مۇقامغا مەدھىييە ئىلھامجان ئوسمان
ئاماننىسا خېنىمغا
( غەزەل)
ئېلھامجان ئوسمان (3-يىللىق1-سىنىپ)
(خېجىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ)
1.ئورۇن ئالدىڭ مۇقام ئەھلى سېپىدىن ياخشى سائەتتە،
ساڭا بۇرۇندىن كۆپتۈر ئالقىش ئانا يۇرت ،ئەل جامائەتتە .
سۆيۈندى خۇش ئاۋازىڭدىن ، جىمى ئەل چالغان سازىڭدىن ، بېغىدا ‹‹چارىگاھ ›› نىڭ ‹‹ناۋا ›› قىلدىڭ ساداقەتتە .
‹‹مۇشاۋېرەك››ھەم‹‹ بايات ››،‹‹ئۆزھال›› كۆكسىدە سەن نەپىس ، لەرزان قانات قاقتىڭ قۇشقا ئوخشاش جاسارەتتە.
ئاھاڭلار ئەۋجىدە بولار گۈزەل ئارمانلىرىڭ ھاسىل ،
‹‹ئىراق››،‹‹چەببايات››،ۋە ‹‹ئوشاق››تا تېگىڭ يوقتۇر ھارارەتتە .
نەقىش چەكتىڭ يۈرەكلەرگە ،بېرىپ ئۆررنەك چىچەكلەرگە ،
‹‹سىگاھ››،‹‹راك››،‹‹پەنجىگاھ›› ئىچرە نامايەن سەن كارامەتتە.
‹‹ئەجەم››گە تىترىسە تارلار جاھاننى قالدۇرۇپ ھەيران . ساقايتىڭ خەستە جانلارنى بېغىشلاپ قان ھارارەتتە .
مۇقامدۇر دىلبىرىڭ –پەخرىڭ ، مۇقامسىز كۈلمىگەي بەختىڭ ،
قەدىر تاپتىڭ ۋاپا ئەيلەپ شاھقا چەكسىز مۇھاببەتتە .
ئەل ساڭا تىلىدى قۇت ، قىيىن يولدا بوشاتمىدىڭ بەل ،
ئۆزۈڭنىڭ ئىلھامى ئاشتى ۋىسال قۇچتىڭ كامالەتتە .
|