查看完整版本: [-- ئالىمجاننىڭ« كارامىتى»( ھېكايە) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سۇئال-جاۋاپلار -> ئالىمجاننىڭ« كارامىتى»( ھېكايە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھېبىبۇللارۇزى 2012-10-11 15:08

ئالىمجاننىڭ« كارامىتى»( ھېكايە)

ئالىمجاننىڭ« كارامىتى» ?:~Y%4;  
( ھېكايە ) \H!E CTI  
ھېبىبۇللا رۇزى s? @{  
*        *        *         *        *        * n_Px=s!1p@  
ئالىمجان ،ئېيتىڭە ، يېقىندىن ئۈيىڭىزدە بىرەر ئىش بولدىمۇ ؟ M;V (Tf  
- ياق . /-TJtR4>  
- مەن سىزگە سىنىپ مەسئۇلى بولغىلى ئۈچ يىل بولدى ،  بۇ يىل يىلدىن بېرى قارىسام روھى كەيپىياتىڭىز شۇنداق تۆۋەن ،  ئۈيىڭىزدە  قىيىنچىلىق  خېلى ئېغىر ئوخشىمامدۇ ؟ -yHVydu=  
- ياق. ))^rk 6  
-  ياكى مەن   سىلەرنىڭ   بۇرۇنقى  سىنىپ  مەسئۇلىڭلاردەك   ياخشى  قاراپ بۇلالمىدىممۇ-يە؟ T%A45BE V  
- ئۇنداق ئەمەس مۇئەللىم . NWd%Za5K;  
- ئەمىسە سىز نىمىشقا دائىم خامۇشلا يۈرىسىز ؟ kFZw"5hb  
- ... mO;X>~K  
  4-يىللىق سىنىپنىڭ سىنىپ مۇددىرى مىھرىگۈل مۇئەللىم سىنىپتا دائىملا خامۇش يۈرىدىغان ئۇقۇغۇچىسى ئالىمجان بىلەن ئىشخانىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. A rC4pT   
دېمىسىمۇ ئالىمجان سىنىپتا بەكلا جىمغۇر بالا ئىدى . ئۇ بۇيىل ئون ياشقا كىرگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭدا ئون  ياشلىق بالىلارغا خاس شوخلۇق ياكى خارەكتىردىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى .  قاچانلا قارىسا بېشىنى يەرگە تىقىپ يۈرگىنى يۈرگەن  ، ئۇنىڭ ئۈگىنىشىنىمۇ  ئانچە  ياخشى  دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇ كەچتە ئۆيگە قايتقاندا ئۈگىنىش قىلغىلى  پەقەتلا  چولىسى تەگمەيدۇ . نىمىشقا دەمسىز ؟ ئۇ  دېھقان  ئائىلىسىنىڭ  يالغۇزلا  ئوغلى  ، شوڭا قويلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۇنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى. ئۇ ھەر كۈنى كەچتە مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ  سومكىسىنى تاشلىۋېتىپلا قويلارنى قوتاندىن چىقىرىپ ھەيدەپ ،قاراڭغۇ چۈشكەندە ئارانلا ئۆيگە كىلىپ تاماققا ئۈلگۈرىدۇ .تامىقىنى يەپ بولغاندىن كىيىن ھارغىنلىق ئىلكىدە شېرىن ئۇيقۇغا غەرق بۇلىدۇ . كۈنلەر ھەر كۈنى شۇ تەرىقىدە ئۈتىۋەرگەچكە ، ئالىمجانمۇ شۇنىڭغا كۆنۈپ قالغان .ئاتا-ئانىسىمۇ ئالىمجاننىڭ  ئوقۇشى بىلەن ئانچە كارى يوق ، پەقەت ئىمتىھان نەتىجىسىنى كۆرگەندىن كىيىن :« نەتىنجەڭ نىمانداڭ تۆۋەن؟...» دەپ قۇيۇشنىلا بىلىدۇ. مىھرىگۈل مۇئەللىم  ئالىمجاننىڭ  ئاتا-ئانىسى  بىلەن بىر قانچە قېتىم ئائىلە سۆھبىتى ئېلىپ بېرىپ {Tb(4or?=b  
بالىنىڭ ئۆگىنىشى ،  روھى كەيپىياتى  قاتارلىق  ئىشلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشقان بولسىمۇ ، ئالىمجاندا بىرەر ئۆزگىرىش ياكى ئىلگىرلەش بۇلۇپ باققان ئەمەس... ":E 7#9  
   ... w|!>>W6J  
   بۈگۈن  مىھرىگۈل  مۇئەللىم  سىنىپ  مۇددىرلىرى يىغىنىدىن چىققاندىن كىيىن كەيپىياتى  ناھايتى تۆۋەن  ،  ئۇنىڭ  چىرايىدىن  قارىغاندا  ناھايتى  چوڭ غەم بېسىۋالغاندەك كۈرۈنەتتى  .  بۈگۈنكى يىغىندا مەكتەپ مۇددىرى كېلەر ھەپتىدە مەكتەپ  ئىچىدە  چوڭ تىپتىكى بىر سەنئەت پائالىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ، پائالىيەتكە ھەرقايسى يىللىق سىنىپتىن چۇقۇم بىردىن – ئىككىگىچە نۇمۇر تەييارلاشنىڭ لازىملىقى تەلەپ قىلىنغان ئىدى . @ de_|*c  
    بۇنداق پائالىيەت مەكتەپتە  ھەر يىلى ئېلىپ بېرىلدىغان بۇلۇپ  ، مىھرىگۈل مۇئەللىمنىڭ سىنىپىدىن ھازىرغىچە ناخشا ، ئۇسسۇل  ياكى مۇزىكا ئۇرۇندايدىغان  بىرمۇ ئوقۇغۇچى چىقىپ باققان ئەمەس . مىھرىگۈل مۇئەللىم ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۈتىۋالاتتى،ئەمما بۈگۈن مەكتەپ ]4wyuP,up  
مۇددىرى  مىھرىگۈل  مۇئەللىمنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ  ،  بۇ سىنىپنىڭ بۇ قېتىم چۇقۇم نۇمۇر تەييارلاش لازىملىقىنى ،  بۇقېتىم قەتئى بوش قۇيىۋەتمەيدىغانلىقىنى نۇمۇرنى چۇقۇم ياخشى تەييارلاش كېرەكلىگىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى... Kcv7C{-/  
    باشلانغۇچ  مەكتەپ  ئوقۇغۇچىلىرى  دىگەن جۇشقۇن ، كۆتىرەڭگۈ، روھلۇق ھالدا قىقاس-چوقان سېلىشىپ ، ئاۋازى كەلسىمۇ-كەلمىسىمۇ  ناخشا توۋلىشىپ  يۈرگەننى كۆرگەن ، لىكىن بۇ سىنىپتىكى بالىلارنىزە!...قىز –ئوغۇل ھەممىسى  دىگۈدەك  خۇددى  ئالىمجانغا  ئوخشاشلا  جىمىغۇر ، بۇ  مەسلىنى زادى قانداق ھەل قىلىش كېرەك ئەمدى . .. ,LW+7yD  
   مىھرىگۈل مۇئەللىم ئېغىر غەم بېسىۋالغان ھالدا سىنىپقا ئاستا كىرىپ، مۇنبەرگە كىلىپ ئولتۇردى . سىنىپتىكى ساۋاغداشلارنىڭ ھەممىسى : «مۇئەللىم قايسىمىزنى تىللاپ  كېتەركىن ؟؟؟...»  دىگەندەك  قىلىپ  ،  بىر – بىرىگە  تۇيدۇرماي قاراشماقتا . بىراق مىھرىگۈل مۇئەللىم خېلى ئۇزۇن شۈك ئولتۇرغاندىن كىيىن ، سا ۋاقداشلارنىڭ ھەر-بىرىگە تەپسىلى كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ ئاندىن گەپ باشلىدى:     -ساۋاقداشلار  ،  كېلەر  ھەپتىدە  مەكتىۋىمىزدە  سەنئەت پائالىيىتى ئېلىپ بارماقچى ، شوڭا مەكتەپ مۇددىرى  ھەممە سىنىپنىڭ بىردىن- ئىككىگىچە نۇمۇر تەييارلاشنىڭ لازىملىقىنى  ئېيتتى ، ناخشا ، ئۇسسۇل ، مۇزىكا ، لەپەر ، ئىتوت دىگەنلەرنىڭ  قايسىسىلا  بولسا  بۇلىۋېرىدۇ .  قايسىڭلار بىرەر نۇمۇر تەييارلاپ  بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ بېقىشنى خالايسىلەر؟  
     تەخمىنەن بەش مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتتى ، سىنىپتىكى بىرەر ساۋاقداشتىن سادا چىقىدىغاندەك ئەمەس  .  ھەتتا  بەزىلەرنىڭ  ئۈنلۈكرەك نەپەس ئالغان ئاۋازىمۇ  ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى . l>D-Aan  
     - ھازىرغىچە بۇنداق پائالىيەتكە سىلەرنى قاتنىشىشقا زورلاپ باقمىغان ئىدىم لىكىن مۇددىر  يىغىندا  بىزنىڭ  سىنىپنىڭ  چۇقۇم نۇمۇر تەييارلاش كېرەكلىگىنى قايتا- قايتا  تەكىتلىدى . قېنى؟  قايسىڭلار  بىر  نۇمۇر  تەييارلاپ  ئورۇنلاپ باقىسىلەر؟ ~#"7,rQp  
    يەنىلا ھىچقانداق سادا يوق ، ھەممە ساۋاقداش يەردىن ئۈستۈن قارىماي ئولتۇراتتى.خۇددى يەردىن بىرەر ياخشى مەسلىھەت كىلىپ قالىدىغاندەك... e" Eqi-  
     مىھرىگۈل مۇئەللىم ھەر-بىر ساۋاقداشنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ تۇرۇپ سورىدى. لىكىن  ھەممىسى  ئۆزلىرىنىڭ  قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ ، يەنە يەرگە قاراپ ئولتۇرۇشتى .مىھرىگۈل مۇئەللىم سەل چېچىلىپ قالدى بولغاي: 5'X74`  
    - ئۈچ-تۆت كۇبلىت  شېئىرمۇ  ئۇقۇشالمامسەن  ھەر قايسىڭ؟ دەپ توۋلاپ كەتتى . .. 0AK?{y U  
   سىنىپنىڭ ئىچىنى يەنە قايتىلاتىن جىمجىتلىق باستى. مىھرىگۈل مۇئەللىم ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ   ئۈمىدسىزلىك   ئىچىدە   ئىشخانىسىغا  يېنىپ  كىردى .  مىھرىگۈل مۇئەللىمنىڭ  تەبەسسۇمدىن  ئەسەرمۇ قالمىغان چىرايىنى كۆرگەن ئىشخانىدىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  ھەممىسى  بىر – ئىككى ئېغىزدىن چاقچاق ئارلاش گەپ قىلىشتى: K lli$40  
  - مىھرىگۈل مۇئەللىم غورا يەپ كىردىڭىزما ؟ }UKgF.  
  - قەۋزىيەت بوپ قالدىڭىزمۇ-يا؟ C5es2!^-]O  
  - ئۇنداق بولمىسا ئىچىڭىز سۈرۈپ كەتتىمۇ- يا؟ 6| *(dE2x(  
  - چۈشتە بېلىق يىگەن بولسا، گېلىغا قىلتىرىقى تۈرۈپ قالغان ئوخشايدۇ. %n05 Jitl  
ئىشخانىدىكى ھەممەيلەن كۈلۈشتى ، مىھرىگۈل مۇئەللىم يەنە قاپىقى ئېچىلمىغان ھالدا ، بولغان ئىشلارنى كۆپچىلىككە بىرمۇ – بىر سۆزلەپ بەردى. onnI !  
  -  ئۇ سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ زادىلا سەنئەت ھۈجەيرىسى يوق. _urG_~q  
  - راست، نەچچە يىلدىن بېرى  بىرەر  نۇمۇر  ئورۇنلاپ  باقىدىغانلار  چىقىپ باقمىدى ئۇ سىنىپتىن. XC|*A$x,  
  - مەنمۇ دەرسكە كىرىپ قول كۆتۈرۈپ جاۋاپ بىرىڭلار دىسەم بىرەرسىمۇ قۇلىنى كۆتىرىشنى خالىمايدۇ. /8xH$n&xoC  
  - ھىچنىمە بىلمەمدىكىن دىسەم ، ئانچە-مۇنچە بىر نىمە بىلىدۇ بولمىسا. Wrmgu}q  
  مىھرىگۈل مۇئەللىمگە خىزمەتداشلىرىنىڭ ھىچقانداق گىپى خوشياقمىدى.چۈنكى ئۇلارنىڭ  بىرسىمۇ  قانداق  قىلىش  توغىرىلىق  ياخشى مەسلىھەت  بىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن،بەلكى سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ يامان تەرىپىنى سۆزلىمەكتە ئىدى... i=oTg  
   بىر كۈن، ئىككى كۈن، بىر ھەپتىمۇ ئۆتتى. سىنىپتىن تا ھازىرغىچە بىرەر نۇمۇر -Q6(+(7_|  
ئورۇنلايدىغانلار پەقەتلا چىقمىدى.مەكتەپ مۇددىرى مىھرىگۈل مۇئەللىمدىن نۇمۇر تەييارلاش  ئىشىنىڭ  قانداقراق  بولغانلىقىنى  سورىغاندا  مىھرىگۈل مۇئەللىمنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ ، ئۇنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا تەنقىد قىلدى.بۇ ئىش مىھرىگۈل مۇئەللىمنىڭ بىر غېمىنى ئىككى قىلىپ  ،  ئۇنىڭغا تېخىمۇ چوڭ بىر بېسىم ھىس قىلدۇردى ... }N?g|  
    مانا ، پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنمۇ يىتىپ كەلدى . ئىشخانىدىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلار ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ سىنىپىدا نۇمۇر تەييارلاش ئىشى بىلەن ئالدىراش پەقەت  مىھرىگۈل  مۇئەللىملا  ئۆزىنىڭ  شىرەسى يېنىدا ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ خىيال سۈرمەكتە . ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئەتراپى ياش يۇقى ئىدى  ،  قارىغاندا يىغلىغان بولسا كېرەك ! jDR')ascn  
  - كىرىڭ !!!  تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلگەن ئاۋازدىن چۈچۈپ كەتكەن مىھرىگۈل مۇئەللىم ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلىدى. 8qn 9|  
  - مۇئەللىم يىغلىغان ئوخشىمامسىز؟ سىزگە نىمە بولدى؟ wfE^Sb3  
مىھرىگۈل  مۇئەللىم  سىنىپتىكى  ئەڭ  جىمغۇر  ئوقۇغۇچىسىنىڭ  ئۆزىنىڭ ئالدىدا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ھالدا يۇقارقى سۇئالنى سورىغانلىقىدىن ھەيران بۇلۇپ قارىدى ئۇ ئالىمجاننىڭ ئىككى بىلىكىدىن ئاستا تۇتۇپ تۇرۇپ: le.anJAr  
   - ئالىمجان ، سىلەر ھىچقايسىڭلار نۇمۇر ئۇرۇنلىيالمىغاچقا مۇددىر مىنى قاتتىق تىللىدى  .  شوڭا  مىنى  سىلەرنىڭ  سىنىپتىن  ئاجىرىتىپ  باشقا سىنىپقا دەرس ئوقۇتقۇچىسى قىلىدىكەن ،  بۇندىن  كىيىن  سىلەرگە  باشقا  ئوقۇتقۇچى سىنىپ مەسئۇلى بولغۇدەك. RT,:hH  
    -  ساۋاقداشلار  ھەممىمىز  سىزنى  ياخشى  كۆرىمىز  ،  مۇئەللىم  . سىزنى رەنجىتىپ قويدۇق ھەم تەڭقىسلىقتا قويدۇق . P>(&glr|  
   - راست دەيمەن ، بۇندىن كىيىن مەن سىلەرگە سىنىپ مەسئۇلى بولمايمەن. 09'oz*v{#  
   - ئۇنداق دىمەڭ مۇئەللىم ، بىز نىمە دىسىڭىز شۇنى قىلايلى . fN@{y+6  
  - نىمە ؟-مىھرىگۈل مۇئەللىمنىڭ كۆزلىرى جانلىنىپ كەتتى. YScvyh?E  
  - راست دەيمەن ، چۈشتىن  كىيىنكى  پائالىيەتتە  مەن  بىر – ئىككى نۇمۇر كۆرسىتىپ بىرەي. 5MR,UgT  
   - نىمە ؟ راستما؟ U6RG$  
مىھرىگۈل  مۇئەللىم  ئختىيارسىز  ھالدا  ئالىمجاننى قۇچاقلاپ كەتتى .  شۇ تاپتا مىھرىگۈل  مۇئەللىم  ئۆزىنى ئۆمرىدە بۇنچىلىك خوشال بۇلۇپ باقمىغاندەك ھىس قىلدى . «نۇمۇرنى مەن ئورۇنلاپ بىرەي » دەيدىغان ئادەمغۇ چىقتى،لىكىن بۇ   ساۋاقداش  سىنىپ  بۇيىچە  ئەڭ  جىمغۇر  بالا تۇرسا ، ئۇ بۇگۈن بىزگە نىمىمۇ ئورۇنلاپ  بىرەر   ؟  مەكتەپتىكىلەرنىڭ  ئالدىدا  ئادەمنى  كۈلكىگە  قويمىسىلا بۇلاتتىغۇ!!! +>SRrIi  
   ... :S -";.:"  
    مەكتەپ مەيدانىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلماقتا ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ھەرقايسى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى مەيدانغا رەتلىك تىزىلىپ ئولتۇرۇشقان ، ئەڭ ئالدىنقى رەتتە ھەرقايسى سىنىپ مۇددىرلىرى ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان  ئىدى .  ئالدى  تەرەپتىكى  نۇمۇر  كۆرسىتىدىغان ئۇرۇندا شوخ بالىلار بەزىلىرى خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنلىسا ،بەزىلىرى تېلىۋىزۇردىن يېڭىدىن ئۆگىنىۋالغان ناخشىلارنى  ئېيتىپ ، بەزىلىرى ئۇسسۇل ئويناپ ، بۈگۈنكى پائالىيەت ناھايتى ياخشى ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى .  ھەممە  ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتى ناھايتى روھلۇق ھەم كۆتىرەڭگۈ ، پەقەت  مىھرىگۈل مۇئەللىم  ۋە   ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىلا ئانچە روھلۇق كۈرۈنمەيتتى... XRxj  W  
    نۇمۇر كۆرسىتىش نۆۋىتى مىھرىگۈل مۇئەللىمنىڭ سىنىپىغا كەلدى  . بۇ ۋاقىتتا مىھرىگۈل مۇئەللىم جىددىيلەشكىنىدىن قويغان- تۇتقىنىنى بىلمەيدىغانلا ھالەتكە  كىلىپ قالغان ئىدى،يەنە كىلىپ ساۋاقداشلار ئىچىدە « ۋاي مەن نۇمۇر ئورۇنلاپ بىرىمەن » دەپ مەيدىسىنى ئۇرغان نوچى- ئالىمجان كۆرۈنمەيتتى .  « ئەمدى تۈگەشتىم » دەپ ئويلىدى مىھرىگۈل مۇئەللىم كۆڭلىدە ، « خەپ ئالىم دىگەن تاز يۈزۈمنى چۈشۈرىدىغان بولدۇڭ ...» -R b{^/  
   سەھنىدە مۇزىكىغا ، رىتىمغا ماسلاشقان ھالدا تۈركچە ناخشا ئېيتىلىۋاتاتتى.بۇ ناخشىنى ئالىمجان شوخ ھەركەتلىرى بىلەن ئېيتىۋاتاتتى. تۈركچە ناخشا ئېيتتىم دەپ ئاغزىغا كەلگەننى دەپ ئېيتىۋاتامدىكىن دىسە،ناخشىنىڭ ھەر-بىر ئېغىزسۆز-جۈمىلىلىرى ھەقىقى تۈرك تىلىدا،يەنە كىلىپ ئىنتايىن ئۆلچەملىك ئىدى. ئۇنىڭ    ئورۇنلاۋاتقانلىرى ناخشىلا ئەمەس بەلكى ئۇسسۇل ھەركىتىمۇ ناھايتى جانلىق  ، خۇددى تۈركىيە چولپانلىرىدەكلا ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى ھاڭ- تاڭ قالغان  ھالدا  بىر - بىرىگە قارىشىپ  ئاغزىنى ئېچىپلا قېلىشتى . شۇ تاپتا مىھرىگۈل مۇئەللىمنىڭ قانچىلىك  ھاياجانلىنىپ  كىتىۋاتقانلىقىنى  قىياس قىلماق  ئىنتايىن تەس ،  مىھرىگۈل  مۇئەللىمگە  نىسبەتەن  مۇشۇ  مىنۇتلاردا مۆجىزە يۈز بىرىۋاتماقتا ،ئۇ ھاياجانلانغانلىقىدىن كۆز يېشىنىمۇ يۇشۇرۇپ قالالمىدى، ئۇنىڭ  ئۈستىگە ئالىمجان سەھنىدە بارغانچە شوخلىشىپ ، تۈركچە ، ھىندىستانچە  ۋە   ئېنگىلىزچە  بىردىن  جەمئى  ئۈچ  ناخشىنى  شوخ  ئۇسسۇل ھەركەتلىرى بىلەن O6X"RsI}  
ئورۇنلاپ بىرىپ ، ھەممەيلەننى  ھاڭ – تاڭ  قالدۇرىۋەتتى  ، ئالىمجان نۇمۇرنى ئۇرۇنلاپ بولغاندا  چاۋاك ، ئالقىش  سادالىرى خېلى ئۇزۇنغىچە بېسىقماي پۈتۈن ساۋاقداشلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ پەخىرلىك ساۋاقدىشى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشتى... 6KRO{QK  
    مىھرىگۈل  مۇئەللىم  ھىچقاچان  بۈگۈنكىدەك  خوشال - خۇرام ھالدا ئىشتىن چۈشۈپ باقمىغان ، ئۇ ئالىمجاننى ئۆزى ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇيدى ۋە ئالىمجاننىڭ  ئاتا-ئانىسىغا ئالىمجاننىڭ بۈگۈنكى ئىش-ئىزلىرىنى بىرمۇ - بىر  سۆزلەپ بىرىپ ئۇلارنىمۇ ھەيران قالدۇرىۋەتتى. sILSey5`  
     ئەسلى ئىش مۇنداق: ئالىمجان يەتتە ياشقا كىرگەندە خەجلەيدىغان پارچە- پورات پۇللىرىنى  چۇغلاپ  بىر  دانە سۆرەت قويغۇچ سېتىۋالغان ۋە ھىندىستان ،تۈركىيە  ۋە   ئېنگىلىز   ناخشا  چولپانلىرىنىڭ  پىلاستىنكىلىرىنى   ئېلىپ ، بۇ  چولپانلارنىڭ ناخشا –ئۇسسۇللىرىنى قويلارغا قارىغاچ ناھايتى قىزىقىپ كۆرگەن ، داۋاملىق  ئاڭلاۋېرىپ  ناخشا  تېكىستلىرىنىمۇ  ئەستە  ساقلىۋالغان ، يەنە كىلىپ 3I  $>uR  
ھەركەتلىرىنىمۇ دوراپ ئۆگەنگەن  ،  لىكىن  بۇ  ئىشنى  تا ھازىرغىچە ھىچكىمگە n}?wVfEy  
 تىنمىغان  ،  باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنىمۇ خالىمىغان  .  شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۈگەنگەنلىرى ھالقىلىق پەيىتتە ئەسقېتىپ، مىھرىگۈل مۇئەللىم ۋە ئۇنىڭ سىنىپىنى قىيىن ئەھۋلدىن قۇتقۇزغان ، ۋە ھەممەيلەننى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان. .. }t%W1UJ  
      شۇنىڭدىن  باشلاپ  ئالىمجان  مەكتەپتىكى  ساۋاقداشلار  چوقۇنىدىغان بىر ئوقۇغۇچىغا ئايلىنىپ قالدى ، سىنىپتىكى باشقا ساۋاقداشلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ،ئۆزلىرىنىڭ  شوخلۇقىنى  نامايەن  قىلىشىدىغان  بۇلدى  ،  شۇنىڭدىن ئىتىبارەن سىنىپتىكى   ئوقۇغۇچىلارنىڭ  روھى  كەيپىياتى  تۆۋەن  بۇلۇش  ۋە  جىمغۇرلۇق كەيپىياتىغا خاتىمە بىرىلدى . ئالىمجانمۇ باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى بۇرۇنقى ئاددى جىمغۇر ئالىمجانلا ئەمەس، « ئالىم چولپان نامى بىلەن تىلغا ئېلىنماقتا»... C F?1R  

arzu 2012-10-12 14:51
ھىبۇبوللا روزى، ئالدى بىلەن سىزنىڭ مۇنبىرىمىزگە كەلگەن موبارەك قەدىمىڭىزگە مەرھابا!، ئاندىن قەلىمىڭىزگە، خىزمىتىڭىزگە بەرىكەتلەر تىلەيمەن. h*w%jdQ6  
SYCEQ5 -  
ھەقىقەتەن ، بىز بەزىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىمغۇرلىقىغا سەل قاراپ تاشلاپ ، ئۇ ئوقۇغۇچىنى تاشلاپمۇ قالىمىز، ئۇ ئوقۇغۇچىلاردا ئاجايىپ يوشۇرۇن قابىلىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئويلاشمايمىز. }o(zj=7  
سىزنىڭ بۇ ھېكايىڭىز ماڭا كەسپتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ شۇنچىلىك ئاددىي ئىشلاردىمۇ ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مېنى سەگىتتى. "alyfyBu'M  
رەھمەت سىزگە! g;qx">xJ`o  
:.Jf0  
نادىر

kutyar 2012-10-12 23:32
<<كۆزگە ئىلمىغان،پۇتقا چۇماق>> دىگەن سۆز بار. بەزى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقەتەن سەل قاراشقا بولمايدىكەن، جۇمۇ!


查看完整版本: [-- ئالىمجاننىڭ« كارامىتى»( ھېكايە) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled