查看完整版本: [-- لۈكچۈننىڭ دەسلەپكى مائارىپ بىخلىرى(دانىش) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> لۈكچۈننىڭ دەسلەپكى مائارىپ بىخلىرى(دانىش) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

danix 2012-10-09 09:51

لۈكچۈننىڭ دەسلەپكى مائارىپ بىخلىرى(دانىش)

لۈكچۈننىڭ دەسلەپكى مائارىپ بىخلىرى eY V Jk7  
    ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەتنى مىراس قالدۇرۇش شەكلى ئەڭ دەسلەپ ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ تارالغان بولسا، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مەدەنىيەتنىڭ يۆتكىلىش شەكلى جەمئىيەتنىڭ مەنىۋىيەت ھۆجەيرىيىسىنىڭ يادروسى بولغان ئېدولوگىيە قاتلىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە باغلىق بولغان. يەنى مەدرىسە مائارىپىغا مۇراجىئەت قىلىشتەك تارىخى جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن.  لۈكچۈن مائارىپى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىمۇ باشقا ئەل خەلقلىرىنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىغا ئوخشاش ئالدى بىلەن ئەينى دەۋردىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى سۈپىتىدە مەدرىسە مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ئەلۋەتتە. لۈكچۈن پەننىي مائارىپىنىڭ تارىخىدىن سۆز ئاچقاندا ئالدى بىلەن لۈكچۈننىڭ ئەڭ دەسلەپكى مائارىپ شەكلى بولغان مەدرىسە مائارىپىدىن سۆز ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ.  1xD?cA\vu  
1488-يىلى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا ئۆزىنى خان دەپ جاكارلاپ، دىيارىمىزنى شۇ خانلىقنىڭ رەسمىي پايتەختى قىلىپ بېكىتكەن ئەخمەتخان خانلىقنى ئىلىم-پەن بىلەن قۇدرەت تاپقۇزۇشنى نىيەت قىلىپ، داڭلىق مېمار ئارىپ بۆرەكنىڭ لاھىيلىشى بىلەن 80مو كۆلەمنى ئىگەللىگەن، ھەربىرى ئۈچ كىشىلىكتىن 36 ئېغىز ياتىقى، 24 ئېغىز مۇددەرىسلەر(ئوقۇتقۇچىلار)خانىسى، ھەر بىرىگە 50تىن تالىپ(ئوقۇغۇچى) سېغىدىغان 60 ئېغىز ساۋاقخانا(دەرسخانا)سى، كەڭلىكى 50 مېتىر، ئۇزۇنلىقى 150 مېتىر كېلىدىغان مەيدانى، كەڭلىكى 16 مېتىر، ئۇزۇنلىقى 80 مېتىر كېلىدىغان ھەيۋەتلىك  «لۈكچۈن خانلىق مەدرىسى »1490-يىلىدىن 1495-يىلىغىچە بولغان بەش يىلدا پۈتكۈزۈپ، رەسمىي ئوقۇش باشلاپ كېتىش شارائىتىنى ياراتقان. 98rO] rg  
  بۇ مەدرىسكە دىيارىمىزدىن يېتىشىپ چىققان ئىلىم ئەھلىلىرى مۇددەرىسلىككە تەكلىپ قىلىنىشتىن سىرت بۇخارا ، سەمەرقەند قاتارلىق شەھەرلەردىن ئالىم ، ئۆلىمالارمۇ يۇقۇرى تەمىنات بىلەن مۇددەرىسلىككە تەكلىپ قىلىنغان . مەدرىسنىڭ پۈتۈن چىقىمى ئەھمەدخان بۇ مەدرىسكە ۋەخپە قىلىپ بەرگەن 720مو ھوسۇللۇق يەردىن قىلىنغان كىرىم بىلەن قامدالغان. 0B]c`$"aD  
  مەدرىس قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا بۇ مەدرىسكە ئەلەم ۋە قەلەم كامىل ئەللامە ئۇستاز ئايازبېك قۇشچى باش مۇددەرىس(مەكتەپ مۇدىرى) بولغان. مەدرىستە ئاتاقلىق مۇددەرىسلەر تەرىپىدىن چاغىتاي تىلى(ئۇيغۇر تىلى)، فارىس تىلى، ئەرەپ تىلى، دىن ، ئىلمىي نۇجۇم ( ئاستىرنو-مىيە)، ئىقلىم(جۇغراپىيە)، تاۋارىخ(تارىخ)، ئەدەبىيات، پارائىز(ماتىماتىكا)، شەرىئەت قانۇنى، لەشكىرى ئىلىم، دىداكتىكا(ئۆرپ-ئادەت تەربىيىسى)، كاسىپلىق(ھۈنەر-كەسىپ)، ئەل نەغمە قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلۈپ، بۇ مەدرىس شەرقىي چاغىتاي خانلىقىنىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تارقىتىش مەركىزىگە ئايلانغان. 0<)Ep~!  
   يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سەئىدخان لۈكچۈندە تۇغۇلۇپ ، شۇ مەدرىستە تەلىم ئېلىپ ، يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇشتەك كامالەت ئىگىسىگە ئايلىنىپ مىرزا ئابابەكرى ئىگەللىۋالغان زېمىنلارنى قايتۇرىۋىلىپ ، 1514 -يىلى 9- ئاينىڭ 30 -كۈنى يەكەن خانلىقىنى قۇرغان ، 1516 -يىلى ئەمىرلەر كېڭەش ئۆتكۈزۈپ ، سەئىد خاننىڭ ئاكىسى ، لۈكچۈن خانى مەنسۇر خاننى چوڭ خان ، سەئىد خاننى كىچىك خان قىلىپ بېكىتكەن . 1533- يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى دەم سېقىلىش كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن . مەنسۇرخان ئىنىسىغا بولغان قايغۇسىنى لۈكچۈن خانلىق مەدرىسنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولۇپ، شۇ يىلى مەدرىسنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان . كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى بەش يىل داۋاملىشىپ 1538-يىلى تاماملانغان . ئەنە شۇ چاغدا، مەنسۇرخان مەدرىس ئالدىغا بىرىنى ئۆزىگە ، يەنى بىرىنى سەئىدخانغا ئاتاپ ھەر بىرىنىڭ ئىگىزلىكى 35 مېتىر كېلىدىغان ئىككى مۇنار ياساتقان . داڭلىق مىمار ئارىپ بۆرەك ياسىغان ئۇ مۇنارلار لۈكچۈن خانلىق مەدرىسى دەسلەپ قۇرۇلغان مەزگىلدىن 43يىل كېيىن ياسالغان بولۇپ "لۈكچۈن مۈنارلىرى" دەپ ئاتالغان . ئارىپ بۆرەكنىڭ 7- ئەۋلاد نەۋرىسى ئىبراھىم بۆرەك لۈكچۈن مۇنارلىرىغا تەقلىد قىلىپ ، تۇرپان مۇنارىنى ياسىغان . Rr0]~2R  
  چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دەرەخنىڭ شاخلىرى ھەرقانچە قىرقالسىمۇ، ئۇ يەنە داۋاملىق كۆكلىگەندەك لۈكچۈن خانلىق مەدرىسى ئىمىن غۇجا تەرىپىدىن مەلۇم چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئەمىر ئابدۇل ھەق، غۇجامنىياز ئاخۇنلۇق، ئەخمەت ئەلەم ئاخۇن، بەكرى ئاخۇن، ئىلى ئەلەم ئاخۇن، ئەۋەيت ئەلەم ئاخۇن، ئىمران مۇفتى ئاخۇن، مەئىن مۇفتى ئاخۇن، مەكىن مۇفتى ئاخۇن، ئەخمەتنىياز ئاخۇن، شېرىپ ھاجى ئاخۇن، رېقىپ قازى ئاخۇن، سىتنىياز قازى ئاخۇن، ساۋۇق ئەلەم ئاخۇن، ئابدۇللا قازى داموللا، مەتنىياز قازى ئاخۇن، سېيىت قازى ئاخۇن، ھەمدۇللا مۇفتى ئاخۇن قاتارلىق ئىلىم سۈيەر مۇددەرىسلەرنىڭ يۈرەك قانلىرىنى سەرىپ قىلىپ تەربىيلىشى نەتىجىسىدە كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى ئەخمەت باقى غۇجامنىياز ئوغلى قىسسۇرى، مەشھۇر قىزىقچى موللا زەيدىن، مەرىپەت  ھامىسى زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ، ساتىرىك شائىر نايىخان، مەرىپەتپەرۋەر زىيالى، ئىنقىلاپ پېشىۋاسى تاھىربەگ، دېمۇكىراتتىك شائىر نەمەت خەلپەت قاتارلىق ئىلىم ئەھلى ۋە باتۇر ئوغلانلار مۇشۇ مەدرىسنىڭ تەلىمى ۋە بىلىمىدە يېتىشىپ چىقىپ، يېڭىچە پەننىي مەكتەپلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئاساسىنى ھازىرلاپ بەرگەن . n T7]PhJ  
   مەرىپەتپەرۋەر زىيالى، ئىنقىلاپ پېشىۋاسى تاھىربەگ ئەينى دەۋردىكى ياڭ زىڭشىن مۇستەبىت ھۆكىمىتى  جاھالەت كۈچلىرىنىڭ بوران-چاپقۇنىدا قالغان پەننىي مائارىپ كۆچىتىنى ئىسسىق قېنى، قىممەتلىك ھاياتى بەدىلىگە قوغداپ قالغان پەننىي مائارپ پەرۋىشكارلىرىنىڭ بۈيۈك نامايەندىلىرىنىڭ بىرى. t $PJ*F67M  
  مەرىپەتپەرۋەر زىيالى، ئىنقىلاپ پېشىۋاسى تاھىربەگ لۈكچۈننىڭ دېھقانسۇ مەھەلىسىدە مەرىپەتپەرۋەر كاتتا سودىگەر ھېيت بەگ ئائىلىسىدە 1878-يىلى باش باھار ئايلىرىدا توغۇلغان.تاھىر بەگ قازان،موسكىۋا قاتارلىق شەھەرلەردە ئوقۇغان بولۇپ، ئەرەپ، فارىس، روس، خەنزۇ تىللىرى ۋە تەشكىللەش جەھەتتىكى يۇقۇرى ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكىمەتنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكىمەتنىڭ مىللەتلەر كومتىتىنىڭ رەئىسى بولغان. | Pqs)Mb]  
جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇش، زوڭتوڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈش باشلانغان مەزگىللەردە تاھىربەگ زوڭتوڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ نەنجىڭغا بېرىپ، زوڭتوڭ سايلىمىغا قاتناشقان. ئۇ زوڭتوڭ سايلىمى جەريانىدا دېمۇكراتىك ئىنقىلاپ پېشىۋاسى سۇن جۇڭشەن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى نەنجىڭ مەركىزى ھۆكىمىتىگە شىنجاڭدا مىللىي مائارىپنى يولغا قويۇش، خەلقىمىزنى نادانلىق، خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، ئاقارتىش ئىشلىرىنى قوللاش قاتارلىق تەكلىپ ۋە تەلەپلەرنى قويغان. RN$q,f[#  
  ئىنقىلاپ مېۋىسى يۈەن شىكەينىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك مىللەتلەر كومتىتى ئانچە ئىش يوق ئورۇنغا ئايلىنىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن تاھىربەگكە لۈكچۈنگە پات-پات كېلىدىغان پۇرسەت يارىتىلدى. بۇ پۇرسەتتە ئۇ ئۆزىنىڭ ئابرۇيى ۋە يېقىن سەبدىشى، ئىشەنچىلىك ئاغىنىسى ھامۇت مەخسۇمنىڭ ياردىمى بىلەن ھامۇت مەخسۇمنىڭ ئاتىسى، لۈكچۈن خانلىق مەدرىسنىڭ شۇ چاغدىكى مۇدەرىسى رېقىپ قازى ئاخۇنۇمنى قايىل قىلىپ، مەدرىس تالىپلىرىدىن100بالىنى ئايرىپ يېڭىچە ئوقۇتۇش ئىمكانىيىتىنى ياراتقان. |[!0ry*N%  
1915-يىلى ئەتىيازدا تاھىربەگ لۈكچۈن خانلىق مەدرىستە ئوقۇۋاتقان بالىلاردىن  100بالىنى مەدرىس ئىچىدىلا ئۈچ سىنىپقا بولۇپ، "مەقسۇدىيە مەكتىۋى"دىن تەكلىپ قىلىنغان ھەسەن فەھىمى ئەپەندى، مۇھىدىن ئەپەندى، مۇرات ئەپەندىلەرنىڭ دەرس ئۆتۈشى بىلەن يېڭىچە ئوقۇتۇشنى رەسمى باشلىغان. كېيىنچە مەرىپەتپەرۋەر مۆتىۋەر زات ھازىم ھاجى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز قورۇسىنى تاھىربەگنىڭ پەننىي مەكتەپ ئېچىشى ئۈچۈن بېرىپ تۇرغان. 1915-يىلىغا كەلگەندە، تاھىربەگنىڭ قورۇسى ئورنىدا دەرۋازىسى ئۈستىگە"تاھىرىيە مەكتىبى" دېگەن تاختاي ئېسىلغان مەكتەپ قەد كۆتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇ مەكتەپكە رەسمىي كۆچۈپ كىرگەن. O>ZJOKe  
"تاھىرىيە مەكتىپى"دە ئانا تىل، ھېساپ، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمىي تەۋجىد(ئاستىرنومىيە)، شىېر، تەنتەربىيە، خوشخەت، ئۆرپ-ئادەت، ھۈنەر-كەسىپ، ئىقىم ساۋاتلىرى قاتارلىق دەرسلەر مۇنتىزىم ئۆتىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلار ئۈچ يىلدا مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان تۈزۈم ئەمەلىيلەشتۈرۈلغان. )' 2vUt`_7  
تاھىرىيە مەكتىۋى 1915-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە  بولغان 15يىللىق جاپالىق ھەم شانلىق مۇساپىدە 400گە يېقىن ئىلىم-پەن بىلەن قوراللانغان، ئۆز دەۋرىدىن ھالقىغان ئوقۇمۇشلۇق زاتلارنى يېتىشتۈرۈپ، ناھىيىمىز مائارىپى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلاپ بەرگەن . .\)p3pC)  
1935-يىلى تاھىربەگ غۇجىنىياز ھاجىنىڭ بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ناھىيىمىزگە ھاكىم بولدى. بۇنىڭ بىلەن پەننىي مەكتەپلەرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭىيىشى تېخىمۇ تېزلەشكەن. 1935-يىلى 1-ئايدا لۈكچۈن كونىشەردە("تاھىرىيە مەكتىبى"نىڭ ئورنىدا)، 1935-يىلى ئەتىيازدا پىچان بازىرى ۋە لەمجىنلەردە، 1937-يىلى چىقتىمدا رەسمىي ھۆكىمەت باشقۇرىشىدىكى پەننىي مەكتەپلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلدى. تاھىربەگ مەكتەپ ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىش بىلەن بىرگە سانايى نەفىسە(ئەدەبىيات-سەنئەت)تەشكىلاتلىرى، ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرىنى قۇرۇپ، ھەرقايسى جايلاردا <سامساق ئاكام قاينايدۇ>، <ئاچىل>، <ئۆگەي ئانا>، <ئۈلۈك ساتتى>، <ئۆرگىلەي پەلەك> قاتارلىق چىرىك ھۆكىمەتنى پاش قىلىدىغان درامما، كومىدىيە، ناخشا-ئۇسۇللارنى ئورۇنداشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلقنى غەپلەتتىن تېزرەك ئويغۇتۇشقا تىرىشقان .تاھىرىيە مەكتىپى لۈكچۈندىكى يېڭىچە مائارىپنىڭ دەسلەپكى بىخلىرى بولۇپلا قالماي ،لۈكچۈن خەلقىنىڭ ئىلىمگە تەشنا بولغان تەشنالىقىنى قاندۇردى،شۇنداقلا ئەينى دەۋرنىڭ مەرىپەت سۆيەر ئوغلانلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ،لۈكچۈندىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ،جۈملىدىن ئانا مەكتىپىمىز لۈكچۈن 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن ،قۇيۇق مەرىپەتپەرۋەرلىك تۈسى ۋە زىيالىلىرى بىلەن تەمىنلىگەن.ئۇنى ئانا مەكتىپىمىزنىڭ «ئانا»سى دېيىشكە بولىدۇ. tI2p-d9B  

ئەپەندىم 2012-10-09 11:09
لۇكچۇن ھەقىقەتەن بىزنىڭ قەدىمقى مەدىنىيەت بۇشىكىمىز ھىساپلىنىدۇ،لۇكچۇن مەدەنىيەت  - مارىپىنى تەتقىق قىلىش ھەقىقەتەن مۇھىم!

gulhan 2012-10-09 14:13
دانىش مۇئەللىمنىڭ بۇ ماقالە ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن. yc 5n   
  يۇرتىمىز مەدىنيەتلىرىنى قىزىپ رەتلەش ، تارىخىنى ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇش تۇلۇمۇ ئەھىمىيەتلىك ، ساۋابلىق ئىش. سىزدەك تارىخى بىلىمى چوڭقۇر ، قەلىمى پىشقان يۇرت كاتتىمىزنىڭ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىشى بىز لۈكچۈنلىكلەرنى تۇلۇمۇ سۈيۈندۈرىدۇ. قەدەملىرىڭىزدىن تامغان يازمىلىرىڭىزغا تەشنا بىز. 9P) 
ھارمىغايسىز ئۇستاز!سىزگە بەردەملىك يار بولسۇن!

ئوتقاشئەرقۇتى 2012-10-10 23:02
       ئويغۇر مائارىپىنىڭ ئۈتمۈشى ( تارىخى)ھەققىدە ئىزدىنىش ،يۈكسەك ئەھمىيەتكە ئىگە.ھارمىغايلا ئوستاز .

ozqan 2012-10-10 23:48
دانىش مۇئەللىمنىڭ بۇ قىممەتلىك يازمىسى ئارقىلىق لۈكچۈنگە ئالاقىدار بىلىملىرىمىزنى يەنىمۇ تولۇقلىۋالىدىكەنمىز . *u{.K:.I  
كۆپ ساھەلەر بويىچە ئىزدىنشكە تولغان ھاياتىڭىزغا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەر ھەمراھ بولغۇسى ، دانىش مۇئەللىم .

tawpek 2012-10-11 00:02
ئويلاپ يەتمىگەن نۇرغۇن تارىخلارنى بىلىۋالدۇق دىسە. `( a^=e5  
jw[ `_  
تۇرپان مونارلىرى، سۈنجۇڭشەن بىلەن كۆرۆشكەن ئەمەلدارىمىز، تاھىرىيە مەكتىۋى................. DJW1kR  
g:clSN,  
بىز بىلمىگەن سىرلارنى كۆپلەپ قىزىپ چىققايسىز.

tursun 2012-10-12 18:24
لۇكچۇننىڭ قەدىمىيەتلىرىدىن بىزنى مول  بىلىمگە ئىگە قىلغانلىقلىرىدىن u<+;]8[o  
تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم،رەھمەت توردىشىم دانىش مۇئەللىم...!     

ئەكبەرنىياز 2012-11-04 16:33
دانىش بولغاچ پۈتۈندۇر كۆڭۈل . {5*+  
دانىش بولغاچ يۇرتىمىز مەزمۇت . ,ll!19y  
مىليون دانىش يېتىشىپ چىققاي ، ~-.q<8  
قەلىمىڭىزدە بولغاچ چەكسىز قۇت !!! qo'pU/@  
_gU [FUBtJ  
دانىش ئاغا ،ھارمىغايسىز !!!

جۇلالە 2012-11-05 23:54
نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلۋالدىم. رەخمەت

شەرارى 2013-06-11 16:41
دانىش مۇئەللىمنىڭ ئىزدىنىشلىرىگە بارىكاللا،سالامەت بۇلۇڭ.


查看完整版本: [-- لۈكچۈننىڭ دەسلەپكى مائارىپ بىخلىرى(دانىش) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled