查看完整版本: [-- تومۇرى «ئۇنۇت» مۇ ياكى «ئۇنتۇ» مۇ؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سۇئال-جاۋاپلار -> تومۇرى «ئۇنۇت» مۇ ياكى «ئۇنتۇ» مۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-10-18 21:37

تومۇرى «ئۇنۇت» مۇ ياكى «ئۇنتۇ» مۇ؟

             تومۇرى «ئۇنۇت» مۇ ياكى «ئۇنتۇ» مۇ؟  D4Al 3fe  
 2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان تەكرار ماتېرىيالى «سەرخىل ئومۇمىي تەكرار» دا  «ئۇنتۇش»، «ئۇنتۇپ» دېگەن سۆزلەردە  تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن دېيىلىپتۇ. ~\)qi=  
مەن قارىسام، بۇ مەسىلە ئالدى بىلەن بۇ پېئىلنىڭ تومۇرى «ئۇنۇت» مۇ ياكى «ئۇنتۇ» مۇ؟ دېگەننى ئېنىقلاشتىن ئىبارەت ئىكەن.  I:bD~F b3  
لۇغەتلەرگە قارىسام «ئۇنتۇ» دېيىلىپتۇ. «ئۇنۇت» شەكلىنى ئۇچراتمىدىم . مېنىڭچە «ئۇنۇت» دېگەن بۇ شەكىل جانلىق تىلدا پەيدا بولغان ۋاريانتمىكىن دەپ قارىدىم.  ئۇنداقتا بۇ سۆزلەردە تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى يوق دېسەك بولامدۇ قانداق؟   كەسىپداشلارمۇ دەپ باقسىكەن.  

رەيھانگۇل 2012-10-18 23:13
ئومۇمىي تەكراردىكى «ئۇنتۇش، ئۇنتۇپ» دېگەن سۆزلەردە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قىلىش ھادىسسى بار دېگەن ھۆكۈم توغرا. `V)Z)uN{0  
.B#l5pfvP  
بۇ سۆزلەردە سۆزلەرنىڭ تۇمۇرى يەنى يىلتىزى « ئۇنۇت». ھەرگىزمۇ « ئۇنتۇ» ئەمەس. VMoSLFp^R  
سەۋەبى: سۆزنىڭ يىلتىزى بىر سۆزدە ئىپادىلىندىغان لېكسىكىلىق مەنىنىڭ يادرۇسى ھېساپلىنىدۇ. بىر سۆزنىڭ تەركىبىدىكى بارلىق قۇشۇمچىلارنى چىقىرىۋەتكەندە، ئېشىپ قالغان قىسىمى يىلتىز بولىدۇ. يىلتىز ئېنىق ۋە مۇستەقىل مەنىگە ئىگە، ئۇنى مۇستەقىل قوللانغىلى بولىدۇ. ==i[w|  
مەسىلەن: گۈزەللىكلەرنى-گۈزەل+لىك+لەر+نى cRX~z  
بۇ سۆزدىكى بارلىق سۆز ياسىغۇچى ۋە تۈرلىگۈچى قۇشۇمچىلارنى چىقىرۋەتسەك، سۆز يىلتىز «گۈزەل» بولىدۇ. 6<K6Y5<6  
r\nx=  
يوقارىقى مەسىلىگە كەلسەك، «ئۇنتۇش، ئۇنتۇپ» دېگەن سۆزلەرنىڭ يىلتىزى «ئۇنتۇ» دېسەك، خاتالاشقان بولىمىز. چۈنكى ئۇيغۇرتىلىدا «ئۇنتۇ» دېگەن سۆز مۇستەقىل مەنە بىرەلمەيدۇ. بۇ سۆزنى مۇستەقىل قوللانغىلى بولمايدۇ. O Fje+S  
«ئۇنتۇش، ئۇنتۇپ» دېگەن سۆزلەرنى باش ۋە ئەگەشمە مۇرفىمىلارغا ئاجىرىتىپ كۆرسەك ، سۆزنىڭ يىلتىزى«ئۇنۇت»، بۇ سۆزگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا رەۋىشداش قۇشۇمچسى «-ش،-ىش،-ۇش،-ۈش»دېكى «-ۇش»، «-پ،-ىپ، -ۇپ، -ۈپ»دېكى «-ۇپ» قۇشۇمچسى قۇشۇلغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەسلىدىكى سۆز يىلتىزى «ئۇنۇت»دىكى «ۇ» تاۋۇشى چۈشۈپ قالغان. h*ZC*eV>  
مەسىلەن: 9'hv%A:\3  
ئۇنتۇش-ئۇنۇت+ۇش ( ۇ تاۋۇشى چۈشۈپ قالغان.) vFEQ7 qI  
ئۇنتۇپ-ئۇنۇت+ۇپ  (ۇ  تاۋۇشى چۈشۈپ قالغان.) F[ewn/]n  
(rg;IXAq%  
ئۇنتۇش

ماھى 2012-10-18 23:23
مېنىڭچە، بۇ سۆزنىڭ تومۇرى «ئۇنۇت». «ئۇنتۇ»دېگەن سۆز ھېچقانداق لېكسىكىلىق مەنە بىلدۈرمەيدۇ.قالغان پىكىرلەردە رەيھانگۈلنىڭ قارىشى بىلەن بىردەك.

رەيھانگۇل 2012-10-18 23:24
نەقىل: O( _[ayE  
«-ش،-ىش،-ۇش،-ۈش»دېكى «-ۇش»، `7H4Y&E  
ئىسمداش قۇشۇمچىسى MQ"xOcD*F  
$LU"?aAW  
«-پ،-ىپ، -ۇپ، -ۈپ»دېكى «-ۇپ» tToTx f~  
رەۋىشداش قۇشۇمچىسى

arzu 2012-10-19 00:23
مەنمۇ رەيھانگۈلگە ئوخشاش قاراشتا، شۇڭا شەرھىلىمىدىم.

ناركوس 2012-10-19 00:46
قايسى كۈنى بىزمۇ بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ توختىلىپ كەتكەن ئىدۇق...

tursun 2012-10-19 11:20
رەيخانگۇل بىلەن ئاقگۇلنىڭ قاراشلىرى بىر-بىرىنى تولۇقلىغان، ياخشى بىر ھەمكارلىق ھەم ئىزاھلاش بولۇپتۇ...يارايسىلەر...!     

tunyukuk 2012-10-19 22:07
  Acnl^x7Y1  
1999-يىلى نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»نىڭ 1216-بېتىدە،  2009- يىلى نەشىر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى» ناملىق كىتابلاردا  «ئۇنۇت» دېگەن سۆز شەكلى يوق. بۇ سۆز بۇ لۇغەتلەرنىڭ ھەممىسىدە «ئۇنتۇ»، «ئۇنتۇماق»  شەكلىدە بېرىلگەن. ھېچقايسىسىدا «ئۇنۇت» شەكلىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. Kpb#K[(]&  
دېمەك، بۇ پېئىلنىڭ تومۇرى «ئۇنتۇ» بولۇپ، تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى مەۋجۇت ئەمەسكەن.

ھەمراجان 2012-10-19 23:26
مېنىڭچىمۇ تاۋۇش چۆشۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆۇلمىگەن.

tunyukuk 2012-10-20 22:09
تەۋپىق ئەپەندى: يۇقىرىقى پىكىرلەرگە ئاساسلانغاندا، 0{dz5gUde  
«مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، تەستىقلىنىشنى كۈتۈڭ.»  دېگەن تەكلىپتىكى  «ئۇنۇتماڭ» دېگەن سۆزنى «ئۇنتۇماڭ» دەپ تۈزىتىپ قويۇشىڭىزغا توغرا كېلەمدۇ قانداق؟

tawpek 2012-10-21 13:43
قوشومچىنى ئويلىسا رەيھانگۈلنىڭ توغرىدەك قىلغان بىلەن ئەمەلى سۆز ئىشلىتىش ئادىتىمىزگە قارىسا تۇنيۇقۇق ئاكىمىزنىڭ توغرىدەك قىلىدۇ. Hir Fl  
N@Y ljz |  
ئىغىز تىلدا ئۇنتىما ، يىزىق تىلدا ئۇنۇتما   دەپ ئالىمىزكەن بىز.

tunyukuk 2012-10-24 22:29
 

ئەكبەرنىياز 2012-10-28 13:23
بۇ مەسىلىدە مەنمۇ تۇنيۇقۇق قېرىندىشىمىزنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن . ئۇ ئېيتقان ماتىريال مەندىمۇ بار . مەنمۇ ھازىر تولۇق 3-يىللىقلارغا دەرس بېرىۋاتىمەن .مەنمۇ بۇ مەسىلىنى شۇنداقراق چۈشەندۈرگەن . ئەگەر يېڭىچەئىزاھات بېرىلگەن تەرەپلەر بولسا ئەسكەرتىپ قويارسىلەر دوستلار!!!

danko 2012-10-30 10:47
ئورتاق ئەدەبىي تىلدا بۇ سۆزنىڭ (پېئىلنىڭ) سۆز شەكلى «ئۇنۇت»  ئەمەس  «ئۇنتۇ» بولىدۇ. مېنىڭچىمۇ بۇنىڭدا تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى مەۋجۇت ئەمەس.

تىلسىن 2013-09-15 22:08
ئۇنۇت تۈپ سۆز «ۇش»قوشۇلغانداتۈپ سۆز تركىبىدىكى بىر«ۇ»تاۋشى چۈشۈپ قالىدۇ .دېگىنى ئورۇنلۇق .بۇنى كىشى تۈزگەن لوغەتتىن تاپالمىغىنىمىز بىلەن ئەل لوغىتىدىن تېپىلىدۇ .نەزىرىيە ئەمەلىيەت ئاساسىدا تۈزۈلىدۇ.ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان نەزىرىيە ئەمەلىيەتتە سەپسەتىدىن ئىبارەت.بۇ تەرەپ لوغەت تۈزۈش جەريانىدا چۈشۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

tawpek 2013-11-04 18:12
شۇنداق قىلىپ پىكىر بىرلىكى  ھاسىل قىلالمىغان بولدۇقما؟


查看完整版本: [-- تومۇرى «ئۇنۇت» مۇ ياكى «ئۇنتۇ» مۇ؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled