ئۇزچاققا دەيدىغانلىرىم (ظوبزور)
ئۇزچاققا دەيدىغانلىرىم (!Q^.C_m
(eI'%1kS<
(ئۇزچاقنىڭ 28پارچە كۈندىلىك خاتىرىسى)،(ئۇزچاق تەسىراتلىرى )،(بىز نىمە ئۈچۈن ياشايمىز ؟ )، ... Bry\"V"'g 1 .ئىككىنچى ھەپتىسى سىنىپ يىغىنىدا « يېزىقىمىز يىغلاپ قالمىسۇن» مەزمونىدىكى سىنىپ يىغىنى دەرسى ئۆتۈلدى. ئەسلىدە گىرافىكنى تولدۇرغاندا كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا ئىملا خاتالىقى كۆرۈنگەن ئىكەن. شۇنداق قىلىپ مۇئەللىم بىلەن تېز چىقىشىپ كەتتۇق . .. (سۈيۈملۈك سىنىپ مەسئولۇم ) دىن . Dh0`t@ 2. ماۋزودا ماقالا تاپشۇرۇقى ئورۇنلاشتۇردۇم. ھېلىقى ئوقۇغۇچۇم مۇنداق يازغان ئىدى. oJy ]n9 «بوۋام ئۆلدى ،ئۆيدىكى ھەمىمىز بىراقلا ئۆلگەندەك .چۈنكى بىز بىر ئۆيلۈك بوۋامنىڭ يۈرەك كىسىلى بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمىز...ئۇ دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەن دىياگونۇز قەغىزىنى چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قۇيۇپتىكەن ..لېكىن ئاتاملار خەنزۇچە بىلمىگەچكە ...» ئۇ يازغان بۇ قۇرلار يېشى بىلەن يۇيۇلغان ئىدى ...ئۇ، يەنى ئاخىرىدا مۇنداق يازغان ئىدى؛ « بوۋام ئۆلدى . ئۇ ھەتتا پۈتۈن ئۈمۈرىدە ئۈرۈمچىگىمۇ بېرىپ باقمىغان . مەن مۇشۇ تەرپىنى ئويلىساملا تىلىقىپ يىغلاپ كىتىمەن .ساۋادسىز بولۇپ قىلىشنىڭ نەقەدەر چوڭ گۇناھلىقىنى ئەمدى بىلگەندەك قىلدىم » bNR}Mk]? بالا چىن دىلى بىلەن بىر پارچە تەزىيەنامە يازغان ئىدى. ئۇنىڭ تەزىيەنامىسىگە چىن ھېسىيات سىڭگەن بولۇپ ، ياسالمىلىق ئارلاشمىغان ئىدى.ئۇنى ئوقىۋېتىپ ئۆز ئۆزۈمگە ؛ +Gi~VW. «بەلكىم بۇ ئۈلۈمنىڭ تىرىكلەرگە ئاتا قىلغان ھەقىيقى دەرسى بولسا كېرەك! »دەپ قويدۇم . ...(بوۋاي ئۆلدى) دىن 3. چايخانىلارغا كىرسەم مۇسىبەت كەيپىياتى يوق ،ئۇ بىزنىڭ ئالىمىمىز تۇرسا دىگىنىنى ئەسلەپ قالدىم .شۇنىڭ بىلەن قۇشۇپلا « ئەڭ چوڭ نەسىھەت ئۈلۈم »«مۇسىبەت تۇيغۇسى بولمىغان ، مۇسىبەت يەتسىنۇ ئۇنى قانداق ئىپادلەشنى بىلمىگەن خەلق بىچارىدۇر »« ئۈلۈم ۋەھىمىسى بولمىغان قەۋىم ،ئۈلۈم ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان ھەقىيقەتلەرنى مەڭگۈ سېزەلمەيدۇ» دىگەندەك بىر قاتار ھېكىمەتلەرنى ئەسلەپ قالدىم ...بۇلار مېنىڭ ئەسلىملىرىم خالاس... (بوۋاي ئۆلدى) دىن . QD%~A0
4. لاۋسىن ، يەنە بىرى ، 14 ياشلىق لۇئىس باتتۇن ، ئۇلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى تازىلاش ئەسۋابى ۋە ماشىنلاردا ئىشلىتىدىغان يېمەكلىك تەخسىسىنى كەشىپ قىلغان بولۇپ ، ئامېرىكىدىكى 10 تۈرلۈك پاتېنىت ھوقوقىغا ئىگە ، يېشى ئەڭ كىچىك كەشپىياتچىلاردىن بولۇپ قالغان . ئۇلارنىڭ كەشپىياتلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىلھاملاندۇرىشىغا ئېرىشىپلا قالماي يەنە جەمئىيەتنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن...(تەبرىك كارتىسى)دىن 5. ھەر بىر ئىزدەنگۈچى نىيوتوندەك ، ئېينىشتىيىندەك ، ۋاتتەك تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بارلىق كىشلىرىمىزدەكلا قىممەتلىك . .. ئۇلاردىكى تىنىمسىزلىق يۈرەكلەردىن يۈرەكلەرگە تۇتاشقىسى... (تەبرىك كارتىسى)دىن 6. ئانا دېمەك ئالدى بىلەن بېغىشلاش دېگەنلىككەن ئەمەسمۇ ؟ نېمىنى بېغىشلايسىز ؟ چېكى يوق ، ھەممىنى ... ساپ مېھر -مۇھەببەتنى ، گۈزەللىكنى ، خوشاللىقنى ، ئۇيقۇنى ، ئېغىزىغا سالغان ئاش-ناننى ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغانلىكى بارلىق نەرسىنى ... (ئانىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن)دىن 7.لېكىن ھەددىدىن زىيادە ھاراققا بېرىلىش روھقا مىتە چۈشكەنلىكنىڭ نامايەندىسى .لۈشۇن ئەپەندى قاۋاقخانىدىن ئىبارەت ئالاھىدە مۇھىتتىن چىقىپ ،ھاراق ئىچىۋاتقانلارنى يېزىپ قىلىشىمۇ ،بىزنىڭ چۈشكنۈلەشكەن روھىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈندۇر. (كۇڭ يىجى بىلەن سۆھبەت )دىن 8. -كىچىك بالىلار بىغۇبار،ساددا .ئۇلاردا نە نەسەب ئۇقۇمى ،نە دۆلەت ،مىللەت ئۇقۇمى بولمايدۇ .ئۇلارغا قانداق تەربىيە ئىشلەش مەلۇم قەۋمنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى بەلگىلەيدۇ .ھېلىقى بالىغا مېنىڭ ئىچىم ئاغرىغان .قارىمامسىز ؟كىچىك بىر بالىغا يالغانچىلىق ،ئالدامچىلىق ،ھالال –ھارامنى ئارىلاشتۇرۋىتىشنى شەخسىي مەنپەئەتىمىز ئۈچۈنلا ،چوڭلار ئۆگەتتۇق شۇنداق بىر سۆز بارغۇ ؟نوتا يىلتىزدىن پۈتىدۇ دەيدىغان .يىلتىزىمىزغا دائىم قۇۋلۇق –شۇملۇق ئۇرۇقىنى چېچىپ ،ئۇنى ئەقىل نۇرى دەپ تەشەببۇس قىلساق ،ھەي بولدىلا،بالىلارنىڭ كەلگۈسى قانداق بولاركىنتاڭ؟...(كۇڭ يىجى بىلەن سۆھبەت )دىن 9. ئاخىرلىشىشنىڭ ۋەھىمىسىنى كۆرگەندەك بولىمەن، بىز بىر يولدا، بىر سەپتە، بىر نىيەتتە ،بىر خىل ئىستەكتە ... كېتىۋاتىمىز خۇددى قۇياشتەكلا باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدا تىنماي ھەركەت قىلىمىز ،بىزنىڭ ھەركىتىمىزنىڭ ھالاللىق دەرىجىسى غۇنچىلىرىمىزنىڭ كۆڭۈل كۆزىگە قۇيۇلغان ياقۇت،ئۇ ھالاللىق بىلەن شۇنداق چاقنايدۇكى، يىللار ئۇنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.بورانلار ئۇنىڭ نۇرىنى خىرەلەشتۈرەلمەيدۇ... مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ ئالىم ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ مۇنۇ قۇرلىرىنى ئەسلەپ قالدىم.«شۇنى بىلىش كېرەككى ئوقۇتقۇچى ئەزىزلەنگەن جاي دەل بەخت قۇشى بولغان ئەنقانىڭ تۇخۇم باسقان ماكاندىن ئىبارەت ›› .قوشۇپلا مۇنۇ قۇرلارنىمۇ ئەسلەپ قالدىم« ئوقۇتقۇچىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئەمەليىتىدە ،،ئەمەليەت ئۇنىڭ تەپەككۈرى بىلەن بېيىيدۇ، ››«ئوقۇتقۇچىلىق ھۆرمىتىڭنى مەڭگۈلۈك بولسۇن دېسەڭ ئوقۇغۇچىڭغا بىر ئۈمۈر مېھرىڭنى كۆرسەت!››(سۆيۈملۈك خىزمەتداشلىرىم) 10. قەلىمىمدىن نېمە يازىمەن؟- دەپ سورىدىم ؛ /u{ 9UR[g P&C,E E$ -يازغىن ، تەڭرىنىڭ پۈتمىشىنى، زىمىننىڭ قايغۇسىنى، ئىنساننىڭ شەيتانى نەپسىنى يەنە يالغۇز دەرەخنىڭ پىغانىنى يەنە پەرزەنت ئوتىدا كۈيىۋاتقان ئانىنى ....يازغىن... \"c;MK{ &yv%"BPV TLzg* قەلىمىم نېمە يازاي؟ MjNCn&c ھېلىقى ئېزىتقۇ چەمبىرەك يەنە پەيدا بولدى...مەن ھېچنىمە يازالمىدىم... nY"9"R\.= قەلىمىم ماڭا خىتاب قىلدى: "40Jxqt <<ئۆزىدىن ھالقىش دۇنياغا خۇجايىن بولغانلىق بىلەن باراۋەر ، سېنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدەيدىغىنىڭ شۇ خۇجايىنلىق بولسۇن!....>> (نىمە يازىمەن؟) دىن 11.ئۇ لاي ،كىسەك تاملارغا مائارىپنى سۆيگەن قەدىردانلارنىڭ ئەۋلاد ئىشقىدا كۆيگەن ۋۇجىدى يۇغۇرۇلغان . ئۇ تاملاردا، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ مائارىپ ئۈچۈن سوققان يۈرىكىنىڭ قىپ –قىزىل قانلىرى بار، ئۇ كىسەكلەردە نادانلىق بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ ئۈنسىز نىدالىرى بار! ئۇلار باسقان ئىزلادا ئوتلۇق سۆيۈشلەر بار! ئۇلار ئەنە شۇنداق تىرىشقان.... (ئۆتكەن كۈنلەر )دىن 12.قەلىمەمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي ...مۇئەللىمنىڭ ئىللىق مېھرىنى ئېلىپ يەنە سىنىپقا كىرىمەن ئۇلارغا ئۆتكەن كۈنلەر ئۈستىدە ھېكايە سۆزلەپ بېرىمەن . بىز ئۈزۈلمەس ،بۇزۇلماس كۆۋرىك ياسىغۇچىلار ئۇ كۆۋرىكنىڭ تۈۋرىكلىرى سىزنىڭ، مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق يۈرۈكىمىزدىن پۈتكەن ...(ئۆتكەن كۈنلەر)دىن 13. بۇ ئىمتىھان سۇئالىغا جاۋاپ بېرەلمەيۋاتقان بالىلارنىڭمۇ ئوقۇش ،ئۆگۈنۈش ،ئۆزىنى تەرەقىي قىلدۇرۇش ھوقوقى بار! ئۇلار ئۆگۈنۈشتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقى،تەرەقىي قىلىشتىكى بىر چىقىش نۇقتىسىغا ئېرىشىشى كېرەك! بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى تېپىشىم كېرەككەن –ھە! شۇنداق قىلاي ، كۆككە كۈتۈرلىنۋاتقان ئىسلارغا قاراپ پىچىرلىدىم ، خوش ئىسلار ! ..مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشاي! (ئىككى خىل قاراش ) دىن 14. "پەرزەنت-ئاتا -ئانىنىڭ قايتا دۇنياغا كەلگەن ئوبرازى، مىللەتنىڭ كېلەچىكى، ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى بىر تارىخىي بوغۇمى، جاھان تارىخنىڭ داۋامى." H[ocIw ;AK;% "ئانا-زىمىندىكى يېگانە خۇدادۇر."---لېگويىف "knSc0,u Y15KaoK? "ئانا-ئادىمىزاتنىڭ بىرىنچى تەربىيچىسى.----گولدسىمىت kVE%
" iJuh1+6:c9 مىللەت تەغدىرى ئانىلار قولىدا----بالزاك" j7=I! GJW+'-f "ئەر-ئاتا،بوۋا، مۇرۇۋەتلىك پىشقەدەم .ئاتا- مىللەتنىڭ ئائىلىدىكى ۋەكىلى. ئاڭلىق ۋە ۋىژدانلىق ئەركەك مىللەتكە جەمىيەتكە ، تەرەقىياتقا كەينىنى قىلىۋالغان ئەر بولماستىن ،ئۇ ئائىلە ھۈجەيرىسىدە جەمىيەت بەختىنى ،پەرزەنت گەۋدىسىدە مىللەت كېلەچىكىنى ئۆستۈرگۈچى باغۋەندۇر.ئۇ ئەمگىكى،ئىجادىيىتى ،جەڭلەردىكى جاسارىتى،ئەقىل -ھېسىياتى، تەدبىر-چارە ۋە يۈرۈش-تۇرۇشلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالىيجاناپ ئىنسانپەرۋەرلىكىنى بىجا كەلتۈرىدۇ." ( مېنىڭ تەكشۈرۈشنامەم)دىن 15. يىراقتىن كۆرۈنگەن بۇغدا چوققىسى ئاق ياغلىقىنى ئارتقىنىچە زىمىنغا سەجدە قىلدى. ئۇ ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دۇئاغا قول كۈتەردى.دۇئاسىدا پەرزەنت ئوتى ئوت ئىچىدە بىر يۈرەك پاراسلاپ كۆيمەكتە ، ئوت يالقۇنى بىر جۈملە سۆزگە ئايلاندى. بالا نادان بولسا كۈيىدىغىنى ئانىنىڭ يۈرىكى ... $>1 'pV ئازاب - ئۇكۆزىمدىن ياش بولۇپ قۇيۇلدى. ئۈمۈتۋار يۈرەك ئۇنىڭدىن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدى.(تەپەككۈر چاچقىندىلىرى)دىن 16.جىگدە بىلەن جان بىقىش كۆرىنىشى ---نامراتلىقتا قالغىنىڭ بارلىقىڭنى ساتقىنىڭ. 6rP[*0[ پادىشاھ تېزەك ئاستىدا قالدى---ئىسىلزادە بولساڭمۇ ئاچ كۆزلۈك سېنى پوق قىلىدۇ. >HO{gaRM ئۇر توقمىقىم ئۇر دىمەي ساقلاپ قويسىلا---بۇيرۇق يا بولسا ئوق! يا بولسا پوق! b}4k-hZL لەشكەرلەرنىڭ ساي تىشىدەك قىرلىشى---مەلۇم ھاكىميەتنى قۇرۇش ،گۈللەندۈرۈشكە نۇرغۇن ئاۋامنىڭ قان-تەرىي سىڭگەن بولىدۇ . ئاۋامنىڭمۇ ھەسسىسى بارلىقىنى ئۇنتۇلغان ھاكىميەت چىرىكلەشكەن ھاكىميەتتۇر. (ئۇر توقماق چۆچىكىدىكى ھېكمەتلەر)دىن 17.قىسقىسى ؛ ئىپپەت - ھالاللىق بىلەن پۈتكەن جەننەت! جەننەت ئىلاھى سۈپەت بىلەن پۈتكەن بارچە گۈزەللىكلەرنىڭ سىمۋولى! بۇ سىمۋوللۇق روھنىڭ يۈكسەكلىكى بىلەن جۇلالىنىدۇ، ئۆگىنىش ،ئىزدىنىش، پاكلىق ،ئەخلاق ئىززىتىڭ بىلەن روھىڭ تۇيۇنغان ۋاقىتتىلا ، قىز بولۇپ تۆرىلىشنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىسەن! ",	 قىزىم ! ئەقىل -قىزلىق ئىپپەتنىڭ گۈل -تاجى، ئەخلاق ئۇنىڭ يىلتىزى. ئىپپەت-ئائىيلىڭ شۆھرىتى ، داداڭ قەددىنىڭ ئوقيادەك تۈز تۇرۇشى ،ئاناڭ رىزالىقى ئۈچۈن ،ئىپپەت ئۈستىدە ئويلىنىدىغانلىقىڭغا ئىشىنمەن.
N8|=K_;& شۇنداق بىر قىزلاردىن بولغۇنكى، بىر قۇلۇڭدا بۈشۈك ،بىر قۇلۇڭدا دۇنيا تەۋرىسۇن، دۇنيا!...(قىزلىق ئىپپىتى نىمە؟) دىن 18. باشقىلار مەندىن سورىسا،مەن ئۆزەمنى تەرەقىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن،ئاتا-ئانامغاۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ماڭا ئەجىر سىڭدۈرگەن ئادەملەرگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى ئېيتىمەن. بۇ بىر ئۇلۇغ مەخسەت . ئەمما ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۆز ئىچىدىن ئۆزلىكىنى تاپالارمۇ؟ ئۆزىنى تاپالمايدىغان ياشاش مەخسىتى . بىزنى نېمىگە ئىگە قىلار؟ (بىز نىمە ئۈچۈن ياشايمىز؟) 19.ئۇيقۇ قاتتىق خورەك ئاۋازىدىن تاتلىق ئۇيقۇسىنى ئېچىپتۇ. ھەي! خورەك، ئاۋازىڭ نىمانچە سەت سېنىڭ! ئارامىمنى بۇزىۋەتتىڭ، تېزدىن كۆزۈمدىن يوقال! [?$ZB),L8 ھەي، ئۇيقۇ ۋاقىرمىغىن، مەن سېنىڭ قېرىندىشىڭ. مەن ئۇيقۇ ھۈجەيرىلىرىڭدە شەكىللىنىپ، ھورۇنلۇق داۋانلىرىدا كۆكىرىپ -كۆكلەپ، نادانلىق تاغلىرىدا يىلتىز تارتىپ، شاخلىنىپ ئورمان ياسايمەن... مەن ساڭا تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكا. بۇ مۇزىكىنى سەن ئىجاد قىلىپ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندايسەن .(ئۇيقۇ ۋە خورەك)دىن 20. نامەردلىك بىلەن مەردلىكنىڭ ئارلىقى قانچىلىك؟ جاۋاب ؛ باشقىلارغا تەۋەلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ، ۋاستە تاللىماي تۇرۇپ ئۉزىنىڭ قىلىۋىلىش. بۇنىڭغا يۈرىكىڭ نەپەسلىنىشتە قىسىلىشى ، قۇلۇڭ ھارامغا قول سوزىشى، ئاغزىڭ خۇشامەت ئۈچۈن ئېچىلىشى ، پۇتلىرىڭ ھارماي كىمدۇر بىرى ئۅچۅن چېپىشى كېرەك. ئۇ ۋاقىتتا سەن مۇستەقىللىقىڭنى پۅتۅنلەي يۇقىتىسەن ، چۅنكى ھەقىيقەتنىڭ ئگىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۅپ تۇرۇپمۇ ھچ نېمە دىيەلمەيسەن! (ئارىلىقى قانچىلىك)دىن 21.زىمىن پاكلىق قوينىدا ئەركىلىسۇن! ئۇنىڭ ئەركىلىشىدىن ۋابا. ئەيدىز تەپ تارتىپ ، بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا سەرسانە بولسۇن! قىمار، ھاراقكەشلىك بويۇن قىسىپ پاكلىق كوچىلىرى كەڭ ئېچىلسۇن! ئاڭلاڭ قېرىندىشىم! ئەنە نورۇز قوشىقى ياڭرىماقتا.ئۇنىڭدا ئاتا-بوۋىلىرىمزنىڭ ئۈمىد-ئارزۇسى بار ،ئۇنىڭدا ئەۋلادىلىرىمنىڭ كېلەچىكى بار ،ئۇنىڭ ھەر بىر مىلودىيەسىدە يەنە بىزنىڭ يۇرتىمىزغا بولغان پاكىز، مۇھەببەتلىك يۈرىكىمىزنىڭ تىنىقلىرى بار .بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ئەجداد روھى ،ئەۋلاد كېلەچىگى بىلەن ئورتاقلىشالىغاندىلا ئاندىن ھەر يىلى باھار ىلەن تەڭ ياشىرىپ، مەڭگۈ قېرىمايدۇ ! (بىزمۇ نورۇزغا قاتناشتۇق) دىن 22.خەير ھۆل ئىسسىق ، ئەمما تەرەقىياتىڭنى بىز قوغلاپمۇ يېتىشەلمەيدىغان شەھەرلەر ئامان قالغىن ... :" Q!Q@> مېنى قارشى ئال مېھرى ئىسسىق دىيارىمدىكى تونۇش ساپ ھاۋا ، تونۇش ئادەملەر ، تونۇش كوچىلار ، تونۇش ھېسلار ....(ساياھەتتىن بىر تامچە)دىن 23.تەۋپىقتىكى قېرىنداشلىرىم؛ بولسا بىرنەچچە مىنوت ۋاقتىڭىز ، يازمىلىرىڭىز ئارقىلىق خۇشاللىق تېپىڭ ، خۇشاللىق ئاتا قىلىڭ ! خۇشاللىق مەڭگۈلۈك تېما، ئۇنىڭ قات- قېتىغا سىڭىپ كەتكىنى كەڭ قورساقلىق، بېغىشلاش، قوللاش يەنى قوللاش! » (ھېيتلىق)دىن 24.مۇشۇنداق كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئەسلىمىلەر قوينىدا «ئوقۇتقۇچى ›› دېگەن نام ئۈستىدە قايتا- قايتا ئويلىنىمەن. بىز ساناب بەرگەن ۋە بېرەلەيدىغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھەمىسىنىڭ ئۇستازى، ئوقۇتقۇچىسى بولغان . ئۇلار مەشھۇر شەخسلەرنىڭ قىزىقىشى ، غايىسىگە ئوت ياققۇچى بولغان . (تامچە مېھرى)دىن .25ئەتراپىڭىزدا سىزدىن كۆپ ئىش قىلىدىغانلار، ۋاقىتتىن مۇۋاپىق پايدىلنىپ قىممەت يارىتىدىغانلار كۆپ. ئۇلار توغرىسىدىكى ماتىرياللارنى كۆپرەك كۆرۈپ، ئەتراپتىكى پاسىپ مۇھىتنىڭ سىزنى يەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.<<(ماڭا نىمە جاپا؟)دىن تۇغۇلغان ئويلار >>دىن ئەمدى بولدى قىلاي ،يەنە ئالدىمدا ھەر بىرسىنىڭ ۋەزنى مىڭ پاتمان كېلىدىغان ھېكمەتنامىدىن 28پارچىسى تۇرۇپتۇ.يەنىلا ئەمدى بولدى قىلاي!!! YgiwtZ5FY
ئۇزچاق :ئەسلىدە توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنياغا كىرىپ قېلىش خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمىغان ئىدى . راستىمنى ئېيتسام بۇرۇن بىر نەچچەئۇستازلىرىمىز مېنىمۇ تور دۇنياسىدا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋاقىتتا پەقەت كۈلۈپلا ئۆتكۈزۈۋەتكەن ئىدىم .مانا ھازىر تەۋپىقتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك دۇنياغا قەدەم باسقىنىمغا ھەپتە بولاي دەپتۇ ،ئويلاپ باقسام مېنى بۇ سەۋداغا مۇپتىلا قىلغىنى سىزنىڭ <<كۈندىلىك خاتىرە >> لىرىڭىز بىلەن تۆتتاشنىڭ لىرىكىلىرى بوپتۇ . CZyOAoc<
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ،مەن سىزنىڭ ئاشۇ سەبىيلەر ئۈچۈن يالقۇنجاۋاتقان يۆرىكىڭىزنى ھەر بىر يازمىڭىزدىن كۆرگەن ۋاقىتتا بۇ << ئاجايىپ ئىنسان>> كەن دېمەي تۇرالمىدىم . ھەم ئۆزۈمنىڭمۇ بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىمنى ئويلاپ ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئاسمان - زېمىن پەرقنى سېزىپ خېجىللىق ئىلكىدە باشلىرىم ئىختىيارسىز ساڭگىلىدى . ھەپتە ئىچىدە نۇرغۇن نادىرلانغان دەرس لايىھەلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم.ئۆزۈمچە بىلگەنلىرىمنى ئۇلارغا تەكلىپ قاتارىدا سۇنۇپ قويدۇم . ئەمما سىزنىڭ <<كۈندىلىك خاتىرە>>لىرىڭىزنى ئوقۇغىنىمدا ئىچ-ئىچىمدىن قاپساپ كېلىۋاتقان بۈيۈك بىر قايىللىقنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مېنى ھاياجانلاندۇرۇپ، قەلب تارىمنى تىترىتىۋەتكەنلىكىنى پەقەت ئۆزۈملا بىلىمەن .بەك كۆپ سۆزلىۋەتتىم ،كەچۈرۈڭ .مېنىڭ مۇشۇ يازمامنى ئوقۇپ بولغىچىلىك بولغان ۋاقىتتا بەلكىم سىز يەنە بىر <<كۈندىلىك خاتىرە>> نى تەييارلاپ بولار بولغىيتتىڭىز.بۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىزگە ۋە مۇنبەرداشلىرىمغا ناماقۇل ،مېنىڭ ئاخىرىدا سىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىم،بىز ئۈچۈن،ئويغۇر مائارىپىنىڭ مەزمۇت كەلگۈسى ئۈچۈن چوقۇم سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ!!! قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ ئۇتۇق ھەم شۇنداقلا ئەۋلاد ئۈچۈن، بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش ھەممىنى كۆرەلەيدىغان << كۆزى كورلار>>غا نۇر ئاتا قىلىش ئۈچۈن تۆكۈۋاتقان قان-تەرلىرىڭىزگە بەركەتلەر تىلەيمەن . ئەگەر مۇمكىن بولسا ئىدى ،ھەربىر يازمىڭىزنى رەتلەپ چىقىپ مەكتىپىمىزدىكى 160نەچچە نەپەر ئوقۇتقۇچىغا ئوقۇپ بېرىپ ئاشۇ بىر قىسىم <<جان باقتى >>لارغا ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاشىنى ھالال ئېلىشنى تەۋسىيە قىلار ئىدىم . ھارمىغايسىز ئۇستاز!!! يېڭى يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامەن !!!ئىشىنىمەنكى ،سىز بىلەن تونۇشقانلىقىم ھاياتىمدىكى يەنە بىر مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بوپقالغۇسى !!! ""l_&3oz ئەڭ ئاخىرىدا سىزگە بولغان ھۆرمىتىمنى مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ (ھايات دېگەن مانا شۇ ) ناملىق شىئېرلار توپلىمىدىكى تۈۋەندىكى شىئېرى ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچىمەن: ?P4@U9i iOz<n
z
ياشىسۇن مۇھەممەتجان راشىدىن يۆلەكسىزنى يۆلىگەنلەر ياشىسۇن! يۆگەكسىزنى يۆگىگەنلەر ياشىسۇن ! ئۆزى ئالماي يامبۇ ياغسا ئاسماندىن، ئەلگە يامغۇر تىلىگەنلەر ياشىسۇن ! سۇغارغاندەك سايە بەرگەن چىنارنى ، ئاتا ئەجرىن تۆلىگەنلەر ياشىسۇن ! ئېتى ھارسا ئانا چۈشكەن ھارۋىنىڭ ، ئۆزى ئات بوپ سۆرىگەنلار ياشىسۇن! چاۋاك چالماڭ بىزدەك شائىر تۈمەن مىڭ ، ئادالەتنى كۈيلىگەنلەر ياشىسۇن ! قايدايېتىپ،قايدا قوپسا، ۋەتەندىن ئۆزگە خىيال سۈرمىگەنلەر ياشىسۇن! ئۆزگىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن دەرت تارتىپ، ئۆزى راھەت كۆرمىگەنلەر ياشىسۇن! يوقسۇزلۇقتا ئوتى ئۆچكەن يالغۇزنىڭ ، ئوچىقىنى پۈۋلىگەنلەر ياشىسۇن ! ھالدىن كەتكەن غېرىبلارنىڭ بېشىدا، چىراغ يېقىپ تۈنىگەنلەر ياشىسۇن ! پەرىشتىدىن شەيتان تولا بەزىدە ، ئېزىتقۇغا كۆنمىگەنلەر ياشىسۇن ! سىنىقىدا تۈمەن تۈرلۈك سۆيگۈنىڭ ، ئاۋۋال پۇلنى سۆيمىگەنلەر ياشىسۇن ! مال-دۇنيانىڭ پىراقىدا كۈل بولۇپ ، شۇ ئوت-چوغدا كۆيمىگەنلەر ياشىسۇن ! تەزىم قىلغىن بىلگەنلەرگە قەدرىڭنى ، ئەمگىكىڭنى كۆممىگەنلەر ياشىسۇن ! ئۇنتۇلمىسۇن ئارمان بىلەن كەتكەنلەر ، ئۈمىدلىرى ئۆلمىگەنلەر ياشىسۇن ! :Z(?Ct&8
@>f]0,"( 2012-يىلى 2-نويابىر لۈكچۈن مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم |