查看完整版本: [-- ئىگىسىز جۈملىنى ... --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سۇئال-جاۋاپلار -> ئىگىسىز جۈملىنى ... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

r.muhemmet 2012-10-08 21:34

ئىگىسىز جۈملىنى ...

زۆرۈر ئوقۇشلۇق (5) تىكى ئاددى جۈملىلەرنىڭ  ئىگىسىز جۈملىنى چۈشەندۈرگەندە كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلغان بولساممۇ، ئەمما بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار  ئىگىسىز جۈملە بىلەن ئىگىلىك جۈملىنىڭ ئىنچىكە پەرقىنى يەنىلا ھېس قىلىپ كېتەلمىدى. كەسىپداشلار، ئىمكان بولسا بۇ ئىككى خىل جۈملىنى  ئوقۇغۇچىلارغا پەرقلەندۈرۈپ بېرىشنىڭ باشقىچە ئۇسۇلى بولسا، ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بولساڭلار. WR%x4\,d#  
*C}vy`X  

رەيھانگۇل 2012-10-09 01:50
مېنڭچە ئىگىلىك جۈملە بىلەن ئىگسىز جۈملىنى ئېنىق ئايىرىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن جۈملىنى جۈملە بولەكلىرىگە ئايرىتقۇزۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلانسا ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشىراق بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلار ئىگىنى توغرا پەرىقلەندۇرۇشكە ئۇستا بولۇش كېرەك. يەنى شۇ جۈملىنى جۈملە بولەكلىرىگە ئايرىغاندا، ئىگە بولسا ئىگلىك ئاددى جۈملە، ئىگسى چىقمىسا ئىگسىز ئاددى جۈملە . مەسىلەن: -L< ''2t  
Ry2rQM`  
ئاپامنىڭ        كۆزى   ئاغرىپ قالدى. (ئىگلىك ئاددى جۈملە) aMI\gCB/  
(ئېنىقلىغۇچى) (ئىگە)    (قوشما خەۋەر) QhV!%}7  
<~ E'% 60;  
        بۇ            ئىشلارنى    سەندىن    كۆرگىلى بولمايدۇ. A'(v]w  
(ئېنىقلىغۇچى) (تولدۇرغۇچى)  (ھالەت)      (قوشما خەۋەر) 1%W|>M`  
F@=)jrO=$  
ئىگسىز ئاددى جۈملىنى ئايرىشتا، قاراتما سۆزنى ئىگە دەپ ئايرىپ قىلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.  مەسىلەن: JUBihw4  
ئايشەم، بۇ ئىشلارنى سەندىن كۆرگىلى بولمايدۇ. (ئىگسىز ئاددى جۈملە) P(N$U^pj  
«ئايشەم» قاراتما سۆز. ئىگە ئەمەس. Yjo$^q  
@21G[!%J  
ئىگسىز ئاددى جۈملىگە ھۈكۈم قىلىشتا ئوقۇغۇچىلار قوشما خەۋەرنى پەرىقلەندۇرشى كېرەك. يەنى بەزى ئسىم ياكى ئىسىم خاراكتىرلىك سۆزلەر ياردەمچى پېئىلغا باغلىنىپ قوشما خەۋەرنى ھاسل قىلىدۇ. مەسىلەن: m9^ ? p  
قەشقەرگە بېرىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. (ئىگسىز ئاددى جۈملە) >c~~i-=  
(ھالەت) (ھالەت) (قوشما خەۋەر) hk"^3d!  
ئوقۇغۇچىلار « نېمە كېلۋاتىدۇ»، « توغرا كېلۋاتىدۇ» دەپ ئويلاپ، «توغرا » سۆزىنى ئىگە دەپ ئايىرىپ قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. r\+AeCyb"p  
\$J!B&i  
جۈملە شارائىتىدا بىرلا سۆزدىن ياكى سۆز بىرىكمسىدىن تۈزۈلگەن جۈملىلەر ئىگسىز ئاددى جۈملە بولىدۇ .  مەسىلەن: ?Mp)F2'  
(1)    -ماقۇل        (3) -كىتاپ؟! .ao'o,|vE  
(2)    -ياق.        (4) -ئايرۇپىلان.

gulhan 2012-10-09 14:49
رەيھانگۈل بەكمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىپتۇ. xPqpNs-,  
جۈملىلەردىكى ئىگىنى ئىنىقداشنىڭ ئاددىي ئۇسولى_ خەۋەرگە قۇشۇپ كىم، نىمە دىگەن  سۇئالنى قۇيۇش ئۇسولىدۇر. مەسلەن: #.}Su+XF  
بىز بۈگۈن ئەمگەك قىلدۇق.( كىم قىلدى؟ _ بىز) (m3p28Q?  
ئۇلارنىڭ ئۈيى بەك يىراق.( نىمە يىراق؟_ ئۈيى) CNcH)2Mk  
$yaE!.Kc  
بۇ ئۇسولدا ئۇقۇغۇچىلار ئىگىنى بەكمۇ ئاسان پەرىقلەندۈرەلەيدۇ_دە ، ئىگىلىك جۈملە بىلەن ئىگىسىز جۈملىنى پەرىقلەندۈرەلەيدۇ.مەسلەن: |#5JI #,vX  
تازلىقنى ياخشى قىلىش كېرەك.( بۇ بىر ئىگىسىز جۈملە  بۇنىڭغا كىم قىلىش كېرەك دىگەن سۇئالنى قويغىلى بولمايدۇ.)( شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى ھەرگىزمۇ نىمە، كىم دىگەن سۇئاللارغا قۇشۇمچە قاتماي سورايمىز) 7F?^gMi  
L/nz95  
ئىگىسى يۇشۇرۇن كەلگەن جۈملىلەرگىمۇ سۇئال قۇيۇش ئارقىلىقلا ئىگىنى تاپالايمىز. ئىگىسى يۇشۇرۇن كەلسىمۇ ئىگىلىك جۈملە بولىدۇ. [zf9UUc~  
مەسلەن: تىرىشىپ ئۈگۈنىپ  ئالىي مەكتەپكە ئۈتىشىمىز كېرەك.( كىم ئۈتىشى كېرەك؟_ بىز) بۇ بىر ئىگىسى يۇشۇرۇن كەلگەن ئىگىلىك جۈملە.

piyaz 2012-10-09 15:31
ezizlerning yahxi usullarni otturgha koyup otkinige kop rehmet...

tawpek 2012-10-10 00:03
رەيھانگۈل بىلەن گۈلخان چۈشەندۈرۈپ سۈيىنى چىقىرىۋىتىپتىغۇ بۇ سۇئالىنىڭ، j1d #\  
$ HUCp9  
سۇئال-جاۋاپ سەھىپىسى ئارقىلىق بىلمىگەننى سوراپ بىلىپ بىلگەننى دەپ بىرىپ بىلدۈرۈش پۇرسىتىگە داۋاملىق ئىرىشىپ ماڭغايمىز.

گۇلخان0903 2012-10-10 02:18
ۋاھ،مۇھىم بولغان مەسىلىدىن بىرنى ئىگەللىۋالدىم.رەھمەت تېما ئىگىسىگە ۋە سۇئالغا جاۋاپ بەرگۈچىگە.

arzu 2012-10-11 01:23
بۈگۈن مۇشۇ دەرسنى ئۆتكەن ئىدىم، رەيھانگۈل، گۈلخان قاتارلىق دوستلارنىڭ چۈشەنچە بەرگىنىدەك ئۇسۇللارنى قوللانغانتىم، ئوقۇغۇچىلار ئاسان پەرق قىلالمايدىغان بۇ ئۇقۇملارمۇ خېلىلا ئاسانلىشىپ كەتتى. BF b<"!Y  
-U.>K,M  
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ دوستلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.

r.muhemmet 2012-10-13 22:31
ئۆزۈم خىزمەتكە قاتناشقاندىن بىرى ئەدەبىيات دەرسىنى بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى مەسىلىلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە ھەل قىلىپ كېتەلىگەن بولساممۇ، ئەمما دەرس سۈپىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەپ كېلىۋاتقىلى ئۈچۈن بولمىدى، ئېنىقىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، دەرسلىك ئىسلاھاتى يولغان قويۇلغاندىن تارتىپ ئۇيغۇر تىلىنىمۇ قوشۇپ ئۆتۈپ كېلىۋاتىمەن. ئۆزۈمنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلۇم بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى مەسىللىرىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھەم دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنى بىلدۈرۈپ كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشكەنمۇ بولغانىدىم.  خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسىم مەزمۇنلارنى يېڭى سۆزلەشكە توغرا كېلىپ قالغاندا ، ئۆزۈمنىڭ تەپەككۇر يولى بىلەن باللارغا چۈشىنىشلىك سۆزلەپ كېتەلمەي قىلىشىمدىن ئەنسىرەپ كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن. !mHMFwvS  
زۆرۈر دەرسلىك (5) كە كىرگۈزۈلگەن ئاددى جۈملىلەرنىڭ تۈرلىرى دېگەن مەزمۇننى سۆزلىگەندە، كۆپ قىسىم بالىلار چۈشەنگەندەك قىلغان بىلەن، ماھيىتىنى بىلەلمىگەنلىكىنى كۆزلىرىدىن، ئىنكاسلىرىدىن ھېس قىلىپ، بۇ دەرسنى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك ئۇسۇل بىلەن ئۆتۈش مەقسىدىدە مۇنبەرگە تېما يوللىغانىدىم. رەيھانگۇل بىلەن گۈلخان ئۆزىنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپتۇ، قارىسام  ئۇسۇلىمىزدا پەرق يوق دېيەرلىك ئىكەن. شۇنداقتىمۇ مەن ئىگىسىز جۈملىنى تولۇقلاپ قايتا سۆزلىگەندە قوللانغان ئۇسۇلۇم ئۈستىدە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشنى لايىق كۆردۈم. E@,m +  
ئالدى بىلەن ئىگىسىز جۈملدىن بىر قانچىنى ئالدىم، ئۇنى ئۇنى ئىگىلىك جۈملىگە ئايلاندۇرۇپ ئىككى خىل جۈملىدىكى ئۆزگىرىش __ پەرقنى ھېس قىلدۇردۇم. 7-:R{&3Lm:  
ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ.      ئۇنىڭ سۆزى ئىشەنچلىك ئەمەس. 3P@D!l V&K  
يىتكەن نەرسىنى تاپقىلى بولىدۇ.           يىتكەن نەرسە تېپىلدى. {ETM >  
مەكتەپنىڭ مۇھىتىنى ئاسراشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك.   !iO2yp  
ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ مۇھىتىنى ئاسراشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك. .G.WPVE  
ئىككىنچى قەدەمدە ئىگىسىز جۈملىنىڭ ئېنىقلىمىسىنى چۈشەندۈردۈم. )fHr]#v  
گىرامماتىكىلىق ئىگىسى يوق جۈملە  __ دېگىنىمىز جۈملىدە ئىگە ۋەزىپىسىدە كېلىدىغان سۆز يوق __ جۈملىدە ئىپەدىلەنگەن ئوي-پىكىر، ئىش _ ھەرىكەتنىڭ كىمگە، نېمىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۆز يوق. GLgf%A`5/_  
شۇنداقلا  جۈملىنىڭ خەۋىرىدىن  جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئوي-پىكىر، ئىش _ ھەرىكەتنىڭ كىمگە، نېمىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردۈم. P q$0ih  
ئۈچىنچى قەدەمدە ئىگە دېگەن نېمە ؟ سوئالنى سوراش ئارقىلىق ئىگىنىڭ نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئېنىق ئېيتىلغاندا قانداق ئىپادىلىنىدىغانلىقى بىلەن يوشۇرۇن كەلگەندە قانداق ئېنىقلايدىغانلىقىمىزنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئەسلىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئىگىسىز جۈملىدىن بىر قانچىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، ئىگىسىز جۈملىنىڭ بىرقانچە تۈرلۈك ئالاھىلىكىنى يىغىنچاقلاپ بېرىش ئارقىلىق ئىگىلىك جۈملە بىلەن ئىگىسىز جۈملىنىڭ پەرقنى ئايرىتقۇزدۇم. ئاندىن ئىگىسىز جۈملىنى تۈزدۈرۈش ئارقىلىق مەزكۈر مەسلىنى ھەل قىلدىم. W:,Wex^9n  
ئىگىسىز جۈملىنىڭئالاھىدىلىكى بولسا : 1rJ2}d\y  
1. جۈملىدىكى سۆزلەر ئىچىدە ئىگە ۋەزىپىسىدە كېلىدىغان سۆز يوق. W%4=x>J-  
2.  جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئوي-پىكىر، ئىش _ ھەرىكەتنىڭ كىمگە، نېمىگە قاراشلىق ( تەۋە ) ئىكەنلىكىنى خەۋەردىن بىلگىلى بولمايدۇ. T] \c2U  
3. ئىگىسىز جۈملىنىڭ خەۋىرى كۆپۈنچە قوشما خەۋەر بولىدىغانلىقى. tLBtE!J$[  
4.ئىگىسىز جۈملىدە ئىگە ۋەزىپىسىدە كېلىدىغان سۆز __ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىگە _ خەۋەرلىك باغلىنىش بولمايلا قالماستىن، ئىگىسىز جۈملىنى يىغىق ئاددى جۈملىگە يىغىنچاقلىغىلى بولمايدىلىقى 1>"-!ADm  
5. ئىگىسىز جۈملىنىڭ بەزىلىرى « لازىم، كېرەك » دېگەن سۆزلەر بىلەن كېلىپ قوشما خەۋەرنى ھاسىل قىلىدىغانلىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ,;_+o]  
مىساللار : n:,mo}?X  
ئۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇشقا بولىدۇ ( بولماي، قوشۇلماسلىق كېرەك ) B 1V{ 3  
ئۇنىڭ تەكلىپىنى مۇزاكىرلىشىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ ( ئەرزىمەيدۇ، بېقىش كېرەك) GC{M"q|_  
ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆز - ھەرىكىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم ( قىلىشقا بولىدۇ) pFvu,Q"  
دەرسنى ۋاقتىدا تەكرارلاشقا ئادەتلىنىش كېرەك ( ئادەتلىنىشكە بولىدۇ ) 2yZr!Rb~*  
تاپشۇرۇقلارنى ئەستايىدىل ئىشلەش لازىم ( ئىشلەشنى تەكىتلەش كېرەك ) 9/  
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش كېرەك. QO2cTk m  
تەبىئەتنى سۆيۈش كېرەك. l3>S{  
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش كېرەك. .T| }rB 
ئىگىلىك جۈملە بىلەن ئىگىسىز جۈملىنىڭ پەرقىنى ماھيىتىدىن چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىگىلىك جۈملىنى ئىگىسىز جۈملىگە، ئىگىسىز جۈملىنى ئىگىلىك جۈملىگە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن.


查看完整版本: [-- ئىگىسىز جۈملىنى ... --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled