查看完整版本: [-- ئورتاقلىشىپ باقايلى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سۇئال-جاۋاپلار -> ئورتاقلىشىپ باقايلى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ماھى 2012-10-16 23:29

ئورتاقلىشىپ باقايلى

9-يىللىقلار تىل-ئەدەبىيات دەرسىلىكى 1-قىسىمدىكى دۇفۇنىڭ «باھار تەسىراتى»دېگەن ئەسىرى سىياسىي لېرىكىمۇ ياكى ئىنتىم لېرىكىسىمۇ؟

gulnar 2012-10-16 23:57
مەن گەرچە بۇ شېئڭرنى ئوقۇمىغان بولساممۇ دۇفۇ تاڭنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىدە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇ.للانغان رىئالىستىك شائىر بولغاچقا ئۇنىڭ  شېئىرلىرىنىڭ سىياسى پۇرىقى بىر قەدەر كۈچلۇك  شۇڭا بۇنى سىياسى لېرىكىمىكىن دەيمەن.

مەرىپەت0999 2012-10-17 17:59
سىياسىي لىرىكا_شائىرلار جەمىئىيەتنىڭ جىددىي تەلەپ،ئېھتىياجلىرىغا يىقىندىن ماسلىشىپ،چوڭ سىياسىي-ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تېما قىلغانلىرىكىلاردۇر.ئىنتىم لىرىكا بولسا_شائىرنىڭ شەخسىيكەچۈرمىشلىرى ۋەئىدىيىۋى ھېسسىياتى بىۋاستە ئىپادىلەنگەن لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ.<باھار تەسىراتى>دائالدىنقى ئىككى مىسرادا باھاردىكى مەنزىرىدىن ھەسرەتلىنىدۇ.كىيىنكى ئىككى مىسرادا باھاردىكى قالايمىقانچىلىق ئىچىدە ئائىلىسىنى سىغىنىدۇ.شۇڭا بۇ شېئىر ئىنتىم لىرىكىغا تەۋە.

ئونساك 2012-10-17 19:29
    

سەۋىر 2012-10-17 21:27
بۇ شىئېىرئىنتىم لىرىكىغا تەۋە ،چۈنكى بۇ شىئېىردا شائىر ئۆزنىڭ ئىچكى ھېس تۇيغۇلىرنى ئىپادىلىەشنى ئاساس قىلغان.سىياسى لىرىكىدا ھېچنىمىدىن سىرت كۈچلۈك جەڭگىۋارلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ.

kok-sultan 2012-10-17 23:53
سىياسى لىرىكا دېسەك مۇۋاپپىق بولارمىكىن شائىر ياشىغان دەۋر بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ...

ماھى 2012-10-18 11:46
باشقىلارمۇ كۆز قاراشلىرىڭلارنى دەپ باقساڭلار،بەكمۇ مۇھىم ئېدى،ئېنىق ئايرىۋالغان بولسام.

گۈلزىبا 2012-10-18 14:51
بۇ شئېردا سىياسى پۇراق بىر قەدەر كۈچلۈك ،ئومومى مەزمۇنىدىمۇ شۇ يىللاردا ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنىڭ ھەممە كىشىگە ئىغىر ئازاب ئەكەلگەنلىكى ،ئۆي بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقى ...دېگەندەك مەزمۇنلار بار ،يەنى شۇ چاغدىكى << ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش >>ئاساسى تېما قىلىنغان .بۇ ئاپتۇرنىڭلا ئەمەس ،شۇ دەۋىردىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى . شۇڭا بۇنى سىياسى لىرىكا دەپ ئايرىيمىز ،سىلەرچىچۇ ؟

رەيھانگۇل 2012-10-18 14:54
ئسىمىدە قېلىشچە ئوقۇتۇش قوللانمىسىدىمۇ «سىياسى لىرىكا » دەپ چۈشەندۇرگەنغۇ دەيمەن.

زۇبەيدە2010 2012-10-18 18:05
گەرچە بۇ شېئردا دۇفۇنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرى ئاساسلىق ئىپادىلەنگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما دۇفۇ ياشىغان دەۋىر،ئۇرۇش ئېلىپ كەلگەن بالايى-ئاپەت ۋە دۇفۇنىڭ ئۇرۇشتىن زارلىنىش ھېسياتى سىڭدۈرۈلگەن. بىزنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گوروپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار پىكىرلىشىپ  بۇشىئېرنى سىياسى لىرىكىغا تەۋە دەپ ئايرىغان.

ماھى 2012-10-18 19:48
ئوقۇتۇش قوللانمىسىدا ئىنتىم لېرىكا دەپ ئايرىپتۇ. بىر ئوقۇتقۇچىمىز ئوچۇق دەرستە شۇنداق ئايرىغانتى،كۆپ ساندىكىلىرىمىز سىياسى لېرىكا، بىر قىسىملىرى ئىنتىم لېرىكا دەپ ئايرىپ، مۇنازىرىلىشىپ قالدۇق.شۇڭا سىلەردىنمۇ ياردەم سورىغانىدىم.سىلەرنىڭ كۆرسەتمە بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت.


查看完整版本: [-- ئورتاقلىشىپ باقايلى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled