بىزگە قانداق كۇرسانتلار كېرەك؟
بىزگە قانداق كۇرسانتلار كېرەك؟ Ucd~-D
4}s'xMT!
ياسىنجان ئوسمان ئەركزات {xeJO:M3/ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئۆتكۈر رىقابەت ۋە كۈچلۈك خىرسقا لىق تولغان بۈگۈنكى يېڭى دەۋردە جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەرقايسى كەسپ، ھەرقايسى ساھەسىدىكى كىشىلەر دەۋر تەرەققىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى يۇقىرى تەلىپىگە تولۇق ئۇيغۇنلۇشۇپ، ئۆز ئورنىدا ئۆز رولىنى تەلەپكە لايىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز كەسپىدە بەلگىلىك نەتىجە ۋە ئۈنۈم يارىتىىپ، ئۆز مېھنىتى بەدىلىگە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە شان- شەرەپلىرىنى ئۆز خىزمەت ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىنبىر خاسىيەتلىك كۇزۇرى ۋە قىممەتلىك ئەنگۈشتەرى قىلىشقا تىرىشماقتا. Va?i#<a k%X
$@NP جۈملىدىن، رىقابەت ۋە خىرىسنىڭ تۇنجى بىكەتلىرىدىن بىرى بولغان ھەم جەمئىيىتىمىزدىكى كۆزنەك كەسىپلەرنىڭ سەردارى بولغان مائارىپ ساھەسىدىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بويان، بىرنەچچە قېتىملىق مائارىپ ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ، مائارىپتىكى ئاچقۇچلۇق شەخىسلەردىن ھېسابلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي ساپاسىغا قويۇلىۋاتقان ھەرتۈرلۈك تەلەپلەرمۇ كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. بۇنىڭ بىلەن مائارىپ- مەمۇرىي تارماقلىرى ھەردەرىجىلىك مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلەرنى تۈركۈملەرگە بۆلۈپ يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بىلىملىرى، زامانىۋىي مائارىپ تېخنىكىسى، قوش تىللىق ئوقۇتۇش مىتودىكىسى بويىچە تەربىيىلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارغا قارىتا، ئوقۇش تارىخىنى يۇقىرى كۆتېرىش بويىچە تەربىيىلىنىش، كەسپىي ئۇنىۋان ئېلىش بويىچە تەربىيىلىنىش، مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ئىش ئورنى بويىچە تەربىيىلەش، ئەخلاقىي تەربىيە خادىملىرىنى تەربىيىلەش، ئىتتىپاق، پېئىنورلار تاياچلىرىنى تەربىيىلەش ۋە داۋاملىق مائارىپ بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلىنىش كۇرسى...قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تۈرلەر بويىچە ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ياكى تەتىل، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇزۇن ۋە قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەش كۇرسلىرىغا ئويۇشتۇرماقتا. y0`;
br\X 1YQYZ^11 بۇ خىل تەربىيىلىنىش- تەبىئيكى تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ يېڭى دەۋر ۋە يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلۇشۇپ، كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان بىلىم، تېخنىكا- ئۇسۇل ۋە ئۈنۈملۈك مېتودلارنى تەجرىبىلىك ئۇستازلاردىن دەل ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئۆز خىزمەت ئورنىدا، ئۆز ئەمەلىيىتى داۋامىدا جانلىق قوللۇنۇپ، يۇقىرى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپا بىلەن ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئومۇمىي يۈزلۈك يۇقىرى كۆتېرىشنىڭ كۈچلۈك ئاساسى بولماقتا. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كۇرسانتلىرىمىز بۇ خىل تەربىيىلىنىش كۇرسلىرىنى ئۆز بىلىمىنى تولۇقلاش، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ياخشىلاش، يېڭىچە تەپەككۇر يوللىرىنى ئېچىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتېرىشنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن كەم تېپىلىدىغان پايدىلىق پۇرسىتى دەپ قاراپ، قىسقا مۇددەتلىك بۇ خىل كۇرسلاردىن خېلىلا يۇقىرى نەپ ئېلىپ، كۇرس تەشكىللىگۈچى ئورۇنلارنىڭ تولۇق رازىمەنلىكىگە مۇيەسسەر بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ كەم تېپىلىدىغان ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان مول كەسپىي تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆز ئورۇنلىرىغا تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ ۋە جاسارەت بىلەن قايتماقتا. ئەمما ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، تولۇقى بىلەن ئېتىراپ قىلماي ئەسلا بولمايدۇكى، خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە نىسبەتەن يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەللەرنىڭ مائارىپىدىكى ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇنى ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىمىزدا ئىجادىي قوللۇنۇش، ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ھەتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھاكىمە يىغىنى ... قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، ئاپتونۇم رايون ھەرقايسى جەھەتلەردىن تۈرلۈك ئالاھىدە تەييارلىقلارنى بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلەپ، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرغان، ئىقتىسادىي مەنپەئەتىمىزگە بىۋاستە تاقىلىدىغان تۈرلۈك ئۇنىۋان ئېلىشىمىزنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى بولغان، بەش يىلدا بىر قېتىم ئاران كېلىدىغان داۋاملىق تەربىيىلىنىشنىڭ بۇ قىممەتلىك پۇرسىتىدىمۇ يەنە ئاز ساندىكى بىر قىسىم كۇرسانتلىرىمىزنىڭ تەربىيىلىنىش جەريانىدىكى ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقىغا، ئۆزىنىڭ تەربىيىلىگۈچى-ئۇستاز بولۇشتەك ئېسىل پەزىلىتى ۋە سالاھىتىگە ئەسلا ماس كەلمەيدىغان ئاز بىر قىسىم ئىش-ھەرىكەتلىرى بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ قەلب قەسرىمىزدىكى يۈكسەك ئوبرازىغا بەلگىلىك دەرىجىدە نۇقسانلارنى يەتكۈسە، يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ئۇلارغا بولغان غەزەپ- نەپرىتىمىزنى قوزغاپ، بىزنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ ھەم بىزنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. Wy}^5]R0E ~TsRUT دەۋرنىڭ ئېھتىياجى بويىچە، نۆۋەتتە ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە ھەرخىل كۇرسلار ئېچىلىپ، بۇ خىل كۇرسلاردا نۇرغۇنلىغان كۇرسانتلار تەربىيىنىۋاتىدۇ. مەن شۇ خىل كۇرسلارنىڭ بىرى بولغان، شۇنداقلا، تەربىيىلىنىش كۆلۈمى ۋە باشقا ھەرقانداق بىر جەھەتتىن بارلىق كۇرسلار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيىلىنىش كۇرسلىرى داۋامىدا كۇرسانتلاردا كۆپ كۆرۈلگەن، كۆرىلىۋاتقان ھەم كۆرۈلۈش ئېھتىمالى يەنىلا ناھايىىتى زور بولغان مەسىلىلەرنىڭ تىپىكلىرىدىن بىرنەچچسىىنىڭ تېز سىزمىلىرىنى 10 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۆزۈم قاتناشقان بىرنەچچە قېتىملىق كۇرس جەريانىدا سەگەك تەپەككۇرۇم بىلەن كۈزىتىۋالغانلىرىم ئاساسىدا يۈزەكى بولسىمۇ تۆۋەندىكىچە سىزىپ چىققانىدىم. بەلكىم، بۇ تېز سىزمىلىرىمدا بەزىبىر قىسمەنلىكلەر ئومۇمىيلىق ئورنىغا دەسسىتىلىپ قالغان بولۇشى، قىسمەن رايونلاردىكى كارتىنىلار ئومۇمىيلىق خاراكتېرىنى ئېلىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك، بىر پۈتۈن تىروتورىيە تۈسىنى ئېلىپ قېلىش نەتىجىسىدە بىر تەرەپلىمىلىكلەرنىڭ سادىر بولۇپ قېلىشى تەبىئىي ئەھۋال. شۇڭا، مەن «دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ»، « نەسىھەت ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق»، « دۈشمەن سىرىڭنى ئوغرىلايدۇ، دوست خاتايىڭنى توغرىلايدۇ» دېگەن ئاتىلار ھېكمىتىنىڭ يولىدىن مېڭىپ، بۇ قاراشلىرىمنى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئەلۋەتتە، بۇ قاراشلىرىمنى ئومۇمىيلىق دەپ قاراپ كەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئارتۇقچە كەتكەن تەرەپلەر بولسا، كەسىپداشلىرىمنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن. قېنى، تۆۋەندە بۇ تېز سىزمىلارنىڭ بىر قىسمىغا نەزەرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى: pS|K[:5
a6j& po 1. ھەر سائەتلىك دەرسكە توپ-توپى بىلەن كېچىكىپ كىرىش. كېچىككىنى ئۈچۈن خىجىل بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، كېچىككىنىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن شەرەپ ھېسابلاپ، كۈلۈپ ھېجايغىنىچە كىرىپ ئىنتىزامنى بۇزۇش. mvK^') '?| 1\j 2. دەرس ۋاقتىدا كۆڭلى سىنىپتىكى قايسى ئورۇننى، كىمنى خالىسا، شۇ جايدا، شۇ كىشى بىلەن كەڭ-كۇشادە، بىخارامان، ئېچىلىپ-يېيىلىپ مۇڭدىشىپ ، ئىچ باغرىنى تۆكۈشۈپ ئولتۇرۇپ، ھەتتا قىلچە خىجىل بولماي ھاياسىزلارچە چاقچاقلىشىپ، قوللىرىنى تۇتۇشۇپ ئولتۇرۇپ، دەرىسخانىنى بەزمىخانا ھەم ئايرىمخانىلارغا ئايلاندۇرىۋېلىش. سىنىپتىكى كىم بىلەن قاچان مۇڭداشقىسى كەلسە، سىنىپ ئىچىدە ئۆزلىرى خالىغانچە ئۇياقتىن- بۇياققا يورغىلاپلا يۈرۈش. @fYVlHT%E vQyY
% 3. ئۆز ئائىلىسىدە جۆرىلىرىگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچان ئەر، پەرزەنتلىرىگە نىسبەتەن كۆيۈمچان ئانا، خىزمەت ئورنىدا ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولغان بەزى ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەسلىدە ئائلىسىدە شۇنچە سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەتتىگەنلىك ھەممە ئىشلىرىنى غەملەپ ئۈلگۈرتەلەيدىغانلىقىنى تامامەن دېگۈدەك ئۇنتۇپ، ئەتتىگەنلىك ناشتىنى ياتاق ياكى ئاشخانىلاردا بولسىمۇ قىلىپ، دەرسكە كىرىش تۈگۈل، ھەتتا يۈز-كۆزلىرىنىمۇ تۈزۈكرەك يۇيۇشقا ئۈلگۈرمەي، خۇددى سەھنىگە چىقىش ئالدىدىكى ئارتىستلاردەك سىنىپلاردىلا ئۇپا-ئەڭلىك تالىشىپ گىرىم قىلىپ كېتىشلىرى، خۇددى كىچىك بالىلاردەك پىچىنە-پىرەنىك، تەييار چۆپلەرنى، ھېيتلىق داستىخانلاردىن ئېشىپ قالغان ساڭزىلارنى نەچچە كۈنلەپ ئېچىرقاپ كەتكەندەك ئىشتىھا بىلەن يەپ كېتىشلىرى، سېغىزلاردىن چارچىلارنى ھاسىل قىلدۇرۇپ ئېتىلدۇرۇشقىنىچە مەززە بىلەن بەس-بەستە چايناشلىرى. S
'8+jY 6ICW>#fI` 4. ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىكى يۇقىرى ئىستىداتلىق، ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار، ئاساسلىق پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر داڭلىق ئەدىب، يازغۇچى، شائىر، مۆتىۋەر زاتلار ، خەلقئارالىق شۆھرەتكە ئىگە دوكتۇر ۋە فوستدوكتۇرلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىگىمۇ بولسا ئەمەس، نام- شۆھرىتىگە بولسىمۇ پەرۋا قىلىپ قويماي، شۇنچە يېڭى، شۇنچە مۇھىم بىلىملەردىن ئۇچۇر يەتكۈزىۋاتسا، خۇددى «تۆگىنىڭ مازار بىلەن نېمە ئىشى» دېگەندەك ھەممىدىن مۇستەسنا ھالدا لەرزان خورەك تارتىشىپ، كۇرسنىڭ تېزرەك ئاخىرلىشىش كۈنىنى تەتۈر ھېسابلىشىپ باش كۆتۈرمەي ئۇخلاپ ئۆتكۈزۈشلىرى. d}zh.O5P!
YB7n}r23 5. تېلىفۇن ئۇرۇش، قوبۇل قىلىشلارنىڭ، يەنە كېلىپ، تېلىفۇن مۇزىكىسىنىڭ شۇنچە كۆپ خىل، ئاۋازلىرىنىڭ شۇ قەدەر ياڭراقلىقىدىن دەرسخانىلار ئوركىستېرلارنىڭ مۇزىكا رېپىتېس زالىغا ئوخشاپ قالسا، يۇقىرى ئاۋازدا تېتىقسىزلارچە تەكرار-تەكرار ئېيتىلىۋاتقان گەپ- سۆزلەرنىڭ كۆپلىكىدىن دەرسخانىلار خۇددى بازار كۈنلىرىدىكى ئاۋات كوچا- رەستىلەرگە، ئاۋامنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، يىپ بازىرىغا ئوخشاپ قېلىپ، تەلىم- تەربىيە ئۈنۈمىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىشكە بىۋاستە سەۋەپ بولۇپ قېلىش. p$9Aadi] zUL,~u 6. ئۆزلىرىنىڭ ئۆز خىزمەت ئورنىدا خېلىلا قابىل تەشكىللىگۈچى، ئائىلىسىدە پەزىلەتلىك ئانا، غۇرۇرلۇق، مەسئۇلىيەتچان دادا ئىكەنلىكىدەك سالاھىتىنى تامامەن دېگۈدەك يوقۇتۇپ، تەربىيىلىنىشكە كەلگەن كۈندىن باشلاپلا، تەشكىلىي- تۈزۈم جەھەتتە روشەن ئۆزگىرىشلەرنى ياساپ تەرەپ-تەرەپلەرگە قاتراپ يۈرۈش، كىچىك بالىلاردەك خىيالىغا نېمە كەلسە، شۇنى قىلىپ، بالىلىقىغا قايتىۋېلىش. بۇنى ئاز دەپ، ساۋاقداشلار ئەمدىلەتىن تونۇشۇپ، ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا، ئۆزئارا ئىشىق دەرياسىغا شۇڭغۇپ، كەچلىك مۇزاكىچە ۋاقىتلىرىدا، دەرستىن كېيىن، ھەتتا دەرس ۋاقىتلىرىدىمۇ يۇرتلۇقلار ئارا، ساۋاقداشلار ئارا، كەسىپداشلار ئارا...جۈپ-جۈپلۇشۇپ رېستۇران، ئاشپۇزۇل، تانسىخانا، دېسكوخانا ۋە ھەرخىل ناملاردىكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغامەستانىلارچە چېپىشىپ يۈرۈپ، ئۆز پەزىلىتى ۋە ئىززەت- ھۆرمىتىنى ئۆزى خالاپ تۆكۈۋېلىش. تېخىمۇ يامىنى: ئۆز ھالىغا باقماي بىرتوپ تومۇچۇقلارنى ئەنە شۇنداق «كۆڭۈللۈك» مەئىشەتخانىلارغا ھاتەمدەك سېىىيلىق بىلەن دادىل باشلاپ كىرىپ، يېمەك- ئىچمەكلەر دېگەننى ئوغۇل بالىلىق بىلەن شاھانە بۇيرۇتۇپ، كۆڭۈل خوشلۇقىدا مەززە بىلەن راسا يەپ-ئىچىپ، ھېسابلىشىدىغان چاغدا ، تاپشۇرىدىغانغا پۇل چىقىشماي، رەنە ئۈچۈن قويۇپ قويىدىغانغا كىملىك، تېلىفۇن، سائەت، كىيىم-كېچەكلەرمۇ قالماي،مەستلىكتە خۇدىنى بىلمەي، قاۋاقلاردا، كوچا- كويلاردا، خېلى ئاۋات يول ئېغىزلىرىدا بىخارامان تۈنەپ، ئۆزىنى ئالەم ئەھلىگە نامايەن قىلىش. ئەتە-ئۆگۈنلىرى بىرئاز ھۇشىغا كېلىپ، ئوقۇتقۇچىلار دەرس سۆزلەۋاتسا، دورا يېگەن بېلىقتەك خامۇشلۇقتا ئۈستەلگە بېشىنى قويۇۋېلىپ، شىرىن چۈشلەر قاينىمىغا غەرق بولغىنىچە، لەرزان خورەكلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بۇ ئاتاكىغا ئاتلىنىشقا ئۈندەپ، ھېچنېمىدىن بىخەۋەر ھالدا ئارام ئېلىش ياكى گاراڭ-گۇرۇڭلۇقتا كۈن ئۆتكۈزۈش. wQUl!s7M; .)b يەنە بەزىدە، ياتاق، قاۋاق ،سەينالاردا «يۈرەك چىلىشىپ، قۇلاق مىدىرلىغىچە» بولۇشىغا يەنە ئىچىپ، ۋۇسۇڭدەك شىر يۈرەك بولىۋالغاندىن كېيىن، ھاراق ئىچكەنلىكىدىن نومۇس قىلىش تۈگۈل، ئىچكىنىمنى باشقىلار بىلمەي قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ، ئىچكەن مەينىڭ كارامىتىنى باشقىلارغا نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئاۋات رەستىلەردە يېرىم كېچىلەردە ئالا-جوقا ھۇۋلۇشۇپ، باش- كۆزلەرنى يېرىشىپ ياتاققا قايتىش. مەشغۇلىيەت تۈزۈمى بويىچە، دەرۋازا ئاللىبورۇن تاقىلىپ بولغاچقا، ۋارقىراپ- جارقىراپ يۈرۈپ، دەرۋازىلارنى ئاچتۇرالمىغاندىن كېيىن، ئارتىلىپ كىرىش ئۈچۈن مايمۇنلاردەك رىشاتكىلارغا يامىشىپ خۇددى كانارىغا ئېسىلغان گۆشتەك ئېسىلىپ قېلىپ، ئۇياتقا قېلىش ۋە بەزىدە رىشاتكىلاردىن تىك موللاق ئېتىپ زەخمىلىنپ، بالنىستلاردا يېتىش، كوچىدىكىلەر ھەم ئامانلىق ساقلىغۇغى خادىملار بىلەن جىدەل- ماجرا چىقىرىپ، ج خ ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ ئۆزىنىڭمۇ، تەشكىلنىڭمۇ يۈزىنى يەرگە قارىتىش. jeWv~JA%L| 7-K8u 7. كۇرسانتلارنىڭ تەشكىلىي-تۈزۈم قارىشى مۇشۇنداق كۇرۇسلارغا كېلىش بىلەن تەڭلا زور دەرىجىدە بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، كەسىپلەر بويىچە 200-300 ئەتراپىدا كۇرسانت قاتناشقان كۇرسانتلار سىنىپىدا دەسلەپكى كۈنلىرىدىكى تۇنجى سائەتلىك دەرسلەردە 150-200 گىچە، ئىككىنچى،ئۈچىنچى كۈنلىرى يۈز نەچچىگىچە كۇرسانت قېلىپ، كېيىنكى كۈنلىرى بۇ سان ھەر كۈنى بەلگىلىك دەرىجىدە كېمىيىپ مېڭىش قانۇنىيىتى بويىچە كۈنسېرى ئازلاپ، دەرس ئوقۇتچۇچىلىرى كۇرسانتلارنىڭ يولىغا قاراپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىغان ھالەت شەكىللىنپ قېلىش. شۇنداق بولغاچقا، كۇرس تەشكىللىگۈچىلەر كۇرسانتلارنى سىنىپتا مۇقىمراق تۇتۇپ تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرلىرى ياكى تەشكىللەشكە مەسئۇل خادىملار شۇ كۇرسانتلار بىلەن بىـرگە تۇرۇپ ئۇلارنى نازارەت قىلىش، مەكتەپ مەسئۇللىرى بىرقانچىلىغان مەخسۇس خادىم ئاجرىتىپ، كۇرسانتلارنى ھەر سائەتتە يوقلىما قىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر قىلشتەك ۋەزىيەتنى «يارىتىپ» بېرىش. تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى ۋە ھەيران قالارلىقى شۇكى، كۇرسانتلارنى سان بويىچە دەرسخانىلاردا چوقۇم مۇقىم تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر سائەتتە دەرسكە تولۇق قاتنىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تەربىيىلەشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار تەرىپىدىن قاتتىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا(دەرۋەقە،شۇنداق بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە)، مەسئۇل خادىملار ھەر بىر سائەتتە كۇرسانتلار تىزىملىكى بار يوقلىما دەپتەرنى ھەر بىر كۇرسانت ئالدىغا ئاتايىن بىر-بىرلەپ كۆتېرىپ بېرىپ، يوقلىما قىلىشقا مەجبۇر قىلىش. بۇنى ئاز دەپ،ئېھتىمال،بىرقىسىم كۇرسانتلار ئۆزلىرىنى ئىنتايىن بىلىملىك، قالتىس سەزگۈر،ئەكسىچە نازارەت قىلغۇچىلارنى بولسا بەك بىچارە، تولىمۇ يۇمشاقباش، خېلىلا بىلىمسىز چاغلامدۇ قانداق، ئادەم ئەقلىگە ئەسلا سىغدۇرۇپ بولمايدىغان يېڭىدىن-يېڭى پاتىنىتلىق ئەقىل ۋە ئاجايىپ «دەنا»تەدبىرلەرنى ئويلاپ چىقىپ،«ئۇنداق قازانغا، مۇنداق چۆمۈچ» تاكتىكىسىنى قوللۇنۇپ، «باشقۇرغۇچى»لارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش. يەنى، ھەر بىر كۇرسانت ئولتۇرىدىغان ئورۇن ئادەتتە بوش قالسىلا، سۈرۈشتىسى قاتتىق قىلىنىدىغان بولغاچقا، ئۆزى ئولتۇرىدىغان پارتا-ئورۇندۇقلارنى ياندىكى باشقا ئوچۇق، بىكار سىنىپ ۋە زال-ئامبارلارغا ئەكىرىۋېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ دەرسخانىدا يوقلىقىنى چاندۇرماسلىقنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش.ئەمما خېلىلا ئۈنۈم بېرىدىغان بۇ يېڭى ئۇسۇللار يېڭى تەجرىبە سۈپىتىدە تېز ئومۇملۇشۇپ كەتكەچكە، باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ، ھەر بىر پارتا-ئورۇندۇق ئۈستىگە بىر-بىرلەپ نومۇر سېلىنىپ ھەمدە كۇرسانتلارمۇ ئۆزلىرىگە بەلگىلەپ بېرىلگەنلا ئورۇندا مۇقىم ئولتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، بولمىسا، تەربىيىلەنگەنلىك گۇۋاھنامىسى بېرىلمىگەندىن باشقا، ۋىلايەت، ھەتتا ئاپتونۇم رايون بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش بىلەن تەنقىتلىنىش بۇيرۇقى بېرىلىش. /RJ S4_/%~? 8. نەچچە ۋاقىتلاردىن بويانقى خىزمەت جەريانىدا، ئۆز ئۆيى ، ئەھەللە-مەھەللىسى ۋە خىزمەت ئورنىنى ئۆز ئەركىنلىكىنى چۈشەپ تۇرغان قەپەز، ئۆزىنى بۇ قەپەزگە بەنت بولۇپ قالغان قۇش ھېس قىلىپ، چوڭ شەھەرگە بارغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىتى، نۆۋەتتىكى كۇرسانتلىق مەجبۇرىيىتىنى تامامەن دېگۈدەك ئۇنتۇپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە ئالا قويماي ئايلىنىپ چىقىپ، قىسقىغىنا شۇ كۇرس جەريانىدا شۇ شەھەردىكى ھەربىر كوچا- دوقمۇش، رېستۇران- سارايلارنى ئالا- قويماي تەپسىلىي چارلاپ چىقىش، شۇ ئارقىلىق بۇ شەھەردە كىرىپ- چىقمىغان ھەر خىل يەر-جاي، دەسسىمىگەن ھېچيېر ئايۋان-ساراي قالماسلىق. نەتىجىدە، ئۆزىنى خۇددى ئالەمنى كەزگەندەك شېرىن تۇيغۇغا ئىگە قىلىۋېلىش. Ahw
i d#0:U
Y% ~ 9. خانىم –قىزلار كۈندە دېگۈدەك ئۆزلىرنىڭ سېتىۋالغان ئاللىقانداق كىيىملىرىنى بەس-بەستە كۆز-كۆز قىلىشىپ، سومكىلىرىنىڭ دالدىسىدا گىرىم قىلىشىش، ئەر – ئوغۇللار ئاخشام كىملەر بىلەندۇ ئاللا قەيەرلەردە ئۇچراشقان نازىنىلىرى، ئىچىپ- چەككەن ئالىي دەرىجىلىك مەي-شاراپ ۋە چېكىملىكلىرى توغرىلىق ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي قايناق سۆھبەت- بەزمىلەرنى قۇرۇش. 'NlhLu N
x&/p$d 10. يېڭى ئۇچۇر، يېڭىچە بىلىم ۋە پىكىر يوللىرىنى ئىگىلەش مەقسىدىدە ئائىلىسى، ئۇرۇق- تۇققانلىرىدىن ئايرىلىپ، تەتىل- دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى قىممەتلىك ۋاقىتلىرى ۋە خېلى كۆپ ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ، ئوقۇش، ياتاق، ماتېرىيال ۋە تاماق ئۈچۈن خېلى كۆپ ھەقلەرنى تاپشۇرغان تۇرۇقلۇق، «بىزگە بۇنداق كۇرسنڭ نېمە ھاجىتى؟ بىزنى بىكاردىن- بىكار بۇ يەرگە يىغىۋېلىپ...» دەپ بىرمۇنچە غۇدۇراپ، دەرسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن ئەستايىدىللىق بىلەن خاتېرە قالدۇرماسلىق. ئادەتتە، نەچچە يۈز يۈۋەنلەپ ھاراق-تاماكا ئېلىشقا رازىكى، ئۆمرىدە بىرەر پارچە كىتاپ ئالمىغىنى ئاز كەلگەندىكىدەك، تارقىتىلغان نەچچە يۈز يۈۋەنلىك ماتېرىياللارنى بىرەر بەتمۇ بولسا كۆرۈپ قويماي، ئۇنى ھاجەتخانىلارغا، ئۈستەل – ئۇرۇندۇق سۈرتۈشكە، ئاستىغا قويۇپ ئولتۇرۇشقا ئىشلىتىپ، ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن زورلاپ سېتىلغان ماتېرىيال دەپ قاراپ خارلاش . ئەكسىچە چىقىشىپ قالغانلار بىلەن كېيىنكى كۈنلەردە ئالاقىلىشىپ تۇرۇشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن تېلىفۇن نومۇرلىرىنى تەكرار-تەكرار يېزىشىش، ھەتتا ئۇنى مەخسۇس خاتېرە دەپتەر قىلىپ باستۇرۇپ، ئادەتتىكى چاغلاردا ئالاقىلىشىش، ئايرىم سىردىشىش، كېيىن ئىزدىشىپ تۇرۇپ، بىرگە بولۇش پۇرسىتى يارىتىش ئۈچۈن توختاۋسىز تىپىرلاش. « ئون مىنۇت ئارام ئېلىۋېلىڭلار!» دېيىلگەن سۆز چىقىپ بولغىچە، شۇ ھامان ئۇنى بۇيرۇق ياكى جىددى ئىجرا قىلىش زۆرۈر بولغان كوماندا بىلىپ، سىرتلارغا كەلكۈندەك ئېقىش. ئەمما دەرسكە كىرىش قوڭغىرىقى چېلىنسا، ھەممىدىن بخەۋەر ھالدا مەزىسى يوق پاراڭلارنى سېلىشىپ، ھەتتا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تەرەپ-تەرەپلەرگە قېچىپ كېتىپ، ئارامنى كۈن بويى تولۇق ئېلىش. $yASWz kg^0 %-F
11. كومپىيوتېر بىلىملىرى ھەممەيلەنگە دېگۈدەك ئەڭ ئەقەللىي ساۋات بولۇپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھەتتا مۇشۇ كەملەرگىچە كومپىيوتېر دېگەننى تۇتۇپمۇ باقماسلىق. :01d9|# OeqKKVuQ 12. ئەقەللىسى ئۆزى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ نەچچە ئون يىللىق سىتاژىغا ئىگە خېلى غوللۇق ئوقۇتقۇچىلىرى تۇرۇقلۇق ئىملاسىنىڭ ئىنتايىن سۈپەتسىز، خەت سۈپىتىنىڭ ناھايىتى ناچار، يېزىش سۈرئىتىنىڭ تولىمۇ ئاستا، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ بەكمۇ تۆۋەن بولۇشى سەۋەپلىك ئېيتىپ بەرگەن مەزمۇنلارنى ئۈلگۈرتۈپ يېزىپ بولالماي، ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈش. ھەتتا «ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى» ۋېۋىسكىسىنى خېلىلا قاملاشتۇرۇپ ئېسىۋالغان بەزىلەرنىڭ بىرەر كۇبلىتتىن شېئىرنى يادىلاپ بېقىشى تەلەپ قىلىنسا، ئۇنى يادىلاپ بېرەلمەي، ئەدەبىياتچىلار شەنىگە لەنەتلەرنىڭ تۈركۈملەپ يېغىشىغا سەۋەپچى بولۇش. lJdBUoO 2f[;U" 13. ئىمتىھاننىڭ گېپى چىقىشى بىلەنلا، خۇددى ئاتاكىغا ئۆتكەن جەڭچىلەردەك ، ئىمتىھاندىن ئۆتۈشنىڭ «يول»لىرىنى ئىزدەپ، سوۋغا- سالاملار بىلەن تەرەپ- تەرەپلەرگە يۈرۈش قىلىپ كېتىش. خەت كۆپەيتىش ئورۇنلىرىغا ئۇزۇندىن- ئۇزۇن ئۇچىرەت بولۇشۇپ، ھە دەپ، سوئال- جاۋابلارنى نۇسخا- نۇسخىلاپ كۆپەيتىش بىلەن بەنت بولۇپ كېتىش. 76 !LMNf p-iFe\+ 14. ئۆلىرى يېتىپ- قوپىدىغان ياتاق ، دەرس ئوقۇيدىغان دەرسخانىلىرىنى كۈن-كۈنلەپ بىرەر قېىممۇ تازىلىپ قويماي، ئېغىلدىنمۇ بەتتەر قىلىۋېتىش. ئەمما ئۆزلىرى بولسا خۇددى ماگېزىنلاردىكى مودىللاردەك، خەلق باغچىسىدىكى توزلاردەك، تويى بولۇش ئالدىدىكى قىز-يىگىت، نازىنىنلاردەك پەدەزلىنىش، ھالىنى نەچچە ھارۋىمۇ تارتالماسلىق..... Ss%Cf6qdWL IB&G#2M< مەن يۇقىرىقىلارنى خىيال ئىكرانىمدىن بىرمۇ- بىر ئۆتكۈزىۋېتىپ، چەكسىز خىجىللىق، ئېغىر سۈكۈنات، يۈكسەك مەسۇلىيەت ۋە مۇقەددەس بۇرچ تۇيغۇسى ئىچىدە تەئەججۈپلىنىپ تۇرغىنىمچە، ئۆز – ئۆزىمىز ۋە مەسۇلىيىتىمىز ھەققىدە چۇڭقۇر ئويلۇنۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم: ئۆز رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردىكى خېلىلا نامدار، يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ۋە كەسپىي، ئىلمىي ئۇنىۋانلارغا ،خېلىلا ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىگە ئىگە ، مىللىتىمىزنىڭ يول باشلىغۇچى سەركەردىلىرى بولمىش بىر قىسىم زىيالىلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالى مۇشۇنچىلىك تۇرسا، ئۇلار باشلىغان يول بىلەن ماڭغان ، ئۇلارغا يۈكسەك ئىتىقاد بىلەن ئەگىشىپ ماڭغۇچى ئەۋلارلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى، ئىستىقبالى زادى نېمە بولار؟!!! b,+Sa\j)(
بىزگە مەلۇمكى، ئوقۇتقۇچى- ئىنسانىيەت ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرى، راۋاجلاندۇرغۇچىلىرى، كېلەچەكنىڭ خوجايىنلىرى، ئارزۇ-ئۈمىد گۈللىرىمىزنىڭ ئېچىلدۇرغۇچىلىرى بولغان ياش ئەۋلادلارغا پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارغا يېڭى بىلىم ۋە يېڭىچە تەپەككۇر يوللىرى ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىشكە پائال يېتەكلەپ، ئىنسانىيەت ئالىمىنڭ دەۋر تەرەققىياتىغا ماس ھالدا داۋامشىشى ۋە گۈللەپ- ياشنششىدا باشتىن-ئاخىر ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان ، ئىنسانىيەتنىڭ تارىختىن بويانقى توپلىغان ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋىي بايلىقلىرى، پەن-مەدەنىيەت، ئەدەبىيات- سەنئەت ، ئىلمىي ۋە نەزەرىيىۋىي نۇقتىئنەزەرلەر قاتارلىقلارنىڭ شەكىللىنىشى قاتارلىقلاردا ھەم بۇلارنىڭ دەۋردىن دەۋرگە ، ئەۋلادتىن-ئەۋلاتقا يەتكۈزۈلۈپ،تاكى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇ خىل ئىزچىللىق بىلەن راۋاجلىنىشىدا ھېچبىر شەخس ئورنىنى باسالمايدىغان ئالاھىدە ئىمتىياز، ئۆزگىچە ھوقۇق ۋە پەۋقۇلئاددە ئىقتىدارغا ئىگە ھۆرمەتلىك شەخىس. مۇبادا، شۇ ئوقۇتقۇچى- بىلدۈرگۈچى بولمىغان بولسا، ئەڭ ئاددىيسى ئالدىنقى دەۋرلەردىكى ئەجدادلىرىمىز تەربىيىسىز قالغان، شۇ تۈپەيلى ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى بولمىش بىزلەرمۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى كىشىلەر قاتارى نادانلىق، ئاڭسىزلىق ، خوراپاتلىق... پاتقىقىغا پاتقىنىمىزچە، ئىپتىدائىي ھالەتتە ياۋايىلارچە قېلىۋەرگەن بولاتتۇق. ئىلىم- پەننىڭ تەرەققىياتىدىن، بۈگۈنكىدەك پاراۋانلىقتىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس ئىدى. sY!JB7!j uMDd Zj&
خوش، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەجىر- مېھنىتى شۇ دەرىجىدە يۈكسەك ئىكەن، ئۇنداقتا، ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت بۇ تەربىيىلىگۈچى، ئۆز نۆۋىتىدە تەربىيىلەنگۈچى بولغان بۇ كۇرسانتلار ئالدى بىلەن ئۆزىدە قانداق سالاھىيەت ۋە ساپالارنى ھازىرلىشى لازىم؟ ,;t:x|{% 0 8)f ئۇلۇغ پرولىتارىيات ئۇستازى ماركىس خېلى بورۇنلا:« تەربىيىلىگۈچىلەر ئالدى بىلەن تەربىيىلىنىشى لازىم» دېگەن ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك ھېكمەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت بۇ تەربىيىلىگۈچىلەرنىڭ تەربىيىلىنىشتىن بورۇن چوقۇم ئەتراپلىق تەربىيىلىنىشىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. دەرۋەقە، نۆۋەتتىكى تەربىيىلىگۈچىلەر تەربىيىلىنىش ۋەزىپىسىنى تۈرلۈك مەكتەپلەردە ئوقۇش جەريانىدا ھەرھالدا بىر قېتىم لاياقەتلىك تاماملاپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەكتەپلەرگە يۈزلىنىپ، تەربىيىلەش باسقۇچىغا ئاتلىنىپ بولدى. ئەمما، نۆۋەتتىكى دەۋر تەلىپىدىن قارىغاندا، بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋر تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئوقۇتقۇچىلاردىنلا ئەمەس، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى ھەربىش كىشىدىن كەڭ ۋە چوڭقۇر بىلىم –ماھارەت ۋە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي ئىقتىدار ھازىرلاشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭدىن ئەقىل- پاراسىتى، ئىرادىسى، ھېسسىياتى ۋە قابىلىيىتىنىمۇ دەۋر تەرەققىياتىغا ماس ھالدا داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھېچقانداق يېڭى نەرسە ئۆگەنمىگەن، ئۆز بىلىمىگە ھەركۈنى دېگۈدەك يېڭى-يېڭى بىلىملەرنى قوشۇپ تۇرمىغان ئادەمنىڭ بۇ دەۋردە پۇت تېرەپ تۇرالىشى بەسىي مۈشكۈل. شۇڭا، ھەرقانداق بىر تەربىيىلىگۈچى بىر تەرەپتىن تەربىليىلىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن تەربىيىلىمىگەندە، بىلىمنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشى نەتىجىسىدە، تۈنۈگۈنكى يېڭىلىق بۈگۈن كونا بولۇۋاتقان، بۈگۈنكى مۆجىزە ئەتىسى يېڭىلىقمۇ قارالمايدىغان بولۇپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋر مائارىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش تولىمۇ قىيىن. 5)< Y3nU~ fJ8>nOh
دەل مۇشۇنداق تەخىرسىزلىكنى تولۇق تونۇپ ۋە ھەقىقىي چۈشۈنۈپ يەتكەن يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە –ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بويان، پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ ، ئۇزۇن يىللاردىن بويان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى مائارىپىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ، كونىچە مائارىپ ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىغا دادىل ماسلىشىپ، ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلق يارىتالايدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى تۈركۈملەرگە بۆلۈپ تەربىيىلەشنى يولغا قويدى. lPR^~&/ D4c'6WGb@ بۇ خىل كۇرسلاردا تەربىيىلىنىۋاتقان ئەتراپلىق بىلىم قۇرۇلمىسىغا، مول ئوقۇتۇش ئىقتىدارىغا ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە خېلى كۆپ ساندىكى كۇرسانت ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۆز بىلىم قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ تولۇقلاشنىڭ كەم تېپىلىدىغان ئىنتايىن قىسقا، ئەمما تولىمۇ قىممەتلىك بۇ پۇرسىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئەمەلىي بىلىم ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە ھۇل ھازىرلاپ، ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەريانلىرىغا سىڭدۈرۈپ، خېلىلا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىۋاتىدۇ. لېكىن يەنە بىرقىسىم كۇرسانت ئوقۇتقۇچىلىرىمز بۇخىل كۇرستىن نەپ ئالالمايلا قالماي، ئەكسىچە بۇ ئىسلاھات دولقۇنلىرىدا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل كۇرسلاردا چالا- پۇچۇق ئاڭلىۋالغىنى بويىچە، ياكى قايسىدۇر بىر گېزىت- ژۇرنال، رادىئو- تېلېۋىزورلاردىن كۆرۈپ- ئاڭلىۋالغانلىرى، ۋە ياكى قايسىدۇر بىر «ئۈلگىلىك مەكتەپ»نىڭ «كۆرەك دەرس»لىرىدىن «ئۆگىنىۋالغان»ى بويىچە، دەرسخانىلاردا ھېلى ئۇنى قىلىپ باقسا، ھېلى تولىمۇ كۈلكىلىك بىلەن يەنە ئاللىقانداق بىر ئىشلارنى قىلىپ بېقىپ، ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىلەرنىمۇ، مۇھىمى كەلگۈسىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى، ئىشلىرىمىزنىڭ ئىزباسارلىرى بولغان ئىلىمخومار پەرزەنتلىرىمىزنى ئاۋارە ۋە گول قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. «بىلىم مەسىلىسى- پەن مەسىلىسى، ئۇ قىلچىمۇ ساختىلىقنى خالىمايدۇ»دېگەنىدى پەخرىمىز ماۋزېدۇڭ . توغرا، بىلىمگە، ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇنداق چوڭ ئىشقا مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر قىلچىلىكمۇ ساختىلىق قىلىشقا ئەسلا بولمايدۇ! بۇنداق قىلىش-ماھىيەتتە بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىمىزنى لاۋۇلداپ كۆيۈپ تۇرغان ئوتقا ئىتتىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. Tl yyJ{~ ,EHLW4v ئوقۇتقۇچى- ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنېرى. ئۇ ئەۋلادلارنىڭ روھىنى يېڭىدىن لاھىلەپ، قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ، ئەقىل-پاراسىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تۈركۈملەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان ئىجادكار. ھەربىر مىللەتنىڭ سائادىتى، دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللەپ- ياشناپ، روناق تېپىشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى ۋە مەسئۇلىيىتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھەربىر ئېغىز گەپ-سۆزىدىن، مېڭىش-تۇرۇش، ھەر بىر ئىش-ھەرىكەتلىرىگىچە بولغان ھەممىسىدە ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىنسان بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلار ئوقۇغۇچىلارغا ھەممە جەھەتتىن ئىجابىي ئۈلگە بولالىشى لازىم. M-].l3 mCt/\ پېداگوگىكا ئىلمىدىن قارىغاندا، ئادەمنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىرسىيەت، مۇھىت، ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمىئيەت تەربىيىسى قاتارلىق ئامىللار ئىچىدە ئادەمگە- ھەربىر تەربىيىلەنگۈچىگە مەكتەپنىڭ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆرسىتىغان تەسىرى ھەممىدىن كۈچلۈك. چۈنكى ئوقۇتقۇچى-جاۋابكارلىقى ۋە مەسئۇلىيىتى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ۋەزىپىنى، يەنى ئىنسانلارنى، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى قايتىدىن شەكىللەندۈگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. شۇنداق بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە تەسىرچانلىق رولىنى باشقا ھەرقانداق ئۈنۈملۈك روللارمۇ ئۆز ئۈستىگە ئەسلا ئالالمايدۇ. بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى، يەنى ئۆز نۆۋىتىدىكى تەربىيىلەش ئۈچۈن تەربىيىلىنىۋاتقان كۇرسانتلار ئەڭ ئەقەللىي ئۆلچەم بويىچە ئېيتقاندىمۇ تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم: vTFG*\Cq !X: TieyVu 1. ئالىي جاناپ ئەخلاقىي پەزىلەت ۋە يۈكسەك روھىي دۇنياغا ئىگە بولغان بولۇشى لازىم. چۈنكى ئوقۇتقۇچى ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا ، جۈملىدىن ھەرقايسى جەھەتلەردىن ساغلام، ياراملىق ئۆسۈپ يېتىلگەن ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتا بىۋاستە تەربىيە ئېلىپ بارغۇچىلاردۇر. بۇ ھەقتە داڭلىق پېداگوك ۋ. گ. بىلىنىسكىي :«ھەرقانداق تەلىم ۋە تەربىيىدە ئەڭ ئاساسلىقى يەنىلا ئوقۇتقۇچى. يەنى ئۇنىڭ ئالىيجاناپ ئەخلاقىي- پەزىلىتى ۋە مول تەپەككۇر دۇنياسىدۇر. گەرچە تەلىم ۋە تەربىيىنىڭ تۈرى كۆپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئالدىغا مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما ئەخلاقىي تەربىيە بارلىق تەلىم- تەربىيىدىن ئالاھىدە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى ھەم ئۇ تەربىيىلەنگۈچىلەرگە ھەقىقىي، تەلتۆكۈس ۋە مۇستەھكەم ھالدا، ئۈلگىلىك ئېلىپ بېرىلىشى زۆرۈر» دەپ كۆرسەتكەنىدى. شۇنداق ئىكەن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەلبىدە پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن پارتىيىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى، ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۆز خىزمىتىنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىپ، پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ ئۈمىدى بولغان ئوقۇغۇچى- پەرزەنتلىرىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئۆز كەسپىي بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان جاسارەت ۋە روھ ئۇرغۇپ تۇرۇشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردا باشقىلارغا ئۈلگە بولالايدىغان ئالىيجاناپ ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلەر ھەم ئۆزىنى مول، ئىلغار پەن-مەدەنىيەت بىلملىرى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى، مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئۇىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان بىلىم مىخانىزمنى ۋاقتى-قەرەلىدە قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئەمەلىي ئىشلىتەلەيدىغان ئۇنىۋېرسال ساپا ۋە دەۋر رېتىمىغا ماسلىشالايدىغان ئىلغار ئىدىيۋىي ئاڭ- تونۇش بولۇشى لازىم. 3|w$gG;Y | eCVq(R 2. ئۇنىۋېرسال كەسپىي ئىقتىدار، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس ھالدىكى ئەمەلىي ئىجادچانلىق روھى بولۇشى لازىم. ج. جوبىېرنىڭ سۆزى بىلەن ئېيىتقاندا: «ئوقۇتۇش- ھەسسىلەپ ئوقۇش دېمەكتۇر». بىزگە مەلۇم، بىلىم- مەنبىئيى يوق چەكسىز دېڭىز-ئوكيانغا ئوخشاتدۇ. شۇڭا ئۇنى مۇكەممەل، تولۇق ئىگىلەپ بولۇش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، مەلۇم بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار چوقۇم ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان شۇ كەسپ ساھەسىدە دائىم قوللىنىلىدىغان ئەقەللىي كەسپىي بىلىملەرنى، كەسپىي ئاتالغۇلارنى بىرقەدەر ئەتراپلىق بىلگەندىن باشقا، ھازىرقىدەك «قوش تىل»لىق ئوقۇتۇش يولغا قويۇلۇپ، يېڭىچە دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئوقۇغۇچىلاردا ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكا ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈش دائىم تەكىتلىنىۋاتقاچقا، رىقابەت كۈنسېرى شىددەت بىلەن كەسكىنلىشىۋاتغان بىر پەيتتە بولسىمۇ ، ھېچ بولمىغاندا، ياشانغان ئوقۇتقۇچىلاردىن باشقىلىرىمىز بولسىمۇ خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئۆز ئىسىم-فامىلىسى، ئادېرىسى...قاتارلىقلارنىمۇ بولسا، يازالىشى، خەنزۇ تىل-يېزىقىدا كۆپ قوللىنىلىدىغان ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدىكى ئئوقۇغۇچىلارغىمۇ تونۇش بولۇپ كەتكەن سۆز-ئىبارىلەرنى بولسىمۇ، ئۆز ھاجىتىدىن چىقالىغۇدەرەك دەرىجىدە بىلىشى ئەقەللىي ساۋات بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ جەھەتتىكى ئەقەللىي ساۋاتلاردىن ئېغىز ئېچىش بەزىلىرىمىز ئۈچۈن ئېيىتقاندا ھازىرچە خېلىلا بالدۇرردەك قىلىدۇ. بۇنىڭغا مەن يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بويان ، ئاپتونۇم رايون، ۋىلايەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ئېچىلغان بىرنەچچە قارارلىق ھەرخىل ناملاردىكى تەربىيىلىنىش ۋە تەربىيىلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىش ۋە تەشكىللەش داۋامىدىكى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن، ئۆزۈممۇ بىۋاستە قاتناشقان كۇرسلاردىكى ئەھۋاللارنىڭ پەقەت بىر قىسمىلىرىنىلا دەلىل سۈپىتىدە مىسالغا ئالاي: TU)Pi.Aa m4h)Wq تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئالىي ۋە 1- دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلىرىنى كەسپىي ئۇنىۋان ئېلىش لاياقىتى ھەم داۋاملىق مائارىپ تەربىيىسى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ئېچىلغان 20 كۈنلۈك تەربىيىلەش كۇرسلىرىغا قاتناشقانلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى جەھەتتىن ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ ئوتتۇرا تېخنىكۇمدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا، كەسپىي ئۇنىۋان جەھەتتىن ئالىي ۋە 1- دەرىجىلىك ئۇنىۋانغا، خىزمەت ستاژى جەھەتتىن ئەڭ كېمىدە ئىككى يىلدىن 30 يىلغىچە سىتاژغا، ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە خېلىلا پىشقان، پۈتكۈل جەمىئيەتكە نىسبەتەن بىلىم قۇرۇلمىسى خېلىلا مۇكەممەل، جەمئىيەتتە، كىشىلەر قەلبىدە بەلگىلىك ھۆرمىتى، نوپۇزى، ھەتتا ھېيىققىدەك ئىمتىيازلىرى بار روھىي ئىنژېنىرلار ھېساپلىنىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدىكى كەسپىي ئىقتىدار ۋە ئۇنىۋېرسال ساپا زادى قانچىلىك؟! indbg
d H{P"$zj`l بۇ خىلدىكى تەربىيىلىنىش كۇرسلىرىدا كۆپ ھاللاردا ھەربىر كۇرسانتلارنىڭ ئۆز كەسپى بىرلىك قىلىنىپ، ئۆز كەسپىنى ئاساس، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ۋە يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىشان قىلىنغان كومپىيوتېر تېخنىكىسىغا ئائىت نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىيەت دەرسلىرى بولۇپ، 10نەچچەخىل دەرس ئاساسەن دېگۈدەك مارافۇنچە تېزلىك بىلەن ئۆتۈلىدۇ. ماقۇل، بىر قىسىم ئوتتۇرا ياش ۋە ياشىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلارغا نىسبەتەن كومپىيوتېرنىغۇ يەنىلا يېڭى شەيئى دەپ تۇرايلى! شۇڭا بۇ ھەقتىكى خاس ئاتالغۇلار، نەزەرىيىۋىي بىلىملەر، ئەمەلىي مەشغۇلات پىرىنپلىرى كۆپۈنچىمىزگە، بولۇپمۇ ياشتا چوڭلارغا ھازىرچىمۇ «يات» تۇيۇلدىمۇ دەيلى، لېكىن بىز كۈندە تىلغا ئېلىپ تۇرىۋاتقان پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرى، كەسپىي دەرسلىكلىرىمىزدىكى خاس ئاتالغۇلار، ئالىم- ئەدىبلىرىمىز، يازغۇچى-شائىر، سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ھەممىمىزگە دېگۈدەك تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن مۇبارەك نامى-شەرىپلىرىنىمۇ بولسا تولۇق ئاتاش ئۇياقتا تۇرسۇن، توغرا ئاڭلىيالماسلىقىمىز، ئۇنى ئاڭلىساقمۇ بىزگە شۇنچە يېڭىلىق تۇيۇلۇپ، ھاڭ-تاڭ قېلىشلىرىمىز بىزنى ئەجەپلەندۈرمەي قويمايدۇ! بۇنىڭدىن بىز ئۆزىمىزنى خىجىللىق ھېس قىلماقتا يوق، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ يۈرۈيمىز. بۇ ھال بىزنى شۇ تاپتا ئۆزنىڭ مەسخىرە ئوبيىكتىغا ئايلاندۇرۇپ قويسا، ئاز كۈندىن كېيىنلا، بىزنى رەھىمسىز رىقابەتلەر قاينىمىغا غەرق قىلىۋېتىدۇ! شۇڭا، بۇنداق پاجىئەدىن تېزراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال كەسپىي ئىقتىدارىمىزنى دەۋر تەلىپىگە ماس ھالدا يۇقىرى كۆتېرىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. چۈنكى«ئىنسان قانچىلىك كۆپ بىلىم بىلسە، ئۇ شۇنچە قۇدرەت تاپىدۇ».(م. گوركىي) ئەمەسمۇ!؟ OgS6#X _jK\+Zf 3. ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئەۋلادلار كېلەچىكىنىڭ پارلاق بولۇشى ئۈچۈن جانلىق ئىشلىتەلەيدىغان جاسارەتكە ئىگە روھ بولۇشى لازىم. ئۆز ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ باش پاناھى، مىللەت ۋە بىر پۈتۈن جەمئىيەتكە نىسبەتەن شۇ مىللەت ۋە جەمئىيەتنىڭ قابىل يېتەكچىسى ھەم سەركىسى ھېسابلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە رولىنىڭ شۇ ئائىلە، شۇ مىللەت ۋە شۇ جەمئىيەتكە نىسبەتەن نەقەدەر مۈشكۈل، ئەمما زۆرۈرلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ ۋە چۈشىنىپ يېتىپ، شۇ ئاساستا قەتئىي تەۋرەنمەس مۇستەھكەم ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن بىر ئۆمۈر ھارماي-تالماي ئىزدىنىشى لازىم. دەرۋەقە، كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىتىغا ماس ھالدا ھەممە جەھەتتىن باشقىلارغا باشلامچى بولۇپ كېلەلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە ئايرىم ساندىكى بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بۇ تەلەپتىن تېخىچە خېلىلا يىراق. مەسىلەن ئالايلى، ئاددىيسى بىزدە ھازىر يەنىلا ئۆز كەسپىي سالاھىتىگە ماس ھالدا سالاھىيەت ۋە ساپا ھازىرلىماي، باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىپ جاھانسازلىق قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار خېلىلا بار. يەنى سىنىپقا كىرسەك، يوقلىما قىلىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلاردىن خىجىل بولماي قەلەم سورايمىز، ئۆزىمىز ئۆتىۋاتقان دەرسنى ئۆزىمىز مۇستەقىل تەييارلىيالماي ،باشقىلارنىڭ تەييارلىغىنىنى تەييارغا ھەييار بولۇپ، نومۇسمۇ قىلماستىن تەييارلىقىمىزغا قۇرمۇ-قۇر كۆچۈرۈپ يازىمىز، ئاندىن ئۇنى سىنىپتا بالىلارغا ئوقۇپ بېرىپ ياكى يازدۇرۇپ قويۇپلا ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىۋېرىمىز. تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى، دەرس باشلاشتىن بورۇن ، ئۆزىمىزگە ئىشەنچ قىلالماي، ئالدىنقى سائەتتە سۆزلەپ نەگە كەلگەنلىكىمىزنى ئوقۇغۇچىلاردىن ئەيمەنمەيلا سوراپ بىلىۋالغاندىن كېيىن ، ھۈنىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز، دوسكىغا خەت يېزىش يادىمىزغا كېلىپ قالسا، بور ئەكىرمىگىنىمىز ئېسىمىزگە كېلىپ، بالىلارنى بور تېپىپ كىرىشكە بۇيرۇيمىز. سىنىپقا كىتاب ئەكىرمەي، بالىلارنىڭكىنى تىلەپ ئىشلىتىمىز، دەرس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامىنى ياخشى تەشكىللىيەلمەي، سىنىپ ھەيئەتلىرىنى ياردەمگە چاقىرىمىز، تاپشۇرۇق ۋە ئىمتىھان قەغەزلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا تەكشۈرتكىنىمىزنى ئاز دەپ، سىياسىي ئۆگىنش، كەسپىي ئۆگىنىش، بىلىم ئاشۇرۇش ئۆگىنىشى قاتارلىقلارنىڭ خاتىرىسىنى «خېتى چىرايلىق» ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىپ تاماملىشى ئۈچۈن بىر بۇيرۇق بىلەنلا كۆتىرە بېرىۋېتىمىز، دەرس ۋاقتىدا قوپال گەپ-سۆزلەر بىلەن تېلىفۇنلۇشىپ، يېمەك- ئىچمەكلەرنى بولۇشىچە يەپ- ئىچىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان شەرمىي-ھايا ۋە گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاققا ئۇيغۇن بولايدىغان قىسمەن گەپ-سۆز ۋە ئىش=ھەرىكەتلەردە بولۇشۇپ، مەكتەپ ئىچى، كارىدورلاردا پۇرقىرىتىپ تاماكا چېكىپ، تۈگەپ كەتسە ئوقۇغۇچىلارغا بۇيرۇتۇپ ئەكىرگۈزۈپ، بۇ جەھەتتە سەبىي ئوقۇغۇچىلارغا قىڭغىر يول دەرۋازىلىرىنى داغدام ئېچىپ بېرىپ، ئۇلارغا بايراقدار بولۇپ ،ئۇلارنى ئاغزىمىزدا سائادەت، ئەمەلىيەتتە ھالاكەت مەنزىلگە باشلاپ ماڭىمىز. يازغان خەتلىرىمىز تېخىمۇ قىززىق. تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭغا تاسادىپىي باھا يېزىپ قالساق،« ئىملاغا دىققەت قىلىڭ!، خەت سۈپىتىنى ياخشىلاڭ!» دەپ يازىمىز-يۇ، ئەمما كۆز ئەينەكنىڭ يۇقىرى گىرادۇسلۇقىنى تاقاپ، بەكراق سىنچىلاپ قارىمىساق، يازغان خېتىمىزنى بىزدىن باشقىلار ئانچە راۋان ئوقۇيالمايدۇ. ئومۇملاشقىنى بويىچە ئېيىتساق، رەڭگە چىلاپ قويىۋەتكەن ئۆمۈچۈكنىڭ ئاق قەغەزدىكى ئەگرى- دوناي ئىچلىرىمۇ بىزنىڭ بۇخىل « خەت»لىرىمىزدىن چىرايلىقراق. بەزىلىرىمىزنىڭ ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېلىنىدىغان كەسپىي ئىمتىھانلاردىكى نەتىجىلىرىمىز ئادەمنى بەكمۇ چۆچىتىدۇ. كىيىم-كېچەك، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىىمىزدىن ئۆزىمىزگە خاس سالاھىيەت ۋە پۇراقنى بەزىدە شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ...ۋاھاكازالار. N*lq)@smq Cr4shdN34 ئىلگىرىكى يىللاردىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىتىگە ئىگە ئالىيجاناپ كىشىلەر بولغاچقا، شۇ دەۋرلەردە خەلقىمىز ئارىسىدا ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئاتا- ئانىسىدىنمۇ ئۇلۇغ بىلىپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ:«ئوقۇتقۇچىلار ئون قەدەم يىراقلىقتا تۇرۇپ، سالام قىلىشقا ئەرزىيدىغان كىشىلەردۇر»دەپ تەرىپلىنىپ، كىشىلەر ئۇلارغا قەلبلەر تۆرىدىن ئورۇن بېرىپ كەلگەن ئىدى. ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ھۆرمەتنىڭ شۇ دەرىجىدە چوڭقۇر بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك، مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلاردىن شۇ دەرىجىدە ھېيىقاتتۇق، يول ماڭساق ئۇلارغا يول قوياتتۇق، ئىشخانىلىرىغا چاقىرتىلمىساق ئۆزىمىز خالىغىنىمىز بويىچە ئاي- يىللاپمۇ ئاياغ باسالمايتتۇق...شۇنداق بولغاچقىمىكىن، شۇ چاغلاردا مەن:«ئوقۇتقۇچىمۇ تاماق يەمدىغاندۇ؟ ئوقۇتقۇچىمۇ تەرەت قىلامدىغاندۇ؟...» دەپ ئويلاپ، ئوقۇتقۇچىلىققا شۇ دەرىجىدە مەھلىياھ بولۇپ قالغىنىمدىن بولسا كېرەك، مانا ئەمدى مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولدۇم-يۇ، ئەمما ئۇ چاغلاردىكىدەك پەزىلەتلەرنى راستىنى ئېيتقاندا، باشقىلاردىنلا ئەمەس، ھەتتا ئۆزۈمدىنمۇ تاپالمايدىغان بولۇپ قېلىۋاتىمەن. شۇ تاپتا، ئېھتىمال ھەممىمىز شۇنداقراق تۇيغۇغا كېلىپ قالدۇققۇ دەيمەن!؟ ئەگەر باشقا ئوقۇتقۇچى دوستلىرىممۇ مەندەك ئويغا كەلگەن بولسا، ھەممىمىز بىرئاز جىددىيلەشمىسەك قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى بۇ-بىز ئۈچۈن، بىر پۈتۈن مىللىتىمىز، جۈملىدىن بارچە خەلقىمىز ئۈچۈن قاتتىق ئاگاھ بولۇشقا ئۈندەپ چېلىنغان خەتەرلىك سېگنال! %zd1\We @*q\$Eg}2 خوش، ئىلگىرىغۇ ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئەمىسە ھازىرچۇ؟ شۇ تاپتا جەمىيەتتىكى خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر يۇقىرىقىدەك«ئېسىل»پەزىلەتلىرىمىز تۈپەيلىدىن، ئەنە شۇنداق«خىسلەت»لەرگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلارنى ئون قەدەم يىراقلىقتىن كۆرگەن ھامانلا، ئۇلاردىن يىرگىنىپ:«ئەپەندى خەج دېگەن شۇنداق بولىدىغان بولسا...»دەپ بىزگە لەنەتلەر ئوقۇپ، بىزدىن خۇددى ۋاپادىن، سارستىن قاچقاندەك يىراق قاچىدىغان بولغانلىقىدەك ئەھۋاللارمۇ قىسمەن بولسىمۇ يوق ئەمەس! بۇنى چوقۇم ئېتراپ قىلىمىز، دەل ۋاقتىدا تۈزۈتۈش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىنىىشىمىز تەخىرسىزدۇر! بولمىسا، ئوقۇغۇچىلار بىزدىن ئۆگەنگىنى بويىچە كۆز ئالدىمىزدىلا بىر- بىرى بىلەن غەرپچە كۆرىشىدۇ، ئاغزىغا كەلگەننى تولدۇرۇپ ئېيتىۋېرىدۇ، ئالدىغا كېلىپ قالساق، پۇتلاپ بىزگە يول بوشىتىپ بېرىش ئورنىغا بىزنى سوقۇپ يىقىتىۋېتىشتىن يانمايدۇ، بۇلار رېئال پاكىت... مانا بۇنىڭدىنمۇ ئۆز رولىمىزنى ئۈلگە سۈپىتىدە ياخشى جارى قىلدۇرىشىمىزنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى بىلىۋېلىش قىيىن ئەمەس. /zuU }^?dK3~q « تەربىيىلىگۈچىلەر ئۆز نۆۋىتىدە تەربىيىلەنگۈچىلەردۇر. شۇڭا، تەربىيىلىگۈچىلەر ئۆزى تەربىيىلەۋاتقانلارنى قانداق تەربىيىلەشنى ئويلىسا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى شۇنداق تەربىيىلەنگەن بولۇشى كېرەك.»(ۋ.ئى.دال). مۇنداقچە ئېيىتقاندا، تەربىيىلىگۈچى ھەممە ئىجابىي ئىش – پائالىيەتلەردە باشقىلارغا ھەر ۋاقىت ئۆزى ئۈلگە ۋە باشلامچى بولۇشى كېرەك. 15uVvp/ HG=!#-$9 مەن بىرچاغلاردا قايسىدۇر بىر ئەدىبنىڭ ئاغزىدىن ئوقۇتقۇچى ۋە ئۇنىڭ رولى ھەققىدە توختىلىپ: «ئوقۇتقۇچىلار يېرىم ھەربىي ھالەتتە تۇرىدىغان ئادەم. ئوقۇتقۇچىلار بەل قويىۋەتسە، ياش ئەۋلادلىرىمىز تۈگىشىپ كېتىدۇ، ئوقۇتقۇچى چۈشكۈنلەشسە، مىللەتنىڭ چىرىقى ئۆچىدۇ»دېگەن ھېكمەتلەرنى ئاڭلاپ، ئۆز ۋاقتىدا بۇ ھېكمەتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيلا، ياقتۇرۇپ قېلىپ، ئىستىخىيىلىك ھالدىلا دەپتىرىمگە خاتېرىلەپ قويغانىكەنمەن. مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن، شۇ تاپتا باشقا كەسپداشلىرىمغا شۇنداق دەپ ئۈنلۈك خىتاب قىلغۇم كېلىدۇ: «مىللەتنىڭ كېلەچىكى ۋە تەقدىرىنى ئالقىنىدا كۆتېرىپ يۈرگۈچى ئەي كەسپداشلىرىم! بىز ھەممىمىز – ئوقۇتقۇچى! ئەۋلادلارغا بىلىم ئارقىلىق ياخشى- ياماننى تونۇتقۇچى! بىز ھەممىمىز بىر پارلاق نىشاننى كۆزلەپ مېڭىۋاتقان بىر كېمىدىكى كارۋانلاردۇرمىز. ھەممىمىزنىڭ تەقدىرى ئوخشاش! ئارزۇ- ئىستەكلىرىمىزمۇ ئوخشاش. ئېسىمىزدە بولسۇنكى، ئوقۇتقۇچى- پەقەت ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلىتى، مول، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي بىلىم –ئىقتىدارى ۋە سەمىمىي راسچىللىقى بىلەنلا ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا، جەمىئيەتتە ئاندىن ئىسىمى- جىسىمىغا مۇناسىپ ھالدا ھەقىقىي مەنىدىكى ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ. مائارىپ بىرخىل ئۇزۇن مۇددەتلىك، جاپالىق ئىجتىمائىي پائالىيەت جەريانى، شۇنداقلا بىرخىل مۇرەككەپ، ئىنچىكە، تەپەككۇر پائالىيلىيىتى. ئۇ تېنچ مۇھىت، مۇقىم تەرتىپ ، سەگەك مېڭە ۋە ئۇزۇنغىچە بوشاشمايدىغان يۈكسەك ئىرادە، قىزغىن كەيپىيات، يېڭىلمەس جاسارەت ۋە قەيسەر روھقا ئىگە پىداكار ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا مۇھتاج. تەلىم- تەربىيە، ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە بىر پۈتۈن مىللەت ساپاسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن، ئىستىقبالىمىزنىڭ پارلاق ياكى نابۇت بولۇشى-ھەر ۋاقىت بىز ئوقۇتقۇچى-پەرۋىشكارلارغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن ھەرقانداق بىر تەربىيىلىگۈچى ئەتراپلىق بىلىم، مول تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى، ۋە ئالىيجاناپ مىجەز-خاراكتېردىن ئىبارەت بىربىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئېسىل پەزىلەتلەرنى تولۇق ھازىرلىشى لازىم. چۈنكى ھەرقانداق بىر ئىنسان بىلىملىك بولمىسا نادان بولىدۇ، تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولمىسا، يىراقنى كۆرەلمەيدۇ، ئالىيجاناپ مىجەز-خاراكتېرگە ئىگە بولمىسا، پەزىلەتلىك كىشىلەرنى تەربىيىلەپ چىقىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا ئامال بولمايدۇ. 4'Vuhqk +%?_1bGX> ئەلالىرىنى تاللاپ تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىش، رىقابەت ئارقىلىق ئىش ئورنىغا چىقىش، خىزمەت نەتىجىسى ۋە ئەمەلىي بىلىم-ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئىش ئورنى ۋە ئىش ئۈنۈم تەمىناتىنى يولغا قويۇش تۈزۈمى قاتارلىق يېڭىدىن يولغا قويۇلۇپ، تەدرىجىي مۇكەممەللىشىۋاتقان، مائارىپتا ئومۇمىي يۈزلۈك يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇتۇشقا بولغان تەلەپ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە رىقابەت كۈنسېرى يەنىمۇ كەسكىنلىشىۋاتىدۇ. رىقابەت قانچە كەسكىنلەشكەنسېرى بىزدىكى ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا شۇنچە يۇقىرى كۆتېرىلىشى، بىزدىكى مۇلازىمەت شۇنچە ئەلالىشىشى لازىم. بىزدە يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئەۋلادلار ئۈچۈن بارلىقىمىزنى پىداكارلىق بىلەن بېغىشلىيالايدىغان تەۋرەنمەس ئىرادە ۋە يىمىرىلمەس مىللىي روھ بولغاندىلا، مەيلى بىز قەيەرگە، قانداق بىر تەربىيىلىشلەرگە بېرىپ، قانداق بىر كۇرسنىڭ كۇرسانتلىرىدىن بولمايلى، ئالدى بىلەن تەربىيىلەنگۈچىلەرگە خاس ھالدىكى سالاھىيەت بىلەن تەربىيىلىىنپ، ئاندىن تەربىيىلىگۈچىگە ماس ھالدىكى ساپا ھازىرلىيالىساقلا، ئاندىن مىللەتكە، خەلققە، يېڭى دەۋرگە،، توغرىسى ئېلىۋاتقان ئىش ھەققى- تەمىناتىمىزغا يۈز كېلىپ، ئۇنى ھالاللاپ يېيەلەيمىز! نۆۋەتتە كۇرس تەشكىللەۋاتقان ئورۇنلارغىمۇ دەل مۇشۇنداق كۇرسانتلار كېرەك!!!». e0j*e7$ 7,j}
] ئەسكەرتىش: r?nvJHP ( بۇ ماقالەم «شىنجاڭ مائارىپى»ژۇرنىلى ئويۇشتۇرغان مۇكاپاتلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىلىرى مۇسابىقىسى پائالىيىتى بويىچە قوبۇل قىلىنغان ماقالىلار قاتارىدا «شىنجاڭ مائارىپى»ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 10-سانىدا ئېلان قىلىنغان. 2012-يىل 5-ئايدا ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك تەتقىقات ماقالىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ) )e d5~ok c@wSv2o$
|