gulhan |
2012-10-11 01:03 |
پىنھاننامە 2 (گۈلخان)
يۈرۈكۈمنى ئۇقۇپ باق، جانان P|>pm]>C
كەل جانان، يۈرۈكۈمنى ئۇقۇپ باق. s$V'|Pt سېنى ھەر كۆرگەندە شەپەقتەك قىزىرىپ،ئوۋچىدىن قاچقان كىيىكتەك ئۈركىگەن كۆزلىرىمدە يەرگە بېقىپ ، گۇناھ ئۈتكۈزۈپ قويغان بالىدەك ئالدىڭدا تىرماق تاتلاپ ، كىكەچلەپ ئارانلا سەن بىلەن سالاملىشىپ ئۈتۈپ كەتكىنىم بىلەن ساڭا ئېيتالمىغان سۆزلىرىم بار يۈرۈكۈمدە. قىزلىق ھايايىم تىل تۇلپارىمنى كىشەنلەپ، كۆز نۇرلىرىمغا پەردە تارتىپ قۇيالىغىنى بىلەن ، سەن ئۈچۈن سۇقۋاتقان يۈرۈكۈمنى تۇختىتىشقا قادىر بۇلالماس. qqmhh_[T يۈرۈكۈمنى ئۇقۇپ باق ، يۈرۈكۈمنىڭ ھەر سۇقۇشىدا ئىسىمىڭنى زىكرى قىلىپ ، تۇمۇرلىرىدا ئىقۋاتقان قانلاردىن سىماھىڭنى سىزىپ چىققانلىقىنى بىلمەيسەن تېخى. ھاياتىمغا قۇياش بولۇپ نۇر چېچىشىڭنى، تەلەي يۇلتۇزۇم بولۇپ بەخىت ئىشىكىمنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ئېچىشىڭنى كۈتۋاتىمەن. \c"{V-#o\ سۆيگۈ دالايىمدا جىگدىلەر چىچەكلەپ كەتتى . ئەلچى شاماللار ئېلىپ كەتكەن خوش بوي ھىدلارنى پۇرىمىدىڭمۇ، جانان. ئاشۇ ھىدلاردا سەن ئۈچۈن چىچەكلىگەن مەڭگۈلۈك ئەقىيدىنىڭ پۇرىقى بار.لاۋا بولۇپ يىنۋاتقان، ئاتەش بولۇپ كۈيۋاتقان سۆيگۈنىڭ تەپتى بار. vZDM}u كەل جانان، يۈرۈكۈمنى ئۇقۇپ باق. ھالال ساداقىتىم بىلەن قۇپۇرۇلغان قەلىب قەسىرىمنىڭ غۇرورىمدىن ياسالغان قۇلۇپىنى سەمىيمىتىڭ بىلەن ئاچ.ئۇنىڭدىكى چىن سۆيگۈمنى قۇبۇل قىل، سۆيگۈم ۋۇجودىڭغا تارالسۇن! سۈيۈش- سۈيۈلۈشتىن مۇھەببەتلىك كۈنلەر تۇغۇلسۇن ھاياتىمىزغا. تىۋىشسىز كۈتۈشتىن سۇلۇشقان ئەقىيدە گۈللىرىم مۇھەببىتىڭدىن بەرىق ئۇرسۇن. ئۇنى ئاۋايلاپ ئىلىپ يۈرەك قىتىڭغا سېلۋال، ۋۇجودىڭغا كۈچ بېغىشلاپ، قەدەملىرىڭگە مەردانىلىك قۇتىدۇ. چىن سۆيگۈ چەكسىز ھاياتىي كۈچتۇر ،جانان. 8f\sG:$ يۈرۈكۈمنى ئۇقۇپ باق. چېھرىمدىكى ھايا قىزىللىقنى ، كۆزلىرىمدىكى غۇرور نۇرلىرىنى، قەدەملىرىمدىكى نازاكەتلىكنى، خولۇقۇمدىكى مۇلايىملىقنى ، ۋۇجودىمدىكى لاتاپەتلىكنى ئاپىردە قىلۋاتقان بىر كۈچ بار يۈرۈكۈمدە. بۇ كۈچ ساڭا بولغان سۆيگۈمدىن تارالغان. سۈيۈشكە تولغان ھەر بىر كۈنىمگە مەنا ئاتا قىلۋاتقان،ھاياتىمنىڭ بىرتال -بىر تالدىن تۈكۈلۋاتقان گۈل بەرگىدەك كۈنلىرىمدە قىممەت يارىتىشىمغا تۈرتكە بۇلۋاتقان نۇرانە سىماھىڭ بار سۆيگۈ مەركىزىمدە. ئۇ گاھىدا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ ماڭا ئىلھام ئاتا قىلسا ، گاھىدا چىرايلىق قۇشمىلىرىنى تۈرۈپ بىخودلۇقۇمغا نەشتەر سانچىيدۇ. بۇ سىماھ بولغاچقىلا مەن ئاياللىقىمنى ھېس قىلىمەن، ئاياللىقنىڭ چىن مەنىسىدە ياشايمەن. ئاياللىق قەدىمىمدىن خوش بوي ھىد تارىتىشقا تىرىشىمەن . ئاياللىقىم بۇ ئەركەككە تىۋىنىدۇ، بۇ تىۋىنىشتىن ئىنسانىيلىق بالقىپ ۋۇجودىمغا سىڭىشىدۇ. بۇ سىماھ يۈرۈكۈمگە سىڭىشقان، قانلىرىمغا تارالغان. ئۇنىڭسىز يۈرۈكۈم سۇقماس. +@U}gk;#c كەل جانان ، يۈرۈكۈمنى يۈرۈكۈڭ بىلەن ئۇقۇپ باق. يۈرۈكۈم بىلەن يۈرۈكۈڭگە پىچىرلاپ، مەنالار يۈكسەكلىكى مۇجەسسەم بولغان بىرلا سۆزنى قىلۋالاي، سەن ئۇنىڭدىن چەكسىز سۆيگۈمنىڭ ھارارىتىنى ھېس قىلۋال! مەڭگۈلۈك ئەقىيدەمىنىڭ گۈللىرىدىن گۈلچەمبىرەك ياساپ، يۈرۈكۈڭگە تاقىۋال! سۈيۈلۈش بەختىدىن ھاياجانلانغان نۇرلۇق كۆزلىرىڭگە يىقىندىن بىر بىقۋالاي، كۆزلىرىڭدىن چاچىرغان سۆيگۈ ئوتلىرى ۋۇجودىمنى كۆيدۈرسۈن! سۆيگۈ بەختىدىن دۈپۈلدىگەن يۈرەك تىۋىشىڭغا يۈرۈكۈم جۆر بولسۇن ! -3z$~
{ كەل جانان، سۆيگۈ كۈكلىگەن چىمەنزارىمغا بىمالال كەل. سەن ئۈچۈنلا ئىچىلغان مۇھەببەت گۈللىرىمنى ھىدلاش ئۈچۈن كەلگىنىڭدە ئەركەكلىك قەدىمىڭگە پايانداز بولىدىغىنى پاك ئەقىيدەم، خۇشاللىقىڭغا قۇشۇلدىغىنى مەڭگۈلۈك ساداقىتىم، يۈرۈكۈڭگە جۈپ بولىدىغىنى مۇھەببەتلىك يۈرۈكۈمدۇر . @v#]+9F كەل جانان، يۈرۈكۈمنى ئۇقۇپ باق، ئۇنىڭدا سەندىن يارالغان ، ۋاقىت قېرىتالمايدىغان مۇھەببەت بار. TJ&Z/k3- 2feiD?0 STr&"9c M%\=Fb بۇ نەسىر 2013-يىللىق تۇرپان ئەدەبىياتىدا ئېلان قىلىندى. -0 e&>H% |
|