ كېتىدىغان قىسمەتلەرگە دۇچار قېلىۋاتامدۇ-قانداق؟!   ~+w'b7T,=  
   مېنىڭچە، كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، كەسىپداشلار بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ باقالىغان بولسا، تېخىمۇ ياىشى بولاتتى....

akkax 2012-11-16 11:31
  مۇھتەرەم ئۇستاز ئەركزاتنىڭ بىرىنچى ئىنكاسى تولىمۇ قايىل قىلارلىق بولغان ئىكەن . ئىككىنچى ئىنكاسىدىن يەنىلا چېقىۋىلىش تۈسىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.  
« ئاش بەرگەنگە مۇش بەر »مەسلىك كېرەكقۇ ئاخىر . باشقىلارنىڭ كۆرۈپ ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كۈتمەيلا ئۆزىنىڭ جاۋابىدىن مەست بولۇپ، مۇنبەر كۆزىگە باشقىچە كۆرۈنۈپ قالدىمۇ قانداق ؟ XY % er  
  دەرۋەقە مەسىلىلەرنىڭ بولۇشى ئېنىق. بولسا كۆپرەك كۆرسەتمە بەرگەيلا ! *IBT!@*Q&  
  قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئاڭلاشنى خاھلايمىز . بىراق، تۈسىنى ئۆزلىرىنى ئاسمانغا ئېسىۋېلىشتىن خالىي قىلغايلا ! ( سەمىمىي ئۆتۈنچۈم، بويرۇق قىلىدىغانغا ھوقۇقۇم يوق، ھەددىممۇ ئەمەس.)

tursun 2012-11-16 11:59
ئىلمىي ھۆكۈم-تورداشلارنى قايىل قىلىدۇ،شۇنداقتىمۇ ھەر خىل قاراشلار ئىچىدىن P^-daRb  
ئاخىرقى نوختىدا يىغما خۇلاسە چىقىرىلىدۇ...يولداشلارنىڭ مۇنازىرىسىدىن )Q5ja}-{V  
شۇنچىلىك خۇرسەن بولدۇم...بارىكاللا ئەركزات،رەيھانگۇل،ئەكبەرجان ھەم ئاققاش...!ئەركزات ۋە رەيھانگۇللارنىڭ كۆرسەتمىسى،پاكىتلىرى مىنى قايىل X775j" 
قىلىۋاتىدىغۇ...!رەھمەت...!     

tursun 2012-11-16 12:00
پاكىت-مۇنازىرىدىن يۈكسەك تۇرىدىغۇ...ھە؟   

چاقماق 2012-11-16 12:18
ھەممە سۆزلەرنىڭ سۆز تومۇرى بۇيرۇق رايىدىكى پىئىللاردىن تۈزۈلگەن . شۇڭا ھىچقايسى سۆزلەردە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى مەۋجۇت ئەمەس!

گۈلزىبا 2012-11-16 13:53
،يۇقىرىقى سۆزلەردە ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن .بەلكى : L#Rj~&U  
بار+ىمەن =بارىمەن `C>De4nT@  
تۇر +ىسەن =تۇرىسەن cs7K^D;.V  
.......شەكلىدىكى پىئىللارنىڭ شەخىس قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ تۈرلەنگەن(شۇ قوشۇمچە ماس بولغان شەخىسلەردە )  سۆزلەر دەپ قاراپ كېلىۋاتىمەن .

tunyukuk 2012-11-17 13:38
بۇ يەردىكى قوشۇمچە پېئىللارنىڭ شەخس قوشۇمچىسى بولسا  «مەن، سەن» بولماستىن  «ىمەن،  ىسەن» ئىكەندە. ئۇنداق بولغاندا يۇقىرىقىدەك سۆزلەردە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى يوق بولىدۇ، دېگەن گەپ. LYECX  
بىز ئەكبەر مۇئەللىمنىڭ «مەن، سەن، دېگەن شەخس ئالمىشى قوشۇلغان» دېگەن قارىشىنى پېئىللارنىڭ شەخس قوشۇمچىسى دەپ تۈزەتكىنىمىزدىن كېيىنمۇ،   «بارىمەن»  دېگەن سۆزنى  بار+ ە + مەن = بارىمەن  دەپ ئاجرىتىش توغرىمۇ  ياكى   بار+ ىمەن= بارىمەن دەپ مورافېمىغا ئاجرىتىش توغرىمۇ دېگەن مەسىلە كېلىپ چىقىدىكەن.

گۈلزىبا 2012-11-17 15:30
بار +ىمەن z@3gNY&7.8  
تۇر+ىسەن   ....دەپ ئاجرىتىش كېرەك .چۈنكى :_ىمەن ،_ىسەن دېگەنلەر ئىنىقلا پىئىللارنىڭ شەخىس قوشۇمچىلىرىدۇر .-مەن ،-سەن دېگەن قوشۇمچە يوق ،

danko 2012-11-17 21:50
ئەي پەلەك بۇ دەھشىتىڭدىنئىنتىھا بىزارىمەن.   OCdX'HN5Y  
ئىستىدىمكۆپ، تاپمىدىم بۇ دەردىمەھېچ دارىمەن. cLL2 '  
ئاتا - بوۋامدىنمىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،     /!Ag/SmS!9  
گاھ ئۆلۈپ، گاھ تىرىلىپكۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن. 63\ CE_p  
 
ئۇنداقتا بۇ مىسرالارنىڭ ئاخىرىدىكى قوشۇمچىغا قانداق قاراش كېرەك؟ 9 AD*  
 

رەيھانگۇل 2012-11-18 15:36
«بىزارىمەن»، «دىدارىمەن»، «ئاۋارىمەن» دېگەن پېئىللار بىرىنجى شەخس بىرلىك ساندا تۈرلىنىپ كەلگەن. يەنى «بىزار، دىدار، ئاۋارە» دېگەن باش مورفىمىغا پېئىللارنىڭ شەخس قۇشۇمچىسنىڭ 1-شەخس بىرلىك ساندىكى «-ىمەن» قۇشۇمچسى قوشۇلۈپ كەلگەن. 9f& !Uw_W  
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتا شۇكى: Xajt][  
ئاۋارە-+ىمەن-ئاۋارىمەن EFtn !T  
بۇ سۆزلەردە پېئىللارنىڭ 1-شەخس بىرلىك ساندىكى قۇشۇمچسى قۇشۇلغاندىن كېيىن «ئە» تاۋۇشى «ئى» غا ئاجىزلىشىپ، «ئى» تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قىلىشىنى كەلتۈرۇپ چىقارغان. @`B_Q v@  
باشقا دوستلارنىڭمۇ پىكىر قاتناشتۈرۇپ بىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

akkax 2012-11-18 17:33
مېنىڭ چۈشىنىشىم:  ئاۋارە + مەن = ئاۋارىمەن. ~S~+'V,d  
  مەنچە بولسا، بۇ جايدا تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى بار، چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى يوق. « ئى، ئۇ ، ئۈ » تاۋۇشلىرى چۈشۈپ قالسىمۇ، بۇ خىل چۈشۈپ قېلىشنىڭ شەرتى بار. يۇقىرىدىكى ئەھۋالدا بۇ شەرت ھازىرلانمىغان.

tawpek 2012-11-18 18:50
بۇ مۇنازىرلەردىن ماڭا نان تەككىنى تېما ھەققىدىكى كۆز قاراشلا بولوپ قالماستىن بەلكى ې تاۋۇشىنىڭ نەدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىمۇ بولدى uTO%O}D N  
t<}N>%ZO  
كۆپ تەشەككۇر

گۈلزىبا 2012-11-18 19:30
<<ئاۋارە >>بۇ جايدا <<ئاۋار >>دەپلا ئېلىنغان . rOYYZ)Qw  
بۇنى يەنىلا : ]i1OssV~>  
ئاۋار +ىمەن =ئاۋارىمەن ...دەپ چۈشىنىش كېرەك . چۈنكى ،شېئىرلاردا بوغۇم ،تۇراق ، قاپىيە ئېھتىياجىغا ئاساسەن بۇنداق يېزىش كۆپ ئۇچرايدۇ .

tawpek 2012-11-18 19:50
گۈلزىبا،رەيھانگۈللەرنىڭ كەسپى سەۋىيسىدىن ھەقىقەتەن سۆيۆندۆم.

akkax 2012-11-19 00:18
  تىلىمىزدا « ئاۋار » دەپ سۆز يوق. سۆز چوقۇم « ئاۋارە » ھالىتىدە تەھلىل قىلىنىشى كېرەك.

گۈلزىبا 2012-11-19 22:17
توغرا ئىيىتتىڭىز ، تىلىمىزدا ھەقىقەتەنمۇ <<ئاۋار >>دېگەن سۆز يوق .بىراق ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىدا ، <<ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>>تە بۇنداق قىسقارتىپ ئىشلىتىلگەن سۆزلەر بەك كۆپ.كۆرۈپ باقايلى ، ئەگەر يەنىلا قايىل بولمىسىڭىز ئەتە مىسال ئارقىلىق سۆزلەي .

گۈلزىبا 2012-11-19 22:20
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تەۋپىق ! 6p&uifY}tR  
سوئاللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالدىغۇ ؟ مەنمۇ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن مۇنبىرىمىزدە <<دەرس تاشلاپ >> <<كەپسىز ئوقۇغۇچى >>بولۇپ قالدىم .تۈزىتىشكە تىرىشىمەن .

akkax 2012-11-20 22:33
  بۇ قوشۇمچىلار ئەسلى « دۇر + مەن » -« دى + مەن » ھالەتتىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. « مەن ، سەن » قوشۇمچىسىلا بولۇپ قالماي، « ىمەن، ىسەن » ھالىتى بولىشى كېرەك. « مەن، سەن » شەكلى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە، « ىمەن، ىسەن » شەكلى ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە قوشۇلىشى كېرەك. ~Dw% d;  
  بېزار + ىمەن = بېزارىمەن.   ئاۋارە + مەن = ئاۋارىمەن. ZnuRy:  
V|awbff:  
بۇ قوشۇمچىنىڭ كېلىش مەنبەسىدىن قارىغاندا، ئۈچىنجى شەخس ھالىتى : 4v{ Ye,2  
  « دى، تى » ھازىرمۇ ساقلىنىقلىق. ئادەتتىمۇ ئىشلىتىمىز.

akkax 2012-11-20 22:34
ئۆزبىكلەرنىڭ تىلىغا قارىغاندىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالنى بايقىغىلى بولىدۇ .

گۈلزىبا 2012-11-21 11:11
شۇنداق .<<-دى ،-تى >>قوشۇمچىسى بار ، بىزمۇ ئىشلىتىمىز ، ئەمما <<مەن ، سەن >>دېگەنلەر راسىتلا قوشۇمچىمۇ ؟ قانداق قوشۇمچە ؟ بۇ ھەقتە بىلمەيدىكەنمەن . بۇ ھەقتە دەرسلىك كىتابتىمۇ كۆرمەپتىكەنمەن ، خاپا بولماي ، كۆپرەك مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەرسىزمۇ ؟

tunyukuk 2012-11-21 21:36
«ئۇيغۇر سوفت لۇغىتى» دە، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»(1999-يىل نەشرى) دە «ئاۋارە» سۆزى مۇنداق ئىزاھلانغان: +&E\w,Vq^  
ئاۋارە  JEP9!y9y  
سۈپ [پ] ① بىرەر جايدا تىنىم تاپالمىغان؛ سەرسان-سەرگەردان: باقساڭ مېنىڭدەك دىۋانىلەرگە، ئىسيان چۆلىدە ئاۋارىلەرگە. ② بىرەر ئىش-ھەرىكەت بىلەن بەند، مەشغۇل: ھازىر ھەر ئادەم ئۆز ئىشى بىلەن ئاۋرە. ③ ئامالسىز، بىچارە؛ قىينالمىغان: ۋە يا داچەن دەردىدىن ئاۋارىمۇ سەن؟ ياكى ئوغرى، بۇلاڭچى قاراقچىمۇ سەن. ④ ئاجىز، ئورۇق، جۈدەڭگۈ: ئاۋارە قوي. ئاۋارە ئات

tunyukuk 2012-12-02 22:24
شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىر قىلغان، ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» نىڭ 249- بېتىدە مۇنداق بايانلار بار ئىكەن:  xU(b:D Z  
تىلىمىزدىكى شەخسلىك پېئىللارنىڭ شەخس ۋە سان كاتېگورىيىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئۈچۈن، 1- شەخس بىرلىكتە «دىم، تىم، دۇم، تۇم، دۈم، تۈم، مەن، ىمەن،  يمەن»  كۆپلىكىدە  «دۇق، تۇق، ىمىز،  يمىز» قوللىنىلىدۇ. iP1yy5T  
2-شەخس بىرلىكتە  « ىڭ، دىڭ، تىڭ، دۈڭ، تۈڭ، دۇڭ، تۇڭ،  سەن،  يسەن،  »     ...   قوللىنىلىدۇ . m\_v{1g  
  بۇلاردىن قارىغاندا، « -مەن»  شەكلىمۇ،  « - ىمەن» شەكلىمۇ بار ئىكەن. شۇڭا بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۆزلەردە ئاجىزلىشىش ھادىسىسىنىڭ يوقلىقى ئاياندەك قىلىدۇ.  

ozqan 2012-12-02 22:52
بارىمەن، بارىسەن،  ئالىمەن، ئالىسەن، يازىمەن، يازىسەن،  ...   O:8Ne*L`D  
كۆرىمەن، كۆرىسەن، قويىمەن، قويىسەن، تۇرىمەن، تۇرىسەن ... c_aj-`BKp  
\KKE&3=  
بۇ سۆزلەردە ئاجىزلىشىش ھادىسسى يوقكەن ، ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشقان «بار ، ئال ،ياز، كۆر ، قوي ، تۇر » قاتارلىق پېئىللارغا سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچە « ىسەن ، ىمەن » قوشۇلۇپتۇ . Z@AN0?,`~o  
V@\u 
ئەمما تۆۋەندىكى ئەھۋالدىكىسى ئوخشىمايدىكەن : ~ cI`$kJ  
0%yPuY>  
ئەي پەلەك بۇ دەھشىتىڭدىنئىنتىھا بىزارىمەن.   n 8FIxl&u  
ئىستىدىمكۆپ، تاپمىدىم بۇ دەردىمەھېچ دارىمەن. [~?6jnp  
ئاتا - بوۋامدىنمىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،     zR?1iV.]  
گاھ ئۆلۈپ، گاھ تىرىلىپكۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن. rym*W\AWx  
e' |c59E  
بۇ مىسرالاردىكى بىزار + ىمەن ئىكەن ، [5Zi\'~UH)  
لېكىن ، 4x.I"eW~&  
«دورا ، ئاۋارە»  دېگەن سۆزلەر سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشقان سۆز ئىكەن ، بۇلارغا قوشۇلغىنى « مەن » قوشۇمچىسى بولۇپ ،بۇ جايدا « ئا ، ئە» تاۋۇشلىرى « ئى » تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىپتۇ .

koksangun 2013-07-28 12:23
بۇ تولىمۇ جانلىق مۇنازىرە بولغان تىما ئىدى .

رەيھان 2014-03-20 11:39
مەنمۇ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن دېگەن قاراشتا ، ئەركزاد ئەپەندىمنىڭكىگە ئوخشاش پىكىردىمەن !

مىېھرىما 2014-03-20 16:50
ئەجرىڭىزگە رەھمەت .

ئۇيغۇر 2014-03-24 14:29
ئاجىزلىشىش يوق مەن چاقماقنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن.

مىېھرىما 2014-03-28 16:35
بۇ مۇنازىرەڭلا بەكلا قىزىپ كېتىپتىغۇ!!!


查看完整版本: [-- مۇنۇ  سۆزلەردە ئاجىزلىشىش ھادىسىسى بارمۇ؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled