مىنىڭ كۈندىلىك خاتىرەم
(گۇما ناھىيە موكويلا ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىللق قوشتىل4-سىنىپتىن: دىلنور يالقۇن)
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس قىزىقىشى بولىدۇ. شەخسەن مېنىڭمۇ شۇنداق. مەن ھەر كۈنى كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى ئۆز قىزىقىشىمغا ئايلاندۇرىۋالغانىدىم. مانا بۈگۈنمۇ كۈندىكىگە ئوخشاش كۈندىلىك خاتىرە يازماقچى بولدۇم، لىكىن كۈندىلىك خاتىرەمنى ھەرقانچە ئىزدەپمۇ قويغان يېرىمدىن تاپالمىدىم. قىزىق ئىش، كۈندىلىك خاتىرەمنى كىم ئالغاندۇ؟
ھەممە جاينى تەپسىلى ئاختۇرۇپمۇ تاپالماي تىت-تىت بولۇشقا باشلىدىم. كەچلىك تاماقتىن كىيىن كۈندىلىك خاتىرەمنى دەرىزە تەكچىسىگە تاشلاقلىق يىرىدىن تاپتىم. توۋا، كۈندىلىك خاتىرەم بۇ يەردە تۇرىدىغۇ؟ ئۇنى بىرى كۆرگەن ئوخشىمامدۇ؟ ئۆيدە ئاتا-ئانام بىلەن مەندىن باشقا ئادەم بولمىسا بىر قانچە كۈندىن بۇيان سىرتتىنمۇ بىرەركىم ئۆيگە كەلمىگەن تۇرسا، ئەجىبا ئاتا-ئانام ئالغانمىدۇ؟!
ھەرخىل خىياللانى قىلىپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى، شۇچاغدا ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا يىغلاپ تاشلاپتىمەن. مەن شۇندىلاا باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئوغۇرلۇقچە كۆرسە قانچىلىك ئازاپلىنىدىغانلىقىنى تۇنجى قىتىم ھىس قىلدىم، شۇنداقلا كۆڭلۈمدە ئاتا- ئانامدىن قاتتىق ئاغرىندىم. ئاتا-ئانام نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ ئۇلار قىزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئوغرىلىقچە كۆرۈپ، نەرسە- كىرەكلىرىنى ئاختۇرسا قىزىنىڭ ئازاپلىنىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانمىدۇ؟
مەن ئەنە شۇقىتىملىق ئىشتىن كىيىن پۈتۈنلەي ئۆزگەردىم. ئىلگىرىكى شۇنچىلىك شوخ، تىتىك ھالىتىمدىن ئەسەرمۇ قالماي ئىنتايىن جىمغۇر، كەمسۆز بولوپ قالدىم. ئەمىلىيەتتە مىنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق بولوپ قالغىنىمنى ئاتا-ئانام ھەرگىزمۇ چۈشەنمەيتتى.
كۈنلىرىم بارغانسىرى مەنىسىز ئۆتمەكتە...
ئاخىرىدا بارلىق ئاتا-ئانىلارغا بىز پەرزەنتلەرنىڭ مۇنۇ قەلب سادايىنى ئىزھار قىلغۇم كەلدى؛ مەيلى كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن ھەممە ئادەمنىڭ باشقىلارغا ئىيتىشنى خالىمايدىغان ئازدۇر- كۆپتۇر مەخپىيەتلىكى بولىدۇ. شۇڭاسىلەر ھەرگىزمۇ ئۆز پەرزەنتىڭلارنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئوغرىلىقچە كۆرمەڭلار، نەرسىلىرىنى قالايمىقان ئاختۇرماڭلار، ئەگەر بۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارغا ئازار بەرگەن بولىسىلەر.
(مەكتەپ«غۇنچىلار» گىزىتىنىڭ 21-سانىدىن ئېلىندى)
|