查看完整版本: [-- ئوقۇتقۇچى، نېمىشقا سۈكۈت قىلىسىز؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> ئوقۇتقۇچى، نېمىشقا سۈكۈت قىلىسىز؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ayhenim926 2012-10-14 11:44

ئوقۇتقۇچى، نېمىشقا سۈكۈت قىلىسىز؟

ئوقۇتقۇچى، نېمىشقا سۈكۈت قىلىسىز؟ =ze FK_S!  
.q0218l:dF  
   يەتتە يىل ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى بولدۇم، ئەلۋەتتە ئالقىش ساداسى ئىچىدە. قانداقلا بولمىسۇن بۇ بىر شەرەپلىك خىزمەتتە. لېكىن، قىسقىغىنا بۇ يەتتە يىلدا، مەن ئوقۇتقۇچى بولۇشنىڭ دەرد-ئەلمىنى يەتكۈچە تېتىدىم. ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى ئېغىر، ئۈزۈلمەيۋاتقان ئىمتىھانلار، ئوقۇتۇشتىكى ئاقىۋىتى بىلەن ھېساپلاشمايدىغان ئىسلاھاتلار، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھاقارەتلىرى، يەرلىك خەۋەرلەردەك مۇشۇنداق ئەستايىدىل پروگراممىلارنىڭمۇ ئوقۇتقۇچىنى ئاشۇرۇپ مەسخىرە قىلىشنى ئۇنتىماسلىقى، ھەر خىل ۋاستىلارنىڭ سەلبىي خەۋەرلىرى ۋە ھەممە يەردە ئۇچرايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن پاش قىلىش تېلىفۇن نومۇرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قالتىس پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى ... O^.%C`*  
خۇددى بىرلا كېچىدە ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت بۇ كەسىپ ئاسماندىن يەرگە ئېتىلىپ، بۈگۈنكى ئوڭايسىز ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى، بۇنىڭغا كىم مەسئۇل؟ بارغانسېرى ئاۋۇۋاتقان نامۇۋاپىقلارغا نىسپەتەن، ئوقۇتقۇچى، سىز نېمىشقا سۈكۈت قىلىسىز؟ Yv)Bj  
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا تەربىيە قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئائىلە باشلىقى تەرپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋېتىلىپتۇ. مېنى ئىختىيارسىز سوغۇق تەر بېسىپ كەتتى: بۇمۇ بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى ئىززەت-ئېكرام قىلىدىغان كەسىپمۇ؟ «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» دا ئېنىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاش ئېلىپ دەم ئالىدىغان ۋاقتى بولۇش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن، قانچىلىك ئوقۇتقۇچى بۇ دەم ئېلىشنى خاتىرجەم ئالالىدى؟ يەرلىك مائارىپ تارماقلىرى قىشلىق تەتىلدە يىغىلىپ، 15 كۈندىن ئاز بولمىغان ھالدا ئۆگىنىش قىلىشنى، بۇنى يىلمۇ يىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. بىرلا رايون «ئۈلگە بولۇپ» قىلىپ تۈگەتسىلا مەيلىتى، باشقا رايونلارمۇ بۇ خىل ئۇسۇلنى «ئۈگەنمەكتە»، بۇ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىغا خىلاپمۇ-ئەمەس؟ ئوقۇتقۇچىلار ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە بالىلار ئۈچۈن تىرشىۋاتىدۇ، بىراق ئاتا-ئانىلار يەنىلا باشقىچە قاراشتا بولىۋاتىدۇ، ھەتتا ئالدىدىلا ھاقارەتلەۋاتىدۇ، ئوقۇتقۇچى ئۆز ئوبرازىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئاچچىقىنى ئىچىگە يۈتىۋاتىدۇ. v~ ^ks{  
ئويلاپ بېقىڭ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا قانداقمۇ ئوقۇتقۇچى بولغۇسى كېلىدۇ؟ بىر چاغلاردا باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرماسلىق بەلگىلەندى. ئوقۇتقۇچىلار شۇنداق قىلدى، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ئوقۇتقۇچىلار ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىدى، دەپ مەكتەپ مۇدىرىغا ئەرز قىلدى؛ ئوقۇتقۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە قىلماي، تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۋىدى، يەنە بەزى ئاتا-ئانىلار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلدى، دەپ مائارىپ ئىدارىلىرىگە ئەرز سۇندى، ھەي ئوقۇتقۇچى بولماق نېمە دېگەن تەس-ھە! تەمىناتنى ئېلىپ ئېيتساق، بەزىلەر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەمىناتى ياخشى دەيدۇ، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدىكى مەمۇرىي خادىملار بىلەن باراۋەر تەمىناتتىن بەھرىمان بولۇشى كېرەك، دېگەن بەلگىلىمىسىدىن ئوقۇتقۇچىنىڭ قانچىلىك ئۇۋالچىلىقتا ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىكىنە. يەنە مىسالغا ئالساق، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، بەزى بىر ئورۇنلارنىڭ تەشۋىقات زۆرۈرىيىتى بىلەن تىلغا ئېلىپ قويغىنىدىن باشقا، كىمنىڭ ئېسىدە بار دەيسىز؟! ئوقۇتقۇچىلار تىلغا ئۇچرىسا گەپ قىلالمىسا، ئۇرسا قول ياندۇرالمىسا، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندا دەردىنى ئېيتالمىسا، تەمىناتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلالمىسا، ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرەلمىسە، بىز يەنە نېمىشقا سۈكۈت قىلىمىز؟ ئوقۇتقۇچىلار يېڭى ئاجىز توپ(تۈركۈم) بولۇپ قالدى، ئوقۇتقۇچىنىڭ سۈكۈت قىلىشى بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە تېگىشلىك ئىش بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا، بىزنىڭ سۈكۈت قىلىشىمىز پەقەت چۈشنىشكىمۇ ئېرشىلمىسە، بىز يەنە نېمىگە سۈكۈت قىلىمىز؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ھوقۇقى تارتىۋىلىنغانسېرى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىززەت-ئابرۇيى دەپسەندە بولىۋېرىدۇ. z^4KU\/JK  
 مەنبە :باغۋەن K!3{M!B   
!8.En8Z 
LO"_NeuL  
| 

tawpek 2012-10-14 12:54
مەكتىۋىمىزدە ھازىر ھەر 4 ئوقوغۇچىدىن بىر ئوقوغۇچى مەكتەپكە كەلمەيدۇ. مەكتەپكە كەلمەسلىك سەۋەبىنى سورىسا ئاتا-ئانىسى ئۇقۇپ كەلگەننى نىمىشقا كەلمىدىڭ دەيدىكەن كەلمىگەنلەر بىلەن كارى يوق ئىكەن دەپ باشقا شەھەرلەرگە پۇلغا ئىشلەشكە يولغا سىلىپ قويىۋاتقان. S/VA~,KCe;  
G;NB\3 ~X  
يىرىم يولدا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا تۇتۇلۇپ قىلىپ ئاتا-ئانىسىغا خەۋەر قىلسا، ئوقوغۇچى دەپ تۇتىۋالغانكىن مۇئەللىم ئەكىلىپ ئوقوتسۇن دەپ نەچچە يۈز كىلومىتىر يەرگە ماشىنا كىرا قىلىپ بىرىپ ئۇ ئئوقوغۇچىنى ياندۇرۇوپ ئەكىلىۋاتقان. usy,V"{  
Ir/:d]N*  
ھەيرانمەن، ئۆلمىسەك جىق ئىشلارنى كۆرگىدەكمىز. P{cos&X|  
=:gjz4}_8  
ماڭا  تىخى بىر ھاجىمنى كىپىلگە بەردى يىزىلىق ھۆكۆمەت، ئۇنىڭدىن ئىش چىقسا مەندىن مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلارمىش. pds*2p)2  
< HF-2?`  
ئاز بولسىمۇ بەرگەننى خەجلەپ، جاپالىق بولسىمۇ ئوقوتقۇچى قىلىدىغان ئىشلارنى قىلساق مەيلىتتى، ئەپسۇس ھازىر نىمىلەرگە ئوخشاپ قالدۇقكىن. Ek ZjO Ci  
y(v_-6b  
ياغلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىۋاتىمىز. g$w6kz_[  
iBoEZEHjw  
دىسەك گەپ جىق.

sannada 2012-10-14 21:50
شۇڭا مائارىپ تەرەققىي قىلمايدۇ بىزدە . جەمئىيەتتە ‹‹ ئوقۇتقۇچى ئەمەسمۇ ›› دېگەن گەپلەرنى ئاڭلغاندا بۇ سۆزنىڭ ئاخىرىغا ‹‹ نامرات ئەمەسمۇ ، چىڭگىز ئەمەسمۇ ›› قاتارلىق ئەمەسمۇلار نىڭ كۆپلىكىنى بىلىپ ئۆزىمىزگە ئاچىقىم كېلىدۇ .

ناۋاي 2012-10-15 20:42
مەكتەپتە شام چىراق، جەمىيەتتە  ئۇششاق سۆز ئادەم دەپ قارىلدىغانلىقىنى ئەمدى ھىس قىلۋاتىمەن

ozqan 2012-10-15 22:29
قاخشىماي  ئىشلەيلى ،  بۇ خىل قاخشاشلار بىزنىڭ روھىمىزنى سۇندۇرۇپ قويمىسۇن . ئۈمىدۋار بولايلى ، كەسپىمىزنىڭ ئىككى دۇنيالىق ساۋابلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ، خوشاللىق تەرەپلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپلىكىنى ئۇنتۇمايلى !

tursun 2012-10-16 18:14
ئوزقان توغرا ئىيتىدۇ.ئوزىمىزنىڭ مۇنبىرىدىن ئوزىمىز قاخشىساق،كىممۇ بىزنىڭ ]` &[Se d  
كىلىچىكىمىز ئۇچۇن كوۋرۇك سالىدۇ؟ كوۋرۇكنى بىز مۇستەھكەم سالمىساق كارۋانلىرىمىز دەرياغا غەرق بولمامدۇ؟«سۇكۇت قىلىشمۇ مەلۇم جەھەتتىن غەلبە ffoo^1}1  
قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر» بەل بوشاپ كەتمىسۇن! ئۇيغۇر مائارىپى بىز بىلەن يۇكسەلسۇن...ئەۋلاتلار شۇ يۇكسەكلىكتە كامالەتكە يەتسۇن...! zoJkDr=jn  
h2/1S{/n]  
ئايخىنىمغا تەشەككۇر،ئىجتىھات بىلەن ئىلگىرلىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

nasirdin 2012-10-16 19:11
يەنىلا ئۆز ئىشىمىزنى ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە ياخشى قىلغىنىمىز تۈزۈك؟ چۈنكى بىز قاخشىساق، باللىرىمىز كىمدىن قاخشايدۇ؟ ئۈمىدۋار بولايلى، بەزى ئىشلار ھامان ئوڭشىلىدۇ، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ

ئەكبەرنىياز 2012-11-14 20:16
ئۆز قان توغرا ئېيتىدۇ . قاقشىمايلى ، شۇنداق بىر كۈنلەرمۇ كېلىدۇ !!! ئۇ چاغدا ...

سەۋىر5555 2012-11-14 22:01
ئۇيغۇر مائارىپىدىكى ئومۇمىيۇزلۇك ھادىسە -بۇ،يەنىلا ھەمىمىزگە سەۋىر تىلەيمەن،قەلبىمىزدە مىللىي مائارىپىمىزغا نىسبەتەن كۈچلۈك مۇھاببەت بار،ئۈمىدمۇ ھەم بار...بۇ كۇنلەرمۇ ھامان ئۆتۇپ كىتىدۇ ،بىگۇناھ نارىسىدىلىرىمىز بىزگە مۇھتاج،كەلگۈسىمىز ھەم ئۇلارغا مۇھتاج...شۇڭا ھەر قانداق جاپا،قىيىچىلىق  بىزنىڭ ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ.

ساباھى 2012-11-26 11:59
توغرا، توغرا...قاقشىغاننىڭ نېمە پايدىسى؟

چېچەك 2013-09-14 23:18
قاقشىماي دېسىمۇ قاقشاپ قالىدۇ بەزىدە ئادەم.ھەي.... بۇنداق كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر. ئاتا-ئانىلارمۇ بىر كۈن قەدرىمىزگە يېتەر.

مەرىپەت0999 2013-09-16 15:52
دەپ كەلسەك گەپ بەك جىق.قايسى بىرسىنى دەيمىز-ئەمدى.غەيرەت قىلايلى!!‹سەبىرنىڭ تىگى ئالتۇن›دەپتىكەن-كونىلار.

ياسىنجان510 2013-11-03 14:52
جەمىيىتىمىزدە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.

شەمشەر 2013-11-14 17:29
ئېتىزد ادېھقانبولماق تەس،مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولماق تەس!

خەندان 2013-12-05 18:09
ئالدىرماڭلار ...........غورىدىن ھالۋا پۇتىدۇ دىگەن گەپ بار  

مەسئودە 2013-12-25 18:29
دېسەك گەپ تولا،دېمىسەك دەرت.نېمە قىلىمىز قاقشاپ...جاپانىڭ تىگى راھەت

گۈلنىھال 2013-12-26 11:08
بىزنىڭ ناھيىدە مۇنداق بىر ئىش بولدى ، ناھيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ماتىماتىكا ئوقۇتچىى سىنىپپتا بىر-بىرگە شاپاق ئېتىشىپ قىلىقسىزلىق قىلغان ئوقۇغۇچىنى ئىشخانىغا ئەكىرىپ تەربىيە قىلغان ، ئوقۇغۇچى چىرايلىق گەپنى ئاڭلىماي ئوقۇتقۇچىغا جاۋاپ ياندۇرغان( يېڭى خىزمەتكە چىققان بولغاچمۇ ). نەتىجىدە ئوقۇتقۇچى بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ دولىسىدىن بېسىپ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويغان . مەكتەپتىن قايىتقاندا ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ، ئورۇق-تۇققانلىرى بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ بېرىپ ، بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنى ، ئاتا-ئانىسىنى ئۇرغان ، شۇنچە يالۋۇرۇشلارغا پىسەنت قىلمىغان .

گۈلنىھال 2013-12-26 11:37
نەتىجدە ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئانىسى نەخ مەيداندىلا ھۇشىدىن كېتىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان. بۇ ئىشقا ناھيىلىك مائارىپ ئىدارىسىمۇ تۈزۈك ئىگە بولمىدى ، بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى؟ !`E2O*g  

گۈلنىھال 2013-12-26 11:44
ھازىرقى دەۋىردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى ئوبرازى ، جەمئىيەتىتىكى ئورنى نىم بوپ كېتىۋاتىدۇ دەڭلار؟ قىلىقسىز ئوقۇغۇچىلانى  سۆيۈپ قويارنىڭ ئورنى بارمۇ ئەمدى؟ ئادەمنىڭ ئىچى ئاچچىق بولدىغان ئىشلار بەك كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ

بابۇر0725 2014-02-19 20:04
بۇماقالىنى ئوقۇپ يىڭى خىزمەتكە چىققان ۋاقتىدا بىر پىقەدەم مۇئەللىمنىڭ  ماڭا:«مۇئەللىمچىلىكتە ئاغامچىغا ئۇن تىقمايمىز ،ئەرلەر ئاياللاردەك بالا تۇغمايمىز قالغىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلىمىز»دېگەن گېپىنى ئەسلەپ قالدىم .ئەمەلىيەتتىمۇ مۇئەللىمگە كىم ئىگە بولىدۇ؟؟؟

مەمەت 2014-02-24 22:04
ئوقۇتقۇچى ئەڭ جاپاكەش ئىنسان!  قەغەزدىلا مەدھىيلىنىپ، ھەقىقى قەدىرلەنمەيدىغانلاردىن.

نىگارە 2014-03-05 16:56
   بىزنىڭ ئەھۋالىمىز   بۇرۇنقى دەۋىرلەردىن مىڭ ياخشى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلارمۇ  شۇ   جاپالىق يىللاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىپتىكەن. بىز  كۆز ئالدىمىزدىكى بىزگە تەلمۈرۈپ تۇرغان جۈپ-جۈپ قارا كۆزلەرنى ئويلايلى.

رابيەم 2014-03-17 13:36
ياخشى يېزپسز توختىماي تىرشىڭ

شەبنەم117 2014-03-20 18:34
بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئەسلى مەنمۇ بىر قاخشاي دەپ ئويىغان ،ئەمما  تورداشلارنىڭ باھالىرىنى كۆرۈپ يەنىلا سەۋرى قىلىشنى لايىق تاپتىم .توغرا بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر، ھەممىمىز قاخشاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپمىساق مائارىپىمىز كىمدىن ئۈمۈد كۈتىدۇ؟ ئاتا-ئانىلار كىمگە ئىلتىجا قىلىدۇ ؟سەبىيلىرىمىز كىمنى،  نىمىنى  زارىقىپ كۈتىدۇ؟ ھەي يەنىلا ئۈمۈدۋار بولايلى مىللىي مائارىپىمىز ئۈچۈن ئالغا!

رەيھان 2014-03-20 19:18
قاخشىماي ئىشلەيلى بىز ئىنساننىڭ روھى ئىنژىنىرى ئەمەسمۇ؟ لېكىن ھازىر« گۇڭۋۇيۈەن»ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەندىن بۇيان بىزنى ئۇلار ياراتمايدىغان بولۇپ قالدى

مىھرىبانىم 2014-03-20 22:47
مېنىڭچە ، ‹‹قىيىن ئىش يوق ئالەمدە ، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە ›› دېگەن قاراش بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمىزگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىساقلا ، خىزمەتنىڭ قىيىنلىقى بىلىمەيدۇ . ئەۋلادلارنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك مەسئۇلىيەتتىن بىز قاچساق ، ئۇلارنى كىم تەربىيلەيدۇ ؟ شۇڭا ، ئەڭ ياخشىسى ئۈمىدۋار بولايلى ، بۇ مۇقەددەس ھەم ھالال كەسپتىن زارلانمايلى .

رەيھان 2014-04-21 19:17
قازاننىڭ قۇلۇقى ھەممىلا يەردە تۆت بىزگە ئۇنداق بۆلۈپ بەرمەيدۇ ؟ بىراق ھەر خىل ناملارنى ئاتا قىلىدۇ. بىر يىلى قارا ئۇزۇن خۇرۇم پەلتۇلار مودا بولۇپ كەتكەندە ئايال ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئېلىپ كىيدى لېكىن ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئىشتىن چۈشكەندە نىمە دەپتۇ دېمەمسىلەر قارا تۇگەۇزلار ئىشتىن چۈشۈپتۇ؟ PI0/=kS  

tursun 2014-04-23 16:06
يېغىپ كەلسەك،ئۆزىمىزنىڭ مائارىپى.ئۆزىمىزنىڭ بالىلىرى....ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىش ~=c^ Oo:  
مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئۈنتۈنسىز تۆھپە قوشقانلىق بولىدۇ...قىرىنداشلىرىم...

مۇنەۋۋەر 2014-05-07 22:30
     80+" x3r  
يەنىلا ئۆز ئىشىمىزنى ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە ياخشى قىلغىنىمىز تۈزۈك؟ چۈنكى بىز قاخشىساق، باللىرىمىز كىمدىن قاخشايدۇ؟ ئۈمىدۋار بولايلى، بەزى ئىشلار ھامان ئوڭشىلىدۇ، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ [;.zl1S<  

erkamil 2014-05-08 17:20
ئىنكاسلىرىڭلارنى تەپسىلى كۆرۇپ چىقتىم ھۆرمەتلىك ئۇقۇتقۇچىلار. شۇ نوقتا ئىسىڭلاردا بولسۇن، ھەرگىزمۇ ئۆزەڭلارنى تۇۋەن كۆرمەڭلار ھەم بۇ ئۇلۇغ خىزمەتنى پەس كۆرمەڭلار. تۇۋەندە مىنىڭ كۆز قاراشلىرىمنى مۇلاھىزە قىلىپ باققايسىلەر. (cCB3n\20  
1-سىز ئۇقۇتقۇچى بولۇپ ئالدى بىلەن نىمە ئىش قىلدىڭىز.خەلىقنىڭ كۆزى كۆرىدۇ، خەلىق يۈرىگىدىن ھۆرمەتلىگىدەك بىرەر ئوبراز تىكلىيالىدىڭىزمۇ؟ ھاراق شاراپ ئىچىپ جالاپ قوغلاپ يۇرسىڭىز ، قىسقا كىيىم بىلەن ئىڭىشسىڭىز قوڭىڭىز كۆرنۇپ تۇرسا ، ئاغزىڭىزدىن لاۋزا گەپ ۋە قوڭ چۇخچىلاشتىن باشقا نەرسە چىقمىسا سىز قانداق ئۇقۇتقۇچى بولالايسىز. !A 
2-دەرىس ئۆتۈشتە يۇقۇرى ئۈنۈملۈك دەرىسخانا يارىتالمىسىڭىز، بۇ ساھەدە ئىنچىكە ئىزدەنمىسىڭىز سىز يەنىلا قانداق ئۇقۇتقۇچى بولالايسىز خەلىق سىزنى قانداقمۇ ياخشى كۆرسۇن. 0c`wJktWK  
3-ئەڭ مۇھىمى سىلەر خەلىقتىن ئايرىلىپ قالدىڭلار، خەلىقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالدىڭلار بۇ سىلەرنىڭ ۋە رەھپەرلىرىڭلارنىڭ سەۋەنلىكى. سىلەر نىمە سەۋەپتىن خەلىقتىن ئايرىلىپ قالىسىلەر چۈنكى سىلەرنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىڭلار خەلىققە ياقمايدۇ. سىلەرنىڭ ياراملىق باللارنى تەربىيلەپ چىقالىشىڭلارغا خەلىق ئىشەنمەيدۇ. U 1&m-K  
4-ئاتا- ئانىلارنىڭ ئىچىدە 5%ئادەم بار، ئىپلاس خۇلۇقلۇق70% ئادەم بار، ئۇقۇتۇشنى مۇھىم دەپ بىلىدۇ، 10%ئادەم بار ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمەيدۇ.15% ئادەم بار، گۇزەل خۇلۇقلۇق ياخشى ئائىلە بۇلۇپ، بۇنداق ئائىلىنىڭ باللىرىنى ھۆرمەتلىگىڭىز كىلىپ تۇرۇدۇ.باللىرىمۇ ياخشى ئۇقۇيدۇ، سىز ئاشۇ بىرنەچچە ئىپلاس ئادەملەرنى كۆزدە تۇتۇپلا بۇ ئۇلۇغ خىزمەتتىن ۋايسىماڭ،ھەم بىزلەرنىڭمۇ كۆڭىلنى يېرىم قىلماڭ. l[h??C`  
5-سىز تۇغرا يولدا ماڭسىڭىز، گۈزەل خۇلۇقلۇق بولسىڭىز ، كىتاپ ئۇقۇسىڭىز، قىسقىسى بىلىملىك بولسىڭىز سىزنى ھەممىسى ھۆرمەتلەيدۇ، بۇ ھەقىقەت. fM8 :Nt$  
مەن 19 يىللىق ئۇقۇتقۇچى، مىنى پۇلى يوق دىمەي، ئۇقۇتقۇچى دىمەي، تۇنوگۇنكى كۇندە بىر ئائىلە، ئائىلىسىگە چاقىرتىپ 3.5 مىليونلۇق مىراسنى بۆلۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.  قاراڭلار ماڭا خەلىق ئىشەندى ، ئايالىم مەندىن پەخىرلەندى. 2P]rJ  
6-ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمەت ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر، دۇنيادا يۈك ئاپتۇموبىلى شوپىرىدىن قالسىلا قىيىنلىقىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇدۇ.ئەمما سىزدە ئىمان بار بولسا ،پەزىلەت بار بولسا،گۈزەل خۇلۇق بار بولسا فىردەۋىس جەننەتكە كىردىغىنىڭىزنى ئۇنۇتماڭ. %3 ~jg  
7-باللارنى قاتتىق تەنقىتلىمەڭ، تەن جازاسى بەرمەڭ، باللارنى تەربىيلەشتە باشقا ئۇسۇللارمۇ بارغۇ؟ ئۆزىڭىزگە بىسىم پەيدا قىلىدىغان ئىشنى نىمە قىلىسىز قىلىپ. 2.2 s>?\  
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشىنچىلىك يازاي. )kg^.tP  
ھۆرمەت بىلەن: ئەركامىل ئەپەندى


查看完整版本: [-- ئوقۇتقۇچى، نېمىشقا سۈكۈت قىلىسىز؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled