查看完整版本: [-- «باھار» (ھېكايە،  مەمتىمىن ھوشۇر ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> «باھار» (ھېكايە،  مەمتىمىن ھوشۇر ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

danko 2012-10-30 20:45

«باھار» (ھېكايە،  مەمتىمىن ھوشۇر )

باھار
NitsUg@<  
(ھېكايە) G<:_O-cPSv  
مەمتىمىن ھوشۇر jkTC/9AE|  
  A{X:p3$eN  
AUjZYp  
بۇ يېزىنىڭ يېنىدىكى تۆپىلىكتە يوغان ئىككى تۈپ تېرەك بار ئىدى. كىشىلەر «ئاشۇ تۆپىلىككە باھارنىڭ قەدىمى چاپسان يېتىدۇ» دېيىشەتتى. تەبىئەت ئىللىشى بىلەنلا تۆپىلىكتىن قار ئەڭ بۇرۇن كېتەتتى، دۆڭنىڭ تۆۋىنىدىكى ئېرىق بويلىرىدا يېشىل مايسىلار باش كۆتۈرۈپ، سېرىق چېچەكلەر بەس - بەستە ئېچىلىشاتتى. 5,dKha  
قايسى زامانلاردا، كىمنىڭ ياساپ قويغانلىقى نامەلۇم، ھېلىقى قوشماق تېرەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا تېرەكلەرنىڭ يېنىنى يوناپلا ئورنىتىپ قويغان بىر ياغاچ ئورۇندۇق بار ئىدى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئورۇندۇق تېرەكلەرگە قوشۇلۇپ، مۇستەھكەم بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەنىدى. ETZE.a  
ئاشۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، باھار مەنزىرىسىدىن پەيزى ئالماق بولۇپ تۆپىلىككە چىقتىم. لېكىن، ئورۇندۇق بوش ئەمەس ئىدى. ئۇ يەردە بىر بوۋاي ئولتۇراتتى. ئۇ قولىدىكى ھاسىسىنىڭ تۇتقۇچىغا مەيدىسىنى تىرەپ، كۆزلىرىنى قىسىپ، يىراقلارغا تىكىلگىنىچە خىيالغا كەتكەنىدى. يىللارنىڭ مۇشەققىتىدىن قامىتى پۈكۈلگەن، پېشانىسىگە چوڭقۇر قورۇقلار چۈشكەن، ساقاللىرى قاردەك ئاقارغان بۇ بوۋاينىڭ يېشى سەكسەندىمۇ، توقساندىمۇ ياكى ئۇ تولۇق بىر ئەسىرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بولدىمۇ؟ بۇنى پەرەز قىلماق تەس ئىدى. iF,%^95=  
بوۋاينىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن «ئۆھۆ» دەپ يۆتەلدىم - دە، سالام بەردىم. /vgEDw  
− بىرىنى ساقلاۋاتامدىلا، دېدىڭما؟ − دېدى بوۋاي بۇرۇلۇپ قاراپ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئېغىرمىكىن، جاۋابىمنى كۈتمەيلا يەنە سۆزلەپ كەتتى، − قايغۇرۇپ، خۇشال بولۇپ مۇشۇ ياشقا كەپتىمەن، ئەمدى نېمىنى كۈتىدۇ، دەيسەن؟ ئەجەلنى كۈتۈۋاتىمەن، ئەجەلنى! ئۇنىڭ قارارى يوق. يازدىمۇ، قىشتىمۇ، ئەتىگەندىمۇ، كەچتىمۇ، ئىشقىلىپ، بىر ۋاقىتتا كېلىدۇ. ھەر يىلى باھاردا شۇ ئەتراپتىكى ئاغىنىلەر بۇ يەرگە جەم بولۇپ ئەھۋاللىشاتتۇق، يىلدىن - يىلغا تەڭتۇشلارمۇ ئازلاپ كەتتى. قارا، بۇ باھاردا بۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرۇپتىمەن … نېمىشقا ئۆرە تۇرىسەن؟ كەل، ئولتۇر. تىمەن، تولىمۇ ئوبدان بىر مومىيىم بار ئىدى. ئىككىمىز بەزىدە مۇشۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ياش ۋاقىتلىرىمىزنى ئەسلىشىپ كېتەتتۇق. مەن ئۇنىڭ ئورما ۋاقتىدا ماڭا تۇنجى قېتىم قاپاقتا چاي ئەكىلىپ بەرگەنلىكىنى ھېكايە قىلاتتىم، ئۇ مېنىڭ مۇشۇ تۆپىلىكتىن سېغىز كولاپ بەرگىنىمنى ئۇنتۇمايتتى … مۇھەببەت دەمسەن؟ مۇھەببەت دېگىنى شۇمۇ؟ بىلمەيمەن، بىز ياش ۋاقىتلار ئەجەب قىزىق يىللار ئىدى. قىز - يىگىتلەرنى بىر - بىرىگە كۆرسەتمەي چېتىپ قويۇشۇۋېرەتتى، يەنە قەدىناسلاردەك ئۆي تۇتۇشۇپ كېتەتتى … توي كېچىسى ئېسىمدىن چىقمايدۇ، ھۇجرىغا كىرسەم، ئۇزۇن چۇچىلىق توي ياغلىقىنى بېشىغا پۈركەپ، يوغانلا بىر قىز ئولتۇرىدۇ، قورقۇپ كەتكەنىدىم. سەپسالسام، شۇ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزۈم دۆڭدە سېغىز كولاپ بەرگەن قىز ئىكەن. قىز بالا دېگەن ۋاقتى يەتكەندە شۇنداق لەڭڭىدە ئۆسۈپ كېتىدىغان گەپكەن … تېخى كۈزدىلا ئۇنى ئەنە ئاۋۇ ئالدىمىزدىكى قەبرىستانلىققا كۆمۈپ قويدۇق. ئەمدى بۇ ئورۇندۇقتا ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرۇپتىمەن. باھارغۇ كەپتۇ، باھار كەلمىدى … مومىيىمدىن ئايرىلىپلا كۆزۈممۇ ئاجىزلىشىپ كەتتى. ئوغلۇم، مۇشۇ ئەتراپتىن ئېچىلغان بىرەر تال گۈل تاپقىلى بولماسمۇ؟ ھەببەللى، ياخشى بولدى. چېكەمگە قىسىپ قوياي دەمسەن؟ بولدى، قولۇمغىلا بەرگىن. كېلەر باھارغىچە مەن بارمۇ، يوق؟ قارا، كۆڭلۈم بۇزۇلۇۋاتىدۇ. يەنە بىر كەلگىنىڭدە مەن بولمىسام، مۇشۇ ئورۇندۇققا بىر جۈپ گۈل تاشلاپ قويارسەن … نەگە ماڭدىڭ؟ «باھارغۇ كەپتۇ، باھار كەلمەپتۇ» دېسەم، ئالجىپ قالغان قېرى ئوخشايدۇ بۇ، دەۋاتامسەن؟ مېنىڭ ھېلىقى مومىيىمنىڭ ئىسمى «باھارگۈل» ئىدى، مەھەللىدىكىلەر ئۇنى «باھارخان» دېيىشەتتى، مەن ئۇنى «باھار» دەپلا چاقىراتتىم. رەھمەت ئوغلۇم، بۈگۈن سەن بەرگەن بۇ باھار گۈلى بىلەن يەنە يوقاتقان نەرسەمنى تاپقاندەك بولدۇم…  O1+OE!w  
بوۋاي كۈلۈمسىرىگەندەك قىلدى. لېكىن، ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا بولسا شەبنەمدەك سۈزۈك ياش تامچىلىرى يالتىراپ تۇراتتى. نېمىشقىدۇر، مېنىمۇ يىغا تۇتتى. بوۋاينىڭ يېنىدىن ئۇزاپ، يەنىمۇ يۇقىرىلاپ ماڭدىم. يىراقتىن قارىغىنىمدا، تېرەكلەر ئارىسىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالغان بوۋاي كۆزۈمگە ئەتراپتىكى باھار مەنزىرىسى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەندەك كۆرۈندى… V_\9t8  
d)>b/0CZ  
(مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 5-كىتاب. 2012-يىلى 30-ئۆكتەبىر) U pTVLx^c  
MoZ8A6e?B  
  9QP-~V{$  
]Z IreI  
F,8?du]  

ozqan 2012-10-30 22:45
دانكو : تەۋپىققە باسقان قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ... yGY:EvH^?  
تىل-ئەدەبىياتنى ئېلىكتىرونلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مەقسىتىمىز ئۈچۈن چىن مەنىدىن ئاۋاز قوشۇشقا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىزگە رەخمەت ... S3UJ)@ E  
«تەۋپىق » سىزدەك قوللىغۇچىلار  بىلەن تېخىمۇ روناق تاپقۇسى ! ھارمىغايسىز .

tunyukuk 2012-10-31 20:27
«باھارغۇ كەپتۇ، باھار كەلمىدى» بۇ جۈملىدىكى ئىككى يەردە كەلگەن «باھار» سۆزى بىرى ئەسلى مەنىدە بىرى كۆچمە مەنىدە كەلگەنمۇ ياكى شەكىلداش كەلگەن سۆزمۇ؟

ئەكبەرنىياز 2012-11-01 05:35
ئەجىر ئۇلۇغ، ئەجىرلىكلەر ئۇلۇغ، )~Gn7  
مىننەتسىزگە سىرداشلار تولۇق . IT7],pM  
دانكو كۆچسە تەۋفېق قەلبىگە، h$}PQ   
بولار ھەممە ئىشلار ئوتۇقلۇق .

danko 2012-11-12 23:02
引用第3楼ئەكبەرنىياز于2012-11-01 05:35发表的 : ئەجىر ئۇلۇغ، ئەجىرلىكلەر ئۇلۇغ، مىننەتسىزگە سىرداشلار تولۇق . دانكو كۆچسە تەۋفېق قەلبىگە، بولار ھەممە ئىشلار ئوتۇقلۇق .
|'1.a jxw  
ئىلھام ۋە مەدىتىڭىزگە ھەشقاللا!


查看完整版本: [-- «باھار» (ھېكايە،  مەمتىمىن ھوشۇر ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled