查看完整版本: [-- تەۋپقداشلىرىم كىلەيلى! --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سۇئال-جاۋاپلار -> تەۋپقداشلىرىم كىلەيلى! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ناۋاي 2012-10-16 19:52

تەۋپقداشلىرىم كىلەيلى!

 ماقال _تەمسىللەرئېغىز ئەدىبىياتى ئەسەرلىرىمىزنىڭ ئىچىدىكى قىسقا،مىغىزلىق، يېقىشلىق ژانىرلىرىمىزنىڭ بىرى شۇڭىمۇ يازما ۋە سۆھبەتلەردە ئۇنى ئارلاشتۇرماي پىكىر قىلدىغانلار يوق دىيەرلىك. بەزى سورۇنلاردا كۆپنى كۆرگەن چوڭلىرىمىزنىڭ نۇتۇقلىرىدىكى ئورۇنلۇق ئىشلىتىلگەن ماقال_ تەمسىللەر ئۇلارنىڭ نۇتۇقلىرىنى ئاجايىپ تەسىرگە ئىگە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، بىزنىڭ بۇ ژانىرغا بولغانئىشتىياقىمىز تېخمۇئۇرغۇيدۇ.مەن ماقال_ تەمسىللەرگە بولغان قايىللىقىم تۈپەيلى خېلى كۆپ ماقال_  تەمسىللەرنى ئوقۇپ، يېزىپ ماڭدىم  . ھازىر خاتىرەمنى  ۋاراقلاپ كۆرسەم ئەژداتلىرىمىز ئىشلەتكەن  بىرقىسىم ماقال_ تمسىللەرنىڭ مەنىسىنى بىلەلمىدىم.شۇڭا تەۋپىقداشلىرىم تۆۋەندىكى ماقال تەمسىللەرنىڭ مەنىسىگە بىر نەرسە دەپ باقساڭلار...                                                   1  .پەنجىگاھنى بىلمىسەڭ ،ناۋاغا ناخۇل چەكمە. 2،روزىدا گۇناھ يوق، ھەممە گۇناھ بارتتا.3قازا ئىككى، ئۆلۈم بىر. 4.ئالدىغا ئۆتۈپ ئەسسالام، دالدىغا ئۆتۈپ ۋەسسالام. 5.ئاتا_ئاناڭغا دىيەلمىگەن گەپنى مۇرا بېشىغا يېزىپ قوي. 6. يەتتە قىزى بار كىشىگە ،دوزاق ئوتى ھارام. 7. ياخشى قىز يەتتە ئوغۇل. 8. سۇس مۇسۇلماندىن ، چۇس كاپىر ياخشى. 9. ئۆزەڭ بىلگەن يولنى ئاتاڭغىمۇ بەرمە.

gulnar 2012-10-16 23:42
1- بىلمىگەننى بىلىمەن دىمە . 2-ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش ،سەۋەپ ئىزدەش 4 - ئادەمنىڭ ئالدىدا بىر خىل كەينىدە بىر خىل بولۇش يەنى ، تىلى بىلەن دىلى بىر بولماسلىق ، ئالدى گۈل كەينى تىكەن  دېگەنلىك. 9- مۇستەقىل قاراشقا ئىگە بولۇش باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئاسان ئىشەنمە دېگەندەك مەنەدە چۈشەندىم باشقا كەسىپداشلارمۇ ئۆزىنىڭ تەكلىپ پىكرىنى بېرىپ باقسۇن .

گۇلخان0903 2012-10-17 02:36
5-ئاتا-ئاناڭغا دىيەلمىگەن گەپنى مورا بېشىغا يېزىپ قوي Pt]>AW;i  
بۇ بىراۋغا يۈزمۇ-يۈزدىيىشكە ئوڭايسىزلىنىدىغان مەخسەت،مۇددىئانى شەرتلىك بەلگە قالدۇرۇش ياكى ئىما ئشارەت ئۇسۇلى بىلەن چۈشەندۈرۈش لازىم دىگەننى بىلدۈرىدۇ. %nA})nA7=  
7-ياخشى قىز يەتتە ئوغۇل-قىز بولسىمۇ ياراملىق قىلىپ تەربىيلىسەڭ يەتتە ئوغۇلغا بەرگۈسىز ،يەتتە ئوغۇلنىڭ ئىشىنى قىلالايدىغان قىز بولىدۇ. JWVV?~1  
8-سۇس مۇسۇلماندىن چۇس كاپىر ياخشى-ئەزمە ،بىر ئىشنى كىسىپ قىلمايدىغان،مۇھىم يەرگە كەلگەندە مىس-مىسلىق قىلىپ ،ئەزمىسىنى ئىزىدىغان ياخشى ئادەمىدن،كاپىر بولسىمۇ،ياكى بەتقىلىق،يامان ئادەم بولسىمۇ ئىشنى كىسىپ قىلىدىغان،قەھرىلىك ئادەم ياخشىراق.

ناۋاي 2012-10-19 23:34
ئەزىزلەر 4-،5-،7-،8-ماقال-تەمسىللەرگە بىرىلگەن جاۋاپلاردىن قانائەت ھاسىل قىلدىم. رەخمەت! 1-،2-،3-، ماقال-تەمسىللەرنىڭ مەناسى يەنىلا غۇۋا تۇرىدىغۇ؟

yaxar 2012-10-20 00:03
6. يەتتە قىزى بار كىشىگە ،دوزاق ئوتى ھارام: بۇنىڭ مەنىسىنى بىر ئىككى قىز بالىنى بىقىپ چوڭ قىلىپ قاتارعا قوشۇپ، تويىنى قىلىپ ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەندە بىلىسىز. دىمەكچى بولعىنى- قىز بالا باقماقنىڭ جاپاسى كۆپ، مەسئۇلىيىتى ئىعىر، حىجالىتى قاتتىق، شۇڭا قىز بالا باققان ئادەم دوۋزاق ئازابىنى بۇ دۇنيادىلا تارتىپ بولىدۇ دىمەكچى.

ناۋاي 2012-10-20 13:52
ياشار 6-نى مەن ھىس قىلغاندىنمۇ  مەزمۇنلۇق چۈشەندۈرۈپسىز.رەخمەت!  

maimaitimin 2013-04-13 17:33
ئەسلى مەنبەدەئۈچ قىزى بار كىشىگە ،دوزاق ئوتى ھارام دېيىلگەن

tawpek 2013-04-15 02:25
بىز تەرەپتە 7 قىز  دەيمىز.

ئەكبەرنىياز 2013-04-15 02:44
يەتتە قىزى بار ئادەم ئاقىۋەتتە يەتتە بويتاقنىڭ بېشىغا نۇقتا سالىدۇ دېگەن گەپ ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەتتە جەمەتنى ئاۋۇتقان بىلەن باراۋەر بولىدۇ . مىنىڭچە ئىسلام ئېتىقادى چۈشەنچىسىدە ئىنسان ئۇلۇغ قارىشى بۇيىچە بولغاندا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى ئاۋۇتۇشتىن ئىبارەت مۇھىم نۇقتىنى چىقىش قىلغانمىكىن دەيمەن . يەنە كېلىپ ئاياللار پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاچقۇچ دەيمىز ئەمەسمۇ !؟

مەمەتئېلى 2013-04-18 12:36
2،روزىدا گۇناھ يوق، ھەممە گۇناھ بارتتا:  بۇتەمسىل ئىسلام شەرىئەتلىرىنى  ئىلىم-مەرىپىەت،ياخشىلىقنى دوست تۇتۇپ،ئىسلامى قانۇن قائىدىلەرگە رىئايە قىلغان ئادەمنىڭ گۇناھدىن خالى ئىكەنلىكىنى يولدىن چىققانلار ھەممە بۇزۇقچىلىقنى قىلىپ گۇناھكار بۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

مەمەتئېلى 2013-04-18 12:42
3قازا ئىككى، ئۆلۈم بىر.: ئۈلۈم بىلەن ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىىدىغانلىقىنى، ھاياتنى قەدىرلەشنىڭ لازىملىقىنى، كۈتۈلمىگەن قازالاردىن ساقلىنىش كىرەكلىكىنى بىلدۈرسە كىرەك.

ئەكبەرنىياز 2013-04-18 13:44
«روزىدا گوناھ يوق ھەممە گۇناھ باراتتا » ئىدىغۇ ؟ ._+cvXy  
شۇنداق بولغاندا روزا ئېيىدىن ئىلگىرىكى ئاينىڭ ئىسمى بارات ئاي دېيىلىدۇ . بارات ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاسماندا روزا ئېيىنىڭ ئېنىق كۆرۈنمەسلىكى سەۋەبلىك روزا تۇتۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە ئۇنى بارات ئايدىن كۆرۈپ گۇناھ ئارتقانلىقىدەك مەزمون ئىپادىلەنگەنغۇ دەيمەن بۇنىڭدا ! `IN!#b+Eo  
قېنى باشقا كەسىپداشلارنىڭ قارىشى قانداقكىن ؟


查看完整版本: [-- تەۋپقداشلىرىم كىلەيلى! --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled