/:F^*]
(پەيزاۋات ناھىيەلىك بارىن بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى رەيھانگۈل ھېمىت) U1r]e%df)
YJv$,Z&;HO
يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بويىچە تۈزۈلگەن تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى بورۇنقىدەك «ئەدەبىيات»، «ئۇيغۇرتىلى» دەپ ئايرىماي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، يېزىش، ئاڭلاش، ئاغزاكى ئالاقە، يېزىقچىلىق، ئونۋرسال خاراكىتىرلىك ئۆگىنىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مۇكەممەل ئوقۇتۇش ماتىرىيالى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش، تەسەۋۇر قىلىش قابىلىيتىنى ، ئىستتىك زوقىنى يېتىلدۇرىدۇ، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى بىلىم ئېلىش شارائىتىغا ئىگە قىلىپ، توغرا غايە، ئىتىقاد قارىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قابىلىيتىنى يېتىلدۇرىدۇ. CIIjZ)T
مۇشۇ نوقتىنى چۈشىنىپ يەتكەن تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىللىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-ئەدەبىياتىنى قىزغىن سۆيۇش ھېسياتىنى يېتىلدۇرۇپ، تىل جۇغلانمىسىنى بېيتىپ،تىل تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، تەپەككۇرىنى تەرەققىي قىلدۇرۋاتىدۇ. ئۇلار ئىھتىياجلىق بولغان ئوقۇش قابىليىتى، يېزىقچىلىق قابىليىتى ۋە ئاغزاكى ئالاقە قابىليىتىگە ئىگە قىلىپ تەربىيەلەۋاتىدۇ. j"nOxs
ئەمما يەنىمۇ ئىنىچكىلەپ كۈزىتىدىغان بولساق، ئەسلىدىكى ئىسمى ۋە جىسمى بار بولغان ئۇيغۇرتىلى دەرسىلىكى تىل-ئەدەبىيات دەرسكە سىڭدۈرۋىتىلگەندىن كېيىن، ئىسمى بار جىسمى يوق بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرتىلىنىڭ مۇھىملىق دەرجىسگە سەل قارايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقتى ۋە چۇڭقۇر ئىزدىنىشقا تېگىشلىك بىر تىمىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇيغۇرتىلى تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئانىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرتىلى دەرسلىك كىتابتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرتىلى ئوقۇتۇشغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئەھۋاللار يۈز بەردى. g$s;;V/8e
J|BElBY تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىمىزغا نەزەر سالدىغان بولساق، ئوقۇغۇچىللىرىمىز ئۇيغۇرتىلى قىسمىدا ئاجىز بولۇپ، ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان ماۋسۇملۇق ئىمتاھانى ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۇرۇش ۋە يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئىمتاھانى، ئىچىكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتاھانىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئۇيغۇرتىلىغا دائىر ئالغان نەتىجىلىرى بۇنىڭ رۇشەن ئىپادىسدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم باشلانغۇچ مەكتەپلەردە شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈپ بېرىشتە باشلامچىلاردىن بولۇش، يوقىرىدىن نىشان ۋە كۆرسەتكۈچ بەلگىلەپ، ئوقۇغۇچى ئۆتكۈزۈش ۋەزىپسى قويۇش سەۋەبى بىلەن باشلانغۇچ 4-يىللىقتىن تارتىپ «تىل-ئەدەبىيات» ۋە باشقا دەرسلەرنى ئۆتمەي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ۋە تەپەككۇر تەرەققىياتىغا سەل قاراش كېلىپ چىقتى. پەقەت ماتىماتىكا ۋە خەنزۇتىلىنى ياخىشى ئۆتۈشكە، كۈچايتىشقا ئەھمىيەت بېرىش، تىل-ئەدەبىيات ۋە باشقا پەنلەرنى ئۆتمەسلىكتەك مەسئۇلىيەتسىزلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋىرسال 8@rYT5e3c
بىلىم ساپاسىنى تۆۋەنلىۋىتىش، ھەرقايسى ياش باسقۇچىدا ئوخشاش بولمىغان پەنلەردىن تەربىيەلىنىشتىن مەھرۇم قېلىش، ئۆزئانا تىلىدا پىكىر قىلىش، سۆزلەش، تەپەككۇر قىلىش سەھنىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى بىلىم تەرەققىياتى، پىسخىك تەرەققىياتى، ئىندىۋىدال ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلىدۇرۇشىغا توسقۇنلىق قىلىشتەك زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. f
v7VDo8vb
ئىشخانىمىزدىكى بىر پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىنىڭ « ئۇيغۇرتىلى دەرسلىك كىتابنى چىقىرۋىتىش يامان ئىش ئەمەس، ھەممىدىن يامىنى كۆڭۈلدىن چىقىرىۋىتىشتۇر» دېگىنى ھېلھەم يادىمىدا. ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىللىرى ئوقۇتۇش ئەمىلىيتىدە تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتۇشنى نوقۇل ھالدا تېكىسىت ئوقۇش ۋە تەھلىل قىلىش دەرسلىكى قىلىۋىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن باشقا ئىقتىدارنى ھازىر قىلىشغا توسقۇنلۇق قىلماقتا. ئەدەبىيات نەزەرىيسى، يېزىقچىلىق ساۋاتلىرى، ھەممدىن ئەڭ مۇھىم بولغان ئۇيغۇرتىلى بىلىمىلىرىنى يەتكۈزۈشكە سەل قاراۋاتىدۇ، چۇڭقۇرلاشماۋاتىدۇ ياكى پۇچەك ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ بىر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچسى ئۈچۈن زور خاتالىق، مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلمىغانلىق، ئۆزى ئوقۇتۇۋاتقان دەرسلىكىنى چۈشەنمىگەنلىك بولۇپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى ئۈچۈن زور يوقىتىشتۇر. Rmw=~NP5
dT0W8oL ئۇيغۇرتىلى ھەققىدىكى بىلىملەر بىر ئادەمنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋىرسال ساپاسىنى سىناشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرتىلغا ئائىت قائىدە-قانۇنىيەتلەر ۋە تىلشۇناسلىق ئاساسىي بىلىملىرىنى ئۆگتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. تىل ئەدەبىيات دەرسىدە «ئۇيغۇرتىلىغا يۈرۈش قىسىمى»نى ئوقۇتۇشتا، دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇيغۇرتىلى گىرامماتىكىسى بىلەن ئەدەبىيات دەرسىنىڭ بىرلەشتۇرۋىتىلگەنلىكىدەك يېڭى ئەھۋال ئاسىتىدا، دەرس سائىتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرتىلى بىلىم نۇقتىلىرىنى ھەرقايسى بۆلەكتە قانداق ئىزچىللاشتۇرۇش، تېكىست ئوقۇتۇشىدا قانداق سىڭدۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاڭلىق، ئىلمىي، جانلىق ئېلىپ بېرىلىشغا قالدۇرۇلغان. مۇشۇ مەسىلىلەر جانلىق ھەل قىلنىغاندا، ئەدەبىيات بىلەن ئۇيغۇرتىلى ئوتتۇرىسدا ھاڭ شەكىللەنمەيدۇ، شەكىللەندۇرۇپ قۇيغان ئۇقۇتقۇچىلارمۇ بۇ ھاڭنى يۇق قىلىۋىتەلەيدۇ. 9&*
7+!
MZ"V\6T] تۆۋەندە مەن تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەڭ كەسىپداشلار بىلەن ئۇيغۇرتىلى بىلىم نوقتىللىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا قانداق يەتكۈزۈش مەسىلىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلىشىپ باقماقچىمەن.
)3CM9P'0
rpiuFst 1.تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرىگە پىششىق بولۇشى لازىم. ئۇيغۇرتىلى بىلەن ئەدەبىياتنى ئايرىپ ئۆتىدىغان مەزگىلمىزدە، ئىشخانىمىزدا 2-3 نەپەر ئوقۇتقۇچىمىز داۋاملىق دەرس تەقسىم قىلىدىغان چاغدا « مەن ئەدەبىيات ئۆتسەم، ئۇيغۇرتىلى ئۆتمىسەم» دەپ گۇرۇپپا باشلىقى ۋە ئىلىمي مۇدىرلارغا شەرت قويۇپ، ئۇلارنى خىجىل قىلپ قوياتتى. بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇرتىلى ئۆتۇشنى بىر خىل ئاۋارىچىلىق دەپ قارامدۇ، ئۇششاق گېپى تولا دەمدۇ، بالىلارغا بىلدۇرۇش تەس دەپ قارامدۇ، بۇنى ئۆزى بىلەتتى. ئەمدى بۇ كۈنلەرگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرتىلىنى قانداق يەتكۈزۋاتقانلىقىنى بىر ئۆزى، بىر ئوقۇغۇچى بىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى تەكشىسز ، پۈتتۈرگەن كەسپى ئوخشاش بولمىغاچقا، بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرتىلغا ئائىت بىلمى كەمچىل، ئەدەبىيات تېكىسىت قىسمى ۋە نەزەرىيە قىسمىنى ياخشى يەتكۈزسىمۇ، ئۇيغۇرتىلىدا ئۆزىمۇ ھەل قىلالمايدىغان ئەھۋاللار ساقلانماقتا. شۇڭا بۇ خىلدىكى ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم ئۇيغۇرتىلغا ئائىت مەزمۇننى ياخشى ئۆگىنىشى، كىتابى بىلىمنى ئۆزىنىڭ بىلىمگە ئايلاندۇرشى، كۆپلەپ ئىزدىنشى، ئۆگىنىشى كېرەك. QT+kCN
~S('\h)1 تەجرىبىلىك، پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قانداق مەسلىگە يولۇقتۇڭ، قانداق ئۆتتۇڭ، ئوقۇغۇچىلار قانچىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى دېگەندەك مەسىلىلەر توغرىسدا يېتەكلەش لازىم. ھەر قېتىملىق كەسپى ئۆگىنىشتە ئۇيغۇرتىلىدىن ھەل قىلالمىغان ياكى مۇجىمەل بولۇپ قالغان نۇقتىلارنى بىرلىكتە ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارغا قانداق يەتكۇزۇش مەسىلىسىنى تېزلىكتە ھەل قىلىش لازىم. بۇ بىر قىسىم ياش تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچلىرىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى،ئۈمىدى. 1T#-1n%[k(
j(y<oxh 2. تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇقۇغۇچىلاردا ئانا تىلىنى قەدىرىلەش ھىسياتى يېتىلدۇرۇش لازىم. مىللىي مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، بولۇپمۇ تىلنىڭ گۈللىنىشى- ئانا تىلنى مەڭگۈلۈك راۋاجلاندۇرۇش ۋە قوغداشتا. تىل- ھەر بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئېگىز مۇنارى . تىل - بىر مىللەتنىڭ جېنى بولۇپلا قالماي ھەم شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاساسىدا ئار نومۇسنى ئاقلايدۇ. بىر مىللەتنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيىتىنى كۆڭۈلدىكىدەك تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋىيلاشتۇرۇش ۋە دۇنياغا يۈزلەندۇرۇشتە ئانا تىل بىباھا گۆھەردۇر.j شۇنداق بولغانكەن، ئوقۇغۇچىلاردا ئانا تىلىنى قەدىرىلەيدىغان، ئانا تىلدىن زۇقلىنىدىغان ئەقىدە-ئىتقاتىنى يېتىلىدۇرۇشىمىز لازىم. ئانا تىلنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلكىنى ، بىزنىڭ ئۇ ئارقىلىق ئوي-پىكىر، ھىسسيات ، تەپەككۇر، مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرشىمىز لازىم. h.?<(I
aU.!+e%_ ئۇيغۇر تىلى پەقەت بىزنىڭ ئالاقىلىشىش ۋاستىمىز بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، يۈكسەك مەدەنىيەت جۇغلانمىمىز بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ھايات مۇساپىلىرىدە توپلىغان قىممەت قارىشى، پسىخىكىسى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ياشاش ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەينەكتۇر، ئۇيغۇر تىلى خەلقىمىزنىڭ ئوي-خىياللىرى، ھېس تۇيغۇلىرى ۋە تەبىئەت ھەم جەمئىيەت ھەققىدىكى ھەرخىل ئىنكاسلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىشكە قادىر تىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەسىرلەر بويى ئىستېمالدىن چۈشۈپ قالماي، دۇنيادىكى خېلى كۈچلۈك تىللار قاتارىدا خېلى زور ئېتىبارغا ئىگە بولۇشتەك شەرەپكە نائىل بولالىغان. شۇڭلاشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىلىنىڭ ئولۇغلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئانا تىلىنى قەدىرىلەش، ئانا تىلىنى بۇزۇپ سۆزلىمەسلىك، ئۇيغۇرتىلىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھېسىسياتىنى يېتىلدۇرۇش لازىم. WS@"8+re;
|g!$TUS. 3. تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل جۇغلانمىسى ۋە تىل تۇيغۇسىنى بېيتىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم . دەرسخانا ئەھۋالىمىزغا ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، سىنىپلىرىمىزدا ئۇيغۇرچە ساۋادى يوق ياكى چالا ساۋات ئوقۇغۇچىلىرىمىز ھېلھەم مەۋجۇت بولماقتا. (بۇ خىل ئەھۋال خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلاردا ھەم قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ئىغىرراق.) ئۇلارنىڭ تىلىمىزدىكى سۆزلەرنى ئىگەللىشى ئاز بولغاچقا، بەزى گەپ-سۆزلەرنى ئىنىق ئاڭقىرالمايدىغان، كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى راۋان ئىپادىليەلمەيدىغان، ئانا تىلىنى بۇزۇپ سۆزلەيدىغان، ھەتتا ئۇيغۇرچە بەزى ئاتالغۇلارنى خەنزۇچە چۈشەندۈرمىسە ئۇقمايدىغان ئەھۋال كۆرۇلۈپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تىل جۇغلانما بايلىقى يىلدىن-يىلغا چىكىنىش كۆرۇلدى. بۇ ھەرگىزمۇ سەل قارايدىغان مەسىلە ئەمەس. «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقاللىرىدىن تاللانما» ناملىق كتاپتىن خاتىرەمگە كۆچۈرۇۋالغان مۇنۇ بىر ئابزاس جۈملە ھېلھەم يادىمىدا تۇرۇپتۇ: « تىلىنىڭ بۇلغىنىشى-روھنىڭ بۇلغىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇلغانغان تىل سۆز ۋە ھەرىكەتتىكى پاساھەتنى ئاستا-ئاستا يوقىتىدۇ. ھەركىتىدە پاساھەت بولمىغان ئادەم ئۆز تۇيغۇسىدىكى ئۆتكۈر زىللىقىنى، نەپىسلىكىنى يوقاتقان ئادەم بولۇپ، مۇنداق ئادەمدە سۈزۈك تەسەۋۇر قىلىش قابىليتى بولمايدۇ». ئەڭ ئاددىيسى ھازىر كۇندىلىك تۇرمۇشمىزدا ئىشلىتىۋاتقان تۇرمۇش بۇيۇملىرىمىزدىن نوغۇچ، سۇپىرا، نوگاي قاتارلىقلارنى ئىشلەتمەي، ئاتا-ئانىلار بازاردا تەييار قىلىنغان خام يىمەكلىكلەرنى كۆپلەپ سېتىۋالغاچقا، بالىلىرىمىز بۇ بۇيۇملارنى ئىشلەتكەننى كۆرمەي ، قانداق ئىشلىتىشىنى بىلمەي، ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى ئۆزىمىز يوقىتىپ قويۇش گىردابىغا ئاپىرىپ قويىۋاتىمىز. مۇنداق مىساللار نۇرغۇن... )RWY("SUy1
6
!Mm") ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل جۇغلانما بايلىقى ئاز بولغاچقا، ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى بىلەن ئاساسىي لۇغەت تەركىبىنى ئايىرىيالمايدىغان، سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ۋە كۆچمە مەنىسىنى پەرىقلەندۈرەلمەيدىغان، بەزى تېكستىلەرنى چۈشەنمەيدىغان، ئېسىل سۆز-ئىبارە، ئېسل ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ، قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق، مول تەسەۋۇر تۇيغۇلارغا باي بولغان خەلق ئەدەبىياتى دۇردانىلىرىدىن بەھرىمەن بولالمايدىغان، بەدىئىي زوق ۋە ئىستىتىك زوق ئالالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۇلدى. شۇڭلاشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل جۇغلانمىسى ۋە تىل تۇيغۇسىنى بېيتىش كېرەك. بۇنىڭ ئۇچۇن ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ كىتاب ئوقۇشقا، بولۇپمۇ چوڭراق ھەجىمىدىكى ئەدەبىي ئەسەرنى ئوقۇشقا يېتەكلەش، ئېسل شېئىرلار، ئېسىل ئەدەبىي ئەسەردىكى مۇھىم نۇقتىلار، تەسىرلىك ، چىنلىق تۇيغۇسى كۆچلۈك نەسىر قاتارلىقلارنى يادلىتىشقا يېتەكلەش، تۇرمۇش كۆزىتىشكە ماھىر بولۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرۇش لازىم. ئۆزىمىزدە ئەسلىدىكى ساپ بولغان ئۇيغۇرتىلىمىزنى قېزىپ، ئاختۇرۇپ، تەتىقىق قىلشىمىز، شۇ بويىچە ئىشلىتىشىمىز كېرەك. بەزى سۆزلەرنى ئۇيغۇرچىغا خاس ماسلاشتۇرۇپ ئېيتىقىلى بولامدۇ-يوق بۇ ھەقتە ئىزدىنىشكە يېتەكچلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى ھەربىر ئەسەرنى ئوقۇغاندا، شۇ ئەسەرنىڭ ژانىر ئالاھىدىلىكى بويىچە ئوقۇش، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارغا ئەسەردىن ھۇزۇرلىنىش، لەيلىۋىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا بولغاندا ئوقۇغۇچىلار ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكىدىن ھۇزۇرلىنىپ، تەسىرلىنىپلا قالماي، يەنە ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ نەقەدەر گۈزەل، يېقىملىق، يىنىك، سېھىرى كۈچكە ئىگە تىل ئىكەنلىكىنى ھەم تىلىمىزنىڭ مول ھەم بايلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. z63y8
,sg\K>H= 4. تىل ئەدەبىيات دەرسىنىڭ پىلاننى تۈزگەندە، ئۇيغۇرتىلى بىلىم نوقتىلىرىمۇ دەرسىلىك پىلانىغا بىرلەشتۈلۈپ ئەتراپلىق تۈزۈلگەن بولۇشى كېرەك. تىل ئەدەبىيات دەرسىلىك ئۆلچىمىدە ئۇيغۇرتىلى بىلىم نۇقتىلىلىرى ھەر ماۋسۇملۇق ئۆتۈلىدىغان مەزمۇن ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. شۇنداقلا ھەرماۋسۇملۇق دەرسىلىك كىتابقا مۇناسىۋەتلىك زۇرۇر مەزمۇن، قائىدىلەر كىرگۈزۈلگەن. ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئوقۇتۇش كالىندار پىلانىغا سسىتىمىلىق ئورۇنلاشتۇرشى ھەم پىلان بويىچە ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پىلاننى تۈزگەندە بىراقلا ماۋسۇم ئاخىردىكى بىر نەچچە سائەتكە يىغىپ تۈزۈپ قۇيۇشتىن ساقلىنىپ، ھەربىر تېكىستتىكى «مۇھاكىمە ۋە مەشىق سوئاللىرى»غا بېرىلگەن ئۇيغۇرتىلىغا مۇناسىۋەتلىك مەشىق سوئاللىرىنىڭ تەلىپگە ماسلاشتۇرۇپ ياخشى پىلانلىشى، تېكىسىت بىلەن ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى ئۆز-ئارا بىرلەشتۇرۇلگەن بولۇشى، گىزى كەلگەندە ئايرىم نوقتىلىق مەزمۇنلارغا قارىتا مەخسۇس سائەت ئاجرىتىلغان بولۇشى، ئاجرىتىلىغان سائەت ھەرماۋسۇمدا 25 سائەتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك. تېكىستىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆتۈلمەسلكىنىڭ ئۇيغۇرتىلىغا سەل قاراشتىن كىلىپ چىققانلىقىنى، ھەربىر پارچە ئەسەرنىڭ تىلىنىڭ پاراكتىكا قىلدىغان مۇھىم بازا ئىكەنلكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. D'% O<.m
v5{2hCdt 5. ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى ئوقۇغۇچىلارغا توغرا، سىستىملىق يەتكۈزۈلگەن بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى دەرسلىك كىتابقا كىرگۈزۈلگەن بىر نەچچە قائىدە ۋە بىر ئىككى مىسال بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئىزدىنىپ ياخشى، ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىشى كېرەك. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئۆتۈلدىغان مەزمۇنىغا قارىتا ئۈلگىلىك مىسال ۋە مەشىق مىساللىرى ئوقۇتقۇچى تەرىپدىن ئالاھىدە تەييارلانغان ھەم كۆپرەك تەييارلانغان بولۇش كېرەك. مۇنداق بولغاندا سۆزلەنگەن قائىدە مىساللار بىلەن زىچ بىرلىشىپ، ئوقۇتقۇچى ئاسان چۈشەندۈرەلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلارمۇ نەزەرىيە بىلەن ئەمىلىيەتنى بىرلەشتۇرۇپ، ئوڭاي ھەزىم قىلالايدۇ. -I;\9r+
ئوقۇتۇشىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بەزى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرتىلىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆتۇپ چىققاندىن كېيىن، دەرسىنىڭ تازا ئۈنۈملۈك بولمىغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرتىلى ئاساسنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىدىن ۋايسايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىدا كونا ئۈچ قىسىم ئۇيغۇرتىلى دەرسىلىك كىتابنىڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇنداق بولغاندا ھەممە مەسىللەر ھەل بولۇپ كىتەتتى، دەپ ئويلايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئويلىغىنىنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمىسمۇ، ئەمما كونا ئۇيغۇرتىلى دەرسىلىك كىتاب بىزدە بارغۇ؟ بىز بۇ كىتابلىرىمىزنى نېمە ئۈچۈن سىنىپقا ئېلىپ كىرمەيمىز؟ قايسى مەزمۇننى سۆزلىسەك، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۈلگە مىسال ۋە كۆنۈكمىلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا مەشىق قىلدۇرمايمىز؟ ئۇيغۇرتىلى دەرسىنى ئۆتۈش داۋامىدا نېمە ئۈچۈن « ئۇيغۇرتىلغا يۈرۈش » قىسمىدىكى بىر-ئىككى مىسال، يانجۇقىمىزدىكى 2-3 مىسال بىلەنلا چەكلىنىپ قالىمىز؟ سەۋەپ قايسىمىزدا؟ ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق يىرى ،% 60-%70 تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئۈستىلىدىن كونا ئۇيغۇرتىلى دەرسىلىك كىتابىنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ بۇ كىتابقا ئېھتىياجىمىز يوق ، بۇنى بىلىمىز، دەپ قارامدۇ ياكى ئۇنى ئۆتمىسەممۇ بولىدۇ دەمدۇ، ئىشقىلىپ ، ئۇلارغا بىزنىڭ تەتقىقاتچىلىمىز تۈزۇپ بەرگەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى مۇقەددەس كىتاپ «تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتۇش قوللانمىسى» بولسىلا، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق نېمىدىن غېمى يوق، شۇنداقلا تىل-ئەدەبىيات ئۆتۈشتىنىمۇ ئاسان نېمە يوقتەكلا تەسىراتتا. ئۆزىنىڭ ئاشۇ كىتابنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ ، نېمىلەردىن مەھرۇم قېلىپ، نېمىلەرنى يوقىتىپ قويىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. )NqRu+j
ئوقۇتقۇچى كۆپرەك مەشىق ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملىرى ئېسىدىن كۆتۈلۈرۇپ قالمايدۇ، « دەرس ۋاقىتىدا بىلگەندەك قىلغان بىلەن دەرسىتىن چۈشكەندىن كېيىن يوق» دېگەن سەپسەتىنى يىراققا چۆرىۋېتىش ئىمكانىيتىگە ئېرىشىمىز. ئۇيغۇرتىلغا ئائىت ئۆتۈلگەن دەرس پەقەت شەكىلگە ياكى ۋەزىپىگە ئۆتۈلۈپ قالماسلىقى، تېكىستىكە بىرلەشتۇرۇپ چىقىرىلغان « مۇھاكىمە ۋە مەشىق سوئاللىرى»دىكى ئۇيغۇرتىلىغا ئائىت مەشىق ئىشلەيدىغان قىسىملار تېكىست تەھلىلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەي، ئۆتۈلمەي تاشلىنىپ قېلىشىتىن، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ھەقتىكى مەزمۇننى ئېنىق، تەپسىلى چۈشەندۈرمەي، يۈزەكىلا چۈشەندۇرۇپ، ئۆزى ئىشلەپ تۈگىتىۋىتشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھەرگىزمۇ ۋاقىت توشاي دەپ قالغاندا ۋەزىپە ئۈچۈن تېز-تېز ئۆتۈلۈپ تۈگەپ كەتمەسلىگى كېرەك. U: )Gc
6. ئۇيغۇرتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى يېڭچە بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ يېتەكلەشكە ماھىر بولۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش، كۆپ مەشىقلەندۇرۇش، دوسىكىغا چىقىرىپ مەشىق ئىشلىتىش، قوزغىتىپ يېتەكلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
Ed2A\S6tl
تۆۋەندە مەن 9-يىللىق 2-قىسىم تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى 2-دەرس « ئانا تۇپراق» ناملىق دەرستىكى « مۇھاكىمە ۋە مەشىق » سوئالىغا چىقىرىلغان مەسىلىگە قارىتا قانداق يېتەكچىلىك ئېلىپ بارغانلىقىمنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن: WIpV'F|t]`
2) شائىر نېمە ئۈچۈن ^H{YLO
«ئانىلار ئۇلۇغدۇر، لېكىن بۇ تۇپراق J_m@YkK
شۇ ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ ئۆلمەس ئانسى» =6"5kz10
دەپ يازىدۇ؟ بۇ ئىككى مىسرانى بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملىگە ئۆزگەرتىپ يېزىپ بېقىڭ. بۇ سوئالىنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا تەھلىل قىلىش تۈگكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرتىلى قىسمىنى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدىم . lG%697P
ئوقۇتقۇچى: سىلەر ئاۋۋال بۇ ئىككى مىسرانى بايان جۈملە شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ يېزىپ ماڭا كۆرسىتىڭلار؟ N&