查看完整版本: [-- تەۋپىق شىپاخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى (دانىش) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبەر ئۇقتۇرۇشلىرى -> تەۋپىق شىپاخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى (دانىش) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

danix 2012-10-17 18:38

تەۋپىق شىپاخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى (دانىش)

    تەۋپىق (توغرا يول ) شىپاخانىسىنىڭ كونا ، يېڭى بىمارلىرى سەمىگە :
    شىپاخانىمىزغا روھى بېسىم ، خىزمەت بېسىمى ، بىلىم بېسىمى ئېغىر بولغان بىمارلارنىڭ كۆپلەپ قەدەم تەشرىپ قىلىشى  بىلەن
شىپاخانىمىزدىكى بىمارلارنىڭ كۆپۈيىشىگە ئەگىشىپ ، قالايمىقان تاش ئاتىدىغان ، بىر - بىرىگە قاش ئاتىدىغان ئىشلار سادىر بولىۋاتىدۇ . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىپاخانىمىز بىمارلار سەمىگە تۆۋەندىكىلەرنى سېلىپ قويماقچى :
    يېقىندا ، شىپاخانىمىزغا يېڭى كەلگەن بىر بىمار شىپاخانىمىزدىكى ھەسەل ھەرىسى ئۇۋىسىغا تاش ئېتىپ ، ھەسەل يىغىش ماھىرى دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بىر قانچە ھەسەل ھەرىمىزنىڭ دىلىنى زەخىملەندۈردى . بۇ ھەسەل ھەرىلىرىمىزنىڭ دىل زەخمىسىنىغۇ شىپاخانىمىز داۋالاپ ساقايتىۋالىمىز . ئەمما ، ھەسەل ھەرىسى ئۇۋىسىدىكى ھەسەل ھەرىلىرىمىز تاش ئاتقۇچىنى قوغلاپ كېتىش بىلەن ھەسەل يىغىشنى مەلۇم مەزگىل توختىتىپ قويغانلىقتىن شىپاخانىمىز مەلۇم مىقداردىكى ھەسەلدىن مەھرۇم قالدى . ھەسەل شىپاخانىمىزدىكى ھەممە دورىلارغا سالمىساق بولمايدىغان مۇھىم ماتىرىيال بولغاچقا ، شىپاخانىمىز بىمارلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەسەل ھەرىسى ئۇۋىمىزغا تاش ئاتماسلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇشنى لايىق تاپتى .
   بىمارلارنىڭ سەمىگە سالىدىغان يەنى بىر ئىش : بىمارلىرىمىز ھەر كۈنى خىزمەتتىن چۈشكەندە سەھنىمىزدە ۋە كوت - كوت توپىمىزدا ئويۇن كۆرسىتىدۇ ياكى ئويۇن كۆرىدۇ ، ئويۇن كۆرسەتكۈچىلەر بەزىدە ياشلىق ، شوخلۇق ، شاشلىق قىلىپ بىر - بىرىگە سۆزدە قاش ئاتىدۇ  . قاش دېگەن بەزىدە بىلىپ - بىلمەي ئېتىلىپ قالىدۇ . بەزىلەر بىر - بىرىگە ماسلىشىپ قاش ئېتىشسا ،ئەمما بەزى بىمارلىرىمىز خۇددى نەسىردىن ئەپەندىدەك باشقىلار قاش ئاتمىسىمۇ قېشىنى ئېتىۋېرىدۇ . قارىشى تەرەپ قاش ئاتمىسا قېشىنى ئېتىۋەرگەن بىمارلىرىمىز شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەككى ، بىزنىڭ سېستىرالىرىمىزدا قاشنى چۈۋۈرىۋېتىدىغان دورا بار . بىزغۇ سېستىرالارغا دۇختۇر يېزىپ بەرمىگەن دورىلارنى بىمارلارغا بەرمەسلىكنى ، بۇنداق قىلىشنىڭ سېستىرالىق ئەخلاقىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى دەپلا تۇرىمىز . ئەمما قارىشى تەرەپ قاش ئاتمىسا ، بىمارلار توختىماي قاش ئېتىپلا تۇرۇشمۇ ئەخلاققا خىلاپ بولغاچقا بەزى سېستىرالىرىمىز قاش چۈشۈرۈش دورىسىنى شۇنداق بىمارلارغا بېرىپ قويۇشى مۈمكىن ، بۇنىڭدىن ساقلانماق تەس . شۇڭا بىمارلارنىڭ چىرايلىق قىزلارغا قاش ئتقاندا قارىشى تەرەپ قاش ئاتميىسا ، دەرھال توختاپ توختاپ قېلىشىنى ، بولمىسا قېشى چۈشۈپ كەتسە ، ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ، شىپاخانىمىز بۇنى داۋالاپاقايتالمايدىغانلىقىنى سەمىگە سېلىپ قويماقچى .

ماھى 2012-10-17 19:43
رەسمىي شىپا بولغىدەك تېما تېما بوپتۇ بۇ،تۇلا كۈلۈپ ئۈچىيىم ئۈزۈلۈپ كېتەيلا دېدى.ھارمىغايسىز دانىش مۇئەللىم.

maaripqi 2012-10-17 21:07
ھا! ھا! ھا! ھا! ھا!

akida228 2012-10-17 21:58
ۋاھ ، بۇ تېمىنى كۆرۇپ كولۇپ تېلىقىپ قالاي دىدىم ، ھاردۇقىممۇ چىقىپ كەتتى دىسە  

gulhan 2012-10-17 23:09
بەك ياخشى چىقىپتۇ...

kok-sultan 2012-10-17 23:27
تىلىمىڭزنىڭ پاساھىتى ماھىر قەلەمكەشلەرنىڭ ئىجادىيىتى ئارقىلىق ۋايىغا يېتىدۇ...

تۆتتاش 2012-10-18 00:49
ساپ ھاۋا،تەنگە داۋا دىگەن شۇ دە.
مۇنبىرىمىزنىڭ ساپ ھاۋاسى سىزدەك ھاۋا تەڭشىگۈچلەرگە بەكمۇ ئېھتىياجلىق.

ھەقىقەتەن تەسەۋۇرلىرىڭىز ئويناپ تۇرۇدىكەن.

ئوتقاشئەرقۇتى 2012-10-18 02:01
دانىش مۇئەللىم ھارمىغايسىز،تەۋپىق شىپاخانىسىنىڭ  كىسەل تەگكەن بىمارلارنى جىددى ئايرىپ داۋالاپ ،كىسەلنىڭ تاقىلىپ كىتىشىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن ،

danix 2012-10-18 14:02
    ئاق گۈل ، ئەقىدەلەر تېمامنى كۆرۈپ بەك تىلىقىپ كۈلۈپ كېتىپتۇ .
كۈلكە يۈرەكنى ياشارتقان بىلەن يۈزنى قېرىتىدۇ . ھېسام چاقچاق كۈلىۋەرگەچكە ئۇنىڭ يۈزى چېپەرقۇتتەك بولۇپ كەتكەن . ئاق گۈل ، ئەقىدەدەك چىرايلىقلار بۇنى بىلسە بوللاتى - ھەي .

كۈلگەندە گۈلخاندەك مۇنداق     ئېغىزنى ئېتىۋېلىپ كۈلسە ، يۈزگە قورۇق چۈشمەيدۇ .  

مەرىپەت0999 2012-10-18 16:29
ھەممە جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن، دانىش مۇئەللىمگە تەشەككۈر! كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان قەلىمىڭىز بولۇپلا قالماي ،يەنە ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ساپ قەلبىڭىزمۇ بار ئىكەن ئەمەسمۇ! ھەر جەھەتتىن يىتىشكەن جىسمىڭىز مەڭگۈ ئامان بولغاي!       

ماھى 2012-10-18 20:23
كۈلكە جاننى ياشارتىدۇ. قوروق بولۇپ كەتسەكمۇ ھېچقىسى يوق، ياش بىر يەرگە بارغاندا بەرىبىر قورۇق چۈشىدىغان گەپ.
قورۇق چۈشۈشتىن قورقۇپ بىرەر قېتىم ئېچىلىپ-يېيىلىپ كۈلەلمىسەك بولماس

arkzat 2012-10-22 08:44
              بىرەر  نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،
              كۈلۈپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش.
              ئېشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭراپ تاشلىشى،
              ئاتوم دەۋردىمۇ تۇرمۇشتا بار ئىش!!!

   مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندى ھەقىقەتەن يىراقنى كۆرەر شائىر ئىكەن. چۈنكى ئەينى يىللىرىلا بەزىلىرىمىزنىڭ بۈگۈننى كۆرەلىگەن ئىكەن ئەمەسمۇ!؟

danix 2012-10-23 10:17
    ئەركزات ،مەن تېخى سىزنىڭ جاھاندا ماختايدىغان ئادىمى يوق چېغى دەپ ئويلاپتىمەن . تېمىڭىزدا ھەر ھالدا ئالىمىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ تەرىپىنى قىلىپسىز . رەھمەت سىزگە .

arkzat 2012-10-23 13:48
引用第13楼danix于2012-10-23 10:17发表的 :     ئەركزات ،مەن تېخى سىزنىڭ جاھاندا ماختايدىغان ئادىمى يوق چېغى دەپ ئويلاپتىمەن . تېمىڭىزدا ھەر ھالدا ئالىمىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ تەرىپىنى قىلىپسىز . رەھمەت سىزگە . [ئىپادە]


  بۇ تەۋەررۈك ئالىمىمىز  شۇنچە كۆپ ئادەملەر  ئىچىدە سىزنىڭ مۇبارەك نام-شەرىپىڭىزنىمۇ  ئۆزىنىڭ جەۋھەر رۇبائىيلىرى  ئىچىدە ئالاھىتەن تىلغا ئالغان تۇرسا، ئۇنى يەنە قانداقمۇ مۇئەييەنلەشتۈرمىگىلى بولسۇن دەيسىز، دانىش!

danix 2012-10-23 16:40
ئالىمىمىز رۇبائىيسىدا تىلغا ئالغان « دانىش» دېگەن بۇ نام بۇ نامنى مەن قوللىنىشتىن ئىلگىرىلا تىلغا ئېلىنىپ بولۇنغان بولۇشى مۈمكىن . شۇڭا ئۇ نامنى قانداقمۇ مېنىڭ مۇبارەك نامىم دېگىلى بولسۇن ؟!

arkzat 2012-10-24 13:08
引用第15楼danix于2012-10-23 16:40发表的 : ئالىمىمىز رۇبائىيسىدا تىلغا ئالغان « دانىش» دېگەن بۇ نام بۇ نامنى مەن قوللىنىشتىن ئىلگىرىلا تىلغا ئېلىنىپ بولۇنغان بولۇشى مۈمكىن . شۇڭا ئۇ نامنى قانداقمۇ مېنىڭ مۇبارەك نامىم دېگىلى بولسۇن ؟! [ئىپادە]

 
 شۇنداقمۇ؟ مەن تېخى ئەنە شۇ بۈيۈك ئالىمىمىزمۇ  ئۆز ئەسەرلىرى ئۈچۈن لازىملىق خۇرۇچ-خام ماتېرىيال تاللىغاندا، بەلكىم سىز ئىشلەتكەن شۇ سۆزنى سىزگە مۇراجەت قىلىش ئارقىلىق  سىزدىن ئارىيەت ئالغان بولۇشى مۇمكىن...دەپ قاراپتىكەنمەن.
  دەرۋەقە، كېيىنكىلەر ھەممە ئىشتا بۇرۇنقىلاردىن ئاز-تولا بولسىمۇ، ئۆرنەك ئالىمىز ئەمەسمۇ؟ مۇشۇنداق كەمتەر بولساق، مەغرۇرلانغانغا قارىغاندا، ھەممىمىز ئۈچۈن كۆپ ياخشى. بۇ ھەم ئىنسانلارغا ئورتاق ئېسىل پەزىلەت!

akkax 2012-10-28 11:09
  قارىغاندا ئۇستاز ئاخىرى كەمتەرلىك يولىنى ئۆگەنگەندەك قىلىدۇ.
  كۆپ خۇرسەن بولدۇم.
  بىراق، ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشتە قوش بىسلىق سۆزلەردىن پايدىلىنىپ ئادەم مەسخىرە قىلىشتىن ئىبارەت ھاكاۋۇرلىقى ،مېنى بۇ كەمتەرلىكىنى ساختىلىقتەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدى.
  « ئىشەك مەككە مۇكەررەمگە بارسىمۇ ئىشەك پېتى قايتۇر » دېگەن ھېكمەتنى بابالىرىمىز ئاجايىپ ئوبدان دېگەن ئىكەن.
  بۇ ئۇستازنىڭ ئاتا - بابالىرى ئىشەكچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، ئىشەكنىڭ خۇيى يۇقۇپ قېلىپ، ئېرسىيەت قالغان بولسا كېرەك. دائىم مۇنبەردىن ئۆزىگە ئوخشاش ئىشەك خۇيلۇق ئادەملەرنى ئىزدەپ ، بېھۇدە ئاۋارە بولىۋاتقىنىغا بەكمۇ ئېچىنىمەن. ئاۋارە بولمىسىلا . تاپالمايلا !  تولا جاھىللىق قىلماي، زېھىنلىرىنى يۈك توشۇشقا قاراتسىلا !
  
  

ماھى 2012-10-28 11:44
ئولۇغ ھېيىت-ئايەم كۈنلەردە بۇنداق بىر-بىرىڭلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىدىغان گەپ-سۆزلەرنى توختىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئادەم بەزىدە بىلىپ-بىلمەي خاتا گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ قالىدۇ. كەڭ قۇرساق بولۇپ، ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات قىلىپ، مۇشۇ شىپاخانىدا ئادەم بولۇشنىڭ ھەقىقىي توغرا يولىنى ئۆگىنىۋېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. زىددىيەتنى بۇنداق كۆپەيتىۋېرىش مېنىڭچە توغرا ئۇسۇل ئەمەس.
ھەممىمىزنى مۇنبىرىمىزنى تىنىچ-ئىتتىپاق ، ھەمكارلىشىش روھىغا تولغان ياخشى بىر مائارىپ مۇنبىرى قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى.

arkzat 2012-10-29 12:08
引用第18楼ak gul于2012-10-28 11:44发表的 : ئولۇغ ھېيىت-ئايەم كۈنلەردە بۇنداق بىر-بىرىڭلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىدىغان گەپ-سۆزلەرنى توختىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئادەم بەزىدە بىلىپ-بىلمەي خاتا گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ قالىدۇ. كەڭ قۇرساق بولۇپ، ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات قىلىپ، مۇشۇ شىپاخانىدا ئادەم بولۇشنىڭ ھەقىقىي توغرا يولىنى ئۆگىنىۋېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. زىددىيەتنى بۇنداق كۆپەيتىۋېرىش مېنىڭچە توغرا ئۇسۇل ئەمەس. ھەممىمىزنى مۇنبىرىمىزنى تىنىچ-ئىتتىپاق ، ھەمكارلىشىش روھىغا تولغان ياخشى بىر مائارىپ مۇنبىرى قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى.


    ئىت ئىتلىقى قىلمىسا، ئۇنى ھېچكىم ئىت دەپ ئاتىمايدۇ. ئېيتىلىشىچە، ئىت قاۋىمىسا، ئېشەك ھاڭرىمىسا، پاقا كۇركىرىمىسا بېشى ئاغرىيمىش. ئوخشاشلا گەپ: بېسىققان ئىشنى يەنە ھاڭراپ ئاققاشتىن قاراقاشقىچە چىچاڭشىتىپ يۈرۈش-پەقەت ئېشەككىلا تالىق. خۇلاسە كالام شۇكى:
   ئەپەندىمنىڭ ئىشىكى گەر بارسىمۇ مەككىگە،
   ئىشەكتۇر ئۇ بەرىبىر قايتىپ كەلسە ئۆيىگە!

akkax 2012-10-29 20:27
  بېسىققان ئىش دەپ قايسى ئىشنى كۆزدە تۇتىۋاتقانلىرىنى بىلمىدىم .
  بەك تەسىر قىلغان بولسا كېرەك ھە؟!
  بۇ قېتىم پارتىلاپلا كېتىپلا . دائىم ئاچچىق كۈلۈپ يۈرىدىغانلىقلىرىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى ئازىراق ھېس قىلىۋاتىلمەن. يەنە ئاچچىق كۈلۈپ كەتتىلىمۇ قانداق ؟
  كۆپ گەپنىڭ قانداق نېمىگە قانداق بولىدىغانلىقىنى بەك ئوبدان بىلىلا. ئارتۇق سۆزلىمەي. سۆز ئېغىز ئىچىدىكى چاغدا ئادەم باشقۇرغان بىلەن، ئېغىزدىن چىقسا سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ. تەۋپىقتە نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار بار. تەسىرىنى ئويلاپ قويسىلا .
  

ماھى 2012-10-29 21:00
بۇ توغرىدىكى مۇنازىرىنىڭ ئەمدى توختىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
چۈنكى بۇ تالاش-تارتىشلارنىڭ تېما بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋېتى يوق.
ئەمدى بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازغانلارنىڭ ئىنكاسى ئۆچۈرىۋېتىلىدۇ.
كۆڭۈل ئازادىلىكى ھەممىدىن مۇھىم.

akkax 2012-10-30 00:42
  ھەق راست. بىراق، بەزىلەر كۆڭۈل ئارازىلىقىنى تېڭىۋاتسا قاراپ تۇرغىلى بولمايدىكەن. سىز چوقۇم دەل ۋاقتىدا، مۇشۇنداق قۇتراتقۇ پاراڭلارنى كۆزدىن نېرى قىلغان بولسىڭىز ئىشلار بۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتمەيتتى. ئۇنداق ئەمەسمۇ يا ؟
  

ئەكبەرنىياز 2012-10-30 01:23
دانىش ئاغا ، قەلىمىڭىز ئۆتكۈر ،تەسەۋۋۇرىڭىز ئۆزگىچە ،تەپەككۇرىڭىز چوڭقۇر بوپتۇ،ھارمىغايسىز!!! ئەسەرلىرىڭىزنى ھەر بىر ئوقۇغىنىمدا تەشتەكتىكى گۈلنى ئەمەس، بەلكى جۇت- بورانلاردىمۇ مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان چۆلدىكى يانتاق چېچىكىنى كۆرگەندەك بولىمەن.

akkax 2012-10-30 01:25
  « ساراڭغا سوت يوق، ئىشەك ھارۋىسىدا خوت » دەپ، باشقىلارنىڭ شۇنچە گەپلىرى بولۇنسا بىر ئېغىز ھاي يوق، مەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويسام « ئۆچىرىمەن، يوقىتىمەن » نىڭ داۋرىڭى جىققۇ ؟

ماھى 2012-10-30 16:36
خاتا چۈشىنىۋاپسىز ئاققاش مۇئەللىم. مەن سىزنىڭكىنى ئۆچۈرىمەن دەپ داۋراڭ سالمىدىم، مۇشۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولغان، ئىناقلىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان، بىر-بىرىنىڭ دىلىغا ئازار بېرىدىغان ئىنكاسلارنى دېدىم. مەن شۇ سىلەرنى، مۇشۇنداق قىلىۋاتقان ھەممىڭلارنى «ھاي»دەۋاتىمەن. ۋاقتىدا «ھاي» دەي دېسەم،سىلەرمۇ ئاڭلىق ئىنسانلار، يەنە كېلىپ نېمىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىلگۈچىلىكىڭلار بار.ئۆزىنى سورىيالايدۇ دەپ قاپتىمەن.شۇڭا كۆڭۈلسىز گەپلەر ئەمدى توختاپ قالسۇن. بۇ توغرىدا ئەمدى ھېچقانداق گەپ بولۇنمىسۇن!

لۇتف 2012-10-30 22:20
بۇ تېمىنى سەل كېچىكىپ كۆرۈپ قاپتىمەن ....مۇئەللىمنىڭ  دورىسىنى تېزراق تېپىپ ،ئۇلارغا ئىچكۈزۈپ قويىشىنى سورايمەن...

tawpek 2012-10-30 23:35
بىر ھىساپتا مۇشۇنداق ئىنكاسلارنى ئۆچۆرمىگەنمۇ ياخشىمىكىن دەيمەن.

چۈنكى ئەدەپنى ئەدەپسىزدىن ئۈگەنسەك ئۈنىمى ياخشى بولىدىغاندەك.

نىمە غەرەز، نىمە مەخسەت، نىمە سەۋەپكىن بىلمىدىم.ئارتۇق سۆزلەپ چۈشەنمىگەن كۆڭۆللەرنى تىخىمۇ خاتا چۈشىنىپ ھۆرمەت بىرەلمىگەننىڭ ئۈستىگە دىل ئازارى ئاتا قىلىپ قويماي دەپ دىققەت قىلدىم.بولمىسا 30 ياشقا بارمىدىم، قىنىم خىلى قىززىق، ئالاھىدە بىر قائىدە-يۇسۇننىڭ ئىچىدىمۇ ئەمەسمەن.خاتا سۆزلەپ قويۇپ تور بەتنىڭ ئىناۋىتىدىنمۇ ئالاھىدە قۇرۇنۇپمۇ يۈرمەيمەن.چۈنكى سوروننى مەن ھازىرلىغنىم بىلەن بۇ تەۋپىقداشلارنىڭ تۆھپىسى.ئۇنىڭ ئۈستىگە تور بەتنى سەكرەش تاختىسى قىلىپ تۇرۇپ كۆزلىگەن ئالاھىدە بىر نىشانلىرىممۇ يوق.مۇشۇ خىل ھالىتىدىنمۇ مەن كۆپ خۇرسەن.مۇشۇنداق قىلالايدىغىنىمىزنى قىلىپ ماڭساق ئۆزىمىزگىمۇ ھەم ئۆزگىگىمۇ قىسقىسى كەلگۈسى ئەۋلاتلارغىمۇ پايدىسى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
مانا مۇشۇ مەخسەتتە مىڭىپ مۇشۇيەرگە كەلگەندە بۇ تىمىنى ۋە تىمىغا مۇناسىۋەتلىك يۇقارقى ئىنكاسسلارنى كۆرۆپ ھەيران قالدىم. قورقتىممىكىن دىسەم تىخى يەنىلا ئۆزۆمنى بەزلەپ بەلكىم خاتا چۈشىنىش مەسىلىسى مەۋجۇتتۇ دەپ ئۆز ئۆزۆمگە تەسەللى بەرمەكتىمەن.

2009 دىكى توموز ئايلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ ئەرىكزات مۇئەللىم بىلەن سەلكىن شەبنەملەردە تونوشقىنىمىز ئىسىمدە ، شىئىرغا بولغان ھەۋىسىم بىلەن مىھمان دىگەن نامدا كۆپ مۇنبەرلەردە بار ئىدىم. ئۇ چاغدا دەۋرانى ئىدىڭىز، ياسىنجان ئوسمان دەۋرانى ئىكەنلىكىڭىزنى ، جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى، داڭلىق مۇنبەرلەرنىڭمۇ تەكلىپلىك ھەم ھەقلىق تور يازغۇچىسى.شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭمۇ سەۋدا تورلىرىدەك شەخسەن ئاچقان تور بەتلىرىڭىزنىڭ بارلىقىنى،دىيارىمىزدىكى مەن تونويدىغان ھەتتا قەلەمكەش ئۇرۇق تۇققانلىرىمنىڭ يىقىنلىرىدىن ئىكەنلىكىڭىزنى كوت كوتتا ئايرىم سىردىشىپ ئۇقۇپ سىزدىن سۆيۆنۆپمۇ يۈرگەنتىم،مۇنبىرىڭىزگە كىرىپ باشقۇرغۇچىڭىز بىلەن بىر پارچە شىئىرنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقوقىنى تالىشىپ مۇنبەردىن قوغلانغاندا ئوتتوروڭلاردا سوغوقچىلىق بولمىسۇن دەپ ئۈن-تىنسىز چىكىنگەن ئىدىم.
كىيىن 2009-يىلى4-ئايدا بۇ توربەتنى ئىچىپ سىزگە ئىيىتقىنىمدا قوللاش يۈزىسىدىن ئالاھىتەن ئەزا بولوپ ئەسەرمۇ يوللاپ مىنى خۇش قىلغان ئىدىڭىز.
كىيىن تور ئەسلىگە كىلىپ سىزنى ئەسلەپمۇ قالدىم.مۇنبەرگە ئەزا بولغىنىڭىزدا بىلمىگەن بولساممۇ لىكىن مۇنبىرىمىز ئەزاسى سەمەن22  نىڭ مىسرانىم تورىدىن يۆتكىگەن ئالى مەكتەپ ئەدەبىيات ئىمتاھانىغا قاتناشماقچى بولغانلارغا تەكلىپ سۈپىتىدە سۇنۇلغان بىر تىمىغا چۈشكەن ئىنكاستىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق سىزنى قايتا تاپتىم.
كۆچۆرۆش چەكلەنگەن بولغاچ قالايمىغان كودلار شۇ پىتى كۆچۆرۆلگەن ئىدى،مۇنبىرىمىز كىچىك بولغاچ ئەزالارمۇ تىخى كۆرۆپ باھالاپ ئالقىشلاپ ئىنكاسلاپ ئۈلگۈرمىگەن بولغاچ مەنبە ئادىرىسى تولوق ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ كاتتا مۇنبەردە قاتتىق ئالقىشلانغان بىر تېمىنىڭ بۇ كۇرەك مۇنبەردە بويۇن قىسىپ تۇرۇشلىرىدىن غەزىپىڭىز تىشىپ ئاشۇ تۇنجى ئىنكاسىڭىزدىلا بىز باشقۇرغۇچىلارنى ئىشەك باققۇچى،مۇنبەرنى ئەخلەتخانا، مىنى بولسا ئوچوقتىن ئوچوق ئەخلەتخانا خوجايىنى دەپ ھاقارەتلىگەن ئىدىڭىز.تېمىنى ئۆچۆرۆپ قۇتۇلايمىكىن دىسەم مۇنبەرنىڭ قىسقا ئۇچۇرىدا تىللاپ كەتتىڭىز.شۇنداق قىلىپ تىللىشىپمۇ كەتتۇق .مىسرانىمنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىپ سەل ئۇيالغانمۇ بولدۇم.شۇندىن كىيىن بەزىدە بۇ مۇنبەر راست ئەخلەتخانىمىدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم.لىكىن سىز قايتا قەدەم تەشرىپ قىلغاندىن كىيىن سىزنىڭ ئەخلەتخانىدا ئەمەس چىمەنلىكلەردە يۈرىيدىغان ئادەملىكىڭىزنى بىلىپ يامان خىياللىرىممۇ يۈتتى.
لىكىن كىرىپلا تۇرسۇن مۇئەللىم بىلەن تۆتتاشنى تىللاپ كەتتىڭىز،قاراپ ئولتادىم،ئاخشام ئۆزقان ھەدىمىزنى تىللاپسىز.تۆتتاش بىلەن ئۇرۇشقىنىڭىزدا بىز خىلى ئۇزۇن بەلەن پاراڭلاشتۇق،ئۆتكەن ئىشنى تەگەشمىدۇق،مەن ئۇنتۇپ قالمىغان، بەلكىم سىزمۇ ئۇنۇتمىغانسىز.

