查看完整版本: [-- تەۋپىق مۇنبىرىگە تەكلىپ ( دانىش) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> تەۋپىق مۇنبىرىگە تەكلىپ ( دانىش) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

danix 2012-11-07 14:06

تەۋپىق مۇنبىرىگە تەكلىپ ( دانىش)

     تەۋپىق ( توغرا يول )مۇنبىرى مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مائارىپ ئۈچۈن مىننەتسىز تۆھپە قوشۇشنى نىيەت قىلغان  بېكەت باشلىقىمىزنىڭ ۋە  تېنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا ھەسەل ھەرىسى كەبى تىرىشچان ئەزالارنىڭ مائارىپ ساھەسى ۋە باشقا ساھەلەردىن توپلىغان ھەسەل كەبى تېمىلىرىنى تەقدىم قىلىشى بىلەن تەسىر دائىرىسى كۈندىن - كۈنگە زورايغان ، خەلقىمىزنى ئىسمى - جىسمىغا لايىق توغرا يولغا باشلايدىغان ئىسىل مۇنبەرگە ئايلاندى ! qpt},yn)C  
   بۇ ئىسىل مۇنبەرنى تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ، تېخىمۇ كۆپ بىلىم تەشنالىرىنىڭ ئەڭ ئىسىل مەنىۋى سورىنىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بېكەت باشلىقى ، مۇنبەر باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالارنىڭ دىققىتىگە مۇنداق تەكلىپنى سۇنغۇم كېلىپ قالدى : hD*83_S  
  1 . مۇنبەرگە يوللانغان تېمىلار ھازىر بىر ياكى بىر قانچە مۇنبەر باشقۇرغۇچىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق نادىر تېما ۋە نادىر تېما ئەمەسلىكى بەلگىلىنىۋاتىدۇ  . بۇمۇ ھەر ھالدا ياخشى بولىۋاتىدۇ . لېكىن ، مېنىڭچە ، نادىر تېمىلارنى ئەزالارنىڭ رايىنى سىناش ئارقىلىق تاللاپ چىقساق تېخىمۇ ياخشى بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن . چۈنكى ، نادىر تېما دېگەن ئەڭ كۆپ ئەزالىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ياققان ، دىلىنى سۈيۈندۈرگەن ، ئەڭ كۆپ ئەزانى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرگەن تېما بولۇشى كېرەك . مېنىڭچە ، بىر ياكى بىرقانچە مۇنبەر باشقۇرغۇچىمىزنىڭ باھالىشى ئارقىلىق تاللاپ چىقىلغان نادىر تېمىغا قارىغاندا ، پۈتۈن ئەزالارنىڭ رايى ئارقىلىق تاللاپ چىقىلغان نادىر تېمىنىڭ سۈپىتى يۇقۇرى بولىدۇ . بۇ يەنە ئۆز  نۆۋىتىدە << مۇنبەرنى بىرلىكتە باشقۇرۇش >> بولۇپ ، ئەزالارنىڭ مۇنبەرگە بولغان مەسئۇليەتچانلىق روھىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ . مېنىڭ بۇ خىل باھالاش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇشتا ئويلىغىنىم مۇنداق : ofA6EmQ37  
     بۇ خىل باھالاش بىر ئايدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ . بىر ئاي ئىچىدە يوللانغان تېمىلار جەدىۋەللەشتۈرۈلۈپ ، ھەر بىر تېمىنىڭ ئۇدۇلىغا ئەزالارنىڭ << نادىر تېما بولسا بولىدۇ >> دېگەن رايى ئۈچۈن چېكىلىدىغان ئورۇن قويۇلىدۇ . شۇ ئورۇننى ئەزالار شۇ تېمىنى << نادىر تېما بولسا بولىدۇ >> دەپ قارىسا ، چەكسە بولىدۇ . بىر ئەزانىڭ بىر تېمىغا قارىتا شۇ ئورۇننى چېكىش ھوقۇقى پەقەت بىرلا قېتىم بولىدۇ . 6lc/_&0  
بېكەت باشلىقى ، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ شۇ ئورۇننى چېكىش ھوقۇقى ئەزالارنىڭكىدەك بىرلا قېتىم بولمايدۇ ، بېكەت باشلىقى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۇ ھوقۇقىنى بېكەت باشلىقى شۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ چوڭ ، كىچىكلىكىگە قاراپ تەقسىم قىلسا بولىدۇ . شۇ راي سىناشتا ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن تېمىلار بېكەت باشلىقى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ قايتا قاراپ چىقىشى بىلەن نادىر تېما دەپ باھالانسا بولىدۇ . مۇشۇنداق بولسا ، دىمۇگىراتىيە ۋە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى گەۋدىلەنگەن بولىدۇ . @5# RGM)5^  
    l C|{{?m  
2 . ئەزالارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى مېنىڭچە مۇنداق بولسا : ^(0tNX/XD  
   1. ئەزالارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىر ئاي ئىچىدە يوللانغان تېمىلار ئىچىدىن نادىر تېمىلار تاللاپ چىقىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ . بۇنىڭدا بىر ئاي ئىچىدە تېما يوللىغان ئەزالارنىڭ تىزىملىكى جەدىۋەللەشتۈرۈلۈپ ، ھەر بىر ئەزانىڭ ئىسمىنىڭ ئۇدۇلىغا شۇ ئەزانىڭ شۇ ئاي ئىچىدىكى نادىر تېما سانى ، يوللىغان تېما سانى ، ئالتۇن مىدال ، كۆمۈش مىدال ، مىس مىدال سانى چۈشۈرۈلۈپ ، نادىر تېمىسىنىڭ سانىغا ، يوللىغان تېمىسىنىڭ سانىغا ، ئېرىشكەن ئالتۇن ، كۆمۈش ، مىس مىداللىرىنىڭ سانىغا مۇۋاپىق نومۇر بېرىلىدۇ . _(\\>'1q!  
  2 . ئەزالارنىڭ ئىسمىنىڭ ئۇدۇلىغا شۇ ئەزانىڭ دەۋەتتى ۋە تەۋسىيىسى بىلەن شۇ ئايدا مۇنبىرىمىزگە كىرگۈزگەن ئەزا سانى ۋە شۇ ئەزانىڭ ( ئەسلى ئەزانىڭ ) مۇنبىرىمىزنى ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتتىن قوللىغان ئىش - ئىزى يېزىلىپ ، بۇلارغا مۇۋاپىق نومۇرلار بېرىلىدۇ . ZN ?P4#Z S  
   ئىككى تۈردىكى نومۇرىنى قوشقاندا ئەڭ كۆپ نومۇرغا ئېرىشكەن ئەزالار ئىسىملىكىگە بېكەت باشلىقى ۋە باشقۇرغۇچىلار قايتا قاراپ چىقىپ ، ئەزالارنىڭ  دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئېلىپ بارىدۇ . ;v6e2NacM'  
     يەنى قوشۇمچە قىلىدىغىنىم ، تېمىلارغا يوللانغان ئىنكاسلار ئىچىدە شۇنداق ئىسىل ئىنكاسلار بار بولۇپ ، بۇ ئىنكاسلار بەزى تېمىلاردىن ئارتۇق .  شۇنداق ئىنكاسلارنى ئەزالار ئۇچىراتقان بولسا ، نادىر تېما قىلىشنى تەۋسىيە قىلسا بولىدۇ . تەۋسىيە قىلىدىغان ئورۇن نادىر تېمىلارنى تاللاپ چىقىش جەدۋىلىنىڭ ئاستىغا بېرىلسە بولىدۇ . FZ^byIS[  
     بۇ تەكلىپنى بېرىشىمدىكى مەقسەت يەنىلا مۇنبىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاشتىن ئىبارەت . بېكەت باشلىقىمىزنىڭ ، باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ ۋە ئەزالىرىمىزنىڭ  بۇ تەكلىپىمگە قارىتا  قىممەتلىك پىكىر ۋە تولۇقلىمىلارنى بېرىشىنى سەمىيمى ئۈمىد قىلىمەن ! مۇنبىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى !

gulnar 2012-11-07 14:25
بۇمۇ ياخشى تەكلىپ بوپتۇ .

تۆتتاش 2012-11-07 19:25
بۇ تەكلىپنى مۇنبەر ئاتامانلىرى مۇزاكىرە قىلىپ جاۋابىنى دەرھال قايتۇرمىسا  بولمۇغۇدەك.

ئەكبەرنىياز 2012-11-07 21:22
ئاجايىپ ياخشى پىكىر بوپتۇ . دانىش ئاغام دېگەن مەسىلە ھەقىقەتەن مۇھىمكەن .ھارمىغايلا !!!

رەيھانگۇل 2012-11-07 22:55
بولدىغان تەكلىپكەن، مەن قوشۇلىمەن. مۇنبەر يىتەكچلىرىنىڭ تىزراق ئىنكاس بىلدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

gulhan 2012-11-08 01:04
بەك ياخشى تەكلىپ بۇپتۇ، گەرچە مۇنبەر باشلىقلىرىنى سەل ئاۋارە قىلىپ قويسىمۇ. yLx.*I^6  
بۇخىل دىمۇكراتىيە ئۇسولى ھەممىزگە ياقىدۇ. ~@8d[T b  
باشلىقلار نېمە دەيدىكىن   

ئوتقاشئەرقۇتى 2012-11-08 01:09
بەرھەق،دەرھەقىقەت،ھەممە ساھەدە دىمىكراتىيە تەكىتلىنۋاتقان مۇدەۋىردە مۇنبەر ئاتامانلىرى ئويلىشىپ كۆرسە بۇلىدىكەن جۇمۇ

tawpek 2012-11-08 23:30
دانىش مۇئەللىمگە  تەشەككۇر.  ئاۋال مەن بىر شەخسى پىكرىمنى ئوتورغا قويۇپ ئۆتەي، باشقىسىنى يەنە دېيىشىۋالارمىز. XDP6T"h  
rnMG0  
بۇ ھەقتە دانىش ئاكىمىزنىڭ كۆڭۆل بۆلگىنىدىن مەن بەك خۇرسەن بولدۇم. تەۋپىقنى تەۋپىقداشلار  ئورتاق باشقۇرۇش بۇ مەن ئارزۇ قىلىپ كىلىۋاتقان ئىش ئىدى.چۈنكى يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقمايدۇ-دە ؟ ئۇزۇن گەپنى قىسقا قىلسام : 8(vC jL  
نادىرلاشتا مەسىلە ھەقىقەتەن مەۋجۇت. f7_\).T  
بۇنىڭدا بىرگە: B&%L`v2[  
ئەڭ مۇھىمى  باشقۇرغۇچىلارنىڭ تورغا  چىقىش ۋاختى يىتەرسىز. ھەممەيلەن ، مەكتەپلەردە ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت يەنە ۋاقىت چىقىرىپ تېمىلارنى كۆرۈپ چىقىپ ، تەھرىرلەيدۇ ، ئىنكاس يازىدۇ ، نادىرلايدۇ ... r!=]Q}`F  
dAYI DE  
يەنە بىر سەۋەپ: 7.7Cluh5,  
تەۋپىقداشلارنىڭ مۇنبەر ھەققىدىكى ساۋاتلىرى يىتەرسىز.تېما يوللاش بىلەنلا بولوپ باشقىلارنىڭ يوللانمىللىرىغا بولغان قىزغىنلىقى سۇس،باشقۇرغۇچىلارغا ماسلىشىش ۋە تەكلىپ پىكىردە دانىشتەك دادىل بولوشى تۆۋەن. -,K*~ z.l  
5z 9r S<  
بىرىنىجى  تەلەپكە  كۆرسەتكەن  سەۋەپلەردىن ئۆتۆپ  تۆۋەندىكىچە  چارە ئىزدەپ با قتىم: 8eOl@}bV  
1.باشقۇرغۇچىلار مۇنبەر ئۈچۈن قەرەللىك ۋاقىت چىقىرىشقا تىرىشساق. Ux_EpC   
2.چىقارغان قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدەنسەك . w"fCI 13  
3.باشقۇرغۇچىلار كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇنبەر ئۈچۈن كاللا قاتۇرۇپ   تە جرىبە توپلاپ   يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشساق. EHH|4;P6  
4.مۇنبەر ئىقتىدارلىرىنى تولوق ئىگەللەپ تولوق پايدىلانساق. Y;fuh[#  
5.باشقۇرغۇچىلار بىر گەۋدە بولوپ بىر-بىرىمىزنىڭ يىتەرسىزلىكىنى تولوقلاپ ئۆز  ئالا ھىدىلىكىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز  بويچە ئىش تۇتۇپ مۇكەممەل بىر قۇماندانلىق  سۇپىسى ھاسىل  قىلساق. 9|J8]m?x  
6.باشقۇرغۇچى تولوقلاشقا ۋە  باھالاشقا ئەھمىيەت بىرىپ باشقۇرغۇچىلارنىمۇ  دىموگراتىك باھالاش  تۈزىمى ئورنىتىپ چىقساق.  fdd~e52f  
bq:wEMM4s  
قىسقىسى يۇقارقى چارىلەر  بويچە  ئاۋۋال  تام ئەتكەندىن كىيىن  ئاندىن باغ  ئىتىپ تەۋپىقداشلار بىرلىكتە نادىر   تېما  ئۆلچىمى تۇرغۇزۇپ  چىقىپ شۇ  ئۆلچەمگە  چۈشكەنلەرنى ۋاختى ۋاختىدا نادىرلاپ ماڭساق.باشقۇرغۇچىلار  ھىس قىلالمىغان تەرەپلەر  بولسا تەۋپىقداشلار شۇ  تېمىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ  ئەسكەرتىپ قويسا  بولىدۇ. r`?&m3IOP  
F?!FD>L{`  
G"}qV%"6"  
مەنچە يۇقارقى ئۇسۇللار ئارقىلىق باشقۇرغۇچى  ھوقوقى ئارقىلىق  تېما نادىرلىنىشتا  ئادىل  بولو شنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن. g* %bzfk=|  
JAN|aCzD  
ئەزالار ھوقوقى ئارقىلىق تېما  باھالاش ھەققىدە كىيىنكى ئىنكاستا توختىلاي.

arzu 2012-11-08 23:40
مەن قوشۇلىمەن. شۇنداقلا تام سوقىشىڭىزغا ياردەملىشەي. باشقىلار باغ بىنا قىلىشىپ بەرگەي.....   

tawpek 2012-11-08 23:53
يەنە شۇ بىرىنجى تەلەپنىڭ جاۋابىنى تولوقلاپ ئۆتسەم: R1/q3x  
7`dY1.rq  
3تىن ئىككى قاتار تىزىلغان ئالتە كۆزنەكنىڭ ئاستى سول تەرەپتە كۆرسىتىپ ھەسسىلەپ جۇغلانما بىرىلىدىغان تېمىلارنى نادىر  تېما دەپ قارىغان بولساق  ، بۇ ھوقوق  ئاساسان باشقۇرغۇچىلاردا  بولىدۇ. /BKtw8  
لىكىن ئەڭ ئۈستۈنكى ئىككى  كۆزنەكتە كۆرسىتىش ھوقوقىنى  تامامەن بارلىق ئەزالارغا مەن ئىچىۋەتكەن. `m, Ki69.  
دىمەك نادىر تىمىلار ئورنىدىنمۇ يۇقىرى چاقناپ تۇرىدىغان  ئورونلارغا  تېما  كۆرسىتىش ھوقوقى ھەربىر تەۋپىقداشتا  بار  دىگەن گەپ. X4'kZ'Sy<  
يەنى ئۇ  بولسىمۇ  باھالاش ھوقوقى.ئىرىشكەن دوللارنى ئىشلىتىش  ھوقوقى. yd*3)6=  
F@EJtwLd5y  
لىكىن بۇ ھوقوقنى ئىشلەتكەنلەر ئىنتايىن ئاز. SX_4=^  
gc,Ps  
شۇڭا: c{4R*|^  
1.تەۋپىقداشلار مۇنبەر ئىقتىدارىنى  تولوق  ئىگەللىسەك ۋە تولوق ئىشلەتسەك. M BVOfEMj  
2.ئۆزىمىزنىڭكىنى  سۇنۇش  بىلەن بىرگە باشقا ئەسەرلە  باھا بىرىشكىمۇ ۋاقىت ئاجراتساق. eM }W6vIn  
3.باشقۇرغۇچىلارغا ئاكتىپ ماسلىشىپ  پىكىر  تەلەپ  كۆ رسەتمىلەرنى ئايىماي  مۇنبەرنى  ئورتاق  باشقۇرۇش  ئىڭىمىزنى ئاشۇرساق. }N]!0Ka  
4.ئورتاق  كىڭىشىپ مۇنبەر قائىدە تۈزۈم  تەرتىپ  دىگەنلەردىن ئورنىتىپ  چىقىپ مۇنبەر  پائالىيتىمىزنى قىلىپلاشتۇرساق. Noz&noq  
5.  ئىزچىللىقنى  ساقلاپ  مۇنبەر ئۈچۈن تۆھپە  قوشوشقا  كۈچ چىقارساق On% ,l  
 Q; 20T  
wko2M[  
مەنچە يۇقارقى  ئەزالار  ھوقو قى بىلەن باشقۇرغۇچىلار  ئىقتىدارى بىرلەشسە  دانىش ئاغىمىزنىڭ بىرىنجى تەلىۋى ئورونلىنامدىكىن  دەيمەن.

tawpek 2012-11-09 00:16
2-  تەلەپكە  كەلسەك ئاساسلىقى ئەزالارنىڭ  دەرىجە  بىكىتىلىشى ۋە مىدال تارقىتىلىشتىكى ئادىللىقى مەسىلى ئوخشايدۇ. w_3xKnMT\  
~6sE an3p  
1.دەرىجە بىكىتىلىش ۋە  ئۆستۆرۆلۆشتە ئەزالارنىڭ تىما ئىنكاسلىرى ۋە مۇنبەردە تۇرغان ۋاختى، تىما ئىنكاسلىرىنىڭ باھالىنىش ۋە نادىرلىنىش ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن ئالدىن   بەلگىلەنگەن (مەن بىكىتكەن) نومور قويۇش ئۆلچىمى بويچە ئۆلچەمگە يەتكەندە  ئاپتۇماتىك دەرىجە  كۆتۆرلىدۇ.بۇلارنى مەن پۈتۈنلەي ئوقوتقۇچىلىق ئۈنۋان قۇرۇلما تەلىۋى بويچە دەرىجە ئۆلچەم ۋە جۇغلانما ھىساپلاشنى بەلگىلەپ چىققان. x.\XUJ4x  
بۇ ھەقتە تىما  باھالاش ۋە  نادىرلاش  قىلىپقا چۈشسە  دەرىجە  بىكىتىلىشمۇ ئەجىر مىھنەتكە ئاساسەن ئادىللىق تۇيغۇسى بىرىشتە  گەپ يوق. 6|oWaA\gI  
 "l2bx  
2.ھىسيات ئۇقىمىنى چۆرۆپ قويۇپ سانسىفىر ئارقىلىق بەلگىلىنىدىغان ئاۋۇ دەرىجىنى تولوقلايدىغان يەنە بىر  ئۇسۇل مىدال تارقىتىش بولسا پۈتۈنلەي  ئۆزىمىزنىڭ كونتىرۇللىقىدا  بولوپ بۇ ۋاقىتقىچە بۇنى  ئۆزۆم يىلدا بىر قىلىپ كەلگەن ~d>uXrb  
ئەمدى تەۋپىقداشلار باش  قوشوشوپ  قەرەللىك ھالدا ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى، ئالاھىدىلىكى ۋە تۆھپىسىگە ئاساسان مىدال تەسىسى قىلىپ تارقاتساق بولىدۇ. H pFb{  
f?0D%pxc}&  
مىدال  نامى، مىدال شەكلى،مىدال ۋاختىنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ.ھەتتا ئەزالار  مىدال تەلەپ قىلىش تارقىتىش  ھوقوقىنى ئاچقىلىمۇ بولىدۇ. R'Eq:Rv~;^  
J | q^+K  
قىسقىسى تەۋپىقداشلار بىر گۇرپا قۇرۇپ بۇ ئىشنى  قىلساق بۇ مەۋھۇملۇقتا بولسىمۇ ئەجرىمىزگە لايىق ئالقىشقا ئىرىشىپ ماڭالىشىمىزدا گەپ يوق.

tawpek 2012-11-09 01:20
خۇلاسە كالام، ئاخىردا مۇشۇ پۇرسەتتە  شۇنى دىگۈم  كىلىۋاتىدۇ. x5PPu/  
Q)T+r~#2B  
جاپاكەش  باشقۇرغۇچىلارغا  ۋە مۇنبەر ئۈچۈن ئۆزنى بىغىشلاۋاتقانلار كۆپ تەشەككۇر. Th/{x h  
AI~9m-,mE  
يۇقاردا مەن بىز باشقۇرغۇچىلارنى ئەڭ خالىس مۇلازىملار   قاتارىدا  كۆرۆپ  مەسئۇلىيەتنى   تولوق ئۈستىمىزگە ئالغان ئاساستا مۇنبەردە كۆرۆلىۋاتقان مەسىلىلەرنى تولوق ئۈستىمىزگە ئىلىپ جاۋاپكارلىقتىن ئۆتتۆم.تېمىنى يوللانغان ھامان كۆرگەن بولساممۇ بىسىم ئۈستىگە بىسىم، خالىسلىق ئۈستىگە قوشولغان  مەجبۇرىيەتتىن چارچاپ ئىغىر ئۇخلاپ كىتىپتىمەن. q- H&5K  
بۈگۈن بولسىمۇ ئويغىنىپ يەنە شۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن قەرىزداردەك بىرمۇ بىر ھىساپ بىرىپ ئولتۇرۇپتىمەن.يەنە شۇ سەۋەپنى باشقۇرغۇچىلارغا ئارتىۋىتىپ ۋىجدانىم قايناپ ئۇلارنىمۇ بىرقۇر ئەسلەپ چىقىپتىمەن.ئەلۋەتتە ئاۋال ئۆزۆمنى ئويلايمەن دە. '{CWanTPi  
?^F5(B[+Y  
1.مەن: چەت سەھرادا ئادەتتىكى ئوقوتقۇچى،100 ئوقوتقۇچى  20  سىنىپ بار بىر  مەكتەپتە 3 خىل  تەييارلىقتا 14 سائەت دەرىس بىرىمەن.ئەتىگەن كەتسەم ئۆيگە كەچتە كىلىمەن چۈشتە  قايتالمايمەن.مەكتەپتە تورغا چىقىش پۇرسىتىم  يوق دىيەرلىك.ئۆيگە  كىلىپلا تورنى ئاچسام بىر نەچچە سائەتتە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا توغرا  كىلىدۇ.خىزمەت ئورنىمىز  ئىككى  يەردە بولغان ئايالىم بىلەن ئىشتىن چۈشكەندە ئۆيدە پاراڭلاشقۇدەكمۇ  ۋاقىت يوق خىزمەت ۋاختىدا شۇ تىلفۇندا كۆرىشىدىكەنمەن.ئىختىسادى جەھەتتىكى  بىسىملىرىم  يەتمىگەندەك تور بەت   ئۈچۈن ئايدا كىتىپ تۇرىدىغان چىقىملارنى دىمەيلا قوياي.لىكىن توربەتتىن <<تاپقان>> پۇللارنىڭ سانىنى سورايدىغانلارنىڭ كۆپلىكى ................ N2% :h;tf  
تىللايدىغان، سوراققا تارتىدىغانلارنىڭ،بۇيرۇق قىلىدىغانلارنىڭ كۆپلىكى.مىنىڭ مۇشۇنداق مەجبۇرىيتىم باردەك تەييارنى تاپالماي ماتىرىيالنىڭ كەملىكىنى مەندىكى مەسىلە دەپ بىرىدىغان تەنبىھلەر. D$mf5G &  
oz uIwzi7N  
2.ئۆزقان: كىچىك بالىسى بار 8 سائەت خىزمەت  قىلىدىغان  ئايال.مۇنبەردىكى  ئەمگىگىدىن يولدىشىنىڭ  قانچىلىك ئىسىل ئادەملىكىنى  كۆرۆش  تەس  ئەمەس.يولدىشى  ، باللىرى ۋە ئائىلە ئىشلىرى  بىلەن مۇنبەرنىڭ ئىشلىرىنى توقونوش كەلتۈرمەي تەڭ ئىلىپ مىڭىش ئۈچۈن قانچىلىك  تىڭىرقاۋاتقانلىقىنى بەلكىم  بىر  ئۆزى بىلسە  كىرەك. 3@'lIV ?,q  
ئەجىرلىرىدىن ئىرىشىدىغانلىرى نۆل بولوشقا قارىماي تىل-ئاھانەتكە قىلىشلار. )lOji7&e  
Stt* 1gT  
3.كۆكسانغۇن: مۇنبەردىكى مىھنەتلىرىدىن ئۇنى 8 سائەت ئىشلەيدۇ دىسەك مۇنبەردىكى ۋاختىغا گۇمانلىنىشىمىز مۇمكىن.خوتون باللىرىغا بىرىدىغان ئائىلە مىھرىنىڭ ئورنىغا تەۋپىقداشلارغا قىسقىسى مائارىپىمىزغا ئەجىر مىھنەت بىرىۋاتىدۇ.مۇنبەر ئۈچۈن چىقىمدار بولىۋاتىدۇ.جاپادا تەييارلىغان دىتال ۋە تەييارلىقلىرىنى تورغا يوللاپ ھەممىگە تارقىتىش مەجبۇرىيتى باردەك تەييار تاپلاردىن تىل-ئاھانەت ئىشتىۋاتىدۇ. h)P]gT0f/  
!bieo'c  
4.ئاقگۈل: بۇمۇ ئۆزقانغا ئوخشاش مۇئەللىمە ئانا،ئايال كىشىنىڭ تورغا چىقىش پۇرسىتىنىڭ ئۆزىمۇ بىر چوڭ ئىش.بەلكىم ئاقگۈلنىڭمۇ ئۆيىدە تىلىۋۇزۇر  باردۇ.كومپىيۇتىرىدا  ئويۇن  باردۇ.لىكىن  ھەممىدىن   كىچىپ  مۇنبەر ئۈچۈن  كىرپىك قاقمايۋاتقان  ئايال. AsD1-$  
o;%n,S8J|^  
يۇقارقىلار دىڭىزدىن تامچە،بۇ مەۋھۇملۇقتا  بىر يىپقا باغلىنىپ بۇ ئەمگەكنى قىلىۋاتقان  بولساقمۇ ھەپتە-ھەپتىلەپ ھەتتا ئايلاپ پاراڭلىشىپمۇ باقمايدىكەنمەن، ھەرقىتىم كوت  كوتتا كۆرگىنىمدە  ئەھۋال سورىغۇم كىلىدۇ.لىكىن نىمە دەيمەن؟ }0v tc[!  
ئۇيىلىمەن، ئوڭايسىزلىنىمەن،ئۇلارنىڭ جاپاسىغا چۈشلۇق ھىچقانداق بىر ئىش قىلىپ بىرەلمىگىنىمگە، ئۇلارنى ئايىغى چىقماس بىر جاپالار قوينىغا سۆرەپ كىرگىنىمگە ئۇيىلىمەن. 9Y\F53p&j  
 KzIt  
t ]71  
دانىش ئاكىمىزنىڭ تەلىۋىنى ئويلىشىپ كۆرۆپ ۋاقىت جەھەتتىكى ۋە ئادەم كۈچى جەھەتتىكى قىسىنچىلىقنى ئويلىشىپ كۆرۆپ، بۇ جاپالار قوينىغا يەنە ئىككى نەپەر مىھنەتكەشنى سۆرەپ كىرىشكە توغرا كەلدى. t;oT {Hge  
'T6B_9GQ8  
r*c82}tc  
ئۇنىڭ بىرسى مۇنبىرىمىزنىڭ سابىق باشقۇرغۇچىسى ئارزۇ. U.d'a~pH  
;jp6 }zfI  
ئارزۇ: كىسەللىك سەۋەبى بىلەن بىر مەزگىل مۇنبىرىمىزدىن ئايرىلغان بولوپ ،سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى بىلەن تەكلىپىمىز بىلەن يەنە ئارىمىزغا قايتىپ كەلدى. بۇ تەجرىبىلىك ھەم پىشقان باشقۇرغۇچىمىز ئارقىلىق  ئىشلىرىمىز تىخىمۇ روناق  تاپقۇسى. *Pa2bY3:  
يەنە شۇنى دەۋالاي، ئارزۇنىڭ بالىسى گەرچە بەش ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، خىزمىتى سەككىز ئەمەس ، ئون سائەتلىك خىزمەت بولسىمۇ، ھەپتىدە ئۆتىدىغان دەرسى 21 سائەت، تاپشۇرۇقلىرى ئاندىن كۆپ، يەنە بىزنىڭكىدەك نۇرغۇن- نۇرغۇن ئىشلىرى، ئائىلىسى بولسىمۇ، شۇلارنى بىرتەرەپ قىلغان ھالدا، بىز كۆپچىلىك ئۈچۈن ئىشلەشنى شەرەپ بىلىپ مۇنبىرىمىزدە ئامال بار ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ تۇرىۋاتىدۇ. fQ2!sV  
_%AJmt}  
  MoC*tImWR  
يەنە بىرسى؛ مۇنبەردە شەرەپ  قۇچۇپ چاقنىغان يولباشچىمىز  ئۇزچاق. H>g WxJ 5  
ئۇزچاق:  تەكلىپىمىزگە ئاساسەن ئۆزنىڭ مائارىپ تەتقىقاتىدىكى ئىزدىنىشلىرىگە تەسىر يىتىشىدىن قورىقماي كەسىپداشلارنىڭ خىزمىتىگە قولايلىق  كەلتۈرۈش ۋە  بۇ  مەۋھۇملۇق ئارقىلىق بولسىمۇ ما ئارىپىمىزغا بولغان مىھنەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كىڭەيتىشنى ئويلاپ  تەكلىپىمىزنى  قوبول  قىلدى. KZ367&>b7  
J)#5 9a  
تەۋپىقداشلارنىڭ  ۋاقىپلىنىپ قىلىشىنى سورايمىز.                                          

tawpek 2012-11-09 01:45
ئەڭ ئاخىردايەنە شۇ گەپ،مۇ ۋاپىق چارە  تەدبىرتۈزۈملەر  تۇرغۇزۇلۇپ  بولغۇچە باشقۇرغۇچىللىرىمىز ئۆزلىرىگە يارىغاننى ۋە تەۋپىقداشلارنىڭ تەۋسىيە قىلغانلىرىنى نادىرلاپ، باھالاپ، ئىلگىرلىتىپ چو ققىلاپ  ، تەۋسىيە قىلىپ  ماڭىدۇ. ;XKo44%  
a[d{>Fb.  
تېمانادىرلاشتا مەسىلە پەيدا قىلىۋاتقان مەن بولسام ئۆزگىچىلىكىمنى   داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشۇم مۇمكىن   . `E4!u=%  
يەنى: %~8](]p  
+r#=n7 t  
1.نادىرلىنىشقا تىگىشلىك ياخشى تىمىلارنى كۆر مەي قالغان بولىشىم  ياكى ئۇ تېمىنى چۈشىنىدىغان باشقۇرغۇچىللىرىمىزنىڭ نادىرلىشىغا قويۇپ قويغان بولىشىم  مۇمكىن. 7-G'8t  
2.ياخشى  تىمىلارنى ئۇچراتساممۇ تېما ئىگىسىنىڭ باشقىلارنىڭ يوللانمىللىرىغا قارىتا نەزىرىنىڭ چۈشۈپمۇ قويماسلىقى سەۋەپلىك  توختاپ قالغان بولىشىم مۇمكىن. edImrm1f  
3.تېما دىگۈدەك ياخشى بولمىسىمۇ تېما ئىگىسىنىڭ مۇنبەر پائالىيتىدىكى ئاكتىپلىقى ۋە يازما سانىغا ئاساسەن رىغبەتلەندۈرۈشنى ئاساس قىلىپ ئالقىشلىغان بولىشىم مۇمكىن. #P,[fgNy  
C.9eXa1wkT  
قىسقىسى كۆپ تەرەپلەردىن ئويلىساق بولىدۇ. HLyFyv\  
تۆتتاش بىلەن تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ مۇنبەردە تايچاقتەك ئۈزۈپ يۈرۈشلىرى بىلەن مەن ۋە باشقۇرغۇچىلار كۆپ خاتىرجەم دەپ ئويلايمەن. bTy' 5"  
چۈنكى تورغا چىقىشتىنمۇ قورقىدىغان بۇ زاماندا بۇنچىلىك مەسئۇلىيەتنى ئىللىپ مىڭىش باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈن جاننى ئالقانغا ئىلىپ قويۇپ ماڭغاندەكلا بىر ئىش.  @D=2Er\  
ۋاختىمىز قىس بىز ھەممىنى كۆرۆپ ئۈلگۈرمەسلىكىمىز مۇمكىن لىكىن كۆرگەنگە ئاددى بولسىمۇ ئىنكاس يىزىپ ماڭغانلارنىڭ بىنورمال يازمىلارنى كۆرگەندە بىزگە تىزدىن مەلۇم قىلىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمىز. >I66R;  
w]5f3CIm  
شۇڭا بەزىدە ئالاھىدە ياخشى ئەسەرلەردىن ، مۇنبەردە جانلىق يۈرگەنلەرنىڭ بىرقەدەر  ياخشى ئەسەرلىرىگە كۆپرەك ئالقىش ياغدۇرغانلىقىمىزنى ئىتراپ قىلماي  تۇرالمايمىز.بىزگىمۇ خاتىرجەملىك،تىنىچ تۇرمۇش كىرەك. O^="T^J  
شۇڭا تېمىغىمۇ ئىنكاسقىمۇ تەڭ ئىتىۋار بىرىشىڭلارغا تىلەكداشمىز.

ozqan 2012-11-09 12:19
دانىش مۇئەللىمنىڭ يازغان تېمىسىدىن ئۇنىڭ كەسىپتە  قابىل  ، ئىجادىيەتتە ماھىر ئوقۇتقۇچى بولۇپلا قالماي ،مۇنبەر ئۈچۈن ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ،مەسئۇلىيەتچان g2b4 ia!L  
مۇنبەدىشىمىز ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ  ھېس قىلدىم . ھەر قېتىم ئىزاھلاشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئويلىغانلىرىنى  ئوتتۇرغا قويۇپ ، مۇنبەرنىڭ سۈيىدە ئېقىپ ، ئوتىدا كۆيۈۋاتىدۇ . HgBEV  
بۇ روھىنىڭ مۇنبەردىكى ھەممە  ئەزادا بولۇشى مۇنبىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قوشۇلغان تۆھپە ، سېلىنغان ئۇل بولۇپ قېلىشىدا گەپ يوق .  مۇنبەردە دېموكراتىيەگە يول يوق ئەمەس ، پەقەت ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ، مۇنبەر ئۈچۈن جاپا چېكىشكە تىرىشىدىغانلارنىڭ ئاز بولۇشىدا مەسىلە  مەۋجۇت ... +7vh__  
pS)X\Xyw  
تېما نادىرلاشتا ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تېمىلارنى ئاساسەن دېگۈدەك  تەۋپىق ئىنىم بىلەن مەن نادىرلاپ كەلگەن . كۆكسانغۇن بىر مەزگىللىك مەكتىپىدىكى ئىشلار بىلەن بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ، ۋاقتى  چىققان چاغلاردا تېما نادىرلاشقا قاتناشتى D '_#?%3^  
تېمىلارغا مەلۇم دەرىجىدە ئىنكاس قالدۇرۇپ ماڭدى . مۇنبەر ئۇلىدا ئۇنىڭ ئاجايىپ زور تۆھپىسى بولغان شارائىتتا ، بىز مەزگىللىك ئالدىراشلىقىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئېنىق . ئاقگۈل : كۆپ ۋاقتىنى ئەزا تەستىقلاشقا ۋە مۇنبەر ئۈچۈن ياخشى  تېمىلارنى يوللاشقا سەرپ قىلدى .تەۋپىق ئىنىم : مۇنبەرنىڭ تور بەتنىڭ بارلىق تېخنىكىلىق ئىشلىرىنى ئۆزى يالغۇز ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەندىن سىرت يەنە ھەممە ئىشلارغا يېتىشىپ ماڭدى . |0 pBBDw  
#7:9XID /  
 مېنىڭ  تېما نادىرلاشتا ئەڭ ئاساسىي پىرىنسىپ قىلغىنىم : R =c  
مائارىپ مۇنبىرى بولۇشتەك خاسلىقىمىزنى نامايەن قىلىپ ، ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا ئائىت تېمىلارنى كۆپرەك نادىرلاش كېرەك ، دېگەننى تەشەببۇس  قىلىمەن . 'eXw`kw (  
ئۇنىڭدىن باشقا  ، ئوقۇتقۇچىلاردىكى ئوقۇتۇش ئالاھدىلىكى بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭمۇ يېزىقچىلىق ئىقتىدارى بولۇشىنى گەۋدىلىك  ئالاھىدلىك دەپ قاراپ ، ئېسىل چىققان شېئىرلارنى ، شۇنداقلا ، ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ ۋاقتى قىس ، جاپالىق خىزمتىدىن ئېشىنىپ ناھايىتى كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ يازغان  ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىمۇ  تەرجىمە ئەسەرلىرىنىمۇ ئىجادىي تېما قاتارىدا نادىرلاش مۇھىم دەپ قارايمەن . /PuWJPy;  
e ^& 8x  
نادىرلاشتا مەسىلە كۆرۈلگەن بولسا ، بەلكىم ، بىز باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇنبەر ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلەرگە ، يېڭىدىن ئەزا بولۇپ كىرگەنلەرگە ، مۇنبەر ئۈچۈن خاس يېزىلغان تېمىلارغا ، كۆپ ئىنكاس چۈشكەن تېمىلارغا نىسبەتەن تۇتقان مۇئامىلىمىزدە ئىلھاملادۇرۇش خاركتىرلىق ئىنكاسىمىزنىڭ ئىپادىسى بولغان نادىر تېمىلاردا بولۇشى مۇمكىن . {8Nd-WJ{  
ئەسلى نادىر تېما بولۇشنىڭ ئۆلچىمى ئاشۇ تېمىنىڭ نادىرلىقى بىلەنلا چەكلىنىشى كېرەكىدى . بۇندىن كېيىن بىز  باشقۇرغۇچىلار بۇ  ساھەگە دىققەت قىلايلى . ]lG\t'R  
ئەزالارمۇ نادىرلاشقا تېگىشلىك تېمىلار  نادىرلانماي قالسا ، بىزگە ئىنكاس ، ياكى ئۇچۇر ئارقىلىق مەلۇم قىلسا ، بىز خوش بولىمىز . .F|WQ7Mu  
مۇنبەرداشلارنىڭ مۇنبەر ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچىشى ھەم بىز نى ھەم مۇنبەرنى قوللىغىنىنىڭ يارقىن بىر ئىپادىسى ، بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال ... ^0~1/ PhOw  
iR=aYT~  
بۇندىن كېيىن نۇرغۇن ئىشلاردا باشقۇرغۇچىلاردىن ئەزلار تېخىمۇ رازى بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىشىدە گەپ يوق ، چۈنكى ئەڭ مۇھىمى  باشقۇرغۇچىلار تولۇقلاندى ، ئۇزچاق بىلەن ، ئارزۇ مۇنبەرنى قاناتلاندۇرۇشتا  مۇستەھكەم ئىككى قانات بولىدۇ ، دەپ ئويلايمەن . ئاندىن قالسا ، مۇنبەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇنبەرداشلارنىڭ كۆپىيىشى بۇ ئارزۇيىمىزغا تېخىمۇ زور ئىلھام ۋە كۈچ بولغۇسى .... daNIP1Qn  
A*i_- ;W)  
ئاخىرىدا ، دانىش مۇئەللىمنىڭ تېمىسىغا رەخمەت ئېيتىمەن .

gulhan 2012-11-09 16:19
  تەۋپىق ۋە باشقا مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ مىنەتسىز ئەجرى بولغاچقا بىز شىنجاڭنىڭ ھەريەر-ھەر يېرىدىكى ئەدبىياتچىلار توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھوم دۇنيادا بىر جايغا يىغىلىپ ئۆز-ئارا ئۈگىنىپ، ئىلھام مەدەت بېرىشىپ كەسپىي بىلىمىمىزنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە يېزىقچىلىققا ھېرىسمەنلىرىمىزنىڭ يۈكسىلىشىگە يول ئېچىلغان. jm"xf7  
مىنەتسىز ئەجىرنى دىمەككە ئاسان لىكىن قىلماق قىيىن. ئايال باشقۇرغۇچىلارنىڭ پىداكارلىق روھىدىن بىز مۇنبەرداشلار بەكمۇ رازى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەجرى ئالدىدا ئۆز قىلغانلىرىمىزنى ئويلىساق بىز بەكمۇ خىجالەتتە. ;0E 4S  
مەنمۇ كۆپ ئادەملەردىن تور بەت قۇرسا كۆپ پۇل تاپىدۇ دېگىنىنى ئاڭلىغان. بىراق تەۋپىق ئىنىم بىلەن سۆزلەشكەندىن كىيىن بۇنىڭ بىر ئاقما پاراڭ ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. بەلكىم ئۇ پاراڭ مەخسوس پۇل تىپىشنى مەقسەت قىلغان ئىشتىراكچىلىرى كۆپ تور بەتلەرگە قارىتىلغاندۇ. "$Q Gifb  
ھازىر بىزدە بىر ئىش بولسىلا پايدىسىنى پۇل ئارقىلىق ئۆلچەيدىغان ناتۇغرا قىممەت قارىشى شەكىللىنىپ قالدى. بىز ھەر قانداق چاغدا بۇ خىل ئىقىمغا سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم. ئەلۋەتتە ھەممە ئىشنى بۇنداق پۇل بىلەن  ئۆلچىسەك ئۇنداقتا دۇنيا قانداق بۇپ كىتەر... `^[ra% a  
  مەن بۇ مۇنبەردىكى باشقىلارغا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ، ئۆز ئەجرىدىن باشقىلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى ئويلايدىغان ئۇقۇتقۇچىلاردىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. شۇ سەۋەپتىن تور دىسە ئالۋاستىدەك بىلىنىدىغان يولدىشىمنىمۇ قايىل قىلىپ بۇ مۇنبەرگە بىشىمچىلاپ كىرىپ كەتتىم. bcfOp A  
ئىلمىيلىككە ،بېغىشلاشقا، مىنەتسىزلىككە ، ئىزدىنىشقا، دوستلۇققا تولغان بۇ مۇنبەر مىنى مەپتون قىلۋالدى. )M~5F,)  
ئارزو، ئۇزچاقنىڭ باشقۇرغۇچىلىق مەسئولىيىتىنى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىشى مىنى بەكمۇ خوش قىلدى ھەمدە قايىل قىلدى. بۇ ئەزىزلەرنىڭ ئاق دىلىغا خۇشاللىق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

gulhan 2012-11-09 16:31
تەۋپىق ئىنىغا تەكلىپ: >qla,}x  
مۇنبىرىمىزدىكى كۈپۈنچە مۇنبەرداشلار ئۆز ھۇقوقىدىن يەنى باشقىلارنىڭ يازمىلىرىغا قانداق باھا بېرىشنى، تەۋپىق دوللىرىدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلمەيدۇ بولسا بىر كۆپچىلىككە چۈشەنچە بەرگەچ ئۈگۈتۈپ قويغان بولسىڭىز. خۇددى كۆزى ئۇچۇققا يول كۆرسىتىپ بەرگەندەك...

akida228 2012-11-09 16:54
مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن خۇرسەن بولدۇم ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ يۈكى   ئاز ئەمەس ، خىزمەت، ئائىلە ،تۇرمۇش بېسىمى ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ مۇنبەرنىڭ ئىشلىرى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس ، مۇنبەر ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ تىنىمسىز ئىشلەۋاتقان ، بىزنى ئۆگىنىش سورۇنى بىلەن تەمىنلەۋاتقان باشقۇرغۇچىلىرىمىزغا كۆپ تەشەككۈر  

ماھى 2012-11-11 19:46
مەنمۇ ئۆز نۆۋىتىدە گەرچە مۇنبەر ئۈچۈن زور ئىش قىلىپ بېرەلمەيۋاتقان بولساممۇ، بۇ تەكلىپكە ئىنكاس بىلدۈرۈپ قويۇشنى لايىق تاپتىم. 8!sl) R  
ئالدى بىلەن دانىش مۇئەللىمنىڭ مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، ياخشى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.يەنىلا «چوڭنىڭ ئەقلى چوڭ»بولىدىكەن. 3,t3\`=  
ئارىمىزغا يەنە ئىككى نەپەر باشقۇرغۇچىنىڭ قوشۇلغانلىقى بىزگە يەنە يېڭى قانات چىققاندەكلا ياخشى ئىش بولدى. ئىشىنىمەن ھەممەيلەننىڭ ئورتاق ھەمكارلىقىدا مۇنبىرىمىز تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگۈسى ھەم مائارىپىمىزدىكى مۇھىم بىر بۆلەككە ئايلانغۇسى. "dQ02y  
مېنىڭ مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنغاندىن بېرى قىلىۋاتقان ئىشىم،ماس سەھىپىگە يوللانمىغان تېمىلارنى يۆتكەش، ئەزا تەستىقلاش، ئەزالارنىڭ تېمىلىرىنى ئانچە-مۇنچە تەھرىرلەش، ئىنكاس ئارقىلىق مەدەت بېرىش بولدى. نادىرلاشقا مەن ئارىلاشمىدىم ھەم ئۇنداق ھوقۇقۇممۇ يوق. ئەگەر ئەزالار نادىرلاشقا تېىشلىك تېمىلارنى تەۋسىيە قىلسا، باشقۇرغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ قويساممۇ بولىدۇ. dD ?ZF6  
مېنىڭمۇ كىچىككىنە تەكلىۋىم :1. باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق ئايرىۋېتىلسە.شۇ چاغدا ئىش ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلەمدىكىن دەيمەن. 3RJsH :u8  
2.مۇنبىرىمىز تىل-ئەدەبىيات مۇنبىرى، مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالارمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز مەكتەپلىرىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى سەرخىل تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى. شۇڭا تېما تەستىقلاش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىملاغا ئالاھىدە سەزگۈر بولىشى زۆرۈر. ئىملاسى تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغانلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەستىقلىماسلىقنى يولغا قويساقمىكىن. ھازىر دەرىجىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغان ئەزالارنىڭ تېمىلىرىمۇ تەستىقسىزلا مۇنبەرگە چىقىپ كېتىۋاتىدۇ.ئىملا ئۈچۈن مەخسۇس ئىملا نازارەتچىسى بېكىتسەك.ئانا-تىل يېزىقىمىز بىزنىڭ قولىمىزدا خاتاسىز ھالدا يېزىلسا.

tawpek 2012-11-11 23:10
ئاقگۈل ياخشى تەكلىپ بىرىپسىز ،   لىكىن بارلىق   ھوقوقىڭىزنى       بىر قۇر كۆرۆپ چىقىڭ.ئەزالا ئەمەس    تىما      تەستىقلاش كۆزنىكىگىمۇ كىرىپ قويۇڭ.

ماھى 2012-11-12 00:25
引用第18楼tawpek于2012-11-11 23:10发表的 : ئاقگۈل ياخشى تەكلىپ بىرىپسىز ،   لىكىن بارلىق   ھوقوقىڭىزنى       بىر قۇر كۆرۆپ چىقىڭ.ئەزالا ئەمەس    تىما      تەستىقلاش كۆزنىكىگىمۇ كىرىپ قويۇڭ.
J4%"38l  
داۋاملىق كىرىپ تۇرىۋاتىمەن، لېكىن تەستىقلىغۇدەك تېما كۆرمىدىم مەن. تېما بولسىلا تەستىقلاپ قويۇۋاتىمەن.

ablat0997 2012-11-12 16:19
تەكلىپ-پىكىر ۋە پىكىرگە قارىتا جاۋاپمۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق بېرىلىپتۇ،بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە يەنىلا مۇنبەرداشلاردا ئىكەن.يەنى مۇنبەرداشلار ئۆز ھوقۇقىمىزنى ۋە رولىمىزنى جارى قىلدۇرالماپتىمىز. بۇ ئويلىشىشقا تىگىشلىك مەسىلە ئىكەن.

مەرىپەت0999 2012-11-13 13:22
مەن يۇقارقى ئىنكاس ۋە باھا سۆزلىرىنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇش بولدۇم. جاپاكەش ئۇستازلار ھارمىغايسىلەر!!! قوللىرىڭلارغا بەرىكەت ،تىنىڭلارغا قۇۋۋەت تىلەيمەن       

قۇتيار 2012-11-18 00:30
مۇنبەردىن قانداق پايدىلىنىش توغرۇلۇق بىرەر سىندەرىس ئىشلەندىمۇ - يوق ؟ بۇنى بىلمىدىم . مەنمۇ گۈلى _ رەيھاننىڭ تەۋسىيسى بىلەن بۇ مۇنبەر بىلەن تونۇشتۇم . بىراق نۇرغۇن مۇنبەر بايلىقلىرىدىن پايدىلنالماي تىت - تىت بولدۇم . _ 4+=S)$  
بۇ بەلكىم مەندەك يېڭى ئەزالارنىڭ ئوخشاش قىسمىتى بولسا كىرەك . شۇ پىشقەدەم مۇنبەرداشلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە بىرەر تېما يوللىشىغا بەكمۇ ئېھتىياجلىقمىز .

arzu 2012-11-18 01:29
مەنمۇ كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلىۋالاي: {X>U`0P  
k3t2{=&'&x  
مەن بۇ مۇنبەرگە 2009 - يىلى مۇنبىرىمىزدنىڭ پىشقان سابىق باشقۇرغۇچىسى لالەنى ئىزدەپ كىرىپ ئەزا بولغان ئىدىم. ھەم تەۋپىق ئىنىمىزنىڭ تەكلىپى بىلەن باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالدىم. g3,F+  
مۇنبىرىمىز تازا تەرەققىي قىلىپ ، كۆز چاقنىتىپ كېتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، تورنىڭ قامال قىلىنىشى سەۋەبىدىن مۇنبىرىمىز تاقالدى، ھەم مۇنبەرداشلاردىن خەۋەر بولماي، ھەم مۇنبىرىمىز بولماي راستىنلا كۈنۈم كۈن بولمىدى. +v'n[xa1v  
تەۋپىق مۇنبىرى 2- قېتىم ئېچىلغاندا بەك خوش بولدۇم. تەۋپىق ئىككىمىز مۇنبەرنىڭ ھەممە سېستىمىلىرىنى سىناپ باقتۇق، تېما يوللاش،  ئىنكاس يوللاش، نادىرلاش، رەسىم يوللاش، ئۆچۈرۈش..... ھەممىنى سىناپ كۆرۈپ، مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن سېرتقا قارىتا ئېچىۋەتتۇق. , 
9 8eS f  
ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، مۇنبىرىمىزنىڭ قانچىلىك ھالەتتە كېتىۋاتقانلىقى تورداشلارغا مەلۇملۇق. ئىستىقبالىمىزنىڭ پارلاق ئىكەنلىكى بەرھەق. بۇ ئەلۋەتتە بارلىق دوستلارنىڭ تىرىشچانلىقى، قوللىشى بىلەن بولىدىغان گەپ. E.~~.2   
4lfJc9J  
مەن سالامەتلىك ئەھۋالىم سەۋەبىدىن مەلۇم مەزگىل مۇنبەردىن ئايرىلدىم ، بۇ ھەرگىز مېنىڭ توردىن قول ئۈزگەنلىكىم ئەمەس. بالاممۇ چوڭ بولۇپ بەش ياشقا توشۇپ قالدى. ئائىلە، خىزمەت ئىشىمدىن ئىشىنغان ۋاقتىمنىڭ ھەممىسى تور بىلەن بولىدۇ. مەن بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئاۋال تەۋپىققە شۇنداق دېگەن ئىدىم:« مۇنبىرىمىزنىڭ < تەۋپىق > دېگەن نامىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، باشقا ھەرقانداق مۇنبەرگە قارىغاندا بۇ مۇنبەرگە كۆپ كۈچ چىقىرىمەن»( چۈنكى ئۇ چاغدا مەن بىرلا ۋاقىتتا سەككىز مۇنبەردە باشقۇرغۇچىلىق قىلاتتىم) A?8 29<  
7'xds  
گەپنىڭ قىسقىسى، ئۇ ۋەدەمنى ئۇنتۇپ قالمىدىم، ھېلىمۇ بولسىمۇ « تەۋپىق - مەن، مەن - تەۋپىق» دەپ ئىشلەيمەن. >zDnJb&"&  
sIJ37;ZA  
ئادەم كۆپ يەردە ئۇ بۇ سەھۋەنلەرنىڭ بولماسلىقى مۈمكىن ئەمەس، سەھۋەنلىكلەر كۆرۈلگەندە دوستلارنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن كۆرسىتىپ بېرىشىنى، مۇنبەرنى بىرلىكتە باشقۇرۇپ، بىرلىكتە گۈللەندۈرۈشنى ئۈمۈت قىلىمەن.

مىېھرىما 2013-12-16 01:25
ناھيىتى كۆڭىلدىكى گەپ بوپتۇ بۇ مەنمۇ قوشىلىمەن

ئىدىقۇت 2013-12-18 15:15
بۇ تەكلىپنى مۇنبەر ئاتامانلىرى مۇزاكىرە قىلىپ جاۋابىنى دەرھال قايتۇرمىسا  بولمۇغۇدەك

قاراخان 2014-01-30 13:20
ياخشى تەكلىپ پىكىرلەر ئىكەن،باشقۇرغۇچىلار ئويلىنىپ كۆرسە بولغىدەك.


查看完整版本: [-- تەۋپىق مۇنبىرىگە تەكلىپ ( دانىش) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled