ئوغلۇمغا دوپپا كىيگۈزەلمىدىم.
]s^+/8d= ئوغلۇمغا دوپپا كىيگۈزەلمىدىم. o
qysfLJ راستلا بەك ئاچچىغىم كەلدى. شۇ ئاچچىغىمدا ئۇنى، يەنى 8 ياشقا كىرگەن ئوغلۇمنى بىر شاپىلاق سېلىۋەتتىم . ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە چۈجە-خۇرازلاردەك ھۆرپىيىشتۇق، غەزەپلىك تىكىلىشتۇق، يەنىلا مەن پەسكويغا چۈشتۈم. بۇرۇنقى ئادىتىم بويىچە ئۇنىڭغا باشتىن باشلاپ، ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم......ئوغلۇم، ماڭا قاراڭ. بۇدوپپا دېگەن بىزنىڭ بۇرۇنقى ئەجداتلىرىمىزدىن باشلاپ كىيىپ كېلىۋاتقان باش كىيىمىمىز،......تېلىۋۇزۇرلاردىمۇ كىيىدۇ، چوڭلارمۇ كىيىدۇ، كىچىكلەرمۇ كىيىدۇ، ئەرلەرمۇ ، ئاياللارمۇ، قىزلارمۇ ، ئۇغۇللارمۇ .....ئەينەككە قاراپ بېقىڭ ، سىزگىمۇ شۇنداق ياراشتى، ئۆتكەندە بۇنى كىيىپ سىرتقا چىققاندا باشقىلارمۇ شۇنداق دېدىغۇ؟!...باشقا ساۋاقداشلىرىڭىز كىيمىسە نېمە بوپتۇ، سىز كەيسىڭىز باشقىلارمۇ كىيىدۇ. مۇئەللىمىڭىز بىر نېمە دېسە ماڭا دەڭ. مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي، ئىشقىلىپ نۇرۇزدىغۇ بىر كۈن كىيدىڭىز، ئەمدى ھېيتتا بىر نەچچە كۈن كىيىڭ، قالغان گەپنى كېيىن دىيىشەيلى........ :[(%4se ئارىدىن 2-3 كۈن ئۆتۈپ 2011-يىللىق نەۋرۇزلۇق كېچىلىك بېرىلدى. تاپشۇرۇق دۆۋىسىگە چۆكۈپ كەتكەن ئوغلۇمنى چاقىرىپ بىللە كۆردۇق. ئوغلۇم كېچىلىكنى كۆرۈۋېتىپ، :«مىنىڭمۇ كەيگۈم يوق ئەمەس، مەكتەپتە ،سىنىپتا ھېچكىم كىيمەيدىكەن شۇ، ئۆتكەن قېتىم مۇئەللىم نېمىشقا دوپپا كىيىۋالدىڭ؟ دەپ سورىغانتى، مەن جاۋاپ بەرمەي تۇرسام ،دوپپاڭنى كىيمىسەڭمۇ بولىدۇ، سەن تېخى كىچىك، دېدى. شۇڭا كىيىشنى خالىمىدىم» دېدى . ئۆيدىن گىلەم دوپپامنى ئېلىپ چىقىپ كەيدىم. دادىسىنىڭ ، سىڭلىسىنىڭ دوپپىسىنى ئېلىپ چىقىپ يەنە قولىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ چۈشەندۈرۈشكە، سۆزلەشكە باشلىدىم. ئەتىسىدىن باشلاپ ئوغلۇم ئارتۇقچە جاھىللىق قىلىشنى خالىمىدىمۇ ياكى قىلغان سۆزلىرىمدىن بىر ئاز تەسىرلەندىمۇ، ھەر ھالدا ئارىلاپ -ئارىلاپ كىيىشكە باشلىدى. !G[%; d %,z;W-#gnY
شۇنداق قىلىپ ئۇ ئارىلاپ -ئارىلاپ كىيىشكە باشلىدى. لېكىن ،چىن كۆڭلىدىن قايىل بولمىدىمۇ ئىشقىلىپ نېمىسى-نېمە ئەتىگەندە كىيىپ كەتسە چۈشتە ئېلىۋېتىدۇ. چۈشتە كىيگۈزۈپ قويسام كەچتە مەكتەپتە ئۇنتۇپ قېلىپ كېلىدۇ. بەزى چاغلاردا سومكىسىدىن ،كىتاپلارنىڭ ،دەپتەرلەرنىڭ ئارىسىدىن ،يانچۇقلىرىدىن پۈرلەشكەن ،كىرلەشكەن دوپپىنى ئالىمەن، ئىچىم ئاچچىققىنە بولىدۇ. بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ باھانىسى خۇددى ئالبىنىنىڭ باھانىسىدەكلا كۆپ. m%[/w wL ئەسلى ئوغلۇمنى خېلى ياخشى تەربىيلىدىم دەپ ئويلايتتىم، دىمىسىمۇ ئۇ كۆپ سۇئال سۇرايتتى، كۆپ نەرسىلەرگە قىزىقاتتى. بىراق بۇ قېتىم مەن ئۈزۈمنىڭ بىرئاز كەم ئويلىغانلىغىمنى ھىس قىلدىم. ئۇ مىنىڭ رەنجىشلىرىمگە يېشىغا ماس بولمىغان تەمكىنلىك بىلەن « سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك بەزى گەپلەرنى چوڭ بولغاندا بىلىۋالارمەن، ھازىر بەك مەجبۇرلىماڭ. كيىگۈم كەلسە سىز دىمسىڭىزمۇ كىيىمەن،........بۇنى كىيمىسەممۇ مەن يەنىلا ئۇيغۇر ،چوڭ بولغاندىمۇ شۇنداق.باشقىلارمۇ كىيمەيدىكەن،........» دىگەندەك گەپلىرى بىلەن قارشى تۇردى. تۇرۇپ قالدىم . بۇغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ چىققىلى ئۇنىمىدى.دىمەك ،ئوغلۇم بىلەن بولغان دوپپا جېڭىدە مەن يىڭىلگەنىدىم. dR< d7 ئۇ قاچانلاردا ھىس قىلار دوپپىنىڭ قەدرىنى-قىممىتىنى ؟ 0L8fpGJ بىراق كىينچە بىرئاز ئۈمىدمۇ بار بولدى. شۇ چاغلاردا نۇرۇزلۇق پائالىيەتلەر تېلىېۋىزوردا بىرىلىشكە باشلىدى،ئوغلۇم بۇلاردىن يەنە بىر ئاز بىر نەرسە ھىس قىلدىمۇ قانداق، ئولتۇرۇپلا«راست، قارىسام ھەممە ئادەم كىيسە خېلى چىرايلىق تۇرىدىكەن،يارىشىدىكەن. يەنە ھېيتتا داداممۇ كىيىدۇ-ھە! مەنمۇ شۇچاغدا كىيەي...» دىدى. czu9a"M>X ئۇھ ! ھەر ھالدا « كىيەي »دىدى. UjoA$A!Od; (2) D84&=EpVZ 52Lp_M ئەتتىگەندە ئشقا ماڭدىم. ئولتۇراق رايۇننىڭ ئىچىدىن چىقىۋېتىپ يەردە تۇرغان دوپپىغا ،توغرىراقى ، قۇسۇققا مىلىنىپ تۇرغان دوپپىغا كۆزۇم چۈشتى. كەينىمگە مىنگىشىپ ئولتۇرغان ئوغلۇمغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ئىتتىك مېڭىپ كەتىتىم. :2==7u7v? f R@Cg
sw دوپپا تۇرغان يەر ئولتۇراق رايۇن ئىچىدىكى بىر ئچىملىك دوكاننىڭ (ئاساسلىقى ھاراق تاماكا ساتىدۇ،خەنزۇنىڭ دۇكىنى) ئالدى ئىدى. بۇ كۈرۈنۈش تا كەچكىچە كاللامدىن چىقىپ كەتمىدى.دوپپىنىڭ ئورنىدا باشقا بىر نەرسە بولسىچۇ كاشكى!.ئىسىت دوپپا ! C,eP!_O ئەمما بىر ھەقىقەت راستكى، بۇ دوكاننىڭ ئىچىدە مۇشۇمداق بادام دوپپىلارنى،ھەتتا تەلپەكلەرنى ،ئاشۇ دوپپىلار ئاستىدىكى قىزارغان يەنە ئاللىقانداقتۇ تۈسلەرگە كىرگەن ،بىز سىياقتىكى چىرايلارنى تۇلا-تۇلا كۈرۈپ قالىمەن، بايراملاردا كۈرىمەن،ئەڭ يامىنى ،ئېچىنىشلىق بولغىنى ھېيت-ئايەملەردە كۈرىمەن. بەزىدە ئوتلا كەتسىدى شۇ يەرگە دەپ قالىمەن ،ئەمما بۇ يەرگە ئوت كەتسە يەنە باشقا يەرلەر بار ئەمەسمۇ؟! بۇ يەرگە كىلىدىغان دوپپىلىقلار ئچىدە 25 ياشلارغا كىرگەنلەردىن باشلاپ ھەتتا ساقىلىغا ئاق كىرگەن (ئاز بولسىمۇ)لەرنىمۇ قىينالمايلا ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ. ^W:a7cMw ئىچىمنى ئاچچىققا تولدۇردىغىنى يەنە شۇ توپىدا ياتقان ، قۇسۇققا مىلەنگەن ، بىچارىلەرچە،بەكمۇ بىچارىلەرچە سىياقتىكى دوپپىلار، ئۇلارنىڭ تەقدىرى مۇشۇنداقمىدى؟ ئۇلار مۇشۇ يەرگە لايىقمىدى؟ =Hd#"9-
|