查看完整版本: [-- كۈندەشلىكنىڭ دەرىجىسى ئۆستىمۇ؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> كۈندەشلىكنىڭ دەرىجىسى ئۆستىمۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2012-10-18 22:51

كۈندەشلىكنىڭ دەرىجىسى ئۆستىمۇ؟

ماۋزۇنى قويىۋىتىپ كەسپى كىسىلىم يەنە تۇتتىمۇ تۇيۇقسىز ئويلاپ قالدىم.مۇشۇ كەسپى كىسەل دىگەنمۇ ئاجايىپ بولىدىكەن، ئوقىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا كەسپىم باغۋەنچىلىك بولغاچقا يول ماڭسام دەرەخنىڭ شاخلىرىغا قاراپ ماڭاتتىم، كىيىن رەسىم لاھىيلەشنى ئۈگىنىۋاتقىنىمدا يول بويىدىكى دۇكانلارنىڭ ۋىۋىسكىسىغا قاراپ مىڭىپ دوسىتلىرىمنىڭ ئالدىدا سەھرالىق دىگەن نامغا قالغان ئىدىم،ئۆزۆم سەھرالىق بولغاچ بۇ گەپلەر خىيالىمغا كەلمەيىتتى، چۈنكى دۆلىتىمىز تىروتىرىيسىدە تۇغۇلغان يۇرتۇم ئەڭ چەت ، قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق يانمىسا بولمايدىغان يۇرىت ئىدى. ئەمدى تىل-ئەدەبىيات ئوقوتقۇچىسى بولوپ ئاڭلىغان ۋە سۆزلىگەن ھەربىر سۆزنى بىر ئويلىنىپ قالىدىغان بوپ قالغىنىم ئۈچۈن ئۇلار ئالدىدا سەل ساراڭغا مايىل بوپ قالدىم . لىكىن بەزىدە مۇشۇنداق سۆزلىسەم تېمىدىن چەتنەپ كىتىدىغان ئادىتىمنى ئويلىسام راس ساراڭ بوپ قالغاندىمەنمۇ دەپ گۇمانلىنىپمۇ قالىمەن ئۆزۆمدىن. hZ[(Ik]*Zd  
قارىمامسىز كۈندەشلىكنىڭ گىپىنى قىلىپ كەسپى كىسەلگە ئۆتۆپ كەتكىنىمنى. #Q]^9/;|4n  
كۈندەشلىكنى مۇنداق ئويلاپ قالدىم: <<كۆڭۆل غەشلىك>>نىڭ بۇزۇلۇپ بىرىككەن تەلەپپۇزىمىكىن دەپ، خۇددى <يالۋۇرۇش>>نى <<يالاۋىرىش>>مىدۇ <يەل بىرىش>مىدۇ دىگەندەك، گەرچە خىياللىرىم قالايمىغان جىڭ باسمايدىغان بولسىمۇ لىكىن سۆيىنىدىغان تەرىپىم تىلىمىزنىڭ مەنە جەھەتتە مۇشۇنداق يىقىن كىلىپ قىلىشلىرىدىن سۆيۆنۆپ كەسپىمگە بولغان ئىشقىم تىخىمۇ ئاشىدۇ،بۇ ئىشىق ئاشقانسسىرى كەسپىمنىڭ بۆشۆكى بولغان خىزمەت مۇھىتىم توغرىسىدا ئويلاپمۇ قالىمەن.بەلكىم توخومۇ ئۆزى سولانغان قەپەسنىڭ توساقلىرىنى ساناپ باقسا كىرەك.ئۇنداقتا مەنمۇ سىلەرگە ئاشۇ توخۇچىلىك ئەقلىم بىلەن بولسىمۇ ھىس قىلغانلىرىمنى دەپ ئورتاقلىشىۋىلىش قارارىغا كەلدىم، چىش چىقىپ تىخى باشقىلارنىڭ تەھلىللىرىنى كۆپ كۆرۆپ ئاڭلاپ يۇرگەن بولساممۇ نامى چىققانلارنىڭ ئۇششاق گىپىنىمۇ تەھلىل، كۆزگە كۆرۆنمىگەنلەرنىڭ ئۆتكۆر پىكىرلىرىنىمۇ  غەيۋەت دەپ چۈشىنىدىغان ئادىتىمىز بويچە غەيۋەتخۇر بوپ قالماي دەپ ئادەم بار يەردە سۆزلەشتىنمۇ قورنۇپ قۇلاق موللىسى بوپ يۈرىۋىرىپتىمەن.ماۋۇ مەۋھۇملۇقتا بولسىمۇ دەپ باقاي دىسەم تېمىدىن بازىرى ئىتتىك بوپ كەتكەن ئىنكاسلاردىن قورقۇپ يۈرگەنتىم ، تەلىيىمگە يىقىندىن بىرى مۇنبىرىمىزدە ئاچچىق تەنبىھلەرگە قارىغاندا ئالقىشلاشنىڭ يەنىلا يۇقىرى ئوروندا تۇرىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئازراق يۈرەك پەيدا بولدى.  z@8W  
شۇنداق قىلىپ  يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ كۆنۆپ كەتكەن ئادەت بويچە بۇ دەرىسكىمۇ تاققۇ تۇققۇ سۆزلەر بىلەن ئوبدان باشلاپ كىرىۋالدىمغۇ دەيمەن. 1!=^mu8  
rizWaw5E!8  
كۈندەشلىك دىسەم ھە قاچان تورداشلار تەۋپىقنىڭ خوتونىنىڭ كۈندەشلىك دەرىجىسى ئۆسكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان بولىشى مۇمكىن، لىكىن مىڭەمنى غىدىقلاپ ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدىغان ئىشلارنىڭ نىگىزى شۇ سۆزنىڭ چىتىلىش دائىرىسىگە چۈشۈپ قالغاچ مەن مەجبۇرى سۆرەپ ئەكەلدىممۇ ياكى شۇنداقمۇ بىر ئورتاقلىشىپ باقايلى قىنى. \0fk^  
%F}i2!\ 
كۈندەشلىك مەنچە ئۆزىنىڭ ئامراق نەرسىسىنى باشقىلاردىن قىزغىنىش دىگەن مەنىدە بولسا كىرەك.لىكىن بۇ سۆز ئىلگىرى ئەرخۇتۇنلار  ، ئاشۇق-مەشۇقلار ئوتورسىدا كۆپرەك ئىشلىتىلەتتىغۇ دەيمەن. جەمىيەت تەرەققى قىلىپ ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تەلەپ ئىشىپ ئامراق نەرسىللىرىمىزمۇ  كۆپىيشكە ۋە دائىرىسىمۇ كىڭىيىشكە باشلاپتۇ، ئوخشاش ئىنسان بولغاچ ئامراق نەرسىللىرىمىزنىڭ ئوخشاپ قىلىشىمۇ تەبىئى، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ بۇ تەلىۋىمىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تاللا بازارلىرىمۇ قۇرۇلۇپ ئوخشاش نەرسىنى ئوخشاش تەلەپكە ئىشلىتىپ ئوخشاش يولدا قاتناش چىراقلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بولسىمۇ پىتىشىىپ مىڭىپ بۈگۈنگە ئۇلىشىپتۇق. لىكىن بەزى بىر ئورتاق ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئورتاق مۈلۈكچىلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان سوتسىيالىزىمنىڭ ئورنىغا كاپىتالىزىم بىخلىرىنىڭ ئۈنۈپ چىقىشىغا ئەگىشىپ ئۇنى يالغۇز ئىگەللەشكە ئاتلانغانمۇ بولدۇق، ئەمما ئورتاق دىگەن گەپ ھەممە ئادەمگە بىردىن يەتمەيدۇ ياكى ئۇنداق ئىشلىتىشنىڭ زۆرۆرىيتى يوق دىگەن گەپ بولغاچ ئۇنى سەن  تارتىۋالساڭ ماڭا يەتمەيدىغاندەك،سىنىڭ ئۇنىڭغا يالغۇز ئىرىشىۋالغۇڭ كەلسە مىنىڭ ئۇنى سەندىن تارتىۋالغۇم كىلىش مودىغا ئايلىنىپ بۇنى رىقابەت دەپ پەردازلىغان بولساقمۇ ئىچكى ئاراز بۇنىڭ يەنىلا كۈندەشلىكنىڭ ئالقىنىدا يىتىلىپ بارغانسىرى كىڭىيىۋاتقان بىر مەرەز ئىكەنلىكىنى ئىنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. P^57a?[`  
He)!Ez\X  
ئۇنداقتا ئۇ ئورتاق مۈلۈكلەر زادى قايسى؟ئۇنىڭ ئىگەللىۋىلىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ شەكلىچۇ؟ gLK_b; :  
^oMdx2Ow#  
بۇ سۇئال ھەققىدە ئۆزۆممۇ سەل ئويلىنىپ قالدىم.شۇنداقتىىمۇ سۇئالنى ئۆزۆم قويغاچ ئاۋال ئۆزۆمنىڭ ئويلىغىنىمنى يۈزەكى بولسىمۇ ئوتورغا قويۇپ باقاي كەم يەرلىرىنى تېمىنىڭ تولوقلىغۇچىسسى  بولغان ئىنكاسنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچەم كامىل. FaLc*CU  
[=TD)o>W(p  
بۇلار:تاللا بازىرىدا سىتىلمايدىغان،سىتىلسىمۇ سىتىۋىلىشقا قۇربىمىز يەتمەيدىغان نەرسىلەرمىكىن دەيمەن. uK=)65]  
يەنى:پۇل ، ھەشەمەت ۋاستىللىرى قاتارلىق ماددى بويۇملاردىن سىرىت ئەمەل. يۈز ئابرۇي،باشلىقنىڭ سايىسى دىگەندەك. dK41NLGQ  
سىزچىچۇ؟ z#B(1uI  
6 w4HJZ F~  
ئۇلارنىڭ ئىگەللىۋىلىنىش ئەھۋاللىرى دەمسىز؟ _9y! ,ST  
zvn3i5z  
--قارىغىنە،ئاۋۇلار يىڭى باشلىقنىڭ چاپىنىنى كۆتۆرۆپ يىقىن بوپ كىتىپتۇ. "fC>]iA8I  
--ھىچقىسى يوق ،چىقىشىپ قالغاندۇ، قىزغانما باشلىق بىزگىمۇ يىتىدۇ.نىمانچە قىلىسەن يا ئۇ سىنىڭ خوتونوڭ بولمىسا. Gkm {b[  
--سەن ئۇنداق خىيالى يۈرگىنىڭ بىلەن ئاز كۈندىن كىيىن نىمىشلار بوپ كىتىدۇ تىخى. ar _@"+tZ  
--لىكىن يىقىن بوپ كەتكەنلەرمۇ بىزگە ئوخشاش ئىشلەۋاتىدىغۇ،پەرىق پەيدا بولغاندا قورسىقىڭ كۆپسە ئادىللىق تەلەپ قىلساڭمۇ كىچىكمەيسەنغۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە مانا مەن ئۇنىڭغا ئەڭ يىراق،ھەتتا ئىسمىمنىمۇ بىلمەيدۇ مەنمۇ يۈرىۋاتىمەنغۇ. eV"s5X[$  
--بولدىلا،ۋەزىيەتنى چۈشەنمەيسەندە. A 8g_BLj!e  
Zb&"W]HSf  
  ~])Q[/=p  
o]WcODJdl  
t t|P-p-  
--ئاداش، خىزمەتداش تۇرۇپ ئۇنى نىمىشقا ئۇردۇڭ. p W@Yr  
--ئاخشام سورۇندا مۇدىرنىڭ شۇجى توغرىسىدىكى ھەسرەتلىرىدىن كاللام قىززىپ بولمامدۇ. qHvU4v  
--ئۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى. z<%dWz  
--ئۇ شۇجى بىلەن يىقىن بولغاچ سورۇندىن يىنىشتا يولدا ئۇچراپ قىلىپ بىشىنى يىرىۋىتىپ قاپتىمەن.ئوبدان جاجىسىنى يىدى ئۇ يالاقكەش. NkoyEa/^[  
--لىكىن ئۇ ھەرقانچە بولسىمۇ يالاقكەشلىك قىلىپ شۇجى ئۈچۈن مۇدىرنىڭ يىقىنلىرىنىڭ بىشىنى يىرىپ بەرمىگەندە؟  =!)x`1j!S  
KWM.e1(  
hiv {A9a?  
xUNq!({T  
--يىڭى مۇدىرغا ئاۋۋال كىملەرنىڭ پىيىنى قىرقىش توغرىسىدا ئازراق ساۋات سۆزلەپ بەردىم 9{e/ V)  
--ئۇ ئەمدى كەلگەن تۇرسا ھىچكىم بىلەن زىددىيتى يوقتۇ؟ {Us^ 4Xe  
--شۇجىنىڭ يىقىنلىرىنىچۇ، ) ~gIJW  
--شۇجى ئوقوشقا كەتتىغۇ كىلەر ماۋسۇم كىلىدۇ، ئۇ نىمە دەيدۇ؟ 5V~vND* s  
--4 كۈن ئىچىدە ئۇلارنى ئىز قالدۇرماي جايلايدىغانلىقىنى ئىيىتتى، تاماششانى ئەمدى كۆرىمىز ، يىڭى باشلىقنىڭمۇ ئىناۋىتى 4 كۈنلۈكلا بولىدىغان بولدى. R"l6|9tmP  
--گەپلىرىڭ بىر-بىرىگە توغرا كەلمەي قالدىغۇ. )CHXfO w  
--ئۇلارنى جايلايمەن دىسە، ئاۋۇلارمۇ بوش كەلمەيدۇدە،ئۇلار ئۆز ئىشىغا پۇختا خىزمەتنى جايىدا قىلىدىغانلار ،ۋاختى كەلگەندە باشلىقكەن دىمەيدۇ ئۇلار. / !y~Q|<|=  
--باشلىق ئالمىشىپ مەكتەپ ئوڭشىلىدىغان بولدى دىسەك.............. 0FLCN!i1  
r)Vpt fg;  
Q v g_|~n  
--قارىغىنە قوشناڭنىڭ ئۆيلىرىنىڭ زىننەتلىرىگە ،مانا سەندەك ئولتۇرسىمۇ بولىۋىردىكەنغۇ. C#8A|  
--ئۇلارنىڭ قولىدا باركەن قىپتۇ، مەنمۇ پۇل تاپسام ئاشۇنداق چىرايلىق ئولتۇرۇش خىيالىم بار،ئۇنىڭ نەرى يامان. ,CN (;z)  
--ھەشەمەتچىلىك قىلىپ ماشىنىللىرىچۇ تىخى. fUfd5W1"  
--مەنمۇ كىنىشكا ئىپ قويدۇم،ئۆينىڭ قەرزى تۈگىسە ئويلىشىمەن،چوڭ ئۆيگە بىرىپ كىلىشتە قىينىلىدىكەنمىز. E 0l&d  
54B`T/>R:E  
?3qp?ea  
يۇقارقىلار رىئاللىقنىڭ ساقىندىللىرى خالاس،دىمەك ئۆزىمىز يىقىنلىشالمىغان باشلىقنى يىقىنلاشقانلاردىن كۈنلەپ، ئۆزىمىز تاپالمىغان پۇلنى تاپقانلاردىن كۈنلەپ.ئۆزىمىز ئىرىشەلمىگەن ئىناۋەتنى ئىرىشكەنلەردىن كۈنلەپ ، ئۆزىمىز ئىرىشەلمىگەن بەخىتنى ئىرىشكەنلەردىن كۈنلەپ يۈرگەنلىرىمىزگە قاراپ كۈندەشلىكنىڭ دەرىجىسى ئۆسۆپ  دائىرىسى كىڭىيىۋاتقانمىكىن دەپ قالدىم. }_F:]lI*R  
ياكى كۈندەشلىكنى قامچىلاۋىرىپ ئۆيدىكىلەرنى كۈنلەشتىن قول ئۈزۈپ سىرىتتىكىلەرنى كۈنلەشكە ئۆتتۇقمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. $06('Hg&  
)Vrp<"v  
ئىشقىلىپ پىكىرلىرىم چىچىلىپ ئاخىرىنى ياخشى خۇلاسىلەپ چىقالمىغان بولساممۇ مۇنبەرنىڭ خەتنى ئازراق يازسا ئىنكاس كۆپرەك يازسا تېما بولوشتەك ئاجىزلىقىنى تۇتىۋىلىپ بىرمۇنچە خەت يىزىپ يوللاش كۇنۇپكىسىنى باسماق بولىۋاتىمەن. :WsHP\r  
iq?T&44&  
خەيىر. )MLbE-@  
ئىنكاستا كۆرشەيلى. %#PWD7a\  
$}0!dR2  
  jIwN,H1$-  
~l?c.CS d  

ماھى 2012-10-18 23:00
تەۋپىق ئىنىم، بۇ ئۆزگىچە تېمىڭىزدىن سۆيۈندۈم.بىزدە ھەر قانداق مەسىلىگە ئۇچرىغاندا تەپەككۇر قىلىش ئادەتكە ئايلانغان بولسا ئېدى، باشقىلارنىڭ تەپەككۇر يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرەلگەن ئەسەرلىرىنى ئاسانلا چۈشىنەلىگەن بولاتتۇق. تەپەككۇرغا كۆنمىگەن كاللىلار باشقىلارغا ئۆز ئۇسۇلىدا باھا بېرىدۇ شۇ.مېنىڭچە سىز ساراڭ بولماپسىز، بەلكى سەگەكلىشىپ، مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنالايدىغان ساپاغا ئېگە بوپسىز. تەپەككۇرلىرىڭىزغا تېخىمۇ چوڭقۇرلۇق تىلەيمەن.

arzu 2012-10-19 00:21
ئىشقىلىپ پىكىرلىرىم چىچىلىپ ئاخىرىنى ياخشى خۇلاسىلەپ چىقالمىغان بولساممۇ مۇنبەرنىڭ خەتنى ئازراق يازسا ئىنكاس،  كۆپرەك يازسا تېما بولوشتەك ئاجىزلىقىنى تۇتىۋىلىپ بىرمۇنچە خەت يىزىپ يوللاش كۇنۇپكىسىنى باسماق بولىۋاتىمەن. (i^ 
7{ QjE  
ما گەپنى ئالدىنقى كۈنىلا بىرى ماڭا قىلغان ئىدى. بەزىلەر ئىنكاسى تۆت قۇرغا يەتكۈدەكلا بولسا ئايرىم تېما قىلىپ يوللايدىكەن، زۆرۈريىتى بارمىكىن دەپ، مەنمۇ ئويلىنىپ قالغان ئىدىم....   2fdC @ V  
]-u>HO g\  
_We4%  
ئەمدى تېمىڭىزغا كەلسەك، مەن بۈگۈن « جانلىقلار جەمئىيىتى» دېگەن دەرسنى ئۆتۈپ چىقتىم. ھاشاراتلار ئارىسىدىكى ئۇيۇشۇشچانلىق، ھەمكارلىق، كوللىكتىپلىق ئىنسان ھەيران بولغۇدەك ھالەتتە دەپ. ھەقىقەتەن بىز بۇ جەھەتلەردە ئاشۇ ھاشارەتلەردەكمۇ بولالمايمىز. t-J\j"~%+  
سىز ئىيتقان ئۇ مەسىلىلەرنى « كۈندەشلىك » دەپ ئەمەس، « كۆرەلمەسلىك » دەپ خۇلاسىلاش توغرىدەك قىلىدۇ.

tursun 2012-10-19 11:39
«كۈندەشلىك مەنچە ئۆزىنىڭ ئامراق نەرسىسىنى باشقىلاردىن قىزغىنىش دىگەن مەنىدە بولسا كىرەك.» @.{  
    ئۆزگىچە يىڭى بىر تىمىنى يوللىغانلىقلىرىغا ئالدى بىلەن تەشەككۇر! >g[W@FhT'k  
يۇقارقى تىمىلىرىنىڭ نوۋەتتە چىتىلىش دائىرىسى تولىمۇ كىڭئىيىپ بىرىۋاتىدۇ. Rc 4EF HL  
qj1z>,\  
بۇ ماھىيەتتە «كۆرەلمەسلىك»،«ھەسەت قىلىش »،«ئىچى تارلىق» دىگەن سۆزلەرنىڭ cC4T3]4l '  
يىڭى دەۋىردىكى ماس قەدەملىك ئۆزگىرىشى دىسەكمۇ بولىدۇ...!رەھمەت!

ozqan 2012-10-19 12:15
كۈندەشلىك __ كۆڭۈل غەگىشلىك ، يالۋۇرۇش __ يالاۋېرىش ؟ .... بۇ ئويلاپ باقمىغان ئۆزگىچە تەھلىلكەن .. 'Z.OF5|eGT  
4e@&QOo`Cu  
تور بەتنىڭ ، مۇنبەرنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش تەۋپىق ئىنىمىزنىڭ تېمىلىرىنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپىتىكەن ، بۇ تېمىنى ئوقۇپ پىكىردىكى ئىجادىيلقنى ، ئەركىنلىكنى ھېس قىلدىم . K)/!&{7n}a  
x^)g'16`  
مۇلاھىزىنىڭ ئاخىرىدا ياخشى خۇلاسە چىقىرلىپتۇ ، قىلىدىغان ئىششىڭىز تولا ، ئويلايدىغان نەرسىڭىز كۆپ بالىكەنسىز ... ,$h(fM8GC  
K lli$40  
ئىجادىي تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز ... ھارمىغايسىز ...

گۈلزىبا 2012-10-19 23:50
كۈلۈپ كەتتىم، تازا قاقاھلاپ كۈلىۋىلىپ ،ئاندىن ئېغىزىمنى چىڭ يۇمۇپ ،قوشۇمامنى تۈرۈپ تۇرۇپ ئويلىناي دەيمەنغۇ .قىسقىسى بۇ يازما باشقىچە چىقىپتۇ .

gulhan 2012-10-21 22:18
ئۆزگىچە يازمىڭىزنى ئۇقۋىتىپ ئۆزەم تۇرۋاتقان مۇھىتنى، ئۆزەمنى تەكشۈرۈپ باقتىم . «كۆندەشلىك » ئىس تۈتىكى ئەتراپىمنى ناھايىتى قۇيۇق قاپلاپتۇ. بىلىپ بىلمەي مەندىنمۇ پۇراپ قالغانغاندەك قىلىدۇ.   بۇ يازمىڭىز  مىنى سەگىتىپ قويدى جۇمۇ.    K*1.'9/  
eTT) P  
ئىلھاملىرىڭىزغا بەركەت، تەپەككۈرىڭىزگە ئىزچىللىق يار بولغاي.

ناۋاي 2012-10-21 22:49
<<نامى چىققانلارنىڭ ئۇششاق گىپىنىمۇ تەھلىل، كۆزگە كۆرۆنمىگەنلەرنىڭ ئۆتكۆر پىكىرلىرىنىمۇ  غەيۋەت دەپ چۈشىنىدىغان ئادىتىمىز بويچە غەيۋەتخۇر بوپ قالماي دەپ ئادەم بار يەردە سۆزلەشتىنمۇ قورنۇپ قۇلاق موللىسى بوپ يۈرىۋىرىپتىمەن.>> بۇ قۇرلىرىڭىز  ئەملىيەتلىك، ھىكىمەتلىك چىقىپتۇ.

danix 2012-10-22 19:35
     كۈندەشلىكنىڭ دەرىجىسى ئۈستىمۇ دەمسىز ؟ ep/Y^&$M  
   سىز ئېيتقاندەك ، ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن باشقا ھەممىلا نېمە  ئۈستى .

gulnar 2012-10-24 15:33
دېمىسىمۇ ئۆزگىچە تېمىكەن مەنمۇ ماۋزۇنى كۆرۈپلا  ئائىلىدىكى ئىشلار ئوخشايدۇ دىسەم ...  ... CQh,~  
ئاخىرغىچە ئوقۇپ ئويلۇنۇپ قالدىم .ھەقىقەتەن يۇقىردا ئېيتىلغان ئەھۋاللارنىڭ بىر قىسمى مەندىمۇ باردەك قىلىدۇ دەرھال ئۆزگەرتسەم بولغىدەك .يەنە  << يالاقكەش>>   دېگەن سۆزنى <<يالاقچى>> دېسە بولارمۇ؟

ئەكبەرنىياز 2012-11-01 05:51
تەپەككۇرىڭىز ئۆزگىچە، پىكىرلىرىڭىز چوڭقۇر بوپتۇ .ھارمىغايسىز! l>*"mh  
بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىمىزنىڭ  ئۇسلۇبىنى  كۆرۈۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالدىم. <<ئوت كەتكەن دەريا>>  ئېسىڭىزدىمۇ؟

ماھىنۇر 2012-12-05 22:24
ناھايتى ياخشى تىما يوللاپسىز رەخمەت

مىېھرىما 2014-03-20 16:52
بەك ياخشى تىما ئىكەن . كۆپ ئەجىر قىپسىز سىزگە رەھمەت .

رەيھان 2014-03-20 17:49
ئەر خوتۇن ئۇتتۇرسىدىكى كۈندەشلىكمىكىن دەپ ئوقۇپ باقسام خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى كۈندەشلىك ئىكەنغۇ؟ رەخمەت سىزگە ياخشى يېزىپسىز.

گۈلنىھال 2014-05-31 22:31
كۆرمىگەنلا تىمىكەن دىسە .... "@iK' c^  
يامانكەنسىز جۇمۇ !

گۈلنىھال 2014-05-31 22:33
‏ھەممىنى ئوقۇپ  ، مۇلاھىزە قىلىپ  ، ئاندىن ئىنكاس  يازاي بۇ تىمىڭىزغا . F8jd'OR  
ياخىشى بوپتۇ !

گۈلنىھال 2014-05-31 22:33
tursun:«كۈندەشلىك مەنچە ئۆزىنىڭ ئامراق نەرسىسىنى باشقىلاردىن قىزغىنىش دىگەن مەنىدە بولسا كىرەك.»     ئۆزگىچە يىڭى بىر تىمىنى يوللىغانلىق .. (2012-10-19 11:39) 
X iS1\*  
بۇ پىكىرىڭىزنى قوللايمەن !


查看完整版本: [-- كۈندەشلىكنىڭ دەرىجىسى ئۆستىمۇ؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled