ئېكسكورسىيە ۋە ساياھەت ئەسەرلىرىنى يېزىش
ئادەتتىكى سىنىپلار ئۈچۈن 8-يىللىق 2006- يىلى - ئاينىڭ – كۈنى
(3 سائەتلىك دەرس)
يېزىقچىلىق
( ئېكسكورسىيە ۋە ساياھەت ئەسەرلىرىنى يېزىش)
1- سىز قايسى جايلارنى ئىكسكورسىيە قىلىپ باققان؟
2- سىز ئۆزىڭىزنى مەن ئەسەر يازغاندا تىنىش بەلگىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ كىتەلەيمەن دەپ قارامسىز؟
چۈشىنىش:ئىكسكورسىيە ۋە ساياھەت جەريانىدا قانداق قىلىشنىڭ لازىملىقىنى چۈشىنىش.
ئەستە ساقلاش:يېزىشنىڭ تەرتىۋىنى ئەستە ساقلاش.
قوللىنىش: ساياھەت ئەسەرلىرىنى قانداق يېزىشنى بىلىش.
ئوقۇتۇش قوراللىرى:دەرسلىك كىتاب .
ئۆگىنىش ئۇسۇلى:ئوقۇش، تەشكللەش، شەخسلەر ئارا مۇزاكىرىگە تەشكىللەش، گورۇپپىلار ئارا مۇزاكىرىگە تەشكىللەش، يېتەكچىلىك قىلىش،قوزغىتىش، ئىلھاملاندۇرۇش.
مۇھىم نوقتا: ئىكسكورسىيە ۋە ساياھەت جەريانىدا قانداق قىلىشنىڭ لازىملىقىنى بىلىش.
قىيىن نوقتا:ساياھەت ئەسەرلىرىنى قانداق يېزىشنى بىلىش.
1-ئالدى بىلەن ئېكسكورسىيە ۋە ساياھەت جەريانىدا كۆزىتىش، ئاڭلاش ۋە ئوقۇش ئارقىلىق ئۇچۇر توپلاشقا كۆڭۈل بۆلۈش، ئېكسكورسىيە قىلغان ئورۇننىڭ تارىخىي ، كۆلىمى، ئالاھىدىلىكىنى، ساياھەت قىلغان جايدىكى مەنزىرە، نەرسىلەر، قۇرۇلۇشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، ساياھەت قىلغان جايدىكى ئىجتىمائى تۇرمۇش، مىللىي ئۆرپ- ئادەت، مەشھۇر ئاسارە- ئەتىقىلەرنى چۈشىنىش توغرا بولۇش، ساختىلىق ئارلىشىپ قالماسلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلدۇ.
2-ساياھەت، ئېكسكورسىيە، ساياھەت ئەسەرلىرىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئىلگىرى- كىيىنلىك تەرتىپى، ئورۇن تەرتىپى بويىچە يېزىلىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىدۇ.
3-ساياھەت، ئېكىسكورسىيە ئەسەرلىرىنى شەكلى ئەركىن، ئۇسلۇبى ھەر خىل بولسىمۇ، كۈندىلىك خاترە ۋە ئىپىك نەسىر شەكلىدە يېزىلىدىغانلىقى، ئوقۇغۇچىلار كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى، ماڭغان- تۇرغان پائالىيەتلىرىنى كۈندىلىك خاتىرە شەكلىدە خاتىرلەپ، ئاندىن ئۇنى رەتلەپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى، پوزىتسىيىسى، ھېسياتىنى قۇشۇپ، كۈندىلىك خاتىرە، ( ئەدەبىي خاتىرە) ، ساياھەت خاتىرىسى شەكلىدە يېزىپ چىقسىمۇ بولدىغانلىقى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىنىدۇ.
4-187- بەتتىكى 1- تەلەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى « تېما» تاللاپ ساياھەت خاتىرىسى يېزىشقا ئويۇشتۇرۇلىدۇ، بۇنىڭدا ياخشى يېزىلغانلىرىنى ئۆلگە قىلىپ، سىنىپتا ئوقۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5-187- بەتتىكى 2- تەلەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قالدۇرۇلدى. بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساياھەت خاتىرىسى يېزىشتىكى تەلەپلەرنى ئەستە ساقلاش ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.
6-187- بەتتىكى 3- تەلەپكە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارغا 7- يىللىق 1- قىسىمدىكى « كەچ كۈز» دېگەن ئەسەرنى قايتا ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كۈزدىكى مەنزىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆز يۇرتىنىڭ كەچ كۈزدىكى مەنزىرسىنى تەسۋىرلەپ مەنزىرە تەسۋىرى يېزىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارى ئاشۇرۇلىدۇ.
7- ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەر تاللىنىپ، ئۆلگە قىلىنىپ، سىنىپتا ئوقۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
ئېكىسكورسىيە ۋە ساياھەت ←كۆزىتىش، ئاڭلاش، ئوقۇش ←
ساياھەت خاتىرىسى يېزىش ←ئۆزگەرتىش، مۇكەممەل ئەسەر قىلىش ←.
تەستىقلىغۇچى:
2006-يىل - ئاينىڭ – كۈنى
|