تۆھپىكار مائارىپچى تۇرسۇنجان ھەسەننىڭ تەرجىمىھالى
تۆھپىكار مائارىپچى تۇرسۇنجان ھەسەننىڭ تەرجىمىھالى *vS)aRK |-zefzD| شائىر، ئوبزورچى، مائارىپ تەتقىقاتچىسى، ماھىر پېداگوك تۇرسۇنجان ھەسەن 1966-يىلى ئاۋات ناھىيىسىنىڭ دولان مەھەللىسىدە ناۋاي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1973-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە ئاۋات ناھىيىسىگە قاراشلىق باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1983-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە قەشقەر پېداگوكىكا ئىنسىتېتوتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان. 1987-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ئاۋات ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە، 2000-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە ئاۋات ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىگەن، ھازىر ئاۋات ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات ئەترىتىدە ئىشلەيدۇ. ئۇ، 25 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق تارىخىدا 22 يىل ئوقۇش پۇتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكرار يېتەكچىسى بولغان. كۆپ قېتىم «ئىلغار سىنىپ مۇدىرى»، «ئىلغار دەرس ئوقۇتقۇچى»، «ئوقۇتۇش ماھىرى» بولۇپ باھالانغان. ناھىيە، ۋىلايەت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش مۇسابىقىلىرىگە، كۆپ قېتىم ئالى مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات مۇھاكىمە يىغىنىلىرىغا قاتناشقان. 032P
R;] ئۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان چاغلىرىدىن باشلاپلا، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان. ئالى مەكتەپتىكى ئەۋزەل ئوقۇش شارائىتى ئۇنى بىر لىرىك شائىرغا ئايلاندۇرغان. 1984-يىلىدىن باشلاپ شېئىرلىرى مەتبۇئاتلاردا كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 450 پارچىدىن ئارتۇق لىرىك شېئىرلىرى، 30 نەچچە بارچە ئوبزورى، 3 پارچە ھىكايىسى، 40 پارچىدىن ئارتۇق تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. 2007-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە ھەۋەس، كۆكسۇلتان دېگەن نامدا كېرىپ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان لىرىك شېئىرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە تەكرار كۆچۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. %&\DCAFk ئۇنىڭ «مەكتەپ دەرسىنىڭ سېھرىي كۈچى نەدە؟»، «ئوقۇتۇشتا نۇمۇس تەربىيىسى» قاتارلىق ماقالىلىرى «شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى» ۋە «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىدا ئايرىم-ئايرىم ئېلان قىلىنىپ مۇكاپاتلانغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئەدەبىي ئاخباراتچىلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. Q?WgGE4> 9zac[tno تۇرسۇنجان ھەسەن (ھەۋەس ) ئەپەندىنىڭ روھلا تور بېكىتىدىكى ئىجادىيەتلىرىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىلاردىن كۆرۈڭ ^oH!FN`;{ يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى: Ew$-,KC[ http://www.rohlan.biz/home.php?mod=space&uid=4223&do=thread&view=me&from=space N3SB-E+ AiOz1Er
ئىلگىرى ئېلان قىلغان بىر قىسىم ئەسەرلىرى: y1*z,"dx %o4HCzId< Y&y5^nG ^e4y:# Nu ئۇستازنىڭ تەۋپىق مۇنبىرىدىكى شېئىرلىرى: ^iz2=}Q8 ]xf|xs http://www.tawpek.cn/bbs/mode.php?m=o&q=article&u=747 hY^-kdQ>M 7\p Xh*p\ $ hp6%zUR .-W_m7&} tE>hj:p
|