ozqan |
2012-09-25 22:35 |
خەنزۇۋان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشتىن تەجرىبىلەر
بۈگۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا مەسئۇل تەتقىقاتچىسى ھامۇتجان ھېكىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىغا دەرس بېرىدىغان تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىدە "خەنزۇچىدا ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيەسىنى قانداق قىلغاندا يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ ؟' دېگەن تېمىدا تەجىربە تونۇشتۇرۇش پالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى .
بۇ پائالىيەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 46-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئابدىلىم مۇئەللىم ، 20-ئوتتۇرا مەكتەپتىن رابىيگۈل مۇئەللىم ، 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۇچقۇن مۇئەللىملەر ئۆزلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ساۋادىنى چىقارغانلىقى ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلەش ، يېزىش ، ئوقۇش ، چۈشىنىش ئىقتىدارىنى قانداق قىلىپ يېتىلدۈرگەنلىكى ھەمدە ئۇلاردىن قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ئەمەلىي تەجىربىلىرىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى .
ئۇلارنىڭ تەجىربىلىرىنىڭ مۇنبەردىكى مۇشۇ خىل ئوقۇغۇچىلارغا قانداق يۈزلىنىشنى بىلەلمەي تۇرغان ئوقۇتقۇچىلارغا چوقۇم پايدىسى بولىدۇ دېگەن ئۈمىدتە بۇ خاتىرەمنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزورىغا سۇندۇم .
ئالدى بىلەن تەجىربە تونۇشتۇرغان ئوقۇتقۇچىلارغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن . . . ئۇلارنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن ...
بۇ ئۇستازلارنىڭ تەجىربىلىرىنى مەن تۆۋەندىكى بىرمۇنچە نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاپ چىقتىم :
1. ئاتا-ئانىلارنى يىغىنى ئېچىپ ، ئۇلارنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلارغا ھەركۈنلۈك دائىملىق بالىغا ئورۇنلاشتۇرۇدىغان ئىشلارنى تاپشۇرۇش بەك مۇھىم . ئۇلارغا يەنە تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى قويۇش زۆرۈر : ئائىلىدە چوقۇم ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش ،ئىمان-ئېتىقادلىق بولۇش ، ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزنى بالىلارغا ئۆگىتىپ مېڭىشنى ئىزچىل ئىشقا ئايلاندۇرۇش .
2. بالىلارنىڭ ئوقۇش ،يېزىش ، سۆزلەش ، چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئۇلارنى گورۇپپىلارغا ئايرىش ، ھەر بىر گورۇپپىغا ئىقتىدارى سەل يۇقىرىلارنى باشلىق قىلىپ بېكىتىش .
3 . بالىلارغا ئانا تىلنى ئۆگىتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىگە بولغان ھۆرمىتىنى ، ئۆز تىلىغا بولغان قىزىقىشىنى ، ئۇنى ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىن ئىشتىياقنى قوزغاش . بۇنىڭ ئۈچۈن : ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدە ؛ ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرى، مەدەنيىتى ھەققىدە ماتىريال توپلاپ كېلىشكە تەشكىللەش ، خىلمۇ-خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنىڭ باشقا ساۋاقداشلىرى ئارىسىدىكى ھۆرمىتىنى تىكلەش ، ئۇلارنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ، ئۇلارنىڭ خىلمۇ-خىل ئالاھىدىلىكلىرىنى ( ناخشا ئېيتىش ، ئۇسۇل ئويناش ، ئىنگىلزچە سۆزلەش ، رەسىم سىزىش مۇزىكا ئورۇنداش ...) كۆپچىلىك ئارىسىدا نامايەن قىلشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش .
4 . بالىلارنىڭ مىجەزىدىكى جايىللىق ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلىمەسلىك ، شەخسىيەتچىلىك ، يات مىللەتلەرنىڭ بەزى ئىللەتلىرنى يۇقتۇرۋېلىش ، غەيرى يوللار ئارقىلىق ئۆزىنى كۆرسەتمەكچى بولۇشقا ئۇرۇنۇش ... قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمچىلىكلىرىنى تۈزىتىشكە ھەر قاچان سەگەك تۇرۇش بىلەن بىرگە ئەن-ئەنە تەربىيەسى ، ئۆرۈپ ئادەت ، يۈرۈش تۇرۇشتىكى قائىدىلىرىمىزنى داۋاملىق ئۆگىتىپ مېڭىش ...
5. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەردە نەتىجىسى ياخشى بولىدىكەن . تولۇسىزدىكى خەنزۇ تىلىدا ئۆگىنىپ بولغان بىرنىڭ دەرسىمىزگە تولۇق ئوتتۇرىدا كىرگۈزۈلگەن تېكستلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىسى كاللىسدا ئەسلىدىلا باركەن . تاپشۇرۇق بەرسە ياخشى ئورۇنداپ كېلىدىكەن ، خەنزۇ مەكتەپلەرگە قارىغاندا تاپشۇرۇق ئازكەن دەپ ، تاپشۇرۇقلاردىن ۋايسىمايدىكەن . كۆپۈنچىلىرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئالاھىدە ياخشىكەن ، خىلمۇ-خىل كۇرسلارغا قاتناشقانكەن ، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇخىل ئارتۇقچىلىقلىرىنى تۇتۇپ ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرگەندە ، ئۇلار بىلەن ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرغىلى ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى قوزغىغىلى بولۇدىكەن .
6 . بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۈزلۈكسىز تەربىيە بېرىشتە ، مەزمۇن بەك مۇرەككەپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەككەن . ھەر سائەتلىك دەرستە ئاڭلاپ يېزىش ، كۆچۈرۈپ يېزىش ،تەرجىمھالىنى يېزىش ، يۇمۇر ئوقۇش ، تارىم غۇنچىلىرى ، پەرۋاز ژورنىلىغا ئوخشاش خېتى چوڭ، مەزمۇنى ئاددىيراق بولغان ژورناللاردىكى مەزمۇنلارنى كۆپرەك ئوقۇتۇش ، بۇ ژورناللارغا مۇشتىرى قىلدۇرۇش ،جۈملىلەرنى تولۇقلاپ يېزىش ، كېڭەيتىپ يېزىش ، مەنىداش سۆزلەرنى سۆز ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ قوللىنىش ، مەشىقلىرىنى ئىشلتىش ،دەرسخانىدا ئۆتۈلگەن دەرسنىڭ ۋەقەلىكىنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرىش ، چۆچەك ئوقۇپ كېلىپ سۆزلەپ بېرىش ،قىيىن سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىشنى ئۆگىتىش ،ئاددىي جۈملىلەرنى مۇرەككەپ جۈملىگە ئايلاندۇرغۇزۇش ، ماقال-تەمسىللەرنى توپلاتقۇزۇش ، يازدۇرۇش ،ئۇيغۇرچە ناخشا ئاڭلىتىش ، ئېيتقۇزۇش قوشاق يادلىتىش ،ئۈنلۈك ئوقۇشنى مەشىق قىلدۇرۇش ، ئادەتتىك جۈملىلەرگە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە قوشقۇزۇش ،ماقالە يازدۇرۇشتا بىر پۈتۈن ماقالە يېزىشنى ئەمەس ، پارچىلارنى يېزىشنى ، يازغىنىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ يېزىشنى ئۆگىتىش ، ئاددىي مەشىقلەر ئارقىلىق ئاستا-ئاستا چوڭقۇرلاش ، ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت ئەڭ ئاددىي قايدە قانۇنىيەتلەرنى مىساللار ئارقىلىق ئۆگىتىپ قويۇش ... ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشىقلىرىگە بولغان باھالاشنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق ، ئامال بار كۆپ رىغبەتلەندۈرۈش . ئوقۇتقۇچى باھالاش ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزئار باھالاش ، ئۆزى يازغىنى ئۆزى كىتاب بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ ، ئۆزىنىڭكىنى ئۆزى باھالاپ خاتالىقلارنى تېپىپ چىقىش ، خەنزۇچە ئۆگەنگەن بەزى مەزمۇنلار بىلەن ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن بەزى مەزمۇنلارنى سېلىشتۇرغۇزۇپ پەرققە ئاساسەن ئۆگىتىش ئېلىپ بېرىش ( جۈملە بۆلەكلرىنى ئۆتكەندە خەنزۇچىدا قانداق ئايرىيتتىڭلار ، ئۇيغۇرچىدا مانداق ئايرىيمىز دېگەنلەرنى سېلىشتۇرۇپ ئۆگىتىش )
7 . ئەڭ مۇھىم بىر مەسلە شۇكى ، ئوقۇتقۇچى بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارغا مۇئامىلە قىلغاندا چوقۇم بەك سەۋرچان بولۇش ، ئىزچىل بولۇش ، بەزى ياتلاشقان ھۆرمەتسىزلىكلەرگە تېرىكمەي مۇئامىلە قىلىش ، ئوقۇغۇچىنى كۆپ ئىلھاملاندۇرۇش ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئۇيغۇر تىلىنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ، چۈنكى ، ئۇلارنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئىكەنلىكىنى ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەنلىكنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەسلىكىنى ئۇلارغا دائىم ئەسكەرتىپ تۇرۇش ...
ئەڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 46-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدىلىم مۇئەللىمنىڭ بۇخىل ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشتە ئۇلارنى ھەر شەنبە ئىزچىل 4 سائەت ، ئۇنىڭدىن سىرت ئۇلارنىڭ ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە بۇ ئوقۇغۇچىلارغا يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ ھەقسىز تەكرار قىلىپ ، ئۆزىنىڭ بارلىق ۋاقتىنى بالىلار ئۈچۈن سەرپ قىلغانلىقىدەك ئېسىل روھىنىڭ كۆپچىلىكنى زەرەتلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، شۇنداقلا ، ئۇ ئوقۇتقان مەكتپىمىزدە تولۇق ئوتتۇرىغا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىدىن ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاندا بىر قانچە سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ توپلىشىپ رۇخسەت سوراپ ، تەبرىكلەشكە بارغانلىقدىن تولىمۇ تەسىرلىنىپ ، بالىلارنىڭ بىزنىڭ ئەجرىمىزنى ھامان چۈشىنىدىغانلىقىنى ، باسقان ئىزلاردىن ھامان گۈللەرنىڭ ئۈنۈپ چىقىدىغانلىقىدىن ئىشەنچكە تولۇپ ، ئابدىلىم مۇئەللىمگە بولغان ئەڭ يۇقىرى ھۆرمىتىمنى مۇنبەر يۈزىدە ئۇنىڭغا بىلدۈرىمەن . بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار ئەتراپىمىزدا يەنە كۆپ بولۇشى مۇمكىن . ھارمىغايسىلەر بالىلار ئۈچۈن بارلىقىڭلارنى سەرپ قىلىۋاتقان ھارماس ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىلار !!!
مۇنبەردىكى بارلىق ئوقۇتۇچىلارنىڭ بۇخىل ئوقۇغۇچىلارنى تەربيەلەشتىن ئىبارەت ، قارغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقاندەك بۇ ئىككى دۇنيا ساۋابلىق ئىشتىن ھەرگىز باش تارتماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن . |
|