查看完整版本: [-- دوستلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىمەن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سۇئال-جاۋاپلار -> دوستلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىمەن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

باغۋەن 2012-10-09 18:37

دوستلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىمەن

تولۇق ئوتتۇرا3 -يىللىق  تىل-ئەدەبىيات تەكرارنى قانداق ئېلىپ بارسا ياخشى بولىدۇ ؟ قايسى تەكرار ماتىرىيالنى ئشلەتسە ياخشى؟ياخشى تۈزەلگەن ماتىرىيال بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار. c=p=-j=.J  
تەجىرىبىلىىك ئۇستازلارنىڭ مەسلىھەت بېرشىڭلارنى ،ياردىمىڭلارنى ئايماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن ............. %IZ)3x3l  

tawpek 2012-10-09 23:27
مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى كۆزدە تۇتۇپ ۋە مۇنبەر كوت كوت توپتىكى مەسىلە سوراش جەريانىدىكى قولايسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن مۇنبىرىمىزدە مەخسۇس سۇئال-جاۋاپ سەھىپىسى تەسىس قىلىندى. تەۋپىقداشلارنىڭ يولوققان مەسىلىلەرنى ياكى ھەل قىلغان تەرەپلىرىنى بۇ سەھىپىگە تىما يوللاش ئارقىلىق تەۋپىقداشلار ئارا ئورتاق ھەل قىلىپ مۇنبەرنىڭ رولىدىن تىخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. khX|" d360  
e- 6w8*!i  
يىڭى سەھىپە ئۇختۇرىشىنى ئايرىم تېما يوللاپ ئۇختۇرارمەنمۇ دەپ تۇرغانتىم، بەلەن يوللاپسىز بۇ تېمىنى. H#(<-)j0_  
!$xu(D.  
بۇ ھەقتە تەكلىپ بەرگەن تورداشقا تەشەككۇر.

ozqan 2012-10-10 00:16
تەۋپىق ئىنىم : بۇ سەھىپىنى ئاچقىنىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ ، بۇ سەھىپىدە كەسپداشلار بىلەن كەڭكۇشادە پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولغۇدەك . "kSwa16O  
qu{mqkfN>  
باغۋەن : بىرىنچى سوئالىڭىزغا بېرىدىغان جاۋابنىڭ مەزمۇن دائىرسى بەك كەڭ . سوئالنى سەل كونكىرىت قويسىڭىز ياخشى بولاتتىكەن . $Z6D:" K  
  2VYvO=KA  
    تەكراردا ئۇيغۇر تىلى قىسىمىنى چىڭ   تۇتۇپ ئېلىپ بېرىڭ . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ئەڭ قىيىن نۇقتىلار دەل ئۇيغۇر تىلىدىن چىقىرىلىدىغان تاللاش سوئاللىرىدىن چىقىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندىكى پەرىقىمۇ ئۇيغۇر تىلىدا روشەن ئىپادىلىنىدۇ . ئەڭ ياخشىسى ئىلگىرى ئۆتۈلگەن ئۇيغۇر تىلى ئۈچ قىسىملىق كىتابنى قايتا بىر قېتىم تەكرار قىلىپ چىقىڭ . ھەتتا كىتابتىكى ئىزاھاتلاردىن ، ئەسكەرتىشلەردىن تۇتۇپ ھەممىنى ئەستايىدىل كۆرسىتىپ چىقىڭ . مۇھىم نۇقتىلارنى چىڭ تۇتۇپ مەشقنى كۆپ ئېلىپ بېرىڭ .چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك مەزمۇنلارنى بېسىپ تارقىتىپ بېرىڭ . Uf2:gLrF  
Vyt E  
تېكستلەر تەكرارىدا تېكستنى ئوقۇتۇشنى چىڭ تۇتۇڭ ، ئوقۇغۇچى بېرىلگەن پارچىغا قاراپ بۇ پارچىنىڭ قايسى ئەسەردىن ئېلىنغانلىقىنى بىلەلىسىلا كۆپ سوئاللارغا توغرا جاۋاب بېرەلەيدۇ ، ئاندىن تېكستلەرنى جەدۋەللەشتۈرۈپ مۇھىم ئۇچۇر خاراكتىرلىك مەزمۇنلارنى ئەستە ساقلاتقۇزۇڭ . $c =&0yt5  
`]>on`n?  
ئەدەبىيات نەزەريەسىنى ، ئىزدىنىشلىك ئۆگىنشىنى ، ئوقۇتۇش تېكستلىرىگە تەۋە بولغان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا تەۋە 8 پارچە شېئىرنى  ۋە « غەزەپ ۋە زار » بىلەن « يىللارغا جاۋاب » نى بېسىپ كۆپەيتىپ بېرىڭ ، ئەستە ساقلىسۇن . Bz:0L1@,4a  
  BE4\U_]a3  
ماقالە يازدۇرۇشتا ھەجىمنى ، جىجىماسلىقنى ، خەتنى ئېنىق يېزىشنى ئالاھىدە تەكىتلەڭ ، ھەر ھەپتىدە بىر پارچە ماقالە يازدۇرۇپ مېڭىڭ .   )E~mJln  
تەقلىدىي سوئاللارنى كۆپ ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىڭ ، 30پارچە ئەتراپىدا تەقلىدىي سوئال ئىشلىتىڭ .. LDX y}hm)  
npj5U/  
  تەكرار ئۇسۇلىغا كەلسەك ، «تەۋپىق» تىكى خىلمۇ خىل دېتاللاردىن ، تەكرار ماتىرياللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىڭ ، مۇنبەردە نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ تەكرار ھەققىدىكى نادىر ماتىرياللىرى ، تەييار ، بېسىپ تارقاتسىلا بولىدىغان جەۋھەرلىرى ، يېقىنقى ئۈچ يىللىق تەقلىدىي ۋە ئالىي مەكتەپ سوئاللىرىنىڭ ھەممىسى بار . بۇلاردىن پايدىلانسىڭىز تەكراردا ۋاقىتتىن ئۇتالايسىز ، ھەم ئوقۇغۇچىلارنى زېرىكتۈرۈپ قويمايسىز .  bL MkPty  
hXnw..0"  
ئىككىنچى سوئالىڭىزغا كەلسەك ، مەنچە رىزۋانگۈلنىڭ مورتوم تەرىپىدىن ئىشلەنگەن سەرخىل نامىدىكى سوئاللار توپلىمى  ۋە تەكرار ماتىريالىنى ئالسىڭىز ، ئالدى بىلەن ياخشى ئىشلنىپتۇ ، ئاندىن قالسا ، ئۇ مۇنبەردە بار ، مەسىلە چىقسا سوراشقا ئەپلىك ، ئۆزىمۇ  بەك ئەستايىدىل  ، كۆپچىكتىن ياردىمىنى ھەرگىز ئايىمايدىغان خاراكتىرغا ئىگە .... ec1Fg0Fa  
  |is 9  
    كۈتكىنىڭىزگە لايىق جاۋابقا ئېرىشتۈرەلىدىممۇ يوق بىلمىدىم ،باشقا  كەسپداشلارنىڭ قانداق تەكلىپىلىرى باركىن كۆرۈپ باقايلى ، يەنە مەسىلە بولسا ، داۋاملىق پىكىرلەشسەك بولىدۇ . 4V>vg2 d  
  fGo_NB  
تەكرارىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن .

tawpek 2012-10-10 00:27
مۇنبەردىكى ر.مۇھەممەت مورتۇم تۈزگەن سەرخىل سۇئاللار توپلىمىنىڭ تۈزگىچىسى ئوخشىمامدۇ؟ Lq%[A*`^  
e5FCqNip'  
ياكى باشقا رىزۋانگۈلمۇ يا؟

ئەخمەخ 2012-10-10 09:23
ياخشى مەن بەكلا سۇيۇندۇم مۇشۇنداق بولسا بەكلا ياىشى يارايسىلەر.                 

koksangun 2012-10-10 11:59
引用第3楼tawpek于2012-10-10 00:27发表的 : مۇنبەردىكى ر.مۇھەممەت مورتۇم تۈزگەن سەرخىل سۇئاللار توپلىمىنىڭ تۈزگىچىسى ئوخشىمامدۇ؟ ياكى باشقا رىزۋانگۈلمۇ يا؟
w8I&:"^7<  
دەل شۇ ، رىزۋانگۈل مۇھەممەت بولۇپ بىزنىڭ تەۋپىقنىڭ بايلىقىدۇر...


查看完整版本: [-- دوستلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىمەن --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled