查看完整版本: [-- 7- يىللىق 1- قىسىم تارىخ چارەكلىك ئىمتىھان سوئالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> 7- يىللىق 1- قىسىم تارىخ چارەكلىك ئىمتىھان سوئالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kokbilyartay 2012-10-31 22:39

7- يىللىق 1- قىسىم تارىخ چارەكلىك ئىمتىھان سوئالى

7- يىللىق 1- قىسىم تارىخ چارەكلىك ئىمتىھان سوئالى
 

( ۋاقتى 60 مىنوت، تولۇق نومۇر 100 نومۇر )
 

ئىسىم فامىلىسى: ــــــــــــــــــــ       نومۇرى: ـــــــــــــــــــــ

 

1.     توغرا جاۋابنى تاللاڭ. ( 20 سوئال بېرىلگەن بولۇپ، ھەر بىرىگە ئۈچ نومۇردىن جەمئىي 40 نومۇر بېرىلىدۇ )

1. بىزنىڭ تەرىخنى چۈشىنىشىمىزدىكى ئاساسلىق ئىسپاتىنى كېلىش مەنبەسى:  (       )

① مەدەنىي يادىكارلىق ۋە يازما خاتىرىلەر ②قەدىمىي يادىكارلىق ۋە خاربىلار ③تارىخىي ھېكايىلەر ④ تارىخىي خاتىرىلەر

A. ①③             B . ①④           C. ①②                D. ③④

2. تاغ چوققىسى ئۆڭكۈر ئادىمىگە مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرىسى: (            )

A. تەن قۇرۇلۇشى ھازىرقى ئادەملەردىن بەك پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ

B.  ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ

C.  يېڭى تاش قوراللارنى ياسىيالايدۇ ۋە ئىشلىتىلەيدۇ

D. ئاددىي بولغان قول سانائەت توقۇمىچىلىق كەسپى بار.

3. ئېلىمىز تەۋەسىدە بايقالغان يىراق قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ۋاقىت تەرتىپى بويىچە توغرا تىزىلغىنى: (              )

① يۈەنمۇ ئادىمى  ②بېيجىڭ ئادىمى  ③بەنپۇ ئادىمى

A. ①②③      B. ①③②           C. ②③①        D. ③②①

4. داۋىنكو مەدەنىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى خارابىلىقتىن ئەكس ئەتتۈرگىنى قايسى جەمىئىيەت ئەھۋالى:  (             )

A.ئىپتىدائىي ئىنسانلار توپى       B . ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جامەسى          C. ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جامەسى         D. قۇللۇق جەمئىيەت

5. « ھاكىمىيەتنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈزىمى» قەبىلە ئىتتىپاقى ئاقساقاللىرىنىڭ ئالمىشىشىدىكى بىر خىل تۈزۈم، ھاكىمىيەتنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈزىمى بويىچە ئەڭ ئاخىرىدا قەبىلە ئاقساقىلى بولغىنى:  (             )

A. ياۋ       B. شۈن       C. يۈي         D. چى

6.تۆۋەندىكى ئېلىمىز قەدىمكى زامان ئاھالىلىرى ئىچىدە ئۆي ياسىيالمايدىغىنى: (         )

A.تاغ چوققىسى ئۆڭكۈر ئادىمى    B .خېمودو ئىپتىدائىي ئاھالىسى            C.بەنپۇ ئىپتىدائىي ئاھالىسى                 D. داۋىنكو ئىپتىدائىي ئاھالىسىى

7. غەربى جۇنىڭ سۇيۇرغاللىق تۈزۈمنى يۈرگۈزىشىدىكى سەۋەپ: (              )

A. ھەربىي توسۇق ياساپ يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئەلىنىش

B.  ۋەزىر ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھوقوقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش

C.  يات فامىلىلىك بەگلىكلەرنى چەتكە قېقىپ، ئوخشاش فامىلىلىك بەگلىكلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش

D. ھەرقايسى جايلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش

8. غەربىي جۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە سۇيۇرغال بەگلىكلەرنىڭ تەڭرىقۇتقا ئۆتەيدىغان  مەجبورىيەتلىرى ئىچىدە ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغىنى:  (          )

A.ئىجارە بېجى تاپشۇرۇش        B. بۇيرۇققا بويسۇنۇش

C.  ئۇلپان تاپشۇرۇش        D.ئەسكەر باشلاپ تەڭرىقۇتقا ئەگىشىپ ئۇرۇش قىلىش 

9. تۇچ مەدەنىيىتى ئېلىمىزنىڭ مىللەت گۆھىرى، ئۇنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، شانلىق دەۋرىنىڭ بارلىققا كەلگەن ۋاقتى:   (         )

A.ئىپتىدائىي جەمىئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى           B. شيا سۇلالىسى

C  . شاڭ سۇلالىسى                            D.غەربى جۇ سۇلالىسى

10. تۆۋەندىكى بايانلاردىن چى خۈەنگوڭ  بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغىنى :  (        )

A.« پادىشاھنى ھۆرمەتلەپ، بەدەۋىلەرگە قارشى تۇرۇش » قا چاقىرىپ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى.        B. شاڭ ياڭنى قانۇن ئۆزگەرتىشكە قويغان

C.  چاڭپىك ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئەمىنىيە دەۋرىدىكى تۇنجى ھاكىمبەگكە ئايلانغان      

 D. ئۇ ئىلگىرى چۇ بەگلىگىدە ئۇزۇن مەزگىل سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن

11. ئېلىمىزنىڭ زەڭگەر فارفۇر پىشۇرىدىغان خۇمدانلارنىڭ بارلىققا كەلگەن ۋاقتى: 

 (         )

A.شيا سۇلالىسى                    B. غەربى جۇ سۇلالىسى

C  .شاڭ سۇلالىسى دەۋرى           D.شاڭ جۇ دەۋرى

12. يېغىلىق دەۋرىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئوموميۈزلۈك ئىشلىتىشكە باشلىغىنى:  (                 )

A.تۇچتىن ياسالغان دېھقانچىلىق قوراللىرى

 B. تۆمۈردىن ياسالغان دېھقانچىلىق قوراللىرى 

C  . تاشتىن ياسالغان دېھقانچىلىق قوراللىرى   

     D.ياغاچتىن ياسالغان دېھقانچىلىق قوراللىرى

13. تۆۋەندىكى تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە توغرا تىزىلغىنى:  (          )

① چاڭپىك ئۇرۇشى ②چىڭپۇ ئۇرۇشى ③گۇيلىڭ ئۇرۇشى ④ مالىڭ ئۇرۇشى

A. ①②③④      B. ④③②①      C. ②③④①      D. ③④①②

14.  بىزنىڭ ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرىنى زور ئۆزگىرىشى دەۋرى دېيىشىمىزدىكى سەۋەب: (          )

A.ئۇرۇش بىر قەدەر كۆپ بولغان      B. بەگلىكلەر ھاكىمبەگلىك تالاشقان

C  .كونا-يېڭى تۈزۈم ئۆز-ئارا ئالماشقان  D.تۈرلۈك ئېقىملار بەس-بەستە سايرىغان

15. ئېلىمىزنىڭ تەۋەسىدە ياشىغان ئەڭ بۇرۇنقى ئىنسانلار جايلاشقان ئورۇنلار: (        )

A.جۇجياڭ دەريا ۋادىسى               B. خۇاڭخې دەريا ۋادىسى

C  .چاڭجياڭ دەريا ۋادىسى            D.خۈەيخې دەريا ۋادىسى

16. چىن سۇلالىسىدىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى : (         )

① جيايۈيگۈەن  ②لىنتاۋ  ③شەنخەيگۈەن  ④لياۋدۇڭ

A. ①③     B.①④      C. ②③    D.②④

17. تېلىۋىزىيە فىلىمى « خەن ۋۇدى» دېكى ليۇچى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بۈيۈك بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرغان ، ئۇ ۋېي چىڭ ۋە خۇچۈبىڭلارنى قايسى ئاز سانلىق مىللەتكە زەربە بېرىشكە  ئەۋەتكەن؟

A.ھونلارغا     . B  قىتانلارغا       C.جورجىتلەرگە   D.مۇڭغۇللارغا

18.« تارىخىي خاتىرىلەر» ناملىق مەشھور تارىخىي ئەسەرنىڭ ئاپتورى: (       )

A.سى مايەن      . B سى ماچيەن      C.سى ماگۇاڭ   D.سىماجاۋ

19. « دۇنيادىكى 8- مۆجىزە» دەپ نام ئالغان مەشھور ساياھەت مەنزىرە رايونى: (           )

A.ياپونىيەدىكى فۇششەن تېغى               B.ئەنگىلىيىدىكى لوندۇن

C.جوڭگودىكى چىن شىخۇاڭ قەبرىسىدىكى ئەسكەر ئات ھەيكەللەر            D.ئامېرىكىدىكى نيۇ-يۈرك

20. مىلادى 97- يىلى شەرقى خەن سۇلالىسى داكچىنىغا ئەۋەتكەن ئەلچى: (       )

A.جاڭ چيەن    . B  ۋېي چىڭ      C.بەن چاۋ   D.گەن يىڭ

2. ئۈنىۋىرىسال سوئاللار (     سوئال بېرىلگەن بولۇپ، جەمئىي 60 نومۇر بېرىلىدۇ)

 1) تۆۋەندىكى ماتېرىيالغا ئاساسەن سوئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ.

 ماتېرىيال: يەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، قۇللۇق تۈزۈمدىكى يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىق تۈزۈمىنى يوقىتىش .... دۆلەت يەرلەرگە خۇسۇسىيلارنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىنى ئېتىراپ قىلىش، تېرىقچىلىق قىلغانلار ۋە ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش، پايتەختنى شيەنياڭغا كۆچۈرۈش، ناھىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش.....       (14 نومۇر)

جاۋاب بېرىڭ:

①     بۇ قايسى قېتىملىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەزمونى؟ ئەينى چاغدىكى ئىسلاھاتنى قوللىغان ھۆكۈمران كىم؟ 

 

 

 

 

 

②     بۇ قېتىملىق ئىسلاھات قانداق رول ئوينىغان؟

 

 

 

 

 

 

2) تۆۋەندىكى ماتېرىيالنى ئوقۇڭ.

« ئۇلۇغ يۈينىڭ تۆھپىسى ئەلمىساقتىن يەتمىگەن ۋالىي لى بىڭغا»

جاۋاب بېرىڭ:  ( 9 نومۇر )

①       ماتېرىيالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋالىي لى بىڭ كىمنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇ قايسى دەۋرنىڭ ئادىمى؟ (3)

 

 

 

 

②       ماتېرىيالدىكى ئۇلۇغ يۈي كىمنى كۆرسىتىدۇ؟  ( 3)

 

 

 

③       ۋالىي لى بىڭنى ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى قايسى؟  ( 3 )

 

 

 

 

 

3) شاڭ ياڭنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشىنىڭ ئارقا كۆرىنىشى ۋە مەزمونى نېمە؟ ( 9 )

ئارقا كۆرىنىشى:

 

 

 

 

مەزمونى:

 

 

 

 

4) تۆۋەندىكى ماس مەزمونلارنى بوش ئورۇن ئىچىگە تولدۇرۇڭ.  ( 8 نومۇر)

A. ئەمىنىيە دەۋرىدە ھەققانىي ئۇرۇش بولمىدى              (        )  كۇڭزى

B. ئۆزئارا كۆيۈنۈش، ھۇجۇم قىلىشماسلىق                  (        )  لاۋزى

C. رەھىمدىللىك تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان               (       ) خەن فېيزى

D. تەبىئەتكە ماسلىشىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش             (        ) جۇڭزى

E. ئۆزۈڭنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلسەڭ ھەرقانداق جەڭدە يېڭىلىسەن (       ) موزى

G شەيئىلەردە قارىمۇقارشى تەرەپلەر بولىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا ئەكس تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىدۇ.                                              (        ) چۇي يۈەن

H. جۇدالىق زارى                                       (        ) مىڭزى

F. ھوقوق مەركەزگە مەركەزلەشكەن پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈمدىكى فېئوداللىق دۆلەت قۇرۇش                                       (         ) چىن شىخۇاڭ

 

5)    بۇددا دىنى بىلەن تويىن دىنىنىڭ بارلىققا كەلگەن جايى، دىنىي تەلىماتى، تارقىلىشى ۋە تەسىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرقى ۋە ئوخشىماسلىق تەرەپلىرىنى سېلىشتۇرۇڭ .  ( 12 نومۇر )

                          بۇددا دىنى                              تويىن دىنى

 بارلىققا كەلگەن جايى:

 

 

دىنىي تەلىماتى:

 

 

تارقىلىشى :

 

 

تەسىرى:

 

 

 

6) چىن سۇلالىسىنىڭ ئېلىمىز تارىخىدا ئوينىغان مۇھىم رولى نېمە؟  ( 8 نومۇر)


nefise 2014-03-27 11:14
ئەجرىڭىزگە رەھمەت...قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!...


查看完整版本: [-- 7- يىللىق 1- قىسىم تارىخ چارەكلىك ئىمتىھان سوئالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled