查看完整版本: [-- بۇ ماقالىنى ئوقۇپ قويۇڭلار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> بۇ ماقالىنى ئوقۇپ قويۇڭلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

xayda 2012-10-02 17:45

بۇ ماقالىنى ئوقۇپ قويۇڭلار

                              قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا بولغان تەسىرى
H)1< ;{:  
دىيارىمىزدا «قوش تىل ئوقۇتۇشى» يولغا قويۇلغىلى تەخمىنەن ئون يىل بولۇپ، مائارىپىمىزدا «ساپا مائارىپى»دىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق چوڭ ئۆزگىرىش ھاسىل بولدى، «قوش تىل ئوقۇتۇشى» گەرچە مەلۇم دەرىجىدە يېڭىلىقلار ۋە نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل ئوقۇتۇشنىڭ ھاپىلا-شاپىلا ئېلىپ بېرىلىپ، تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشى جەريانىدا نۇرغۇنلىغان يوچۇق ۋە كەمچىلىكلەر ئوچۇق كۆرۈنۈشكە باشلىدى، بۇ ماقالىدا ئېيتىلىۋاتقان «قوش تىل ئوقۇتۇشى» مىللىي مەكتەپلەردە يولغا قويۇلغان، ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئۆز تىلىدا، تەبىئىي پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ياكى مەلۇم رايونلاردىكى، خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئۇيغۇر، قازاق ئوقۇغۇچىلارنى مەلۇم «قوش تىللىق»مەكتەپكە يۆتكەپ ئىمتىھان بەرگۈزۈش ئۇسۇلى قوللىنىلغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئانا تىل ئوقۇتۇشى بولسا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بارلىق دەرسلىكلەرنى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. 'Syq!=,  
i[)H!%RV*  
مەن ئالدى بىلەن رايونىمىزدىكى قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش شەكلى، مەلۇم بىر شەھەردىكى ئىككى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2011-يىللىق تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھان تەبىئىي پەن نەتىجىسىنىڭ سېلىشتۇرما گراپىكى ئارقىلىق «قوش تىل ئوقۇتۇشى»نىڭ رايونىمىزدىكى تەسىرى توغرىسىدا تەھلىل ئېلىپ بارىمەن. qCOe,$\1/  
dC;@ Fn  
1-رايونىمىزدىكى «قوش تىل ئوقۇتۇشى»نىڭ ئېلىپ بېرىلىش شەكلى +K2jYgy  
[9NzvC 9I  
رايونىمىزدا «قوش تىل ئوقۇتۇشى» دەسلەپتە مەلۇم رايونلاردا سىناق تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىراق سىناق تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئوقۇتۇشنىڭ ئاخىرىقى نەتىجىسى تولۇق كۆرۈلمەي تۇرۇپلا، كەڭ دائىرىدە كېڭەيتىلىپ، ھازىرقى زامان ئوقۇتۇشىمىزدىكى بىر «مودا»غا ئايلاندى. " cx\P,<  
[5^"U+`{x  
«قوش تىل ئوقۇتۇشى»دەسلىپىدە ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئۆز تىلدا ئوقۇتۇش، تەبىئىي پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا تەبىئىي پەن دەرسلىرىنى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار، خەنزۇتىلى سەۋىيەسى ياخشىراق بولغان، خەنزۇچە مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مىللىي ئوقۇتقۇچىلار ياكى مىللىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلاردىن تەركىپ تاپتى، كېيىنچىرەك «مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش» ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، خەنزۇ مەكتەپلەر بىلەن مىللىي مەكتەپلەر بىرلەشتۈرۈلدى، يەنە پوسكام ناھىيىسى ۋە مەكىت ناھيىسىدە يېزا مەكتەپلەرنى يىغىپ ياتاقلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، يېڭىچە «قوش تىللىق مەكتەپ»لەر بارلىققا كەلدى. HkFoyy  
w$4fS  
بەزى جايلاردا خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار مەلۇم «قوش تىللىق»مەكتەپلەرگە ۋاقىتلىق يۆتكەپ كېلىنىپ ۋە شۇ دەرىجىدىكى مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىنى بېرىپ،«قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نەتىجىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بەرگەنلىكىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە كەڭ تەشۋىق قىلىندى،(بۇنىڭ ئۈچۈن يەكەن بەشكەنت قوشتىل مەكتىپىنى مىسالغا ئېلىش مۇمكىن).  باشلانغۇچ قوش تىل سىنىپلارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەر قايسى شەھەرلەردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇش جەريانىدا، «قوش تىل» سۈپىتىدە «ھەپتىدە بىر سائەت ئوقۇيدىغان، ئىمتىھان بەرمىسىمۇ بولىدىغان» ئانا تىل تەربىيىسىنى قوبۇل قىلدى( ئانا يېزىقىنى تونۇمايدىغان«قوش تىللىق» مىللىي ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ دەلىلى ). n#,|C`2r  
<[Ae 0UK  
بەزى رايونلاردا گەرچە خەنزۇتىلى سەۋىيەسى خېلى يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارالىسىمۇ، بىراق كۆپ قىسىم جايلاردا ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش تۈپەيلىدىن، قوش تىل سىنىپلار تەسىس قىلىنىپ قويۇپ، دەرسلەر ئۆتۈلمىدى، ھەتتاكى ئامال بولماي«قوش تىللىق سنىپ»دېگەن نامنى قويۇپ قويۇپ، ئۆز تىلدا دەرس ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. lAz.I  
k2o98bK&;  
بىر قىسىم مەكتەپلەردە 70%خەنزۇ تىلىنى قوللىنىش،30%ئۆز تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. 3 4CqLPg8  
SbI %|  
2-مەلۇم شەھەردىكى بىرلەشتۈرۈلگەن مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2011.يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تەبىئىي پەن نەتىجىسى سېلىشتۇرما گراپىكى wB~Ag$~  
vfPL;__{Y]  
:G\f(2@  
_s{on/u  
_qwKFC  
يۇقىرىقى نەتىجىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى: بۇ شەھەردىكى ئا ۋە ب مەكتەپنى 2011-يىلى پۈتتۈرگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىك تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك بولغان. ;Gf,$dbWn  
d'Cn] <  
ئا مەكتەپ ۋە ب مەكتەپ خەنزۇ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئۇنىۋېرىسال تەبىئىي پەن ئوتتۇرىچە نەتىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان. tB-0wD=PR  
i> }P V  
ئا مەكتەپ ۋە ب مەكتەپنىڭ مىللىي سىنىپ ئوقۇغۇچىلرىنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئۇنىۋېرىسال تەبىئىي پەن ئوتتۇرىچە نەتىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولغان. c8'a< 
5cY([4,  
ھەر ئىككى مەكتەپنىڭ قوشتىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئۇنىۋېرىسال تەبىئىي پەن نەتىجىسى ئوتتۇرا سەۋىيەدە بولغان. %#5yC|o9Pn  
OUo N  
3-قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا بولغان تەسىرى _Z9HOl@  
cOz8YVR-  
1.قوش تىللىق سىنپلارغا تاللانغان ئوقۇغۇچىلار دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە قاراپ، يەسلىدىن باشلانغۇچقا، باشلانغۇچتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا، تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش مەزگىلىدە، ماتېماتىكا، خەنزۇتىلى قاتارلىق ئاساسلىق پەنلەردىن ئىمتىھان ئېلىنىپ ئەلا نەتىجىلىكلىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇنداق تاللاش ئوقۇشى ياخشى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوشتىل سىنىپلىرىدا ئوقۇشى، ئوقۇشى بىر قەدەر ناچار بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى سىنىپلاردا سۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئانا تىل سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ۋە ئانا تىل سىنىپلارغا دەرس بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا بىر قەدەر زور بېسىم كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن ئانا تىل سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىر مەسىلىگە ئايلاندى، بىر قىسىم جايلاردا خېلى ئالىي مەلۇماتلىق تەتقىقاتچىلارمۇ مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش مېتودى، كەسپىي سەۋىيەسى تۆۋەن، مىللىي ئوقۇغۇچىلار بوشاڭ، ئۆگىنىشكە قىزىقمايدۇ دەپ، ھاماقەتلەرچە خۇلاسە چىقارماقتا. z n!H&!8&  
l~_] k  
2.قوش تىل سىنىپلاردا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردا خەنزۇ تىلىدا دەرسنى تولۇق قوبۇل قىلالماسلىق، ئانا تىلدا بولسا ئىپادىلەش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشى، ئانا تىلنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كېلىپ چىقتى، قوشتىل سىنىپلارغا دەرس بېرىۋاتقان مىللىي ئوقۇتقۇچىلاردا بولسا يات تىلدا ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا بىلىمنى تولۇق يەتكۈزۈپ بېرەلمەسلىك ئەھۋاللىرى پەيدا بولۇپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، v@_^h}h/,=  
c:[z({`  
3.ئادەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى ھەر ئون ئوقۇغۇچىغا بىر ئوقۇتقۇچى توغرا كېلىدىغان بولۇپ، كۆپلىگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلار قوش تىل سىنىپلاردا ئوقۇدى، بەزى قوش تىل سىنىپلارغا مىللىي ئوقۇتقۇچىلار، بەزى قوشتىل سىنىپلارغا خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار دەرس بەرگەچكە، مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شىتات مەسىلىسى كۆرۈلدى، يەنى بىر سىنىپتىكى قىرىق نەپەر ئوقۇغۇچىغا خەنزۇ دەرس ئۆتكەن بولسا، دېمەك تۆت نەپەر مىللىي ئوقۇتقۇچى ئاز قوبۇل قىلىنىپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ چىققان ئانا تىللىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ  خىزمەت تېپىش پۇرسىتى ئازلاپ باردى. ,drbj.0-  
JI"&3H")g%  
4.بىر ئۆمرىنى مىللىي مائارىپ ئۈچۈن سەرپ قىلغان مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇنبەردىكى ئورنى تەۋرەپ قالدى، يېشى ئەللىكتىن ئاشقان نۇرغۇن تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلاردا ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرالماسلىق، پېنسىيەگە يېشى توشماسلىق، ئاخىرى ئامالسىز كەسپىي مەكتەپلەرگە ئالماشتۇرۇلۇش، مەكتەپ ئارقا سەپ خىزمەتلىرىنى قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار پەيدا بولدى، يىغىنچاقلاپ ئېيىتقاندا ئۇلارنىڭ كېيىنكى خىزمەت ھاياتى كاپالەتكە ئىگە بولمىدى. 0- s[S  
DL*/hbG  
5.ئالىي مەكتەپلەردە تىل-ئەدەبىيات كەسىپلىرىدىن باشقا كەسىپلەر پۈتۈنلەي خەنزۇ تىلىدا دەرس ئوقۇتۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ئانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئاخىرىلىشىشىنىڭ، ئانا تىلىنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇقەددىمىسى بولماقتا.  Rix|LKk{  
:" ta#g'  
6.باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ، ئالىي مەكتەپلەرگىچە بارلىق دەرسلىك كىتاپلار خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىندى، خەنزۇ تىلدىكى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى كۆپلەپ نەشىر قىلىنىپ، مىللىي تىل-يېزىقتىكى ماتېرىياللار پەقەت تەرجىمە ماتېرىياللىرى بولۇپ قالدى، ئالىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مىللىي تىل-يېزىقتىكى ماتېرىياللار نەشىر قىلىنمىدى، كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپلەر كۈتۈپخانىلىرىدىكى مىللىي تىل-يېزىقتىكى تەبىئىي پەن كىتاپلىرى يايمىچىلارغا كېرەكسىز قەغەز ئورنىدا سېتىۋېتىلدى. OrG1Mfx&2%  
^KlW"2:  
7.كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار «ياردەم» سىياسىتىنىڭ تۆھپىسىدە، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىككى يىللىق تەربىيىلىنىشكە ماڭدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ھاياتىنىڭ ئىككى يىل كېچىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. oh?@[U  
XCP/e p  
8.بىر قىسىم رايونلاردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يىغىۋېتىلىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېھقان ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى، فىزولوگىيەلىك جەھەتتىن يېتىلىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنىڭ غەمخورلۇقى، تەلىم-تەربىيىسىدىن، ئېتىقاتىدىن ئايرىلدى، ئۆزىدىكى فىزولوگىيىلىك ئۆزگۈرۈشلەردىن قورقۇنچ ھېس قىلىشتى ۋە ئوپچە تەربىيەنىڭ نەتىجىسىدە، بىلىپ بىلمەي قاراڭغۇلۇققا قاراپ ئىتتىرىلدى. }Dc7'GZ  
CAJ]@P#Xj+  
9.تەبىئىي پەنلەرنى ئانا تىلدا داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن بولماي قالدى. # fe%E.  
0Mo?9??  
يىغىنچاقلاپ ئېيىتقاندا، قوش تىل ئوقۇتۇشى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ھالاكىتىنىڭ ، مىللىي مائارىپنىڭ يوقىلىشىنىڭ سەۋەبى، مىللىي كىملىكنى، ئۆرپ-ئادەتنى ئانا تىلنى ئۇنتۇشنىڭ باشلانمىسى بولۇپ قالدى... zHg1K,t:  
LJ{P93aq`^  
مەنبە:ئابدۇل mh :eUFe  
J};=)xLX;  
2012-يىل 26-مىزان

kamalat 2012-10-02 19:30
قوش  تىل  ئوقۇتىشىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بايان قىلغان ياخشى ماقالە ئىكەن .

ئالىيە 2012-10-03 11:56
ياخشى ماقالە ئىكەن.

تۇيغۇن 2012-10-03 13:16
   بۇ ماقالاغۇ ياخشڭ يىزىلىپتۇ،بىراق بۇنى يۇقۇرى مائارىپ تارماقلىرىدىكى مۈتەخەسىسلەر كۆرمەيدۇدە...

رەيھانگۇل 2012-10-03 20:18
كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ. بۇ دىگەن دەۋرىنىڭ ئىھتياجى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى دەپ ئۆزىگە ئۆزى تەسەللىي بىرىدۇ، خالاس.

تۈركىناز 2012-10-03 23:19
بۇ يەردىكى پاجىئە تېخىمۇ ئېغىر.

ansari 2012-10-04 05:27
مۇشۇ 10يىلدىن بۇيان نۇرغۇن پەرزەنتلەر <<قوش تىل >> مائارىپىنىڭ تەجرىبە ماتېرىيالى قىلىندى خۇددى 731 فىلىمىدىكى مارۇدا غا ئوخشاش، لېكىن 731دىكى مارۇدا شۇ مارۇدانىڭ قىسمىتى ئۆزى بىلەن تۈگەيدۇ ، <<قوش تىل>> نىڭ مارۇدالىرىنىڭ ئۆزى بىلەن تۈگىمەي كېيىنكى ئەۋلادلارغىمۇ  تەسىرى چوڭ بۇلىدۇ..

رەيھانگۇل 2012-10-04 11:00
ئەنسارى، توغرا دەيسىز.

سادىر 2012-10-04 17:49
بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئاتا-ئانىمىز يەتتە ياشقا توشقان ھامان قولىمىزدىن يۆتلەپ مەكتەپكە ئېلىپ باراتتى.ئوقۇتقۇچىلىرىمىز قوللىرىمىزدىن تۇتۇپ خەت يازغۇزۇپ بىر مەۋسۈمدىلا ساۋادىمىزنى چىقىرىدىغان.ھازىرقى تولۇق ئورتىغا چىقىپمۇ تۈزۈك خەت يازالمايدىغان بالىلار دەل ھازىرقى مائارىپىمىزنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىدۇر.

tawpek 2012-10-04 18:02
قۇلاقنى ئىتىپ قويۇپ قوڭغىراق ئوغورلاش سىياسىيۇنلارنىڭ تۇغما ئىقتىدارى بولسا كىرەك. `S+B-I0  
iciw 54;4  
بۇيەردە يەنە مەكتەپلەرنى يىغىشنى كەڭ قانات يايدۇرماقتا. jGaI6 G'N  
KE*8Y4#9  
مۇشۇنداق بىچارىلىكلەرنى ئويلىسا كۆزلىرىدىن ياش سىرغىيدۇ ئادەمنىڭ.

ھەمراجان 2012-10-17 19:04
بەك ياخشى مۇھاكىمە بولۇپتۇ، مەن دەرس بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى ئۆلۇپ،يا  ھۇزۇرلىنىشنى بېلمەيدىغان ، يا ھاياجانلىنىشنى بېلمەيدىغان ، ياكى غەزەپلىنىشنى بېلمەيدىغان خامۇشلۇق خارەكتىر شەكىللىنىپ قالىدىكەن ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ساپاسىنى ئۆستۇرۇشكە خېلىلا كۇچ كېتىدىكەن.

تەشنا005 2013-03-17 00:22
ھەممىلا يەردە شۇ .

tursun 2013-03-18 11:06
بۇ تېما ئويلىنىشقا تىگىشلىك ياىشى تېما ئىكەن...يوللىغۇچىغا ئاپىرىن. ^N7 C/" p  
نادىرلىساق بولىدىكەن قىرىنداشلىرىم؟!     

لالىگۈل 2013-03-18 19:50
بۇ توغرىسىدا سۆزلىسەك گەپ جىق...بۇ يەردە ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ مەسئۇلىيتى چوڭدەك ھىس قىلىمەن، ۋەزىيەت مۇشۇنداق بولۇپ كەتسە بىزدە نىمە ئامال  دەپ تۇرىۋەرمەي، پەرزەنتلەرنىڭ ئانا تىلىنىڭ ياخشىراق بولىشىغا بەكرەك كۈچىشىمىز كىرەك.... بار شارائىتتىن ھەر ھالدا تىرىشىپ پايدىلانماي بولمايدۇ..

tunyukuk 2013-03-18 20:38
مۇنۇ ماقالىنىمۇ ئوقۇساق چۈشەنچە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقۇسى. Q`Q"p  
http://bbs.misranim.com/thread-101344-1-1.html

مەمەتئېلى 2013-03-29 16:48
مائارىپىمىز تەجىربە ئېتىزىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە......!!!

maxal 2013-03-29 21:35
        شۇنداق،ئالى مەكتەپتە ئانا تىلىمىزدا دەرس ئاڭلايمىز دېيىش سۈگەتتىن ئامۇت تىلىگەندەك شىرىن خىيالغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.مېنى ئەڭ ئەنسىرەتكىنى :يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تۇنجى مېۋىسى بولغان بىزلەرگە ئالى مەكتەپتە ئاران بىر مەۋسۇم ئۆتۈلىدىغان تىل -ئەدەبىيات دەرسىنىمۇ خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈش يولغا قويۇلدى ،ھەم مەكتەپ ئۆزى خەنزۇچە دەرسلىك كىتاب تۈزۈپ تارقاتتى.ھېلىمۇ ياخشى تەلىيىمىزگە مەكتىپىمىزدىكى بىر قىسىم كۆيۈمچان ،ئالدىن كۆرەر مەسئۇلىيەتچان ئۇستازلىرىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك جايلارغا كۆپ تەكلىپ پىكىر بېرىشى ۋە چۈشەندۈرىشى ئارقىسىدا ئاخىر <<دەرىسنى ئانا تىلدا سۆزلەش ،دەرسلىك ماتېرىيالى خەنزۇچە بولۇش >>شەرتى ئاستىدا ئۆتۈلدى.بۇ جەرياندا بۇ مېھنەتكەش ئۇستازلىرىمىز  ئاز چەكلىمىلەرگە ئۇچرىمىدى.كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان بۇ ئەھۋال  قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟ بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟بىز پەقەت مەكتىپىمىز ئايدا بىر سان چىقىرىدىغان گېزىتكە ئانا تىلىمىزدا يېزىلغان ئەسەرلىرىمىزنى ئېلان قىلش پۇرسىتىگىلا  نائىل بولالىدۇق خالاس...


查看完整版本: [-- بۇ ماقالىنى ئوقۇپ قويۇڭلار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled