查看完整版本: [-- «تۆت نەرسە»نى بىلىپ قويۇڭ جۇما... --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> «تۆت نەرسە»نى بىلىپ قويۇڭ جۇما... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-10-31 16:25

«تۆت نەرسە»نى بىلىپ قويۇڭ جۇما...

«تۆت نەرسە»نى بىلىپ قويۇڭ جۇما...

يوللىغۇچى: تۇرسۇن ھۆسەيىن

1-)مۇنداق تۆت نەرسە كۆڭۇلدىكى ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛ئۇلار: غەيرەت،شىجائەت،ئىرادە،ھىممەت.
2-)تەدبىرلىكنىڭ تۆت بەلگىسى:باشقا چۈشكەن كۈلپەتنى سەۋر-تاقەت ۋە تەدبىر بىلەن يىڭىش،ئىسراپچىلىققا يول
قويماسلىق،دوستلارنىڭ نەسىھەت ۋە مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سىلىش، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك.
3-)مۇنداق تۆت نەرسە پۇشايمان بىلەن نەتىجىلىنىدۇ:قولدىن كەلمەيدىغان ئىشقا ئۇرۇنۇش،ھورۇنلۇق،ئالدىراڭغۇلۇق،دوستلارنىڭ نەسىھەت ۋە مەسلىھەتىگە كىرمەسلىك.
4-)مۇنداق تۆت نەرسىدىن ئكزىنى تارتىش كىرەك:قەھر-غەزەپتىن،ماختانچاقلىقتىن،ئىچى تارلىقتىن،تەمەخورلۇقتىن.
5-)مۇنداق تۆت نەرسە مۇنۇ كىشىلەردە بولمايدۇ:يالغانچىدا-ئادالەت،بىخىلدا-سائادەت،ھەسەتخوردا-راھەت،
ئۇرۇشقاقتا-شەرمىي-ھايا.
6-)مۇنداق تۆت نەرسە گۇمران بولۇشنىڭ بەلگىسى:ئاداۋەت،ھەسەتخورلۇق،غەيۋەت،خىيانەت.
7-)مۇنداق تۆت نەرسە ئادەمنىڭ ئابرويىنى تۆكىدۇ:خوشامەتچىلىك،ئاچ كۆزلۈك،سىر ساقلىيالماسلىق،چىچىلاڭغۇلۇق.
8-)مۇنداق تۆت نەرسە-مۇنداق تۆت نەرسە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ:يالغانچىلىق-رەسۋالىق بىلەن،غەزەپ-پۇشايمان بىلەن،قوپال سۆز-كۆڭۈلسىزلىك بىلەن،ھورۇنلۇق-خارۇزارلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ......!


مەنبە:«تارىم غۇنچىلىرى»ژورنىلىنىڭ2011-يىللىق 11-سانىدىن ئىلىندى.

gulnar 2012-10-31 16:36
ياخشى ھېكمەتلەركەن

ئەكبەرنىياز 2012-10-31 19:30
ەايات ،پەزىلەت ھەققىدىكى ئاجايىپ پەلسەپىۋىلىككە ئىگە ھېكمەتلەرنى ئەۋەتكىنىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم ،ئۇستاز ھارمىغايسىز!!!

ah-lala 2012-10-31 20:28
ھەقىقەتەن مەنىسى چوڭقۇركەن.  

arzu 2012-10-31 21:21
8-)مۇنداق تۆت نەرسە-مۇنداق تۆت نەرسە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ:يالغانچىلىق-رەسۋالىق بىلەن،غەزەپ-پۇشايمان بىلەن،قوپال سۆز-كۆڭۈلسىزلىك بىلەن،ھورۇنلۇق-خارۇزارلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ......!

" غەزەپ-پۇشايمان بىلەن  ئاخىرلىشىدۇ '' كەن، بېشىمدىن ئۆتكەن. يەسلىدە مۇئەللىمىنىڭ كىچىككىنە سەۋەبىدىن بالامنىڭ لېۋى قاناپ كېتىپتىكەن، قاتتىق غەزەپلىنىپ، يەسلىنى بېشىمغا كېيىپ ۋاقىراپ، مۇئەللىمىنى تىللاپ كەتكەنتىم. غەزىپىم بېسىلغاندىن كېيىن قىلغىنىمغا بەك پۇشايمان قىلدىم. ھازىرمۇ نۇمۇس قىلغىنىمدىن بالامنى ئالغىلى يەسلىگە بارالمايمەن. پۇشايمىنىمغا قاچا يوق.....   

akkax 2012-10-31 22:20
  تۇرسۇن مۇئەللىم ھەقىقەتەن ئىزدىنىدىكەن. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېتىلىشىدىكى مەنىۋى قورال « تارىم ژورنىلى » مۇ  نەزىرىدىن يىراق ئەمەسكەن. قايىل بولدۇم.

tursun 2012-11-01 10:00
سىرداش تەۋفىقداشلىرىمغا تەشەككۇر...!     

تەشنا005 2013-03-25 23:26
ھەقىقەتەن مەنىسى چوڭقۇركەن.

ئەكبەرنىياز 2013-03-26 01:05
ئاققاش ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرىدىنمۇ ھوزۇرلانساق بەك ياخشى بولاتتى !!!

نەفىسە 2013-05-27 00:10
ياخشى ھېكمەتلەركەن   

xahdiyar 2013-06-02 16:19
ياخشى تېمىكەن، ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر!

danix 2013-06-03 17:53
   ھايات مۇساپىمىزدە پايدىسى كۆپ تېگىدىغان ھېكمەتلەركەن . بىزنى مۇشۇنداق ھېكمەتلەردىن مەنپەئەتلەندۈرۈپ كەلگەن مۇنبەر ئۇستازى تۇرسۇن ئەپەندىگە ھەشقاللا !


danix 2013-06-03 17:56
ئارزۇ خانىمنىڭ مۇنبەردە كۆرۈنگىنىگە مۇبارەك بولسۇن !
ئۇنىڭ ھېكمەتلىرىگە ھەشقاللىلار ياغسۇن !

tawpek 2013-08-01 19:23
تۇرسۇن مۇئەللىمگە يوقاپ كەتكىلى ساپساق بىر ئاي بوپتۇ.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-01 22:01
ھىقىقەتەن بلىپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ئۈگۈتلەر ئىكەنبۇ،رەخمەت.

ئايبىكە 2013-08-02 08:01
كىشىلىك تۇرمۇشتىكى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىكەن.

nadiraay 2013-08-02 17:28
ياخشى ھېكمەتلەركەن. رەھمەت.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-02 21:01
-)مۇنداق تۆت نەرسە مۇنۇ كىشىلەردە بولمايدۇ:يالغانچىدا-ئادالەت،بىخىلدا-سائادەت،ھەسەتخوردا-راھەت،
ئۇرۇشقاقتا-شەرمىي-ھايا.

bahadir 2014-05-09 21:13
ياخشى ھېكمەتلەركەن!
پەلسەپىۋىلىكى بەك يۇقىرىكەن!!!

akqolpan 2014-06-09 11:04
بەك ياخىشى ھېكمەتلەر ئىكەن. رەخمەت سىزگە.

ئارزۇيۇم 2014-06-10 11:00
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا.

نوزۇگۇم 2014-06-12 17:11
ئاڭلاپ  باقمىغان  ياخشى  ھىكمەتلەركەن   ،  رەھمەت سىزگە

ھاتەھاتەم 2014-06-19 18:07
مېنىڭ بالاممۇ يەسلىدە مۇئەللىمىدىن تاياك يەپتۇ .مۇئەللىمى ئىتتىرىپتىكەن دۇمبىسى پارتىغا تېگىپ سۇرۇلۇپ كېتىپتۇ.قان تەمچەرەپ تۇرۇدۇ.مەنمۇ  ئازۇغا ئوخشاش قىلاي دىگەن ،لېكىن ئۆزەم بىر ئوقۇتقىچى تۇرۇپ بۇنداق قىلسام بولمىغىدەك دەپ ئويلاپ،باشقىچە ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلدىم.بەزىدە ئاچچىغىمىز كەلسە،ئۆزىمىزنى باسالماي خاتا يەكۇن چىقىرىپ قويىمىز.خاتا ئىشلارنى قىلىپ، پۇشايماندا قالىمىز بۇنىڭدىن ساقلانماق بەك تەس.شۇڭا داۋاملىق ئۆزىمىزنى تەڭشەپ تۇرساق بولغىدەك.ياخشى ماتىريال يوللاپسىز.ئەجرىڭىزگە رەخمەت.


查看完整版本: [-- «تۆت نەرسە»نى بىلىپ قويۇڭ جۇما... --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled