مەكتەپ گىزىتىدىن ئۈنچىلەر:مەن مىيىپ ئەمەس
(گۇما ناھيە موكويلا ئوتتورا مەكتەپ1 -يىللىق6- سىنىپتىن: ھەسەنجان ئابلىكىم)
مەن بۇ يىل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىندىم. مەن تۇغۇلۇشىمدىلا 3- دەرىجىلىك مىيىپ تۇغۇلغان ئىكەنمەن، شۇسەۋەپلىك مەكتەپ يېشىغا توشقان بولساممۇ ئىككى يىل كىچىكىپ قۇبۇل قىلىندىم. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشتۇم.
بىز بىرلىكتە دەرس ئۈگىنەتتۇق، بىرلىكتە دەرس تەكرارلايتتۇق. ھەش- پەش دىگۈچە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوتتۇرا مەكتەپكە قەدەم قويدۇق. يىڭى ئوقۇش مەۋسۇمى، يىڭى موھىت ماڭا باشقىچىلا ئۈمد ئاتا قىلدى. مەن بۇ مەكتەپتە ئۇقۇيالىغىنىمدىن ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەختلىك ھىس قىلدىم.
بىر كۈنى سىنىپتىكى ئوغۇللار ئىختىيارى پائالىيەت قىلىش ئۈچۈن چوڭ مەيدانغا يىغىلىپ ۋاسكىتبول ئويناش ئۈچۈن ئىككى گۇرۇپپا بولۇشۇپ ئايرىلدى ۋە ۋاسكىتبول مەيدانىغا قاراپ يۈگۈرىشتى. بىراق بۇنىڭ ئىچىدە مەن يوق ئىدىم، بۇنىڭدىن كۆڭلۈم بەكمۇ يىرىم بولدى. مېنىڭ بەكلا ۋاسكىتبول ئوينىغۇم بارئىدى، شۇڭا ئۆتۈنۈش ئاھاڭىدا:«مەنمۇ ۋاسكىتبول ئوينايچۇ، بالىلار» دىدىم. بالىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك،- سەن دېگەن مىيىپ تۇرساڭ، ۋاسكىتبولنى قانداق ئوينىيالايسەن؟ چەتتە تۇرۇپ بىزنىڭ ئويۇنىمىزنى كۆرسەڭلا بولدى،- دېيىشىپ مىيىقىدا كۈلۈشتى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇددى بېشىمدىن بىر قاپاق سۇ قۇيىۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم ۋە ئىغىر خورلۇق ھېس قىلدىم. ئۇلار مىنى ئاقساپ ماڭىدۇ دەپ ئاجىز كۆرۈپ چەتكە قىقىۋاتامدۇ ياكى كەمسىتىۋاتامدۇ بىلمىدىم. شۇتاپتا كۆڭلۈم بەكمۇ يىرىم بولۇپ ئىچىمدىكى دەردىمنى كىمگە ئىيتىشنىمۇ بىلمەي ئختىيارسىز يىغلاپ تاشلىدىم.
بىر نەچچە كۈن شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ كەتتى. بىركۈنى مەن چۈش كۆردىم. چۈشۈمدە مەن ئىنتايىن بىجىرىم، ساق تۇرغۇدەكمەن. دوستلىرىم بىلەن بىللە توپ تېپىپ ئويناۋاتقۇدەكمەن…بۇنىڭدىن مەنلا ئەمەس پۈتۈن ئائىلەمدىكىلەر ئىيتىپ تۈگەتكۈسىز خۇشاللىققا چۈمۈۋاتقۇدەك. مەن ھاياجانلانغان ھالدا بار ئاۋازىم بىلەن،- ھەي، ئاڭلاۋاتامسىلەر، ئەمدى مېنى ھىچكىم مىيىپ دىيەلمەيدىغان، ھىچكىم چەتكە قاقالمايدىغان بولدى،- دەپ بار ئاۋازىم بىلەن توۋلاۋاتقۇدەكمەن ۋە بىردە تاقلاپ سەكرىسەم، بىردە موللاق ئېتىپ خۇشاللىقىمنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەي يۈرگۈدەكمەن...
« مەكتەپكە بارىدىغان ۋاقتىڭ بولدى، ئورنۇڭدىن تۇر بالام» دەپ يىنىك نوقۇشىدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. قارىسام ئانام بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپتۇ. ھە، ئەسلىدە بۇ چۈشۈم ئىكەن- دە! بۇ ئوڭۇم بولۇپ قالغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى –ھە! مەن بۇ چۈش ئىچىدە ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشال كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزىۋاتاتتىم. ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرگە ئويناپ، بىرگە تەكرار قىلسام ... بۇ چۈشۈمدىن مەڭگۈ ئويغىنىپ كەتمىسەم نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى- ھە! دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ خىلى بىر ۋاقىتقىچە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدىم.
ئەتىسى مۇئەللىم مەندىن سۇئال سورىغانىدى خىلىلا ياخشى جاۋاپ بەردىم. مۇئەللىم مىنى بىرمۇنچە ماختاپ بۇندىن كىيىن يەنىمۇ تىرىشىپ ئوقۇش توغرىسىدا ئىلھاملاندۇردى. بۇ ماڭا زور مەدەت ۋە ئىلھام بولدى. مەن كۆڭلۈمدە مىنى چەتكە قاققان، مازاق قىلغان، دەرسنى مەنچىلىكمۇ بىلمەيدىغان ساۋاقداشلىرىمغا قارىغاندا يەنىلا بىجىرىم ئىكەنمەن دىگەنلەرنى خىيال قىلدىم-دە، تىخىمۇ غەيرەتكە كىلىپ ئۆگىنىش ئىرادىسىگە كەلدىم.
مىنىڭ بۇ جىسمانى جەھەتتىكى مىيىپلىقىم ئارزۇ- ئارمانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەرگىزمۇ توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، ئەكىسچە تىرىشچانلىقىم، قىيىنچىلىقنى يىڭىش ئىرادەم مىنى چوقۇم ئەڭ گۈزەل كەلگۈسىگە باشلاپ بارىدۇ!
|