سىزدىن ئىشەك،ئەخلەتخانا خوجايىنى دىگەن ئاھانەتلەرنى ئاڭلىغاندا.ئالاھىدە دەپ قارىمىساقمۇ لىكىن  ھەرھالدا ئازراق بولسىمۇ ئەجرىم سىڭىپ ئاز بىر قىسىم كەسىپداشلارنىڭ پىكىر بىرلىكى ئۈچۈن بولسىمۇ خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ مۇنبەرنى ئەخلەتخانىغا ئوخشاتقىنىڭىزدا سۈكۈت قىلغان بولساممۇ لىكىن رەيھانگۈلنىڭ كۆكسانغۇن ئاكىمىزنى  تىللىغىنىغا ۋە سىزنىڭ ئۆزقان ھەدىمىزنى تىللىغىنىڭىزغا تولىمۇ ھەيران بولدۇم.

بەلكىم مەن يۇقارقى پاكىتسىز گەپلەرنى قىلىپ سىزنى قارىلىغاندىمەن.لىكىن شۇ پاكىتلارنى ئەينى چاغدا كوت كوت توپتا رەسىملىك نۇسىخىسىنى يوللاپ كۆڭلۆمگە تەسەللى ئىزدىگىنىمدە كۆرگەنلەرنىڭ ئىسىدە قالغاندۇ. لىكىن سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئىيىتمىغان.تورداشلار سورىسىمۇ ئىيتمىغان ئىدىم.بىراۋنىڭ شەخسى سىرىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمىگەچ ئىلەىرى ئوقوتقۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمىگەندەك بۇدامۇ قەشقەر يىڭىشەھەرنىڭ قايسى مەكتىۋىدە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمىدىم. مەخسەت سىزنى چۈشەنمىگەن ياكى خاتا چۈشىنىپ قالغان بولساق سىزنىڭ سەمىمى چۈشەنچىللىرىڭىزنىڭ ئورنىغا ئاڭلايدىغان ئاچچىق گەپلەردىن كۆرە ئىغىر بىسىقراق بىرەر تونىشىڭىزغا ئۇچراپ قالساق ئۇ ئارقىلىق بولسىمۇ سىزنى چۈشەنسەك ئۇقۇشماسلىقلار تۈگەرمىكىن دىگەن ئۈمىتتىمەن.

ئىشنى بۇنىڭدىن ئاددى ئۇسۇللار بىلەنمۇ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بولسىمۇ لىكىن قورققان ئاۋۋال مۇش كۆتىرەر بوپ قالمىسۇن دىدىم.

بەلكىم بۇ ياخشى كۆڭلۆم يەردە قىلىپ يەنە تىل ئاھانەتلەرگە قالارمەن، ۋە بەلكىم ئارتۇق گەپنى ماڭا يۈك قىلماسسىز.........................

ئىشقىلىپ نىمىلا بولمىسۇن جىق ئىشلار چۈشىنىشمەسلىكتىن بولىدۇ دەپ قارايمەن.ئۆزىڭىزنىڭ بىزەە ئوخشىمايدىغان ياكى تەۋپىقداشلار بىلەن چىقىشالمايدىغان تەرىپىڭىزنى قىسقا مىغىزلىق بولدى دەپ جايىغا چۈشمىگەن ماقال تەمسىللەر بىلەن ئىپادىلىمەي بىزدەك ئەخلەتخانىدا ياشايدىغانلار چۈشەنگىدەك قىلىپ بىر ئوتورغا قويۇپ بەرسىڭىز ما ھىيىتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ خاسىيتىدە بولسىمۇ چۈشىنىشىپ قالمامدۇق ئەركىنزات.

لىكىن يۇقارقى پىتنە پاساتلىرىمنى خەلقئارا تور ساخچىللىرىغا پاش قىلىپ مىنى ئاتقۇزىۋەتمەي بىر قوشوق قىنىمدىن  كىچەرسىز.مەن ئۈچۈن بىر پاي ئوق زايا قىلىشقا ئەرزىمەيدىغىننى سىز دىمىسىڭىزمۇ مەن بىلىپ بولدۇم.

ھەربىر سۆزۆمگە سىزنىڭ نىمە دەپ جاۋاپ بىرىدىغىنىڭىز ئايانلا ماڭا.
لىكىن سەۋىرچان بولوڭ، ئاللا سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە.

akkax 2012-10-31 00:20
  ياشاڭ تەۋپىق ئەپەندى!
  بۇ تۇنجى قېتىم تەۋپىق ئەپەندىنى ماختىشىم ئەمەس. ئىلگىرىمۇ ماختىغان. ئۇ چاغدا مەن تەۋپىق ئەپەندىنىڭ تەپەككۈرىگە بولغان قايىللىقىمنى بىلدۈرگەن ئىدىم . بۇ قېتىم مەن تەۋپىق ئەپەندىنىڭ پەزىلىتىنى ماختىدىم.
  مەن تەۋپىق مۇنبىرىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆردۈم: بەزىلەرنىڭ ئۆزىنى ئاسمانغا ئېسىپ يازغان ئىنكاسلىرىمدىن رەنجىپ ئاللاقانداق باشقا مۇنبەر ياكى تور بەتلەردە دەۋرنىڭ نوچىلىرى بولۇپ يۈرگەنلىكىنى، يەنە ئاللىقانداق نوچىلارنىڭ تەۋپىق مۇنبىرىنى مەقسەتلىك ئەدەبلەپ يۈرگەنلىكىنى ....
  سىز بىزگە ھازىرلاپ بەرگەن بۇ سورۇنغا نوچىنىڭ نوچىسى كىرىپ قالغان بولسا، بىز تونۇمىغان بولساق ئاستا چىقىپ كەتسە بولىدۇ ( كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سورايمەن. مەن بۇنداق دېيىشكە ھوقۇقلۇق ئەمەس، بىراق، مەن مۇشۇنداق ئويدا. ) بۇ يەردە كىم قانچلىك تۆھپە قوشالىسا شۇنچىلىك قوشۇشى، ھەمدە ئۆز تۆھپىسىنى پەش قىلىپ باشقىلارنى باسماسلىقى، كەمتەر بولۇشى كېرەك. مەن مۇشۇ ئويدا. ئويۇم خاتا بولسا كۆپچىلىكنىڭ تۈزىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تۆتتاش 2012-10-31 00:25
بارچە تەۋفېقداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى جاراڭلىق ھالدا ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز ئاققاش.

تۆتتاش 2012-10-31 00:32
ياسىنجان ئوسمان ئەركزات  1968-يىلى 15-ئاۋغۇست مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1986-يىلى مارالبېشى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، 1988-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى جۇڭگو تىلى فاكۇلتېتىنىڭ خەنزۇ تىلى مىللىي تەييارلىق كەسپىدە ئوقۇغان. 1988-يىلى 9-ئايدىن 1992-يىلى 7-ئايغىچە  قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇپ، 1992-يىلى تىل-ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە باكلاۋرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئېلىپ، ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە  بىلەن تاماملىغان. 1992-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى9-ئايغىچە مەكىت ناھىيەسىنىڭ قىزىلئاۋات ،  يانتاق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1996-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئەنگلىيە خەلقئارالىق مائارىپ تەرەققىياتى مەركىزى(VSO) بىرلىشىپ ئاچقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئېنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش  كۇرسىدا ئوقۇپ، «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئېنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى» لاياقىتىگە ئېرىشكەن. ھازىر  مەكىت ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا  مەكتىپىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك  ئوقۇتقۇچىسى.
           ياسىنجان ئوسمان  ئەركزاتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە باشلانغان بولۇپ، «باھار ھەققىدە قوشاق» ناملىق تۇنجى شېئىرى 1987-يىلى 18-ئاپرېل «قەشقەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە ئۇ مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى  ھەرقايسى گېزىت-ژۇرنال ۋە ئاخبارات، نەشرىيات، تەشۋىقات ئورۇنلىرىدا 800 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، ئوبزور، ئاخبارات خەۋىرى، ئىلمىي، نەزەرىيىۋىي ماقالە،  ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ماقالىلىرى، توپلاپ- رەتلىگەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى، ھەرخىل تېببىي ساۋات، ئەدەبىي ئۇچۇر ، مۇلاھىزە ۋە تەپەككۇر ئۈنچىلىرىگە، ھەزىل سوئال-جاۋابلىرىغا ئائىت تەرجىمە ئەسەرلىرىنى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، «شىنجاڭ مائارىپى» گېزىت-ژۇرنىلى، «تەڭرىتاغ»،«شىنجاڭ گېزىتى» ، « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ، «ئاسىيا كىندىكى»، « ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى» (ھازىرقى«قەشقەر» ژۇرنىلى) ، «تۇرپان»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»،«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى، «بىڭتۈەن گېزىتى»، «قەشقەر گېزىتى»...قاتارلىق مەتبۇئات ئورۇنلىرى ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلدۇرۇپ، بۇ جەھەتتىكى نەتىجىلىرىگە مۇناسىپ ھالدا كۆپ قېتىم تەقدىرلەندى ۋە مۇكاپاتلاندى.2007 – يىلىدىن ئېتىبارەن « شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»گېزىتىنىڭ تەكلىپلىك مۇخبىرلىقىغا تەكلىپ قىلىندى. « بىز يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى مۇشۇنداق ئېلىپ بارامدۇق؟»، « بىزگە قانداق كۇرسانتلار كېرەك» قاتارلىق 30 نەچچە پارچە ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسى يېزىپ، مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقۇدى، كەسىپداشلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندى .  يىللاردىن بۇيان «ئالتۇن چىشلىق ئىت ھېكايىسىدىكى ‹ئاق تاپان › ئوبرازى ھەققىدە تەھلىل»، « ‹ ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلار ھەققىدە چۈشەنچە›نى قانداق ئوقۇتۇش كېرەك»، « بالىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ بىلەن › سۆزى ھەققىدە ئىزدىنىش»، «ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى رولى»، «ئوقۇرمەنلەر ئالدانمايدۇ» قاتارلىق 20  پارچىغا يېقىن ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسى ۋە ئوبزور  ماقالىلىرىنى« شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»، «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلى ۋە «تەربىيەچى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدۇرۇپ، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى قەدىمنىڭ تېخىمۇ نەتىجىلىك بېسىلىش قەدىمنى تېزلەتتى. بىر  پارچە ئەسىرى 2002- يىلى 9- ئايدا قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە 2- دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، ئۈچ قېتىم «تەڭرىتاغ»، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرناللىرى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئاپتور ، بىر پارچە ئەسىرى 2006- يىلى 12- ئايدا مەملىكەت بويىچە 2- دەرىجىلىك ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
         ئۇ ئۆزىنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن تۈزۈپ تەييارلىغان «ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچۈن ئۆگىنىش زۆرۈر بولغان ئۇنىۋېرسال بىلىم ۋە قائىدە-قانۇنىيەتلەر جەۋھەرلىرى: تىل-ئەدەبىيات»ناملىق تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا ئائىت كىتابىنى2006-يىلى دېكابىردا نەشر قىلدۇرۇپ، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئەمەلىي پايدىلىنشى ئۈچۈن سۇنغاندىن باشقا، شېئىرىي ئىجادىيەتلىرىنىڭ سەمەرىسى بولغان، كۈچلۈك لىرىك ھېسسىيات، مول ئىجادىي تەسەۋۋۇرلار بىلەن تويۇنغان، كۆپ خىل، مۇكەممەل بەدئئىي شەكىللەر بىلەن يارقىن ئىپادىلىنىپ، چىن ئىنسانىي سۆيگۈ-مۇھەببەت، گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەت، ۋاپادارلىق، ساداقەتكە قىزغىن مەدھىيە ئوقۇلغان«قارچۇقتىكى داغ»ناملىق تۇنجى لىرىك شېئىرلار توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇردى. نۆۋەتتە، « بەشىنچى ئوكيان»، « پەرىشتىلەر ئالبۇمى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى بىلەن « مائارىپ،  تەرەققىيات ۋە مەۋجۇدىيەت » ناملىق  ماقالىلار توپلىمىنى نەشىرگە تەييارلاۋاتىدۇ.
      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇنىڭ 50 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل ژانېردىكى ماقالە-ئەسەرلىرى «سوۋغات»، «ئۈلگىلىك ماقالىلەر توپلىمى»، «مەن ۋە پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى»، «شانلىق 50 يىل»، «قەلبدىن قەلبگە يول»، «جەزىبىدار گۈلدەستىلەر»... قاتارلىق كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلۈپ، كەسىپداشلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بەرگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن2006-يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «مەن ۋە رادىيو» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ماقالە-ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدا بىر پارچە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجىگە ئېرىشىپ، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «قەلىبدىن قەلىبگە يول» نامىلىق توپلامغا كىرگۈزۈلدى. 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپېك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۆتكۈزگەن  «مەن ۋە ئولىمپېك » تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلىق ماقالە-ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدا «ئولىمپېك تەنتەنىسىدىن تۇغۇلغان تېرەن تۇيغۇلار» ناملىق بىر پارچە ماقالىسى مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجىگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى ۋە رادىيودا ئاڭلىتىلىپ، رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولدى، ئېلىمىزدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا  قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزگەن «يۇرتۇمدىكى ئۆزگىرىشلەر» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ماقالە-ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدا «كەچمىشىمدىن تامغان قەترىلەر» ناملىق بىر پارچە ماقالىسى يەنە مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجىگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى. مەكىت  ناھىيەسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك  دەرسلىك ماتېرىيالىنىڭ تەھرىرلىك ۋە كوررېكتورلىقىنى قىلىش ۋە مەكتەپ دەرسلىكىنى تۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تېگىشلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى.  ئۇنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى گېزىتى»، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات–تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا، تەرجىمىھالى، ئىلغار ئىش-ئىزلىرى ۋە ئىجادىي نەتىجىلىرى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى، «مەكىت تارىخ - مەدەنىيىتى» ناملىق ئۈچ توملۇق تارىخىي كىتاب ۋە «دولان مەدەنىيەت كاتولوگى» ناملىق كىتابتا «مەكىت تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» قاتارىدا تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە،  2008-يىلى دېكابردا  ئىش-ئىزلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە تور ئەدەبىياتى ھەققىدىكى ئۆزگىچە، ئىجادىي قاراش ۋە چۈشەنچىلىرى توردا خېلىلا مۇكەممەل تونۇشتۇرۇلۇپ، بەش مىڭدىن ئارتۇق تورداشنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
      ياسىنجان ئوسمان ئەركزات ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

gulhan 2012-10-31 00:52
<<كەمتەرلىك بىلەن ئادەم چىرايلىق ، سەتلىشىدىكەن غادايغانسىرى>>

akida228 2012-10-31 03:06
توغرا خۇلاسە چىقاردىڭىز گۈلخان ، بۇ ھىكمەت يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى  

مىېھرىما 2014-03-20 19:02
ھا..ھا...ھا...ھا...!!!!!!!!!!!

tawpek 2014-03-22 00:28
دانىش ئاكىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئىسىل باشلامچىلىق خاراكتىرىگە ئىگە تمىللىرىنى تولىمۇ سىغىنغان ئىدۇق.

ئەزىز تىنى ساقمىدۇ؟

مىېھرىما 2014-03-22 20:32
شۇ مۇنبەردە تازا كۆرمەيۋاتمىز ھازىر .


查看完整版本: [-- تەۋپىق شىپاخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى (دانىش) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled